كۆرۈش: 2536|ئىنكاس: 58

مەقسەت: مەن ئوبزورنى مۇنداق يازىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                            مەن ئوبزورنى مۇنداق يازىمەن


                                   سۇلتان مەقسەت


مەن قۇرۇلمىچىلىق ئەدەبىي تەنقىت ئۇسۇلىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئوبزور يازىمەن. چۈنكى، ھەرقانداق ئەسەر يازغۇچىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن مەھسۇلاتى ھالىتىدە مۇئەييەن قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى، يازغۇچىمۇ مەدەنىيەت، جەمىيەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە ياشايدۇ. شۇڭا، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا پىسخىكا، پەلسەپە، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئائىلە-نىكاھ، تەلىم-تەربىيە، ساغلاملىق، سىياسى-ئىقتىساد، ئەقىل-پاراسەت، قەدىر-قىممەت، مېھىر-مۇھەببەت دېگەندەك ئىچكى-تاشقى ھالەتتىكى ھەر خىل ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ. شۇنداقلا، ئەسەر ئۆز قۇرۇلمىسى بويىچە  ئوبزورچى تەرىپىدىن سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتە، راسىتمۇ-يالغان، قىممىتى بارمۇ-يوق، ئەرزىمدۇ-ئەرزىمەمدۇ، ئەسەردىكى ئوبراز ۋەقەلىك جەريانىدا ئوقۇرمەننى قايىل قىلالامدۇ-يوق، ئوقۇرمەن ئەسەردىن نېمىنى بىلەلىدى، بۇ ئەسەر نېمە ئۈچۈن يېزىلدى، قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى، يەتمەكچى بولغان مەقسىدى توغرىمۇ-خاتا دېگەندەك تەلەپ-ئۆلچەملەرگە سېلىنىدۇ. يەنە، بۇ ئەسەردە يېڭىلىق- ئىجادىيلىق بارمۇ، ئەسەر بازار تاپالىدىمۇ ياكى ھېچقانداق دىققەتنى بۇرىيالمىدىمۇ،  دېگەندەك سۇئاللارمۇ ئوتتۇرىغا قۇيىلىدۇ. دېمەك، ئەسەرنى باھالاشنىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرى ئۆز قۇرۇلمىسى بويىچە كۆپ خىل بولىدۇ. لېكىن، ئەدەبىي ئەسەرگە باھا بېرىدىغان بۇ كۆپ خىل ئۆلچەم-تەلەپلەر  ئەسەرنىڭ مەقسەت-قىممىتىدىن ئىبارەت مەركىزى نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەر مۇئەييەن سەۋەپ-مەقسەتتىن يېزىلىدۇ. لېكىن، يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك سەۋەبىدىن سەۋەب-مەقسەتكە تۇتقان ئىدىيە-تەپەككۇرىدا پەرق بولىدۇ. بۇ پەرق ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان باھالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  شۇنداقلا، ھەرقانداق ئەسەرنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت، جەمىيەت مۇناسىۋىتى دېگەندەك  قۇرۇلما ئارقا كۆرۈنىشى بولىدۇ. ئەسەردىكى ئىدىيە-مەدەنىيەت، جەمىيەت مۇناسىۋىتى ئارقا كۆرۈنىشىدىكى مەقسەت-مۇددىئانىڭ توغرا-خاتالىقى سەۋەپ-نەتىجىلىك جەرياندا ئوبرازلارنىڭ قىممىتى ۋە قىلمىشى ئارقىلىق  ياخشى-يامان، ئەھمىيىتى بار-يوق دېگەن باھالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى، ئەسەرنىڭ سۈپىتى قانچىلىك، ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان نۇقتىسى توغرىمۇ، قانداق ئېھتىياجنى چىقىش قىلغان، يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ئەسەرنىڭ مەقسىدىنى قىممەتكە ئىگە قىلالىدىمۇ دېگەن نۇقتىلاردىنمۇ باھا بىرىلىدۇ.
ئەدەبىياتنى رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى دەيمىز. ئەمما، مۇشۇ رىئاللىقنى ئىنكاس قىلىشقا يازغۇچىنىڭ ئىلغار قىممەت قارىشى يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بولمىسا، ئەسەرنىڭ ئىدىيەسىدە، يەتمەكچى بولغان مەقسىتىدە، بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان قىممىتىدە مەسىلە كېلىپ چىقىپ، ئەسەر ياخشى باھاغا ئېرىشەلمەي قېلىپ، ئەدەبىي ئەسەرگە ھەقىقىي باھا بىرەلەيدىغان ئوبزورچى تەرىپىدىن قايىل قىلارلىق تەنقىدكە ئۇچرايدۇ. لېكىن، ھېچقانداق يازغۇچى ئەسىرىنى تەنقىدكە ئۇچرىتامەن دەپ يازمايدۇ. بىراق، قايىل قىلارلىق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئەدەبىي ئەسەر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقىغا ياخشى دورا بولالايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوبزور دورىسىنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى، پايدا قىلىشى ئۈچۈن، ئوبزورچى قۇرۇلمىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئەسەرنى چۈشىنىشى، مەقسىدىگە باھا بىرىشى، قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.
رىئاللىق قانداق بولىۋاتىدۇ، ئەسلى بۇ رىئاللىق توغرىلىق تەلىپى بويىچە قانداق بولۇشى كېرەك. خاتالىق-توغرا بولماسلىققا يول قويمايدىغان قانداق ئىجادىي يوللار بىلەن يېڭىلىق ئېلىپ كېلىش كېرەك. بۇنداق يېڭىلىققا يول ئاچىدىغان ئوبراز-ئۈلگۈلەرنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، يازغۇچىدا قانچىلىك ئىلغار ئىجادىيەت ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك دېگەن ئۆلچەم بىلەن ئوبزورچى ئەسەرگە بولغان ئۇرۇنلۇق پىكىر-تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قۇيىشى كېرەك. رىئاللىق قانداق مەسىلە بولسا، ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بىرىپ نۇقۇل ئەيىپلەش نۇقتىسىدىن شۇنداق ئەكس ئەتتۈرىۋەرمەسلىك كېرەك. بەلكى، ئەيىپلەش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجادىيلىق-يېڭىلىق ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ھەيران قالارلىق ئۇسۇلدا قايىللىق ئېلىپ كېلىش كېرەك. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە تاقاشقاچقا توغرا بولماسلىقتىن كىلىپ چىقىۋاتقان زىددىيەت دېگەنلەر پۇتلىشىپ تۇرغان ئەھۋالدا، يەنە شۇ خاتالىق سەۋەبىدىن بولىۋاتقان تۈگۈمەس-تەكرار زىددىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىۋەرمەي، بۇنداق زىددىيەت-توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشالماسلىقى ئۈچۈن، زىددىيەتكە يول قۇيۇش، زىددىيەتكە قارشى تۇرماسلىق ئىدىيە-تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، كەسكىنلىك بىلەن تەدبىر قوللىنىپ زىددىيەتنىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشىغا خاتىمە بىرىش كېرەك. مانا شۇ چاغدا رىئاللىق قۇرۇلمىسىنى ھەم ئوبزورچىلىق قۇرۇلمىسىنى چۈشۈنىش، قۇرۇلمىغا يېتەكچىلىك قىلىش تەپەككۇرى نامايەن بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەردە ھەقىقىي ئىجادىي قىممەت يارىتىلىدۇ.
   ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئەدەبىي ئوبزور يېزىش ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بىرىشتۇر. ئەدەبىي ئوبزور يېزىش نۇقۇل ئەدەبىي ئەسەرنى تەنقىدلەشلا ئەمەس، بەلكى ياخشى يېزىلغان ئەسەرگىمۇ قايىللىقنى بىلدۈرۈپ ئاپىرىن ئېيتىش كېرەك. ئالدى بىلەن، ئوبزورچى ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ مەقسىدى-قىممىتىگە باھا بېرىشى كېرەك.  بۇنىڭ ئۈچۈن باھا بىرىشنىڭ شەرت، ئۇسۇل، مەقسىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ شەرت ئوبزورچىنىڭ ھەم يازغۇچىنىڭ ئەدەبىيات بىلىمىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇسۇل يازغۇچى قانداق ئۇسۇلدا يازغان، ئوبزورچى قانداق ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مەقسەت بولسا يازغۇچى نېمە مەقسەتتىن يازغان دېگەننى چۈشەندۈرسە، ئوبزورچى  يازغۇچىنىڭ يېزىش مەقسىدى قىممەتكە ئىگىمۇ-ئەمەس دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.
   شەرتنى ئالساق، يازغۇچى بىلەن ئوبزورچى ھەر ئىككىلىسى ئەدەبىيات بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ھەقىقىي ئىگەللىگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىيات تەپەككۇرى پىشىپ-يىتىلمىگەن بولسا، ئادەم بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك قىممەتتە چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولسا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەقسەت-پايدىسىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرالماي، يازغان ئەسىرى ئۇتۇقلۇق بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ئوبزورچى ئەدەبىيات بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمىگەن، ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقىي مەقسەت-مۇددىئاسىنى بىلمىگەن ئادەم بولسا، ئەسەرگە توغرا باھا بىرەلمەي ئوبزورنىمۇ قايىل قىلارلىق، ئۇتۇقلۇق يازالماسلىقى مۇمكىن. ئۇسۇلنى ئالساق، يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويدىمۇ-يوق، ئەسەردىكى ئىدىيە-مەقسەت ئوقۇرمەننى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بايان ئۇسۇلىدا ئەكس ئەتتۈرۈلدىمۇ-يوق، ئەسەر ئوقۇرمەننى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ مەپتۇن قىلالىدىمۇ-يوق، دېگەن نۇقتىدىن يازغۇچىنىڭ يېزىش ئۇسۇلىدىكى ماھارەتكە باھا بەرسەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبزورچىمۇ يېزىش ئۇسۇلى جەھەتتە يازغۇچىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئۆزىدە ھازىرلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىل، بەدئىيلىك، ئۇسلۇپ جەھەتلەردىن ئەسەرنىڭ تېما-ئىدىيەنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى باھالاپ چىقىدۇ.
   باھا بىرىشنىڭ مەقسىدى شۇ ئەسەرنى يېزىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بار،  قىممىتى بارمۇ-يوق دېگەن نۇقتىدىن چىقىش قىلىنىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئادەمنى ئىدىيەدە يېتەكلەش رولى بولىدۇ. ئىدىيەدە يېتەكلەش ئۈچۈن، ئەدەبىي ئەسەر بىلەن رىئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاچقان يېرىگە بارامدۇ، كۈتكەن يېرىدىن چىقامدۇ، ئوقۇرمەننى رازى قىلىپ قايىللىق پەيدا قىلالامدۇ، ئوقۇرمەن ئەسەردىكى ئوبراز بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرالامدۇ، بىلىش ۋە ئىدىيىۋى تاۋلىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەن ئەسەردىن چۈشەنچە-پايدىغا ئېرىشەلەمدۇ، جەمىيەتتىكى، رىئاللىقتىكى، مەدەنىيەتتىكى، ھاياتلىقتىكى، تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى مەنبەسىدىن چۈشەندۈرۈپ بىرەلەمدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردەم قىلالامدۇ، يەنە، ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەننى زىرىكتۈرۈپ قويمىدىمۇ، ئوقۇرمەن ئەدەبىي ئەسەردىن قايىللىققا ئېرىشەلىدىمۇ، ئىلگىرى ئوقۇغان باشقا ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا  پەرق، يېڭىلىق، ئىجادىيلىق ھېس قىلالىدىمۇ، ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىغا ھەم ئەسەرنى سېتىۋالغان پۇلىغا رازى بولالىدىمۇ، دېگەن نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىنىپ ئوقۇرمەننىڭ ئەدەبىيات ھوزۇرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
   بىر تەرەپتىن، يازغۇچى مۇشۇنداق تېمىدىكى ئەسەرنى يېزىشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغانمۇ-يوق، ئۇنىڭ يېزىش ئۇسۇلى ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ تەسىرلەندۈرەلەمدۇ-يوق، ئۇنىڭ يېزىش مەقسىدى ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىپ ئاپىرىن ئېيتقۇزالامدۇ-يوق، دېگەننى باھا بىرىش ئۆلچىمى قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئوبزورچىمۇ مانا مۇشۇنداق شەرت، ئۇسۇل، مەقسەت قۇرۇلما ئۆلچەملىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.
  ئەدەبىي ئەسەرگە باھا بىرىشتە، يازغۇچىنىڭ مەقسىدى بىلەن ئەسەرنىڭ قىممىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ مەقسىدى ئېنىق بولمىسا ھەم يازغۇچى يۈكسەك مەقسەتكە ئىگە بولمىسا، ئەسەر ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ. كۆرگەنلا رىئاللىقنى، ئۇچرىغانلا دېتالنى ئەدەبىي ئەسەر قىلىپ يازغىلى بولمايدۇ. ئەسەر مەقسەتكە، قىممەتكە ئىگە بولۇش بىر ۋاقىتتا ئىجادىيلىققا، يېڭىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئەسەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش بىر ۋاقىتتا، رىئاللىقنىڭ خاتا قىياپىتىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، يەنى ئېقىمغا ئەگىشىپ خېمىرىغا يېنىۋالماي يولسىزلىققا يەم بولۇپ كەتمەي، قەيسەرلىك بىلەن مۇستەققىل يول ئېچىپ، مۇشۇنداق ئوبراز ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بىرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. يېڭىلىق دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. ئىجادىيلىق دېگەن باشقىلارنىڭگىگە ئوخشىمايدىغان ھەم خاتالىق تەكرار داۋاملىشىۋاتقان رىئاللىققىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇشى كېرەك.
    ئەدەبىي ئەسەردە تىل ھەم بەدئىيلىككە ئالاھىدە كۈچەپ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە-مەقسەت توغرا بولمىسا ئەسەر ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. ئىدىيەرىمىزدە، ھاياتىمىزدا، ئەتراپىمىزدا، جەمىيىتىمىزدە، مەدەنىيىتىمىزدە نېمە بولسا، ئۇنى ئەدەبىي ئەسەر ھالىتىدە ئەكس ئەتتۈرىۋېرىشكە بولمايدۇ. مەقسەتنىڭ قىممىتى بويىچە ئۇنى تاللىشىمىز، زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق ئىجادىيلىق بىلەن يۈزلىنىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
   ئەگەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ يېزىلىش مەقسىدى توغرا بولمىسا، خاتا ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان بولىدۇ. توغرا بولمىغان ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكى بولغاندەك قىلغان بىلەن قىممىتى بولمايدۇ. قىممىتى بولمىغان ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقى ھەم يېڭىلىقىمۇ بولمايدۇ. دېمەك، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە نېمىنى بىلدۈرەلىگەنلىكىگە بېقىپ قىممىتى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەقسەت ئاشۇ قىممەتنى نىشانلىيالىغان بولۇشى كېرەك.
  قىسقىسى، مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئەسەرنىڭ يېزىلىش مەقسىدى، يېزىلىش مەقسىدىنىڭ توغرا-خاتالىقى، يېزىلغاندىن كىيىنكى قىممىتىنىڭ بار-يوقلىقى، يېزىش ئىجادىيلىقى، يېڭىياچە يېزىلىشى، بەدىئىلىكنىڭ  ئەسەرنىڭ يېزىلىش مەقسىدىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ماسلاشقان بولۇشى دېگەن نۇقتىلارنى ئۆلچەم قىلىپ ئوبزور يېزىپ باھا بىرىپ چىقىمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-29 10:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەقسەت ئەپەندىم «مەن ئوبزورنى مۇنداق يازىمەن» دەپسىز. سىزنىڭ مۇنداق يېزىلغان ئوبزورلىرىڭىز ئېلان قىلىنغان ژۇرناللارنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ؟ تېپىپ ئوقۇپ باقساق بولارمۇ؟

ۋاقتى: 2016-2-23 00:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھىپىدە كۆرگەچكە مەنمۇ بۇ ئەسىرىڭىزنى بىر  كۆڭۈلدىكى سۆز  ئەمەس بەلكى "ماقالە" دەپ قارىدىم.ئوبزور-ماقەلىلەر توغرىللىرىدا سىزگە دەرىست بەرگۈدەك مەندە ئۇنچە سالاھىيەت بولمىسىمۇ ھەر بىر قاراشلىرىڭىزنى دەلىل-ئىسپاتلىق ئوتتۇرغا قويۇپ چېقمىغىنىڭىزدىن بىر قېسما بولۇپ قالدىم. ئەمما ماقالىڭىز قىسقا،يىغىنچاق بولسىمۇ يالقۇن روزىنىڭ "مەن نىمىشقا ئوبزور يازىمەن" دىگەن ماقالىسىدىن ئۆزگىچىرەككەن.

ۋاقتى: 2016-2-23 00:52:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلتان ئەپەندىگە مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-23 09:42:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، ئ‍وبزۇرچىلىق ساھەسىدىمۇ بىر ئ‍ۆزگىچىلىك بۇلىشى كېرەك، ئ‍ىسمىنى ئ‍الماشتۇرۇپلا قايسى ئ‍ەسەرگەئ‍ەسەرگە سالسا چۈشىۋېرىدىغان مىخانىك ئ‍وبزۇر ئ‍وقۇرمەن ۋە ئ‍اپتۇرغا ھېچقانداق نەپ بېرەلمەيدۇ.ئىزدىنىشىڭىز مۇۋاپىقىيەت، يېڭى نەتىجىلەر يار بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-23 10:28:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«    ئەدەبىي ئەسەردە تىل ھەم بەدئىيلىككە ئالاھىدە كۈچەپ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە-مەقسەت توغرا بولمىسا ئەسەر ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. ئىدىيەرىمىزدە، ھاياتىمىزدا، ئەتراپىمىزدا، جەمىيىتىمىزدە، مەدەنىيىتىمىزدە نېمە بولسا، ئۇنى ئەدەبىي ئەسەر ھالىتىدە ئەكس ئەتتۈرىۋېرىشكە بولمايدۇ. مەقسەتنىڭ قىممىتى بويىچە ئۇنى تاللىشىمىز، زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق ئىجادىيلىق بىلەن يۈزلىنىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. »
مەنمۇ سۇلتان مەقسەت ئەپەندىمنىڭ بۇ قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن. شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى ئەلگە نەپ تېگىدىغان بىر ئىلغار ئىدىيەنىڭ ئەسەردە ياكى مۇئەييەن ئوبزوردا گەۋدىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ئىلگىرى بۇ يەردە ھەر خىل گەپ-سۆزلەر بولۇندى. قۇرۇق گەپلەر قاينىدى، شۇمبۇيىلار ئاينىدى. داۋراڭدىن ھامان قىلىنغان ئىش غالىپ كېلىدۇ. سۇلتان، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭغاندىلا، ھەقىقەتنىڭ ھامان دىلىستانىمىزنىڭ گۈلىستانىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، سىزگە ئامەت يار بولسۇن، دوستۇم!

ۋاقتى: 2016-2-23 11:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەدەبىي ئەسەردە تىل ھەم بەدئىيلىككە ئالاھىدە كۈچەپ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە-مەقسەت توغرا بولمىسا ئەسەر ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. ئىدىيەرىمىزدە، ھاياتىمىزدا، ئەتراپىمىزدا، جەمىيىتىمىزدە، مەدەنىيىتىمىزدە نېمە بولسا، ئۇنى ئەدەبىي ئەسەر ھالىتىدە ئەكس ئەتتۈرىۋېرىشكە بولمايدۇ. مەقسەتنىڭ قىممىتى بويىچە ئۇنى تاللىشىمىز، زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق ئىجادىيلىق بىلەن يۈزلىنىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. »

بۇ ئېنىقلا يوق بولسىمۇ ياز، بار بولسىمۇ ياز، نىمىلا يازساڭ چوقۇم يالغاننى ياز، دىگەنلىككەنغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 01:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە دەرىست بەرگۈدەك مەندە ئۇنچە سالاھىيەت بولمىسىمۇ ھەر بىر قاراشلىرىڭىزنى دەلىل-ئىسپاتلىق ئوتتۇرغا قويۇپ چېقمىغىنىڭىزدىن بىر قېسما بولۇپ قالدىم.

بۇ ماقالىدا ئۆزەمنىڭ قارىشىنى يەنە ئۆزەم ئىسپاتلاپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ دەپ قارىدىم. ناۋادا ئىسپات لازىمتى دەپ قارىسىڭىز، مەن ئايرىم ئەسەرلەرگە يازغان ئوبزورلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ مۇنبەردە بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 01:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېنىقلا يوق بولسىمۇ ياز، بار بولسىمۇ ياز، نىمىلا يازساڭ چوقۇم يالغاننى ياز، دىگەنلىككەنغۇ؟

قىممىتى بارنى ياز، مەقسەتلىك ياز دېگەنلىك يالغاننى ياز دېگەنلىك بولمايدۇ. ئەدەبىيات دېگەن خەۋەر ئەمەس، بەلكى يازغۇچىنىڭ ئىدىيە مەھسۇلاتىدۇر. چۈشۈنىش سەۋىيەرىڭىز تۆۋەندەك تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-24 11:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەقسەت يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 01:09 AM
بۇ ئېنىقلا يوق بولسىمۇ ياز، بار بولسىمۇ ياز، نىمىلا يا ...

ھۆرمەتلىك مەقسەت،
ماقالىڭىزنىڭ مەقسىدى، ئەدەبىي ئەسەر يازغۇچى مېنىڭ مەقسىدىمنى نەزەرگە ئىلمىسا، مەن رامكامغا سولاپ دۇمبالايمەن دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.
ئۇنىڭدىن نېرىسىنى چۈشىنىدىغانغا راست مېنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىم يەتمىدى.

ۋاقتى: 2016-2-24 12:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋ جۇشىدەك يېزىپسىز...

ۋاقتى: 2016-2-24 12:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە. جۇلانىڭ ئىنكاسى  بەكمۇ جايىدا بوپتۇ. ئەدەبىي ئەسەردە چوقۇم بىر مەقسەتنى دەيسەن دەپ تۇرۋىلىپ ئاپتۇرغا قالپاق دىگەننى كەيدۈرىدىغان زامانلار بوپتىكەن قەدىمدە.

ۋاقتى: 2016-2-24 12:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە. جۇلانىڭ ئىنكاسى  بەكمۇ جايىدا بوپتۇ. ئەدەبىي ئەسەردە چوقۇم بىر مەقسەتنى دەيسەن دەپ تۇرۋىلىپ ئاپتۇرغا قالپاق دىگەننى كەيدۈرىدىغان زامانلار بوپتىكەن قەدىمدە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 13:16:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنىڭ مەقسىدى، ئەدەبىي ئەسەر يازغۇچى مېنىڭ مەقسىدىمنى نەزەرگە ئىلمىسا، مەن رامكامغا سولاپ دۇمبالايمەن دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.


يەنىلا بىرتەرەپلىمە چۈشۈنىۋاپسىز. ھەرقانداق يازغۇچىنىڭ ھەرقانداق ئەسەرنى يېزىشىنىڭ مەقسىدى  قىممەتكە ئىگە بولالىدىمۇ-يوق دېگەن نۇقتىدىن چىققاندا،  ئەسەرنىڭ مەقسىدى ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىش-چىقماسلىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات دۇنياسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر بار، بەزىلىرى ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ، يەرلىك، دۆلەتلىك، دۇنياۋى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ، يەنە بەزى بەزى ئەسەرلەر ياخشى باھالارغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئوقۇرمەنلەر رازى بولالمايدۇ، ياخشى تەسىرگە ئۇچرىيالمايدۇ. مانا مۇشۇنداق پەرق  يازغۇچىنىڭ ئەسەرنى يېزىش مەقسىدىنى ئۆلچەم قىلغان بولىدۇ دەپ قارايمەن. سىزنىڭچە، ئەسەرلەرگە ياخشى-يامان دەپ باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى نېمىدۇر؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 13:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋ جۇشىدەك يېزىپسىز...

ماۋجۇشىنىڭ كىملىكىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىڭىزدىن تارىخ، سىياسى ئېڭىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكى بىلىنىپ تۇرىدىكەن. ۋۇجۇدىڭىزدىن چىقىۋاتقان  تەنە-سېسىق پۇراقلار خۇددى كۆڭلىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى ئاشكارىلاپ بىرىۋاتقاندەك قىلىدىكەن. گېپىڭىزنىڭ زەھەرخەندىلىكىگە  قارىغاندا،  ماۋجۇشىنى  ياراتماي ئادەتتىكى ئادەم دەپ قارايدىكەنسىز. قولىڭىزدىن كەلسە ماۋجۇشىدەك ئادەم بولسىڭىز بولىدۇ.  
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئەدەبىيات توغرىلىق ئىلمىي ھالدا ئورتاقلاشساق بولىدۇ. شۇڭا، سىزنى تەربىيە كۆرگەن ئادەمدەك ساپالىق بولسىكەن دېگەن ئۈمىددىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 13:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە. جۇلانىڭ ئىنكاسى  بەكمۇ جايىدا بوپتۇ. ئەدەبىي ئەسەردە چوقۇم بىر مەقسەتنى دەيسەن دەپ تۇرۋىلىپ ئاپتۇرغا قالپاق دىگەننى كەيدۈرىدىغان زامانلار بوپتىكەن قەدىمدە.

سىز ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدى يوق دەپ چۈشۈنىدىكەنسىزدە. ئەمىسە شۇ چۈشەنچىڭىز بويىچە يۈرىۋېرىڭ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش