كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 1

مەن سىزنى سۆيىمەن (تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1064
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 09:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 مەن سىزنى سۆيىمەن

  مەن سىزنى سۆيىمەن
  بۇ سۆزـــــ
  شائىرلارنىڭ تۇنجى مىسراسى.
  يازغۇچىلار ئەسىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەقەلىكى.
  كومىدىيەلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈلكە ئاۋازى.
  تراگىدىيەلەرنىڭ ئاڭ تەسىرلىك يېشىمى.
  دېيىشنىڭ زۆرۈريىتى بولمىغان سەھنە سۆزى.
  ۋىجداننىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئېلانى.
  قىلتاقنىڭ ئەڭ مەپتۇن قىلارلىق يەمچۈكى.
  تاتلىق خىياللارنىڭ كىرىش ئېغىزى.
  يالغانچىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كىملىكى.
  راست گەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ سەمىمىي سۆز.
  باتۇر قەھرىمانلارنىڭ ئەڭ ئاسان يارلىنىدىغان قوۋرىغىسى.
  ساھىپجاماللارنى داخانغا ئايلاندۇرىدىغان ئەپسۇن.
  بارلىق بىيرۇكراتلار ئىچىدىكى دېگىلى بولمايدىغان بىر جۈملە سۆز.
  بوران-چاپقۇن كېلىش ئالدىدىكى تۇنجى چاقماق.
  يەر تەۋرەشنىڭ مەڭگۈ توختىمايدىغان قالدۇقى.
  تارىخ بەتلىرىدىن ئەڭ بالدۇر ئۆچىرىۋېتىلگەن ماتىريال.
  زىدىيەتلەر ئارىسىدىكى ئايرىغىلى بولمايدىغان سەۋەب.
  ئەمالارمۇ كۆرەلەيدىغان گۈل،گاسلارمۇ ئاڭلىيالايدىغان كۈي.
  جەڭ مەيدانىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان زاپاس ئاشلىق.
  ھەقىقەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قائىدىسىز نەسھىيەت.
  تىلەمچىلەر مەڭگۈ تىلىيەلمەيدىغان سەدىقە.
  كۆزگە كۆرۈنسىلا يوشۇرنىيالمايدىغان جىن-شەيتان.
  كۆڭۈلنىڭ خۇش-پۇراق گۈل ئېچىلدۇرىدىغان بۇلاق كۆزى.
  ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلىنىپ قالغاندىكى پىچىرلاش.
  ئۇ ھەممە...

  مۇشۇ دەقىقىلەردە يەر شارىدىكى ئەللىك مىليون كومپيوتىرنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا بىر خىل ۋېروس تەرىپىدىن يۇقۇملاندى.چۈنكى بۇ ۋېروسنىڭ ئىسمى ـــــــ مەن سىزنى سۆيىمەن !  

                                                  
                                       تەرمىلەر ژورنىلى 2004-يىل 22-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 65
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 15:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنى سۆيىمەن،ئىيىتماڭ ھىچكىمگە،
مەنمۇ ھەم ئىيىتمىدىم، ئاڭلىمىدىڭىز.
قارىغان دەقىقە بىلگەن بولسىڭىز،
كۆزىمىز، چۈشىمىز كېتەر مەنزىلگە

مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزمۇ مېنى ھەم،
ئىيتمايلى بۇ سۆزنى تاۋۇش چىقىرىپ.
بۇ ئۇلۇغ تۇيغۇنى تۇتايلى مەھكەم،
ئوغۇرلاپ كەتمىسۇن سىقىلىش قىيناپ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش