كۆرۈش: 195|ئىنكاس: 2

ھەزرەتئەلى: مىكرو ئوبزور(27) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 12:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا

-ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم

ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا يۇلتۇزلار يوق.
ئۆچۈشكە باشلىغان ئىدى بىر تال شام.
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسى قىيا ئېچىلغان،
ئايدىن ئايرىلىپتىمەن ھازىر ئويلىسام.


بىر تامچە يېشىڭنى يۇشۇرۇپ مەندىن،
. سەن كەتكەن ئىكەنسەن بۇلۇتتەك لەرزان
مەن سېنى يامغۇردەك سېغىندىم لېكىن،
كىرپىكىڭ چۈشكەننى سەزدىڭمۇ جانان.


ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا كۈيلەپ كېچىنى،
چېكەتكە مەن ئىدىم سېنى قورقۇتقان.
ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا چېچىڭ بوينۇمدا،
ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا ھەممىسى يالغان.


<ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا>ناملىق شېئىردىن قىسقىچە تەسىرات

شېئىردىن يەنە باشقا نەرسىنى كۈتۈپ قالىسەن .باشقا نەرسە دېگىنىم ئاللىقانداقتۇر ماددى نەرسە ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى كەيپىياتىڭغا يارىشىدىغان مەست تۇيغۇ.چۈنكى سەن شېئىرغا يۈزلەنگەندە مەست بولۇشتىن باشقا نەرسىگە تەقەززا ئەمەسسەن .بەزى شېئىرلاردىن يۇقارقىغا ئوخشاش ئورتاق پىسخىك ھالەت ئارقىلىق مەستلىك مۇقامىغا يەتسەڭ يەنە بەزى شېئىرلاردىن بىۋاستە مەست تۇيغۇلارغا ئىرىشمەكچى بولىسەن .بۇنداقلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ .بۇ دائىم مەست تۇيغۇدا يۈرىدىغان شائىر .ئۇنىڭ «مەست تۇيغۇلار»دېگەن شېئىرىمۇ بار ئىدى .لىكىن مەزكۇر شېئىرىدىكى مەسىتلىك ماڭا يارىدى.«مەستلىك»دېگەن نېمە؟يارىماس ئەقىلنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلغان ھالەت،سەزگۈلىرىڭنىڭ رىئاللىقنىڭ كىشىەنلىرىدىن قۇتۇلغان ،ھۈرلۈككە ئىرىشكەن ھالەت،ئۆزۈڭنى چەكلىمىسىز ھېس قىلغان ،ئىسكەنجە يوقلۇققا   سوزۇلغان ھالەت..ھەم بۇ خىل ھالەتتىكى بەختىيارلىق ھېس قىلىدىغان سەزگۈلىرىڭمۇ مەست بولغان ھالەت.بۇ پەقەت چىن مەستلىك.بۇنىڭغا يەتمەك تولىمۇ مۈشكۈل ،پەقەت يېقىنلىشى ،چەكسىز سوزۇلۇش بار .تۇيغۇ دېگەنچۇ ؟ بۇ ئىنساندىكى ئىككىلەمچى ئامىل ئەقىل ،تەجىرىبە بىلەن ئىنساندىكى تەبىئىي ئىنىرگىيە يورۇشۇن ئاڭنىڭ يۇغۇرلىشى .بۇ بىر شائىرانە ،مەستلىك ئىلكىدىكى يەكۈن.پەنلەردە قانداق بولىشى بۇ يەر ئۈچۈن ئانچە قىممەتلىك ئەمەس.«مەست تۇيغۇ »نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش مومكىن،لىكىن بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇلمىسىدا ئەقىلنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتىمىز،ھۈرلۈك ھالەتنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتۈمىز.مۇشۇ ئارىلىقتىكى نەرسە بولىشى مومكىن،               
          شېئىردا ئىككى خىل زامان بار.ئىككى خىل زامان ئىلكىدە شائىر ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەست تۇيغۇلىرىنى نۇمۇس تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇپ تۇرۇپ پىچىرلاۋاتىدۇ. راست،شائىرنىڭ دۇنياسى ھەمىشە قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ.كېچىلىرىمۇ يۇلتۇزى بولمىغان قۇندۇز كېچە .ئاخشام بولىشىغىلا ، كېچە ئۆز ئىچىگە چۆكمەستىنلا شاملارئۆچۈشكە باشلىغان...
«ئاخشامقى مۇشۇ ۋاقىت» =ۋاقىت ئىچىدىكى ۋاقىت،زادى قايسى ۋاقىت ؟ بۇ شائىر شېئىر يېزىۋاتقان «ھازىر»نىڭ تۈنۈگۈنى.بۇنىڭدىن ئېنىق بىر جاۋابقا ئىرىشكىلى بولمايدۇ .شېئىرنىڭ مەست موھىتىدا بىزگە كىرەك بولىدىغىنى كۆپرەك «ئاخشامقى مۇشۇ ۋاقىت» ھازىرغا بولسا ئەقىل ئارلىشىۋالغان،لىكىن ئۇنىڭ مەسىتلىكى يىشىلمىگەن .سېزىملىرى ئۆز رولىغا ئىگە بولمىغان .شۇڭا ئۇ«ھازىر»دا «سەن كەتكەن ئىكەنسەن»دەپ ھەسرەتلەنگىنىچە ئۇنى قايتا ئەسلەش ،سېغىنىش ھالىتىگە كىرىدۇ.مەست كەيىپ ئىلكىگە يەنە چۆكىدۇ .ئۇنىڭ تۇيغۇسى جاناننىڭ تۆكۈلۈۋاتقان كىرپىكىنى سېزىدۇ . بۇيەردە بىر ئەنئەنىۋىي ئاڭ بار،ئۇ بولسىمۇ بىرىنىڭ كىرپىكى چۈشسە يەنە بىرسىنىڭ سېغىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىمكىلەر سۆزى.بۇ ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئەنئەنىنىڭ سىرلىق تۇمانلىرى لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى ،مەسلىك ھالەتتە ئاڭنىڭ بىپەرۋالىقىدىن پايدىلىنىپ .ئوتتۇرغا چىقىۋالغان .ئۇ كېچەگە شۇنچىكى ئىجىل،گويا بىر چىكەتكە كەبى . كېچىنى كۈيلەيدۇ .شائىرنى كىم نورمال ئادەم دەيدۇ؟ نورماللىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە ؟ بىزچە ئومۇمىيلىق ئىچىدە تۇرالىغان نەرسە نۇرمال بولىدۇ . لىكىن شائىر ھەمىشە ئومىيلىق چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شائىرنىڭ«غەيرى»لىكى ،مەستلىكى ئەلۋەتتە باشقىلارنى «قورقىتىدۇ»-دە.ئۇ كۈيلىگەن نەرسە چوقۇم باشقىلار كۈيلىگەن نەرسە بولماي قالىدۇ.
ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا«سەن كەتكەن ئىكەنسەن بۇلۇتتەك لەرزان »دەۋاتقان شائىر ئەمدى كېلىپ « ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا چېچىڭ بوينۇمدا»دېسە ئوقۇرمەن ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا قاراپ تۇرامدۇ؟،يەنە كېلىپ چىكەتكە بولۇپ سايراپ ئۇنى قورقىتپ كەتكۈزىۋەتكەنلىكىنىمۇ  دەۋاتقان .بۇنى تالاش- تارتىش قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيتى يوق،ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قارا. «ئاخشام مۇشۇ ۋاقىتتا ھەممىسى يالغان»،قىپقىزىل خاتالىق .ئەمما ئۇنىڭ بۇ شېئىردىكى لوگىكىلىق خاتالىق ماڭا تولىمۇ گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتتى،پەقەت مۇشۇنداق ھەقىقىي مەسىت شائىرانە تۇيغۇغا چۆكەلىگەن شائىرلا بەلكىم مۇشۇنداق گۈزەل خاتالىقلارنى ئۆتكۈزەلىشى مومكىن .شائىرنىڭ مەست تۇيغۇ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كىرەك.ئۇ ئوقۇرمەننى سىرلىق بىر تۇيغۇغا ،مەۋھۇم بىر دۇنياغا باشلاپ قويۇپ ھەممىنى دەۋىرىدۇ، بىر قاتار ھېكايىلەرنى سۆزلەپ يالغان دەپ تۇرىۋىلىشى مومكىن،چۈنكى ئۇنىڭ تۇيغۇسى مەست-تە. شېئىر ئوقۇش خۇمارى باسقان  كىشىنىڭ كەيپىنى يىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شېئىردىكى ھوزۇر مۇشۇنداق بولىدۇ .
     كۆزۈڭنى يۇمۇپ ،ئۆتمۈشنى دەستەك قىلىپ كېلەچەكنى ئەسلىگىنىڭدە جىق ئىشلار گۈزەل بوپ تۇيۇلىدۇ .بولۇپمۇ قانمىغان ئىستەكلەرنى مەنزىل قىلغىنىڭدا ھەممىسى سېنى پەرىزاتنىڭ  يۇمران قانىتىدەك ھېمايە ئاستىغا ئالىدۇ.نورمال ياكى ئەمەسلىكىنىڭنى ئاڭقىرالماي قالىسەن،لىكىن ئاڭقىرالمىغىنىڭ مەستلىك ئىلكىگە ئۆتكىنىڭنى بىشارەتلەپ قويىدۇ.شائىر ئۈچۈن ئۆتمۈش مۇنداقچە ئېيتقانچە كېچىندىلەر شېئىر مەنبەسىدۇ.قانداق قېزىش ،قانچىلىك قېزىش ئىقتىدارغا باغلىق،ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا ھەمىشە كېچىندىلەرنى سايە قىلغان مەستلىك ھالىتى ئەكىس ئېتىدۇ،ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى ئوڭايلا مەست بولۇپ قالىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى داۋاملىق مەست بولۇپ ، ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن.شۇڭا شېئىريەتنىڭ قاراڭغۇ كوچىسىدا  يىغلاڭغۇ ۋە غەمكىن ناخشىلارنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئەخلاق رامكىسىدىن قۇتۇلغان  ھالدا  بار ئاۋازى بىلەن توۋلاشقا جۈرئەت قىلالىغان ۋە ئۆزىنى ئاشكارلىيالىغان.ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ھالەتتە يۈرگەي ،نورمال ھالەتكە كېرىپ قالسىلا بىزنىڭ خۇمارىمىزنى باسىدىغان ئەرمەكلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز.خەير! ئەي، كېچىندىلەرنى  ھىجران ئىدىشلىرىغا تولدۇرۇپ،پايانسىز كېچىلەرنى كۈيلىگۈچى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-16 13:00  


mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  337
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 1
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 16:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر شىېر ياخشى بىر ئوبزورنى ئوقۇغۇنۇمدىن خۇشالمەن ،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 487
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 19:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىلىش - مانا بۇنىڭ ئۆزى ئازاپ !
ئايرىلىش كېچىدەك قاراڭغۇ !
سېغىنىش خۇددى كېچىدەك تەنھا ۋە چەكسىز ....
ئوي - خىيال شېرىنلىكنى قايتۇرۇپ كەلگۈچى ياخشى ئامال !!!

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش