كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 1

ھەزرەتئەلى :مىكرو ئوبزو ر(26) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 12:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلاجىسىزلىق

ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى

ئىلاجسىزمەن
ۋاقىت ئاتلىرىنى توسۇپ قېلىشقا .
ئىلاجسىزمەن
ۋاقىت تاملىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە .
تەن ئاراللىرىدىكى قىزغىنلىق بىلەن
سوقۇنۇپ كىرمەكتىمەن ئىلاجسىزلىققا ،
ئەس بىلەن چۈشنىڭ ئارلىقىدا ...
قاتمۇ - قات سەپەرگە چىقتىم
قاتمۇ - قات ئەسلىمىلەرگە ئورالدىم
قاتمۇ - قات ھارغىنلىقىم بىلەن
بىر ئايالنى خىيال قىلدىم .
ئۇنىڭ جۈدەڭگۈ كۆزلىرى بىلەن
ئىلاجسىزلىق ئۈستىدە ئۇچراشتىم


<ئىلاجسىزلىق>ناملىق شېئىردىن قىسقىچە تەسىرات

      
كىشى نۇرغۇن ئىشلارغا ئامالسىز ،ئامالسىزلىقنى ھېس قىلغاندا ياكى قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدىگەندە كۆپ ھاللاردا  ئۆزى خۇمار بولغان نەرسىگە يېپىشىدۇ. پەقەت شۇلارلا ئۇنىڭدىكى چەكسىز سىقىلىشنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپ،ۋاقىتلىق بولسىمۇ روھى ئۈستۈنلىككە ،مەنىۋىي ئازادىلىككە ئىرىشتۈرىدۇ. ئەنە شۇنداق چاغلاردا  تاماكا ،ھاراش ،پاھىشە،قىمار،مۇزىكا،ئويۇنچۇق،شېئىر دېگەندەك خۇمارلىق نەرسىلەر ھەر كىمنىڭ تاللىشىغا ،خۇمارىغا يارىشا ئۇنىڭ مەنىۋىي ئەرمىكىگە ئايلىنىدۇ .شائىر ياكى شېئىرىيەت ئوتىدا كۆيگەن ھەر بىر ئامالسىزلانغۇچى ئاشۇ خۇمارلىق شېئىرنىڭ مەستخۇش كەيپى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەپقەتسىز رىئاللىق ئاستىدا قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان،يەكلىنىۋاتقان،چۈشۈنۈشكە ئىرىشەلمەيۋاتقان  قەلبىگە،ئامالسىزلىقىغا شۇنداقلا شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان سىقىلىش ،روھى چاڭقاقلىقىغا ھۇزۇر ۋە كەيپ نەقىشلەيدۇ . ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا خۇمارىنى باسىدىغان ئەڭگۈشتىرى بار. شائىر بولسا شېئىرغا خۇمار.
گاھىدا شېئىردىن قول ئۈزگىمىز كېلىدۇ ،باشقا ئىشلارغا ئەرمەك بولۇپ باقىمىز ،ئەمما ئەپىيۇندەك ئېغىر خۇمارغا گىرىپتار قىلغۇچى بۇ كەيىپتىن قۇتۇلۇش تولىمۇ قىيىن .قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇش تېخىمۇ زور ئازابقا مۇپتىلا قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېپىشىمىز .ئۇنىڭ بىلەن ئاز-تولا  خۇمارىمىزنى باسقاندىن كىيىن روھى چاڭقاقلىقىمىز بېسىلىپ، ئارامىمىزغا چۈشىمىز.                              
    مەن ئەنە شۇ خۇمارغا گىرىبتار بولغۇچى، بىر زەھەرلەنگۈچى. شېئىر ئوقۇپ تۇرمىسام تۇرالمايمەن، قول ئۇزۈشنى تالاي قېتىم ئويلۇدۇم. ئەمما بۇ شىرىن كەيپ مېنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ ،ئۇرۇنۇش  تېخىمۇ ئازابقا مۇپتىلا قىلىدۇ، بەلكىم بۇ يەردە نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل خۇمارغا گىرىپتار بولغىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا ئوخشاش قۇتۇلۇپ بېقىشقا ئورۇنمىغان بولىشى، ھەر دائىم خۇمارىنى باسۇرۇپ تۇرغان بولىشى ، قىستاپ كەلگەن روھى چاڭقاقلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولىشى مومكىن، كۆپىنچەيلەننىڭ خۇمارى تۇتقاندا بېسىقتۇرىشقا ياستۇقىنىڭ بېشىغا تەييار قىلىپ قويغان شېئىر كىتابى ياكى تۆت كونۇپكىنى بېسىپلا خۇمارىنى باسۇرالايدىغان ئېنتىرنېتتىن ئىبارەت كەڭ كەيىپ ئامبىرى بار بولىشى مومكىن .
شېئىرنىڭ خۇمارى زەھەردىن قېلىشمايدۇ. ئەمما ئۇ خۇمار  ئادەمنىڭ جىسمانىيتىگە ئانچە زور تەسىر  كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ .بەلكى روھى سەرسانچىلىققا ئىرىشتۇرىدۇ ،مۇقەددەس كىتابلاردا ئېيتىلغان ياكى غايىۋىزىمچى پەيلاسوپلار ئېيتقان ئوتۇپىيلىك بىر دۇنياغا ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ .نىمە ئۈچۈن ئوتۇپىيلىك دۇنيا بولىدۇ ؟شائىرلاردىن تاشقىرى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ئادەملەر توپى ئۇلارنىڭ لاھىيەلەۋاتقان دۇنياسىنى ھەر زامان مالىمان قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۇنياسى مەڭگۈ تولۇق ئەمەلگە ئاشمايدۇ. لىكىن شېئىردىن ئىبارەت بۇ خۇمار ئۇلارغا پىسەنىت قىلماسلىقى ئۈگۈتىدۇ         
        ئۆزۈمگە خاس كىچىككىنە  دۇنياغا سىغدىلىپ باقىمەن ،تەنھا ھالەتتە ئاجايىپ لەززەتلىك ۋە خۇشھال مەن .ئەمما ،بۇ خىل ھالەت ئۇزاققا بارمايدۇ ،ئۆزگىلەرنىڭ شاۋقۇنلۇق دۇنياسى مېنىڭ بۇ جىمجىت دۇنيايىمغا ھەر قاچان خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ، مەن بۇ خىرىسنى يېڭىش ،خىرىسقا خىرىس قىلىپ بېقىش ئۈچۈن شېئىردىن ئىبارەت بۇ قۇرالنى ئېلىپ قارشىلىق قىلىمەن.شېئىرنىڭ مەستخۇش كەيپى مېنى تاشقى تەسىردىن قۇتۇلدۇرىدۇ . ھېچنىمىگە پىسەنت قىلماس قىلىۋىتىدۇ،ھۇزۇردىن باشقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.  ئەلۋەتتە ھەر كىمنىڭ كەيپى ئوخشاش بولمايدۇ .شۇنداقتىمۇ ماڭا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىچە بولغان ھوزۇرى قىممەتلىك .
بۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىلاجسىز بىر ئادەم .نۇرغۇن ئىشلاردا ئىلاجسىز  .بىزدىكى مەلۇم خىل ئورتاق پىسخىك ھالەت مېنى ئۇنىڭ شېئىردىن ھوزۇر ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى ،ئاسانلىق بىلەن لەرزان چۆكۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.ئىككى قۇتۇپتىكى ئامالسىزلىق بىر-بىرىگە سۇبلىماتسىيلىنىپ ،ئۆزلىكىنى يوقاتتى،مېنى بەختىيار ئادەمگە ئايلاندۇردى      
زاماننىڭ كۈچۈكلىرى بولغان بىز ۋاقىتنى قېرىتالمايمىز .بۇ شېئىردا ئابلەت ئاجايىپ غەيرەتكە كەلگەن   ئىكەن.ئۇ ۋاقىتنى توسۇپ قالماقچى ،زاماندىن ھالقىت كەتمەكچى ، بۇ زىرىكەرلىك،مەنىسىز جاھاندىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ،يېڭى بىر ھاياتقا ئىنتىلمەكچى ئىكەن .يوشۇرۇن ئېڭىدىكى بىر خىل ياۋايى قىزغىنلىق بىلەن .لىكىن چۈش ۋە ئەسنىڭ ئارلىقىدا ،مۇۋاپىقىيەتسىز ھالدا ئىلاجسىزلىققا تۇتقۇن بولدى.

ئۇ يەنە سەپەرگە ئاتلاندى، نۇرغۇن-نۇرغۇن،
كەچمىش ۋە ئەسلىمىلەرگە ئورالدى .قات-قات.
ھاردى –چارچىدى ئۇلۇغ-ئۇلۇغ،
بىر ئايالنى خىيال قىلدى ، بىر خۇمارنى،مۈشكۈل كەيىپنى
مەغلۇپ بولدى ،ئىلاجسىزلىق سۆيۈپ قويدى  پىشانىسىگە.
شېئىردا  چوڭقۇر ھېكمەت بار.شائىرنىڭ خۇمارى تۇتۇپ ،غالجىرلىقى ئاشقاندا ئۇ قانۇنىيەتكە بويسۇمىغۇچى ،ئۇ زاماننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەكچىدى . بۇ بەلكىم مومكىن بولار ئىدى .ئەپسۇس...
تەقدىر ھەمىشە بىزنى كولدىرلىتىدۇ ،،، ئۇ مىنىڭ قولۇمدا ،،ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا ،ئۇ ھەم ئۇنىڭ قولىدا ... ئەگەر بىرلا يەردە بولغان بولسىكەن جان جەھلىمىزبىلەن ئېلىپلاۋالساق ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەتسەك، نە ئازاب ، نە نائىلاجلىق ؟  .ئۆزۈڭنىڭ قەلبىنى ئۆزۈڭ ھەرگىز ھېس قىلىپ بولالمايسەن.ئۆزۈڭنىڭ قەلبىنى باشقىلارنىڭ قەلىمىدە كۆرگىنىڭدە سۆيۈنمەي قالامسەن؟ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ چۆكىسەن .مەست بولسەن .مۇشۇنداق قىلالىغان شېئىرلار ياخشى شېئىرلاردۇر  .     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-16 13:58  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 65
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 15:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېرىدىن ئېلىنغان چوڭقۇر تەسىرات بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش