يازغۇچىلار تورى

ئابدۇرېھىم زۇنۇن(ت) : ماتەم مۇزىكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-3 19:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 04:12 PM
ھۆرمەتلىك ئابدۇرېھىم ئاكا، ئۇيغۇرچە شېئىرنى ئۆزىڭىز ي ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئە.جۇلا ئەپەندى، مەنچە بولغاندا تەرجىمىنى سۆزلەر ۋە جۈملە شەكلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەرجىمە قىلسا پەقەت بىر قاتار «گەپ»كىلا ىرىشىپ قالىمىز. چۈنكى ھەرخىل سۆزلەرنىڭ  ئايرىم ھالەتتە باشقا مەنە بىلدۈرگىنى بىلەن شېئىرلاردا بەزى سۆز جۈملىلەر پەقەت بىر خەت مەنىسىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا رول ئوينايدۇ.  شۇڭا تەرجىمە جەريانىدا بەزى جۈملىلەرنى قوشۇشقا ، بەزى سۆزلەرنى قىسقارتىشقا توغرا كىلىدۇ. جۇڭگولۇق تەرجىمان ›‹››‹ بىر قىتىملىق سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ روسچە بىلمەيدىغانلىقىنى، لىكىن روسچە ئون نەچچە رومان تەرجىمە قىلغانلىقىنى سۆزلىگەن ، ئۇ روسىيەدە ئوقۇپ قايتقان دوستىغا كىتابنى ئوقۇتۇپ ئاساسى مەزمۇنىنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزى رەتلەپ ۋەقەلىكلەرنى كىرگۈزۈپ «تەرجىمە» نامى بىلەن ئىلان قىلدۇرغان . كىيىن باشقىلار بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبىنى ئىتراپ قىلغان ھەم مۇكاپاتلىغان ......
ئەگەر بۇ ھەقتە قىزىقسىڭىز تەپسىلى ماتىريالنى ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ . ھازىر ئىتراپ قىلىنۋاتقان تەرجىمە ئۇسلۇبى قايتا ىزىپ چىقىش دەپ قارىلىپ كىلىۋاتىدۇ.شۇڭا ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تەرجىمىسىنى ياخشى چىققان تەرجىمە دەپ قارىدىم.

ۋاقتى: 2016-3-3 19:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇ.تۇراق يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 07:18 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئە.جۇلا ئەپەندى، مەنچە بولغاندا ت ...


سۆزىڭىزنىڭ ئاساسى بار، مەنمۇ پوۋېست، رومان تەرجىمە قىلغاندا، سىياسىي ھۆججەت تەرجىمانلىقىدىكى كاللامنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ ئەدەبىي كاللا بىلەن تەرجىمىگە كىرىشىمەن. سىز دېگەن گەپنى ئادەتتە مەنمۇ تەشەببۇس قىلىمەن. لېكىن ھۆرمەتلىك ئابدۇرېھىمكامنىڭ يۇقارقى شېئىرىغا ئايرىم يۇقۇرى بېرىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكىدىن بەكلا يىراقلىشىپ كەتكەنلىگىنى ئېيتتىم. بۇ يەردە سىز "ئەسلىدىكىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەن"دېگەن مۇنۇ سۆزۈمگە دىققەت قىلسىڭىز. بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم.
مەن ئابدۇرېھىمكامنى بەك ھۆرمەتلەيمەن، ئەسلى قۇسۇر چىقارمىسام بولاتتى، لېكىن ئاكىمىزنىڭ ھازىر قىلغان تەرجىمىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە ۋە بۇ دوستانە ياردىمىمگە قىلچە تېرىكمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە مەن يەنىلا ئىنكاس يازدىم.
مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەسلىسىدە "قاغىلارنىڭ توپا-توزانغا ئايلىنىپ ئۆگزىلەرگە چۈشۈشى"دېگەندەك مۇشۇنداق ناھايىتى سەنئەتلىك ئىماگلىرى بار. مۇشۇنداق نوچى ئىماگلار چۈشۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ،دەپ ئويلايمەن. بۇ يالغۇز ئاشۇ ئىماگنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەنلا توختاپ قالمىغان. ئابدۇرېھىمكام بۇ شېئىرنى ئەمەس، پۈتۈنلەي ئۆزى بىر ئىجادىي شېئىر يېزىپ چىققاندەكلا تەسىرات بېرىۋاتىدۇ، بۇ يەردە. نۇرغۇن كەيپىياتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر ئۆز ئەينى بويىچە ئېلىنمىسا بولمايدۇ. ئابدۇرېھىمكام بەك جىق چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-3 19:35:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


太阳落下,尘土涌起。一些身体里的光辉
暗淡下去。我听见葬礼上传来恰到好处的啼哭
那些只在夜晚发光的事物,此刻还在缓慢的黑暗中
漫无休止地飞动。树木已经裸露出残损的骨架
所有在夜色中来回走动的乌鸦,日出之前
已经化作漫天的尘沙,栖向万众的屋顶
我能记得的梦境和一首诗的开头,大体上就是如此
如此以往,树根冰凉,落叶汩没两岸
所有映照过天空的河流,已难再称作
我自己的河流。河流上空,云朵晦暗
广漠生长不出更多的绿洲。我化身千万
找不到可供停驻的肉体。河流分叉后
朝来路拐了个弯,为了靠近,我假装逃离
当我的父兄都把我认作一个陌路人
我就摇身一变,做回部分的自己
在这世上,我丢失了某物,但不知谁将获得
我追寻着什么,而命运的恩典总是适可而止
出发的时候,我比旁人有更多的奢求
可我的骆驼钻着针眼,别人的骆驼
养在动物园。通行之后,我的首尾都变成
沾湿的线头,鬼神模样,运行在黑暗的水面
一个瞎子掉进了深渊,另一个就返回故乡,安度晚年
埋葬过死者的村庄是一座洁净的村庄
所有深夜中不眠的灯盏,都已被暴风
剔除干净。死亡像一位一丝不苟的私塾教师
而在我们拘谨的队列里,谁又将下一个回应他那
威严的召唤?从北海到南海,从东城到西城
我结识过某些道路上相互枕藉的白骨,只要在
无风之夜找到可供替代的魂灵,他们就会在
月光中深深颤栗,重新长出丰满的肉身
是时候停止唏嘘,舒开褶皱的前额。劫后的村庄
已经足够旺盛。连朽木也长出了一身的苔绿
连墓园也敞开了颓废的风景
.
قۇياش پاتار، ئۆرلەر چاڭ توزان. تەنلەردىكى نۇر زىياھ
ئۆچقاندا شۇ ئان. ئاڭلىدىم ھازىدىن يىتىپ كەلگەن سەبرى قۇچقان نالىنى
ئەسلى پەقەت تۈندىلا پاقىرىغان نەرسىلەر، ئۇشبۇ تاپتا تېخىچە ئۇزاقشىغان زۇلمەتتە
ئۇچار شۇنداق خىرامان. دەرەخلەردىن چىقىپ قالغان قاقشال تەننىڭ سۆڭىكى
تۈنلەردىكى سوك-سوك  قاغىلار، تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى
جىمى يەرگە توزۇيدۇ توپا چاڭغا ئايلىنىپ، ئۆگزىلەرگە قونىدۇ
ئەسكە ئالغان چۈشۈم ۋە  شېئىردىكى باش قۇردەك، مۇشۇنداقراق دەپ كەلسەم
مۇشۇنداقراق ئۆتمۈشلەر، يىلتىز توڭلاپ، غازاڭ باسقان ئىككى قىرغاقتىكى
ئاسماننى يورۇتقان بارچە دەريانى، دىيەلمەيمەن ئەمدى بەكمۇ تەس
بىر ئۆزۈمنىڭ دەرياسى. دەريالار قۇرۇپ، بۇلۇتلار زاۋال تاپسا
چۆلدەرىگەن بوستانلىق سۆزلەپ كەلسە باغ بولماس. تۈمەن پارچە قىلساممۇ ئاخىر
تاپالمىدىم ئۆزۈمدىن دال بولغۇدەك بىر تەننى. دەريالار ئېقىن ئايرىغاندىن كىيىن
پەيدا بولار چىغىر يول، يىقىنلىشىش ئۈچۈن،قىياپەتكە كىرىۋالسام بولۇپ قاچماقچى
تاغاممۇ ھەتتا دەپ قالغاندا مېنى ناتۇنۇش
بىرلا ئۆرىلىپ ،ئايلىنىشنى ئىستەيمەن قىسمەن ئۆزۈمگە
بۇ دۇنيادا، مەن يوقاتتىم مەلۇم نەرسىنى، كىملەرگە تەئەللۇق بولار بىلمىدىم
مەن يوقاتقان ئاشۇ نەرسىلەر، ئەپسۇس تەغدىرنىڭ مېھرى شەپقىتى بولىدۇ چەكلىك
يولغا چىققاندا، ئارمانلىرىم كۆپ ئىدى بارچە بارچىدىن
بىراق  تۆگەمنىڭ كۆزلىرىگە سانجىلدى تىكەن، باشقىلارنىڭ تۆگىسى
تىنىچ ئامان باغچىدا.ماڭغاندىن كىيىن،باش ئاخىرىمنىڭ ھەممىسى بولۇپ قالدى مۇشاققەت
كارۋاننىڭ بېشى،ئالۋاستىدەك،داۋام قىلار يولىنى قاپ قاپقاراڭغۇ سۇنىڭ يۈزىدە
بىر ئەما كىرىپ كەتتى قاينامغا، يەنە بىرى شۇ ھامان قايتىپ كەتتى يۇرتىغا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزمەكچى خىرامان
مىيىتنى كۆمگەن قەبرىگاھ ئەسلى  پاكىز بىر قىشلاق
بارچە تۈننى يورۇتقان  مەشرىقتىكى جىن چىراق، بوران چاپقۇندا تەلتۈكۈس
پاك پاكىزە ئېتىلدى. ئۆلگۈچى خۇددى بىر نەپەر خۇسۇسىلاشقان مۇئەللىم
سېپىمىزدە تۇرسا ياتسىراپ،كىممۇ يەنە كىيىنكى قېتىم
چاقىرىدۇ ھەيۋەتلىك ئۇنى؟ شىمالدى جەنۇپقىچە، شەرقتىن غەرىپكىچە
ماڭا سەپەرداش  ئاشۇ قاقشال سۆڭەكلەر، پەقەت
شامالمۇ يوق تۈنلەردىن قولغا چىققۇدەك بىر روھنى تاپالىسىلا، چوقۇم
ھىلالغا تۇتاشقان يولدا،يىڭى باشتىن تاڭلار ئېتىپ
يەڭگىل نەپەس ئالىدۇ، تەغدىرنىڭ ئالدى ئېچىلىپ.ھىچنىمىسى قالمىغان قىشلاقلار
گۈللۈنۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ. چىرىپ كەتكەن ياغاچمۇ يىشىل ياپراق چىقىرىپ،
قەبرىگاھلار باغلىشىپ سايلىگاھقا ئايلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-3 19:43:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 12:10 PM
ئەسلىسىدە تاغ دىسە، تەرجىمىسىدە باغ دەپ ئېلىۋەرسەكمۇ ...

ئەسلىدە تاغ بولسا تاغ پېتى قالمامدۇ ھېچكىم تاغنى باغ قىلىپ يازىمىز دېمەپتۇ، لىكىن شۇ خەتنىڭ ئەمەلىي مەنىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلماقلىق ۋاجىپ. مەسىلەن : خەنزۇچە دەريا دەپ يىزىلغان بىر خەت بولسا ئۇنى دەريا دەپلا ئالسا بولماس، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆستەڭ، دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار.
汉文中有些字是不可以翻译成维吾尔文的,比如:松风,云山,午溪等词应当如何翻译呢?其中松风是松树与轻风合起来的,字体与意思上是根本无法去翻译。
شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى خەتلەر تاغ بولسىمۇ تاغ دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، ئەدەبىيات ھېدىنى ئېلىپ باققان ئادەم ئۈچۈن سۆزمۇ سۆز ،خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلىپ بەدئىيلىكنى يوقىتىش بىر ھاقارەت . يۇقاردا مىسالغا ئالغان شۇ ئىككى خەتلىك سۆزلۈكنى بەلكىم ئىككى مىسرا ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇلارنىمۇ تاغ، قارىغاي ،بۇلۇت ، تاغ ....دەپ تەرجىمە قىلامدۇق؟؟؟؟

ۋاقتى: 2016-3-3 19:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،  تۇنجى تەرجىمە ئەسىرىڭىزگە مۇبارەك. ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-3 19:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 07:33 PM
سۆزىڭىزنىڭ ئاساسى بار، مەنمۇ پوۋېست، رومان تەرجىمە ق ...

نۇرغۇن ئىبارىلەر چۈشۈپ قالغانلىقى ھەقىقەت، لىكىن نۇرغۇن جايلارنى ئەسلى نۇسخىسىنى تۇتۇپ قىلىپ چىققانلىقىنى ئاۋال جەزملەشتۈرىشىمىز كىرەكمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم ، چۈنكى تالاي ئەسەرلەر ئابدۇكىرىم ئابلىز ئۇسلۇبىدا تەرجىمە قىلىنىپ قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىنى تاشلاپ چىقىشى ھەقىقەتەن ئۇتۇق دەپ قارايمەن .  

ۋاقتى: 2016-3-3 21:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئىبارىلەر چۈشۈپ قالغانلىقى ھەقىقەت، لىكىن نۇرغۇن جايلارنى ئەسلى نۇسخىسىنى تۇتۇپ قىلىپ چىققانلىقىنى ئاۋال جەزملەشتۈرىشىمىز كىرەكمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم ، چۈنكى تالاي ئەسەرلەر ئابدۇكىرىم ئابلىز ئۇسلۇبىدا تەرجىمە قىلىنىپ قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىنى تاشلاپ چىقىشى ھەقىقەتەن ئۇتۇق دەپ قارايمەن .  
———————————
ئىبارە ئەمەس، ئىماگ. ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىماگلىرى چۈشۈپ قالسا "ئەسلى نۇسخىسىنى تۇتۇپ قالغان" دېگەن بۇ گەپنى قىلغىلى بولمايدۇ. "قۇياش پاتتى، ئۆرلىدى توپا" دېگەن بۇ سۆز بىرسى ۋاقىتنىڭ كېچە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرسى "ئۆلگۈچىنىڭ ئەنە شۇ قۇياشتەك پاتقانلىقىنى، توپا (قايغۇ)نىڭ بىردىنلا بېسىپ كەلگەنلىگىدىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق مەنىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئابدۇرېھىمكام يازغىنىدا "بېسىقتى غەۋغالار..."دېگەندەك، ئەسلىدىكى تېكىست بىلدۈرىۋاتقان قوش قاتلاملىق مەنىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان، ھەتتا زىت بولغان سۆزلەر تىزىلغان.
ئىككىنچى، بۇنداق شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن ئابدۇكېرىم ئابلىزچە تەرجىمىنى سېلىشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق شېئىرلارنىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىلىك تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. گەپ شۇنداق تەرجىمىنىڭ تىلىغا كۆنۈش-كۆنمەسلىك سىزنىڭ ئىدىيىڭىزدىكى مەسىلە. سىزنىڭ ئېسىڭىزنى مۇنتىزىم قاپىيەلىك شېئىرلار ئىگىلىۋالغان بولسا ئەركىن ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ھەرقاندىقىنى مەيلى تەرجىمىدىن كۆرۈڭ ياكى ئەسلى نۇسخىسىدىن بىۋاستە كۆرۈڭ، بىردەك ئابدۇكېرىم ئابلىزچە دەپ تۇرىۋېلىشىڭىز مۈمكىن. بۇنداقتا، مۇنازىرىدە ئۆزئارا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.

ۋاقتى: 2016-3-3 21:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئابدىرېھىم مۇئەللىم.بۇ تەرجىمىڭىزنى ئۇقۇپ مىستىرالنىڭ ئۇلۇم سونىتلىرىنى ئۇقۇغاندەك ھىسياتقا كەلدىم .خەنزۇتىلى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن لىكىن تەرجىمىگە بەكلا كۈچىگەندەك تۇرىسىز.سالامەت بۇلۇڭ.
ئاپتۇر پىڭ مىن توغۇرسىدا بىزنى ئاز-تۇلا ساۋاتقا ئىگە قىلغان بولسىڭىز!

ۋاقتى: 2016-3-4 01:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكىنىڭ تىل ئىشلتىش جەھەتتىكى ماھارىتىدىن خۇرسەن بولدۇم. ھەم شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىمۇ توغرا تاپتىم .مېنىڭچە بولغاندا شېئىر تەرجىمىسىدە ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ، شائىرنىڭ ئىچكى ھېسياتىنى ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە ئىپادىلەپ بېرىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.  مەيلى خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان شېئىر بولسۇن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىر بولسۇن ئەسلى ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا قاپىيە، تۇراققا سالساق بولىدۇ. چاچما شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ مۇنتىزىم شەكىلگە كىرگۈزۋالساق تەرجىمە قىلىنغان ھالىتى يېقىشلىق بىلىنگەندەك قىلغان بىلەن ئەمەليەتتە ئەسلى ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن شائىرنىڭ ھېسياتىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز. چاچما شېئىر چاچما ھالەتتە، مۇنتىزىم قاپىيلىك شېئىر مۇنتىزىم قاپىيەگە كەلتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنغىنى ياخشى. ئەگەر ھازىرقى شېئىرنى يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلىپ باقايلى، ئەسلىدىكى شېئىرنىڭ ئىزنالىرىمۇ قالمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-4 14:40:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇ.تۇراق يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 07:43 PM
ئەسلىدە تاغ بولسا تاغ پېتى قالمامدۇ ھېچكىم تاغنى باغ  ...

مەيلى قانداق بولسۇن، ئەسلىسىگە سادىق بولۇش ئالدىنقى شەرت.  تەڭداش سۆز تېپىلمىغان ئەھۋالدا، مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلەشكە تىرىشمىسا، ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت.

ۋاقتى: 2016-3-4 15:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز ئەنۋەر جۇلا توغرا ئېيتىپتۇ، مېنىڭچىمۇ بۇ تەرجىمە ئەسلىنى بۇزۇپلا تاشلاپتۇ. شېئىر تەرجىمە قىلىش تەس ئىش، ئۇنىڭغا غەيرەت قىلغۇچىغا ھۈرمەتلەر بولسۇن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ سەۋەنلىكىنى دېمىسەك بولـماس. ئەسلىدىكى رېتىمنى قاتتىق بۇزۇپ، باشقىچە بىر رېتىمگە سېلىپ قويۇپلا. بىرىنچى مىسرانىڭ ئۆزىدىنلا بۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدىن قارىغاندا بۇ سۆز يېنىك ۋە ئەركىن ئىشلىتىلگەن، بەزى مىسرالار چېكىت بىلەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئىككى مىسرانىڭ يېرىمى بىر مىسرانىڭ ئورنىغا دەسسىگەن، ئۇنچىلىك تولۇق قاپىيە تەلەپ قىلـمىغان، لېكىن ئىچكى رېتىمى ناھايىتى ياخشى چىققان شېئىر ئىكەن. تەرجىمە ئىگىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن. بۇنى قۇربان بارات ئاكا تەرجىمە قىلغان پۇشكىن شېئىرلىرى بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولغۇچى نېمە دېمەكچىكىن؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 17:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




    ماڭا ياردەم قىلغان ئەنۋەرجان قاتارلىق دوستلارغا كۆپ رەھمەت!
    مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يەنە بىر نەچچە كۈن تورغا چىقمالمايمەن. ھازىر مەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئالدىراشلا بۇ خەتنى يازدىم...

ۋاقتى: 2016-3-6 21:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ،  تەرجىمە ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ تىرىشچانلىقىڭىزغا قائىل بولدۇم ، باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك .  تەرجىمە ئەسىرىڭىز خىلىلا ياخشى چىقىپتۇ.  

ۋاقتى: 2016-3-6 21:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ،  تەرجىمە ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ تىرىشچانلىقىڭىزغا قائىل بولدۇم ، باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك .  تەرجىمە ئەسىرىڭىز خىلىلا ياخشى چىقىپتۇ.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 19:15:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇ.تۇراق يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 07:18 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئە.جۇلا ئەپەندى، مەنچە بولغاندا ت ...





      رەھمەت، ئۇكام !


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش