كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 2

ھەزرەتئەلى:مىكرو ئوبزور(28) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 13:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچە

  سەيدۇللا فىردەۋىس


قاراڭغۇ ئەينەكتە چاراسلايدۇ ئاي،
ئاھ،سېنىڭ خۇمارلىق قارا كۆزلىرىڭ.
دېرىزە پەردىسى لىڭشىيدۇ تىنماي،
يەلپۈنەر قىپقىزىل شايى كۆڭلىكىڭ .


يامغۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار سىم-سىم،
قولۇمدا چايقىلار يېرىم قەدەھ مەي.
قەلبىمنى ئويماقتا بىر جۈپ زىنىقىڭ،
بۇ كەيىپ تۇيغۇمدا يەنىلا سەن ھەي...


سېغىنىش دەھشىتى يامرايدۇ سەلدەك،
بىر تامچە كۆز ياشتا لىغىرلايدۇ تۈن.
بوينۇمغا يۆگىشەر ئۆرۈم چېچىڭدەك،
تاماكا چوغىدىن ئۆرلىگەن تۈتۈن
.

<كېچە>ناملىق شېئىردىن قىسقىچە تەسىرات

        ئەي ! ئەۋليالىق مۇقامىغا ئىمكان ئىزلەۋەتقان بەخىتسىز گىگانىتلار! ماڭا ئەگىشىڭلار! مەن سىلەرنى ئەۋلىيالىق مۇقامىغا ئىرىشتۈرگەيمەن.دەپ ئىشىك ئالدىڭدىن بىرسى جسەكچىلىك قىلىپ ئۆتسە،ئۇيقۇڭنى بۇزما!چۈنكى ئۇمۇ ساڭا ئوخشاشلا بەخىتسىز گىگانىت جانۋار.ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كۈچتۈڭگۈرلىكى ،ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق بەخىتسىزلىككە دۇچار بولماقتا.شۇڭا ئۇنى ئۆزۈمچە «بەختسىز گىگانىت»دەپ ئاتىغۇم كەلدى.كىشىلىك ھاياتتا قورام تاشتىن قاتتىق ئازابلارنى ،قايغۇلارنى باشتىن كەچۈرىسەن،نېرۋىلارنىڭ بېسىمى ئارتىپ ،سەزگۈلىرىڭ مەجبۇرىيتىدىن بىزار بولىدۇ .نورمال ھالىتىڭنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشتىن قاچىدۇ،سەن سېقىلىش ئىلكىدە تىپىرلايسەن ،بىر خىل خۇمار سېنى قىستايدۇ،يوشۇرۇن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خۇمار سېنىڭ سەزگۈلىرىڭنى قاخشىتىدۇ،قانداق قىلىسەن ؟ئامالسىز باشتا ئېيتقاندەك كۆنگەن خۇمارىڭنى باسىسەن،                                    
     مەي-شارابنىڭ قاچان،كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس،نوھنىڭ دەۋرىدە پەيدا بولغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ.ئىشق-بالانىڭ ئادەمگە قاچاندىن باشلاپ يېپىشىدىغانلىقىغىمۇ بىر نېمە دېمەك تەس،فرىئۇد ئۇنىڭ ئادەمدە ئانىنىڭ قورسىقىدىن توغۇلماستىنلا بارلىقىنى چالۋاقايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈڭ يىتىلگەندە ئۆزلىكىڭدىن ھېس قىلىسەن. يات جىنىسلار سېنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ ،سەندىكى تەجرىبىسىزلىك كۆپ مالامەتلەرگە يولۇقتۇرىدۇ ،ئۇنى قەلبىڭدە ئوبرازى ئۆڭمەس مەبۇدقا ئايلاندۇرۋالىسەن. ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى سېنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ.ئۆزۈڭنىڭ تېخىمۇ قەدىرسىزلىنىۋاتقانلىقىڭنى تۇيماي قالىسەن.
ھايات يولىدا نۇرغۇن كېچىكلەرنى كىچىسەن. نۇرغۇن يولۇچىلارنى ئۇچرىتىسەن،ھەمسەپەرلەرگەيولۇقىسەن.لۈكچەكلەرنى،دەرۋىشلەرنى،دىندارلارنى،جەدىتچىلەرنى، قىمارۋازنى، ھاراقكەش، پاھىشىۋازنى ھەممىنى ئۇچرىتىشىڭ مومكىن.ھاياتنى  پاك-پاكىز ياشاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.  مۇشۇنداق ياشاپ بېقىشنى نىشان قىلىپ باقىسەن،لىكىن بۇنداق ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇن پاسكىنا كىچىكلەرنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ،دېمەك،ئۇ پەقەت ئاداققى نىشان بۈلۇپ قالىدۇ.ئۆلۈمنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ياشاشنىڭ مۇشەققەتلىكى.شائىرنىڭ ياشاش يولى كۆپ ھالاردا سىرىتقا قارىتا چەكسىز تارايغان،ئىچكى چوڭقۇرلۇققا چەكسىز كىڭەيگەن ،شۇڭا رىئاللىققا ئۇرۇنغانسىرى ھايات يولىدىكى تارلىق ئۇنى سىقىپ قويىدۇ،ئۆز ئىچىگە چۆكەندىلا ئاندىن دۇنيانى جىمجىت ،خاتىرجەم ،بىخەتەر ھېس قىلىدۇ.لىكىن ئىنساندىكى قاتمۇقات ئېھتىياج ئۇنى ھەر لەھزە سىرىتقا ،رىئال دۇنياغا يۈزلىنىشكە قىستاپ تۇرىدۇ.ئۇ مانا مۇشۇنداق ئىككى تەرەپنى قىسىشى ئاستىدا يەنجىلىپ ياشايدۇ.ئازابقا ئىرىشەلەيدۇ،بۇنىڭ بەدىلىگە گۈزەل شېئىرلارنى بەرپا قىلىدۇ.شائىر ئازابىنى قانداق يىشىدۇ ؟ ئۇمۇ تەسەللىگە مۇھتاج،لىكىن ئۇ تەنھالىققا مەھكۇم بولۇۋالغان.ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئازابىنى چۈشەنگۈدەك كىشىلەر يوق.بىر شائىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغااندا، ئۇ ئۆزىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تەنھا ھېس قىلىدۇ.شائىرنىڭ ئازابى ئالدى بىلەن ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىنسانلىقىدا.تاش بولۇپ قالغىن،قىيا يېنىدا ئۈنۈپ چىققان كىچىككىنە قىزىل يۇلغۇن كۆچىتى بولۇپ قالغىن .بەرىبىر . نېرۋىلىرىڭنىڭ زىيادە سەزگۈلىكىگە نەپرەت ئوقۇپ قالىسەن.ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋەت،ھۇشسىزلاندۇرۇپ قوي،تەنھالىقىڭغا شىرىك تاپ ،ئۇنى يەش!

بەس،يىتەر مەندىكى ئازاب گۈللىرى
يىراقلاپ كېتىڭلار،مېنىڭدىن چاپسان
ناتونۇش ھەممىڭلا ماڭا بۇ  دەمدە
كەل،تونۇش ئىستاكان،كەل تونۇش كۈلدان.

  مانا مۇشۇنداق ھالىتىڭگە ماس كېلىدىغان ھەقىقى مەسلىك ئىلكىدىكى شېئىرلارنى ئۇچرىتىپ قالىسەن.  بۇ خىل يۈزلىنىشكە دۇچ كەلمىگەن ئىجتىمائىي كىشىلەرنىڭ ھېس قىلىپ يەتمىكى مۈشكۈل. سەزگۈلىرىڭنى مەست قىلىۋەت .ئىچىڭدىكى ھەممە نەرسە لەيلەپ چىققاي.   
بۇ شېئىر شائىرنىڭ بىر «كېچە»سى ..ھاراق،تاماكا ئۇنىڭ ئەرمىكىگە ئايلانغان.ئۇ تۇيغۇدىكى كەيىپ ئىلكىدە ئەمەس.بەلكى ھەقىقى مەستلىك ئىكلىكىدە.ئەمما بۇ مەستلىك ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنىمۇ مەست قىلىۋەتكەن.  كېچىدە ھەممە قاراڭغۇ ۋە جىمجىت.ئەينەك قاراڭغۇ ،ئاي ئەينەكتە چاراسلايدۇ ، يارنىڭ خۇمارلىق قارا كۆزلىرى،تىنماي لىڭشىۋاتقان دېرىزە پەردىسى ،يەلپۈنۈۋاتقان شايى كۆڭلەك .بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ كەيىپ  تۇيغۇلىرى ،   كەيىپ ئىلكىدىكى يامغۇرنىڭ سىم-سىم تىۋىشى ،شائىرنىڭ قولىدا چايقىلىۋاتقان يېرىم قادەھ مەي. ھەي..سەلدەك يامراۋاتقان سېغىنىش ،بىر تامچە كۆز ياشتا لىغىرلاۋاتقان تۈن،شائىرنىڭ بوينىغان چاچتەك يۆگىشىۋاتقان تاماكا ئىسى  ...
     شېئىردىكى كەيپىيات ئەپسانىدەك سىرلىق ، مەنزىرە چۈشتەك ئۆزگىچە ،  سەزگۈلىرى مەستخۇشلاشقان شائىرنىڭ تۇيغۇسى ئەركىن ،ھۈر .شۇڭا شېئىرنى ئوقۇغىنىڭدا ئۇنىڭدىكى رېتىمغا ئەگىشىپ بېشىڭنى لىڭشىتىپ ،مەستلىك ئىلكىگە چۆكۈپ كېتىسەن.مۇشۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇش كىشىگە ھۇزۇر بىرىدۇ .خۇمارىڭنى باسىدۇ ،كەيىپ سۈرەلەيسەن،ئىچىڭدىكى سسقىلىشنى يىنىكلىتىپ روھىي ئازادىلىككە ئىرىشتۈرىدۇ. بۇ شېئىرنى ئوقۇۋىتىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسەن ياكى ئۆزۈڭنى شېئىرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىسەن. مۇشۇنداق بىر گەۋدىلىشىش ئىسىتىك مەنزىلگە كىرىش ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭسىز شېئىردىن نېمىنى كۈتۈش كىرەك ؟
  ئاللاقانداقتۇر كىشىلەر  شائىرلارنىڭ بۇ خىل ھالىتىگە ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە باش چايقىشى  مۇمكىن ، شېئىردىن نەسىھەت ،تەربىيە ،ئۇچۇر  كۈتىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېمەسىلىكى شەرت قىلىپ تۇرىۋالغىلى بولمايدۇ .مەيلى ، شائىر يېزىۋىردۇ ،ئۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى مايمۇننى ، دېڭىز ئاستىدىكى يۇسۇنلارنى تەسۋىرلىمەيدۇ ،تىرىك بىر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ،ھاياتنىڭ مىنۇت-دەقىقىلىرىنى خاتىرلەيدۇ .
كىملەردۇر ئۇلۇغ بىلگەن  يوللار ئۆزىنى ئۆزى ياراتمىغان،بەرپا قىلمىغان ،بەلكى يول ئېچىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن .قېنى  ھەممىمىز ئۆز مەنزىلىمىزگە كىتىۋىرەيلى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-16 13:05  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  663
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 281
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 16:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلى ،تېمىنىڭ ئىمتىيازى بىلەن دىل قەسىرىڭىزدىكى تۆكۈلگەن كۈل توزۇندىلىرىدىن قېقىلدىم . كۈلداننى نېرى سۈرۈپ شۇ ئىسقا تولغان قەلب تۇمانلىڭىزنى يوقۇتىۋېتىشنى ئويلىغىنىم راس. قەلب دېرىڭىزنى كەڭ ئېچىۋېتىڭ.ئازادە دىلخانىڭىز چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ،مۇھابەتتلىك ھاياتقا قانسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 487
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 19:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ئېيتىسىز . شائىر كۆڭلى مەيىن شامال ئىزدەيدۇ . ئۇ دېرىزىنى ئاچىدۇ يەنە ياپىدۇ ، چاقىدۇ يەنە ئوڭلايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ھاياجېنى شېرىنلىكتىن بىرنى ئوۋلايدۇ . قېنى تېپىپ بېقىڭ ئۇ نىمە ؟

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش