مەقسەت ئەپەندىم «مەن ئوبزورنى مۇنداق يازىمەن» دەپسىز. سىزنىڭ مۇنداق يېزىلغان ئوبزورلىرىڭىز ئېلان قىلىنغان ژۇرناللارنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ؟ تېپىپ ئوقۇپ باقساق بولارمۇ؟
كىۋىر ھېمىت ئەپەندى، سىزنىڭ تەلىۋىڭىز بويىچە ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردىن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللانغانلىرىدىن ئۈچ پارچە ئوبزورنىڭ ئۇلانمىسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم. يەنە بىر پارچە ئوبزورنىڭ ئۆزىنى بىۋاستە يوللاپ قويدۇم.
forum.php?mod=viewthread&tid=25745
forum.php?mod=viewthread&tid=26176
forum.php?mod=viewthread&tid=26991
خۇداغا خەت يازغىلى بولمايدۇ
سۇلتان مەقسەت
سالام خۇدا!
نېمە دېگەن بىمەنە گەپ، ئەدەبىيات لوگىكىدىن مۇستەسنا ئىجادىيەت ئەمەس. زىغىرلاپ گەپ قىلغاندا، ئادىرىسى يوق، ئىدارىسى يوق، ئۆيى نامەلۇم «خۇدا»غا سالام خەت يازغىلى بولمايدۇ. «خۇدا»غا سالام خەت يېزىش چاقچاقمۇ ياكى ئويناشقاندەك ئىشمۇ.
«تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدىكى چوپانىنىڭ «تەڭرىگە يېزىلغان خەتلەر» دېيىلىپ يېزىلغان پوۋىست ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا، بۇ ئادەم تەڭرىگە ئادەملەر توغرىلىق قېنى قانچىلىك بىر نېمە يازالىغاندۇ دېگەننى ئويلاپ ئەسەرنىڭ بىرىنچى قۇرىغا قاراپلا ھەيران قالدىم.
خۇداغا سالام خەت يېزىش، ياق، بۇ «تۇرپان» ژورنىلىغا يېزىلغان بىر پوۋىست، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان بىر يازما. «خۇدا»غا يېزىلغان سالام خەت ئەمەسكەن، خۇداغا سالام خەت يازغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ چوپانى سالام خەتنى خۇداغا يازغانغا چۇشلۇق يازالماپتۇ.
ئەسەردىكى «مەن» ئېلىشىپ قالغان، ساراڭ بولۇپ قالغان ھالىتىدە «خۇدا»غا سالام خەتنى باشلايدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ۋەقەلىك تەرتىۋىدە بىر «پوۋىست»نىڭ ۋەقەلەكىنى تۈگىگىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. پەقەت «خۇدا» سالام خەتنى باشلىغاندىلا ئۆزىنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ جەريانىدا ئىپادىلەپ چىقىدۇ.
«مەن» خۇدانى ئادەتتىكى بىچارىلەرنىڭ دەرت-ئەھۋالىنى ئەرز-شىكايەت ھالىتىدە ئاڭلىغۇچى مەۋجۇدىيەت دەپ مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ ياكى «خۇدا»نى چۈشەنمەمدۇ! «مەن» دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئادەملەرگە دېسەم ھالىمغا يېتەلمەيدۇ دەپ «خۇدا»غا سالام خەت ھالىتىدە ھېكايە ئېيتىپ بىرىۋېدى، قېنى «خۇدا»دىن جاۋاب خەت كەلدىمۇ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىسىدا «خۇدا»نىڭ ئادرىسىنى تاپالماي بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان «مەن» بىر يىلدىن كىيىن «خۇادا»نىڭ ئادرىسىنى تاپقان ئوخشىمامدۇ. بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «خۇدا»غا يېزىلغان سالام خەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا پوۋىست ژانىرلىق بىر ئەسەرگە ئايلىنىپ قالغىنى نېمىسى.
ئەدەبىيات ئادەم چۈشەنمەيدىغان، بىردەم ئۇياقتىن، بىردەم بۇياقتىن سۆزلەيدىغان، ئادەمنى قايىل قىلالماي قەلەم تۇتالىغۇچىنىڭ ئۆزى بىلگىنىچە بىرنېمە يازىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى«خۇدا»غا يازغان سالام خەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان ئالاھىدە كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس.
خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا ئەمەس. ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئازابلىغۇدەك جېنى يوق. خىزمەت ئورنىنى دەپ، ئوغلىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم، دادا-يالغان ئادەم. يەر شارىدا قىرىق-ئەللىك يىل ياشاشنىڭ ئىسسىق-سوغاقلىرىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن ئەر ئادەم قىلىمەن دېسە ئىش تاپالماي قالمايدۇ. تىلەمچىمۇ جان باقالايدىغۇ. ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتىنى دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دادا ئەسەر ئاپتورى تەرىپىدىن ئەيىپلەنمىگەن. بەلكى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم گۇناھكار ھېسابلانمىغان. بۇ دادا ئۆز ئۆلۈمى بىلەن يەنە بىر ئۆلۈمىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولسىچۇ كاشكى. مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئكلتۈرىۋالغان دادا قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە دەپ مەدھىلىنىپ ئوغلى تەرپىدىن «خۇدا»غا دادىسىنى ئاسراش تەلىپىدىن سالام خەت يېزىلغان.
«مەن» ئەسەرنىڭ بېشىدا مۇنداق دېگەن: «بەخت دېگەن مۇھەببەت، مۇھەببەت ئۇلۇغ، مۇھەببەت بۆيۈك، دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈللىنىدۇ، ھاياتلىق مۇھەببەتسىز ياشىيالمايدۇ ھەم ئۆز قىممىتىنى تاپالمايدۇ. مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھمۇ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ». ئۇنداقتا «مەن» دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى بەخت دېگەنمۇ ياكى دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئوغلىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسى دېگەنمۇ! دېمەك، باشقىلارغا بولغان مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم بەختلىك ھېسابلىنامدا! ياق! «مەن» خىزمەتتىن بوشىتىلىپ، قىز دوستى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قۇيۇپ دادىسىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان قاتىل. ئوغلىغا ئىچ ئاغرىتىپ ھەم ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىدىن ئۆلىۋالغان ئادەم ھەم بەختلىك ئەمەس ھەم ماختاشقا ئەرزىمەيدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى، خىزمەتتىن، قىز دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ئوغۇل ئۆزى دۈچ كەلگەن مۇشۇ ئىككى ئەھۋالدىن كىيىن دادىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا، ئاندىن ئۆزىنى رۇسلايدۇ. دادىسى ئوغلىغا ئۆز ئۆلۈمى بىلەن بەدەل تۆلەيدۇ. دادىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ئوغلىغا خىزمەت ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. بۇ قانداق مۇھەببەت! دادىسى خىزمەتتىن ئىستىپا سوراپ ئوغلىنىڭ خىزمىتىنى ساقلاپ قالسا بولدىغۇ. ئوغلىنىڭ خىزمىتىدىن، قىز دوستىدىن ئايرىلىپ مەزگىللىك چۈشكۈنلىششىگە دادىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ساراڭلىق ئەمەسمۇ. ئوغلىغا ئىچ ئاغرىغان ئادەم ئوغلىنى قۇتقۇزماقتا يوق، بەلكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىپ ئوغلىنى تاشلىۋېتەمدۇ، مانا بۇ ساختىلىق ياكى ئەدەبىياتتىكى ئەرزىمەس يازما.
ئاپتور ئەسەرنى ئون بۆلەككە بۆلۈپ يېزىپ چىققان. ھەر بىر بۆلەكنىڭ بېشىدا «سالام خۇدا» دەپ ھەم ئازابلىق ھەم خوشاللىق سەرگۈزەشتىلىرىنى باشلىغان. «خۇدا» بىلەن خۇددى بىر ئادەمگە سۆزلەۋاتقاندەك ھالەتتە پاراڭلاشقان. ئەگەر ئاپتور «خۇدا» سۆزىنى ئومۇمى ئادەم ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىغا ئازاب بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغىنى قانداق ئىش. «خۇدا» بىلەن ئادەمدەكلا سۆزلىشىش قانداق ئىجادىيەت! چۈنكى، ئەسەردە ئېچىنىشلىق ئەھۋال يوق. ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان دۇنياۋى تىراگىدىيەلەر يوق. ئادەم ئادەمنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قىينىمىدى. ئادەم تەبىئەتنىڭ، ئىسسىق-سوغاقنىڭ، قار-يامغۇرنىڭ، كەلكۈن-بوراننىڭ، تاغ گۆمىرىلىش يەر تەۋرەشنىڭ، ئىچىدىغان، يەيدىغان نەرسە يوق ئۇسسۇزلىقنىڭ، ئاچارچىلىقنىڭ بالايى-ئاپەتلىرىگە ئۇچرىمىدى. ئادەملەرگە ۋابا كېسەل تارقالمىدى، ئادەملەر كېسەللىكتىن ساقىيالماي ئازابتىن جېنى قىينالمىدى. ئاياللار-ئانىلار تۇغالماي دوزاخ ئازابىنى تارتمىدى. ئادەم جەمىيەتتە قورسىقىنى باقالماي ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتمىدى. ئادەملەرت خىروئىن چېكىپ ئۆزلىرىنى تۈگەشتۈرىۋالمىدى. قايتا بىرىنچى، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشلىرى كىلىپ چىقمىدى. مىليونلاپ خەنزۇلار، يەھۇدىلار، ئورۇسلار باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمىدى. 1959-يىلى بىلەن 1960-يىلىنىڭ ئارىلىقىدىكى قىش پەسلىدىكىدەك باي ناھىيىسىنىڭ يىگىرمە نەچچە مىڭ ئادەملىرى ئىت، ئىشەك، مۆشۈك گۆشلىرىنى يەپمۇ ئۆلۈپ كەتمىدى. «مەن» ناھەق تۈرمىگە كىرىپ قالمىدى، ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ يۈرىكىگە مىلتىق بەتلەنمىدى. 1995-يىلى قارامايدىكىدەك ئۈچ يۈز نەچچە ئادەم كىنوخانىغا سولىنىپ قېلىپ، ئوتتا، تۇنجۇقۇشتا، دەسسىلىشتە ئۆلمىدى. پەقەت بىر ئەخمەق دادا يارىماس ئوغلىنى دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى. «دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈللىنىدۇ، ھاياتلىق مۇھەببەتسىز ياشىيالمايدۇ ھەم ئۆزقىممىتىنى تاپالمايدۇ.» بۇنى نېمە دېگۈلۈك، دادا مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا گۈللىنەمدۇ! يەنە «دادا»دىكىدەك مۇھەببەتكە تولغان ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشىمايدۇ؟ «دادا» ئۆزىنى ئكلتۈرىۋېلىش بىلەن قىممىتىنى تاپتىمۇ! يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەمنىڭ قىممىتى بولامدۇ-ھە! ئۇنداقتا قىممىتى يوق «دادا» ئۈچۈن نېمىشقا «خۇدا»غا سالام خەت يېزىلىدۇ؟ بۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكىمۇ. قەلبىدە، روھىدا مۇھەببەت بار ئادەم ياشايدۇ، باشقىلارغىمۇ مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ. مۇھەببەت سەۋەبىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە ئۆلتۈرىلىدىكى، ھەرگىزمۇ تېخى ياشاۋاتقان ئادەمنى ياخشى كۆرۈشتىن، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا بۇنداق ئۆلۈم بەلكى ئۆچمەنلىكتىن، ئىچ ئاغرىتىپ ياردەم بېرەلمەي ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاچچىق ۋە ئاجىزلىق ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دادىسىغا بولغان مۇھەببەت «خۇدا»غا سالام خەت يېزىپ، دادىسىنىڭ گۇناھىنى تېلەش ھەم «خۇدا»دىن دادىسىنى ئازابلىماسلىقنى تەلەپ قىلىش يازغۇچىنىڭ «خۇدا»غا سالام خەت يېزىشنىڭ مەقسىدى بولسا كېرەك. مۇھەببەتكە تولغان دۇنيادا مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەمنىڭ گۇناھىنى تىلەش، ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دادىسىغا بولغان قايىىللىقى ئەمەسمۇ، شۇنچىلىك ئادەتتىكى ئەھۋالغا مۇۋاپىق پۇزىتسىيە قوللىنالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دادا-ئادەم مەركەز قىلىنغان ھالدا بىرمۇنچە قىستۇرما جەريانلارنى ئاساسى ۋەقەلىك ئورنىغا چىقىرىپ بىر پوۋىستنى قۇراشتۇرۇپ يېزىپ چىقىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك ئىستىمالىغا نىسبەتەن ئارتۇقچە بولسا كېرەك. چۈنكى، «تەڭرىگە يېزىلغان خەتلەر» دېگەن ماۋزۇ پەقەت ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دادا سەۋەبىدىن قويۇلغانلىقى ئېنىق. ئۇششاق تەپسىلاتلار، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا «خۇدا»غا ئىزىپ سالام خەت يېزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان ھەرقانداق يازغۇچى بىلمەي قالمايدۇكى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدىيە ئەسەر ماۋزۇسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك. يەنى ئەسەرگە قۇيۇلغان ماۋزۇغا چۇشلۇق ئەسەر يېزىش كېرەك. «تەڭرىگە يېزىلغان خەتلەر» ئادەتتىكى ماۋزۇ ئەمەس. ماۋزۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن چىڭغىز ئايتماتوۋدەك، مىخائىل شولوخۇۋدەك پەلسەپىۋى تەپەككۇر، ئىجادىيەت ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا ئۇنىڭ ماۋزۇسىنى ئەسەرنىڭ سەۋىيىسىچىلىك قىلىپ قۇيۇش كېرەك. بولمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، چوڭ گەپ قىلىپ قۇيۇپ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
ئەدەبىياتتا، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، قىز دوستى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قۇيۇپ روھى چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدىغان يىگىتلەرنى ئالاھىدە ئەزۋەيلەپ يېزىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىز ئادەمنىڭ ئاجىزلىقىنى سۆزلىگەندىن كۆرە، ئادەمنىڭ جەسۇرلىقىنى سۆزلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھاياتقا ۋە ئادەمگە بولغان مۇھەببەت ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ھەرقانداق كۈنلەرگە ھەرگىزمۇ يىغلاڭغۇلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىۋاتقان مۇھەببەت باشقا ئادەملەرنى شۇ ئادەمگە مەپتۇن قىلىۋېتەلەيدۇ.
(«تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)