كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 4

سۇلتان مەقسەت: رىۋايەتتىن رىئاللىققا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8916
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 283
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       رىۋايەتتىن رىئاللىققا

                         سۇلتان مەقسەت

«- سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ!
ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكى غارىلداپ ئېچىلدى.
بىراق، ئۇ يەردە چۆچەكلەردىكىدەك بايلىق يوقمىش.»
رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئۆڭكۈردە ھەددى-ھېسابسىز بايلىق بار ئىدى. ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۆزىگە خاس سىرى بار ئىدى. ئىنسانلار سىرلىق نەرسىلەرنى بىلگەندىلا بايلىققا ئېرىشەلىگەن بولاتتى. شۇنداقلا، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقتىن باشقا ھېچقانداق بايلىقى بولمىغاچقا، ئۆزىدە نېمە بولمىسا شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇش قانۇنىيىتى بويىچە رىۋايەت خارەكتېرلىق بايلىق ئۆڭكۈرىنى يارىتىپ چىققان ئىدى. رىۋايەتنى توقۇغۇچىنىڭ بايلىقى يوق ئىدى ھەم رىۋايەتىكىدەك ئۇسۇل بىلەن بايلىققا ئىگە بولۇشنى ئويلىغان ئىدى.
  ئارزۇ رىۋايەتكە مەپتۇن بولغان بىلەن ئەمەلىيەت رىئاللىققا دۈچ كەلدى. ئارزۇ ئەمەلىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلالمىدى. رىۋايەت رىئاللىققا ئايلىنالمىدى. ئەمەلىيەت ئارزۇنى خورلىدى، يوقاتتى، ئەمەلىيەت ھاياتلىققا زىيانكەشلىك قىلدى. رىئاللىق ئېچىنىشلىق رىۋايەت قىياپىتىگە كىردى. ئەسلىدە بۈگۈنكى رىئاللىقتا بۇنداق رىۋايەت بولماي، بەلكى چۆچەكلەردىكىدەك بايلىققا تولغان ئوڭكۈر رىۋايىتى بولۇشى كېرەك ئىدى. نېمىشقا شۇنداق بولمىدى؟ نېمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى؟
  بۇ ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان، دىققتىمىزنى قوزمىساق قەتئىي بولمايدىغان دەۋر رىئاللىقى، ئالى مەكتەپ رىئاللىقى، مىللى مەدەنىيەت رىئاللىقى بولۇپ قالدى.
  مەن ئۆمەر ئابدۇللانىڭ «سىم سىم ئىشىكنى ئاچ» ناملىق پوۋىستىنى ئالدى بىلەن ئالى مائارىپقا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدىغان باشلىقلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ئەسەردىكىدەك رىئاللىقنى ئالى مەكتەپنىڭ باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى بىلمەي قالمايدۇ، ئېنىق بىلىدۇ. ئەمما شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ھېچقايسىسى توغرا تاپالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن توغرا بولمىغان ئىشلارنى ئالى مەكتەپتىكى ئالى خىسلەتلىك، ئىلغار ئىدىيەلىك، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك، مۇكەممەل تەربىيە كۆرگەن، كۆرىۋاتقان، كۆرىدىغان كىشىلەر-ئادەملىك جەھەتتىن ئۆزلىرىنى بەختلىك سانايدىغان ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۈزلۈكسىز شۇنداق قىلىدۇ؟
  ئەدەبىيات رىئاللىققا-ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك روھى ئورۇندا تۇرۇپ ئىلمىيلىك بىلەن باھا بىرەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ مۇھەببەتلىك ئىنكاسى.  شۇڭا، ئەدەبىيات ئادەملەرنىڭ ئېھتىياج قۇرۇلمىلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ تاللاش ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ھاياتلىق زامانىدا ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس ئىشلار ئەمەس. پارچە-پۇرات تۇرمۇش رىئاللىقى، ئادەملەر يارىتىۋاتقان ھەممىلا رىئاللىق ئەمەس. ئەدەبىيات بىلەن رىئاللىق تەڭ ئەمەس، ئەدەبىيات رىئاللىق ئىچىدىكى رىئاللىق.
   ئەدەبىيات ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، باشقىلار بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى (كەڭ دائىرىدە جەمىيەت، مەدەنىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى)  ۋە تەبىئەت (ھاياتلىق) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سەنئەتكارنىڭ ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چىققان مۇھەببەتلىك باھاسى ئارقىلىق تەتقىق قىلىدۇ. ھەقىقەت كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى گالۋاڭ قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيىتى رىئاللىقنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدەيدۇ، ھەقىقەت ئۈچۈن ھەققانىي پىكىر قىلىدۇ. سەنئەتكار ھەقىقەتكە مۇھەببەت باغلىغۇچىلاردۇر. مۇھەببەت ئىنساندىكى ھەممىدىن ئۇلۇغ كۈچ. ئىنسان ئۆزىدىكى مۇھەببەتنى بىلمەيدىكەن ئازابتا ياشايدۇ، ھاياتتا خورلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئادەملەر ئۆزئارا بىر-بىرسىنىڭ ئادەملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  ئەدەبىيات ئادەملەرگە باھا بېرىشتۇر. ئادەملەرنىڭ ئارقىسىدا رىئاللىققا ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ. ئادەملەر رىئاللىق يارىتىدۇ، رىئاللىقمۇ ئادەم يارىتىدۇ. ئەمما ئادەملەر ياراتقان رىئاللىق شۇنىڭغا خاس ئادەملىكنى يارىتىپ چىقىدۇ.
  «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» پوۋىستىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ھەم ئالى مەكتەپنى تەشكىل قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاشۇنداق ئوقۇسىمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھېسابلىنىۋېرىدۇ. ئۇلارنى ئالى مەكتەپ ئاشۇنداق ئوقۇتىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ھېچقانداق بىر ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسى ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. (لېكىن ئالى مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس). ئەمما «سىم-سىم» ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەتكەن، لېكىن بايلىققا ئېرىشەلمەي ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئەمىسە ئالى مەكتەپتىكى بايلىق قېنى؟ ئالى مەكتەپنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىغۇ؟ ئۇنداقتا ئالى مەكتەپنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتتىمۇ؟ بۇ قانداق رىئاللىق؟
  مەنمۇ يېڭىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. شۇڭا مەزكۇر ئەسەردىن نۇرغۇن ساۋاغداشلىرىمنى، مەكتەپداشلىرىمنى كۆرگەندەك بولدۇم. كۆپلىگەن مەكتەپداشلىرىم بىچارىلەرچە ئوقۇغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سالاھىيىتى يوق ئىدى. ئۇلار ئىمتىھاندىن ئۆتسىلا بولاتتى، ھاراق ئىچسىلا بولاتتى، قارت ئوينىسىلا بولاتتى، ئۇخلىسىلا بولاتتى. نەزىرىيىۋى تەپەككۇر، بىلىم، ئىقتىدار، مەسئۇلىيەت، مەدەنىيەت، مىللەت تەرەققىياتى دېگەنلەر بىلەن يېقىن كېلىشەلمەيتتى. ھېچ بىر ھازىرقى زامان ياشلىرىغا ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ ئېڭىدىن ئالى مەكتەپنى «ياتاق» ھالىتىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۈپۈك ئىدى. خۇددى قۇرۇپ قالغان جەسەتكە ئوخشايتتى. ئۆزلىرىنى رازى قىلىپ، خوشال قىلىپ كۆڭۈلدىكىدەك مەنىلىك ياشىيالمايتتى. ئۆلگىسى كەلمەيتتى، ياشاشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلاردا شۇنداق بىر تىرىكتاپلىق پىسخىكىسى ئومۇملاشقانكى، ئۇلۇغۋارلىقتىن، ئۈستۈنلۈكتىن، ئىنسانىي مۇھەببەتتىن مەھرۇملارچە ياشايدىغان، ئۆزلىرىنى يوقاتقان ھەم ئۆزلىرىنى تېپىۋىلىشنىمۇ خالىمايدىغان، بىلمەيدىغان روھى كىرزىسنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلانغۇچىلار ئىدى.
  ئەسەردىكى ياشلار پىسخىكىسى، سىتودىنتلار خارەكتېرى ئەمەلىيەتتىكى رىئاللىق. ئەمما كىم بۇنداق رىئاللىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ-ھە! ناھايىتى ئېنىقكى، ھېچقانداق ئادەم بۇنداق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان رىئاللىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىمۇ توغرا تاپمايدۇ. ھەممەيلەن شۇنداق قارايمىزكى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ. مىللەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن جەمىيەت  ئۇلارنى ئوقۇتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن.
  ئەنە شۇنداق روھى ئىپادىلىنىشتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەدەنىيەت، جەمىيەت، مىللەت ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ كېتەلەر، قوللىرىدىن نېمە ئىشلار كېلەر! جەمىيەت شۇلارنىمۇ، ئاشۇنداق مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلارنىمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئالى مەكتەپنىڭ ئوبرازى، ئىناۋىتى قانداق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يىتىشتۈرىدىغان مەكتەپ بولسا بولىۋىرەمدۇ!؟
  ئوبزور ئارقىلىق ئەدەبىياتنى مۇھاكىمە قىلىشقا، ئالدى بىلەن يازغۇچى كۆتىرىپ چىققان تېمىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. تېمىنى (مەسىلىنى) ياخشى تاللىيالمىغان يازغۇچىنىڭ ئەسىرى دىققەتنى قوزغىيالمايدۇ. ئەدەبىيات دىققەتنى قوزغىيالىغاندىلا ئاندىن ئۆز مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ. ئوبزورمۇ دىققەتنى قوزغايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلغاندا دىققەتنى قوزغىيالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى.
  مۇھىت ئادەمنى يارىتىدۇ. ئادەم مۇھىتنى يارىتىدۇ. ئادەم ئاۋال  مۇھىتتا يارىتىلىدۇ، ئاندىن شۇ ئادەم يەنە مۇھىتنى يارىتىدۇ. ئادەم ئىككى مۇھىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. مۇھىت كوللىكتىپ ئادەمنىڭ بولىدۇ. ئادەم شەخس نۇقتىسىدىن مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. دېمەك، مۇھىتنىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى ئادەمنىڭ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەم ئادەمدىن ئايرىلالمايدۇ، ئادەم مۇھىتتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. توپ ئادەمنىڭ خارەكتېرى يەككە ئادەمنىڭ خارەكتېرىنى تارتىپ كېتىدۇ ھەم يەككە ئادەمنىڭ خارەكتېرىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئاسانلىقچە يول ئېچىپ بەرمەيدۇ. ھەممەيلەن باشقىلارنى ماڭا ئوخشىسۇن دېگەندەك بولماي قالمايدۇ.
  ئالى مەكتەپ مۇھىتىنى ئالساق، بىزنىڭ سىتودىنتلىرىمىزنىڭ كۈپلىرى كۆپلەپ كىتاب كۆرمەيدۇ. سەۋەبى بىر تەرەپتىن مەجبۇرى قىلىنمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تىلىدىكى ھەر خىل كىتابلار بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ. ھەم كىتابخۇمارلىق مەدەنىيىتى ھەم كىتابنى مۇھىم بىلىش ئېڭى ئەسلى تەلەپتىن خېلى يىراق. بۇ ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان مەدەنىيەت رىئاللىقى. دېمەك، كىتابنىڭ –ھەر خىل بىلىمنىڭ، ئالىملارنىڭ، پەيلاسۇپلارنىڭ، پىسخىلوگلارنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ ئۆز  قاراش-چۈشەنچىلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاقىۋەتتە نەزەر دائىرىسى ئېچىلمايدۇ، بىكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئادەملىك، ھاياتلىق توغرىسىدا ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەردىن-ئۆزىنى تونۇمىغان، سىرلىق مەسىلىلەرنى ئىلاھى كۈچكە ئىتتىرىپ قويۇدىغان، سىياسى ئېڭى تۆۋەن ياكى يوق. ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ھاياتلىق ئېڭىدىن خالاس بولالمىغان، ئۆزلىرىنى خوشال قىلالمايدىغان، باشقىلارنىڭ خوشاللىقىغىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان، زاماننى تونۇپ يېتەلمەيدىغان، ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرماي، يېڭىلىماي تارىخى چۈشەنچىسى بويىچە ياشايدىغان، ئىنسان تەبىئىتى-ئېھتىياجى بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلغۇدەك مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولمىغان ھازىرقى زاماندىكى ئۆتمۈشنىڭ ياشلىرى كىلىپ چىقىدۇ. بىرنىمىنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى رازى قىلغۇدەك بىرەر ئىش قىلالمايدۇ.
  ئالى مەكتەپلىرىمىزدە (جۈملىدىن، پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىمىزدا) كىتاب-ژورناللار كۆپ ئەمەس. بۇ ئەڭ چاتاق مەسىلە. مانا بۇ ئالى مەكتەپتىكى ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە تەپەككۇرىدىن  كىلىپ چىققان ئەقىلسىزلىقىدىن، ئەقىلسىزلىقىدىن كىلىپ چىققان بىچارىلىقنىڭ بىر تەرىپى. ئادەم ئادەم ئادەملىكىنى باشقىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئۆگىنىشى، يارىتىشى كېرەكتە.
  ئىنسان ئاخىرى ئۆلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى قىينىماسلىقى كېرەك. ئىنسان ئاخىرى ئۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قىينىسا ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئىنسان قىينىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ پىسخىك ئاساسى ۋە شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  ئىنسان باشقىلارنىڭ مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۆزىنى ياخشىلايدۇ، تەربىيەلەيدۇ، تەرەققى قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىنسانىي مۇھەببىتى بولمىغان ئادەم بولۇپمۇ يىتىشىپ چىقىدۇ.
  ياشلار چوڭلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. چوڭلار زاماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. زامان تارىخنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
  بىزنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۆز تىل-مەدەنىيىتىنىڭ سەنئىتىدىن قانغۇدەك بەھرىمان بولالمايدۇ. سەنئەت ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ رىئاللىقىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سېلىشتۇرما مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا شەكىللەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچنېمىگە –يا زاماندىكى مەدەنىيەت قاتلىمىغا، يا تارىختىكى ھاياتلىق دۇنياسىغا سېلىشتۇرالمايدۇ.
  نەتىجىدە، نەزەر دائىرىسى ئېچىلماي ئۆز تەبىئىتى ئالدىدا روھىنى خورلايدۇ. چۈنكى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياشلار. ياشلارنىڭ فىزىلوگىيىلىك، پىسخىلوگىيىلىك يېتىلىشى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلى بولغاچقا، ناۋادا ئۇلارغا بولغان ئىنسانىي مۇھەببەت مۇلازىمىتى مۇھىم ھالەتتە بولمىسا، ئۇلار مەزكۇر ئەسەردىكىدەك مەدەنىيەت، مۇھىت، تەبىئىتىنىڭ پاسسىپ باغلىنىشلىق تەسىرىگە ئۇچراپ، باشقىلارنىڭ ئېچىنىشىنى، ئىچ ئاغرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللانىڭ دېمەكچى بولغىنى ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ سىتودىنتلارغا ئېچىنمىغان، بەلكى ئىچ ئاغرىتقان! ئۇنداقتا كىمگە، نېمىگە ئېچىنىمىز؟ بۇ ئەسەردىكى رىئاللىققا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. ئەسلىدە بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بويىچە بولغاندا، يازغۇچى سىتودىنتلارغا ئېچىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىزنىڭ سىتودىنتلارغا ئېچىنىدىغان ئارزۇلىرىمىز ئاز ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ؟ سىتودىنتلارغا ئېچىنىپ قويغان بىلەن ئالى مەكتەپنى يالغۇز ئوقۇغۇچىلارلا تەشكىل قىلامدۇ!؟ ياق. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ قۇرۇلمىسى، مىللەتنىڭ مائارىپقا بولغان تۇنىشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىلالمايدۇ.
  مېنىڭچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولمىسا كېرەك. يارامسىز ئۇستاز كېرەكسىز شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. سىتودىنتلارنىڭ شۇنداق ھالدا بولۇشى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ! ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى نادانلىقتا قالغان، بىچارە پىسخىكىغا ئىگە دېھقان ئەمەسقۇ؟
  قۇرۇلما فورمىلاسى بويىچە ئېيتقاندا، مەقسەتكە يېتىشنىڭ شەرتىنى ھازىرلاشتا ئۇسۇل ھەممىدىن مۇھىم. ئەجىبا بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز-ياشلىرىمىز ئالى مەكتەپكە تەربىيە بەرگىلى كەلمەيدۇ، بەلكى تەربىيە ئالغىلى كېلىدۇ. ئەمىسە قېنى ئۇلارغا ئۆتكەن تەربىيە!
  مانا بۇ دەل يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللانىڭ دېگەنلىرى. بىركىمنى مەسخىرە قىلىش، ئەيىپلەش ئېنىق بولغان يەردە نېمە سەۋەپتىن مەسخىرىگە ئۇچرىدى، ئەيىپلەندى دېگەننى بىلمىسەك بولمايدۇ.
  دېمەك، ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن سىتودىنتلارغا ئۆگىنىش بېسىمىنى، بىلىم ئىگىلەش ئىدىيىسىنى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش تەسىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئالى مەكتەپتىمۇ خۇددى تولۇقسىز ئوتتۇرا ماكتەپتىكىدەك دەرس ئۆتىلىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن بىزنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ نەدىن ئاڭلىۋالغان چۈشەنچلىرىكىنتاڭ، باشقا تەرەققى قىلىپ كەتكەن ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئالى مائارىپىغا ئوخشىمايدىغان ھالدا سىتودىنتلار ئاڭلىق ئۆگىنىدۇ دەپ ئىختىيارىغا قۇيۇۋېتىدۇ. ئىمتىھاننىمۇ خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىدەك ئالىدۇ.
  ئىجادىيلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، تەھلىل-مۇھاكىمە خارەكتېرى بولمىغان لېكسىيە –سۇئاللارنىڭ ئەنە شۇنداق تىزىنى باسسا مېزى چىقىدىغان ئاتالمىش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قانداق قىلىدۇ.
  مەزكۇر «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» پوۋىستىدىكى رىئاللىق ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس، رىۋايەتمۇ ئەمەس. بەلكى ئالى مەكتەپنىڭ ئومۇمى رىئاللىقىغا ئارىلىشىپ يۈرگەن بىر قىسىم بىچارە رىئاللىق. ئالى مەكتەپ ئومۇمىيۈزلۈك ئۇنداق ئەمەس. ئەمما نېمە ئۈچۈن شۇنداق بىر قىسىم رىئاللىق كىلىپ چىقىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ بۇ ئالى مەكتەپكە قارىتىلغان سادا. ئېتىبارسىز قالغان سىتودىنتلارنىڭ نالە-پەريادى. مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئالى مائارىپقا قويغان چوقانى! ئېچىنىشلىق بولۇش ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
  «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» دېگەن بۇ ماۋزۇ ساداسى ئالى مەكتەپنى ئڭكۈرنىڭ سىرتىغا كۆرسىتىش چاقىرىقى. ئالى مەكتەپ بايلىق ئۆڭكۈرى بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمىدى. ئالى مەكتەپتىن ئىبارەت بايلىق ئۆڭكۈرىدە چىرىندى نەرسىلەرمۇ چىقىپ قالدى. ھەقىقىي بايلىق ئۆڭكۈرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ساختىلىقى چېنىپ قالدى. بايلىق ئۆڭكۈرى راست بولماي قالدى. قىممەتسىز ماللار ئارلىشىپ قالدى. بايلىق ئۆڭكۈرى بايلىق ئىزدۈگۈچىلەرنى ئالدىمىسۇن. يالغان قىممەتلىك بايلىق ئۆڭكۈر سىرتىدىكىلەرنى ئەخمەق قىلمىسۇن.
  ئالى مەكتەپنى تولۇق بايلىق ئۆڭكۈرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى، بىلىم ئىسلاھاتى، ياشلىق ئىسلاھاتى، ئوقۇتقۇچى ئىسلاھاتى، سىتودىنتلار ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. سىتودىنتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، مىللەتنىڭ ئەتىكى زىيالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئالى مەكتەپ ئۈنۈم يارىتىشى، قىممەتكە ئىگە بولۇشى، سەرپ قىلغان ۋاقىت، پۇل، كۈچ، ھاياتقا مۇناسىپ ھالدا مۇكەممەل ئەركىن ئادەمنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
  ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا سىتودىنتلار توغرىسىدىكى ھەر خىل تېمىلاردا ، بولۇپمۇ ئىللەت سۆكۈش مەزمۇنىدىكى بىر مۇنچە ئەسەر –ماقالىلار ئېلان قىلىندى. ئەمما، ھەر خىل ئىنكاسلار بولغان بولسىمۇ بۇ خىل ئىللەتلەرگە تەسىرى بولغاندەكمۇ بولمىدى. ئەسلىدە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىن ماقالە-ئەسەرلەرنىڭمۇ كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمىسا بولاتتى. چۈنكى، مىللى مەدەنىيىتىمىزدە ئىللەت بەك كۆپ.
  مەزكۇر پوۋىست ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇن، ئەكس ئەتتۈرگەن رىئاللىق، يەتمەكچى بولغان مەقسىدى جەھەتتىن خېلى مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان. بولۇپمۇ ماۋزۇسى ئوبرازلىق تۈس ئېلىپ، شۇنچىۋالا مۇھىم رىئاللىقنى تۆت سۆزگىلا يىغىنچاقلاپ ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. مەن ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ سەۋەبى توغرىلىق توختالماقچى بولدۇم. شۇڭا سىتودىنتلاردىنمۇ ئالى مەكتەپنى  مۇھىم ئورۇنغا قويدۇم.
  سىتودىنتلارنى ئەيىپلەۋەرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخىك ئاساسىنى يەنى مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن ھەر خىل مۇھىت-شارائىتلارنى كۆرمىسەك، پەقەت قاخشىغان، ئارقىدىن گەپ قىلغان بولۇپ قالىمىز، خالاس.
  ئۆزىگە تەلەپ قويالمىغان ئادەملەرگە تەلەپ قويغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا بىۋاستە بېسىم پەيدا قىلالايدىغان كىشىلەرنى ئىشقا سېلىش كېرەك. بىر قىسىم سىتودىنتلار ئۆزلىرىنى تۇنۇيالمىسا ئۇلارنىڭ جەمىيەتنىڭ ئۈمىدى يوقۇپمۇ قويمايدۇ.
  ئەسەردىكى ساتتار خارەكتېرى پىسخىك ئېھتىياج ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپ-نەتىجە تۈپەيلىدىن شۇنداق ئاجىز، ئۆزگىرىشچان، ئۆزىدىن رازى بولمايدىغان، ئۆزىنى ئىزدەيدىغان، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى بولمىغاندەك ھېس قىلسىمۇ باشقىچە قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئەنئەنىۋى كۆزقاراش بىلەن ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ قېچىپ يۈرگەن، پەقەت ناچار ئىشلارنىلا ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۆزى قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خاتىرىسىدە ساقلىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ خارەكتېرى بىلەن يازغۇچىنىڭ باھاسى ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدۇر.
  ئەسەردە ئالى مەكتەپتىكى يازغۇچى بىلگەن ئىللەتلەر ساتتارنىڭ خارەكتېرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ئارتىپ قۇيۇلغاندەك بىلىنىدۇ. بۇ بىر ماقالە بولماي، رومان بولماي، قىسقا ھەجىملىك پوۋىست بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ۋەقەلىكلەر دۆۋىسى بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ساتتارنىڭ پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلساق، ئۇنىڭ مىجەزىگە ماسلىشىدىغان تۇنۇش-بىلىشلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ئۇنداق ئەمەستەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئادەم نېمىنى بىلسە، نېمىنى ئاڭلىسا شۇنى سۆزلەيدىغان، شۇنى خىيال قىلىدىغان بولىدۇ. يەنە بىرسى، ئەسەر بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرگە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىچە يازغۇچى تىرىشچان، ئۇلۇغ غايىنى نىشان قىلغان، كىشىنى قايىل قىلىدىغان سىتودىنتلارنىمۇ يېزىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئاشۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلمىگەنلىكى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ تەدبىقلاشنى بىلمەيدىغان ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ دېگەننى يادلىۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. ئۆزى ئۈستىدە ئويلاندۇرغان، باشقىچىرەك بولۇپ قاپتۇ دېگۈزەلىگەن، ئوقۇرمەنلەردە مۇنداقراق بولسا بولۇپتىكەن دېگەن پىكىرنى تۇغدۇرالىغان ئەسەر ناھايىتى ئېنىقكى، دىققەتنى قوزغىيالىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق. بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نۇقۇل  ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي، ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىيىۋى ئەدەبىيات كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، كەسىپداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەر خىل تەرەپلەردىن چىقىپ مۇھاكىمە-تەتقىق قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەزىرىيە ئاددىلىقىنى ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
  مۇكەممەل ئەدەبىيات نەزىرىيىسى بولمىغان ئەدەبىيات قىلىپلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق مۇھىت مەيلى ئەسەر ئىجادىيىتى بولسۇن، مەيلى ئوبزورچىلىق بولسۇن، ئۇسۇل-پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش نەزىرىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  ئەدەبىيات نۇقۇل رىئاللىقنىڭلا ئىنكاسى ئەمەس، ئۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ باھاسى ئارىلىشىپ سىڭگەن بولىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ –ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ شۇنداق ئىگىز-پەسلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدىكى رىئاللىققا بىر تەرەپتىن باھا بىرىپ ماڭمىسا بولمايدۇ. بولمىسا تەشۋىقات رولىنى ئۆتەيدىغان دورامچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللاردىنمۇ خالى بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كۆپلىگگەن ئوقۇرمەننىڭ ئىستىتىك سەۋىيەسى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىدىن خېلى تۆۋەن تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقانداق ئادەم بىرەر ئىش قىلغاندا چوقۇم نەتىجىلىك ۋە نەتىجىسىز بولسۇن ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا باھا بىرىپ ماڭىدىغان بولىدۇ.
  مۇشۇنداق ئۇسۇل ئەدەبىياتتا ھەم دىققەتنى قوزغايدۇ ھەم ئويلىنىش پەيدا قىلماي قالمايدۇ. يەنە ئەدەبىياتتا بەزىدە رىئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ، بەزىدە رىئاللىقنى  بىر تەرەپتىن باھالاپ ئەكس ئەتتۈرمىسە بولمايدۇ. ئادەم مۇھەببەت، پۇل، سەنئەتتىن ئايرىلىپ قالسا يەنى بۇ ئۈچى تەڭپۇڭ بولمىسا ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىدىن رازى بولمايدۇ.
  «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» پوۋىستىدىكى ساتتارنىڭ مۇھەببەتكە مۇئامىلە قىلىشى، قىزلارنىڭ مەنپەئەت ئالدىدا مۇھەببەتنى ئويۇنچۇق قىلىشى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىۋاستە ئىقتىسادى بېسىمغا دۈچ كېلەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ سەنئەتتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ھەر خىل سەنئەتلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقى-ئۇچرىشالماسلىقى، ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيەت پىسخىكىسى بىلەن نشەھەر ئېچىتىۋېتىلگەن مەدەنىيەت پىسخىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك بىرلەشمە. سىتودىنتلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلماسلىقى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەلەيسىزلىك بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ بوشلىقىنىڭ بىر-بىرسىنى شەرت-نىشان قىلىپ سەلبى ماسلىشىشى، ئاقىۋەتتە ياشلارنىڭ روھى قۇرۇلمىسىدا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆزىنى تاشلىۋېتىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
  ئومۇمى سەنئەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ۈورۇرلق بولالماسلىقىنى، پۇل خەجلەشتە ئاتا-ئانىلىرىغا نىسبەتەن غورۇرسىزلىق بىلەن بەتخەجلىكنى، بۈگۈننى تولۇق كۆرەلمىگەچكە ئىستىقبال-تەغدىرىنى ئويلىيالماسلىقنى ئۆگەتكەن. بۇ ئالى مەكتەپ مائارىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئاقىبىتى. قىسىقىسى، سىتودىنتلارنىڭ بىچارىلىقىدىكى  سەۋەبنىڭ سەۋەبى ئالى مەكتەپ ئوقۇتىشىدىن بولىۋاتىدۇ. بۇ جەمىيەتنىڭ ۋىجدانىغا تەگمىسە بولمايدىغان ئەھۋال بولۇپ قالدى.
  ئەسەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش يازغۇچىنىڭ ئەسەرنى قانداق يازغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئەسەردە نېمىنى يازغانلىقى توغرىسىدا بولۇش كېرەك. قانداق يېزىش ئىجتىمائىي رىئاللىق ئەمەس، نېمىنى يېزىش ئىجتىمائىي رىئاللىق بولىدۇ. مەن بۇ يېزىلمىنى دەل مۇشۇ چۈشەنچەم بويىچە يازدىم. شۇڭا يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە ئەمەس، ئىجتىمائىي رىئاللىققا ئىنكاس بىلدۈردىم، بۇ مېنىڭ يازغۇچىنىڭ ئويلىغىنىنى چۈشەنگەنلىكىم. يازغۇچى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەقىقەتەن ساداسىنى ياڭراتقانلىقىم بولىدۇ. بىز ھەقىقەتنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتكە يۈرۈش قىلدۇق. ھەقىقەتكە ئارىلىشىپ قالغان كېسەلنى داۋالاشنى نىشان قىلدۇق. بۇ مائارىپ تەتقىقاتى ئەمەس، بولمىسا ئالى مەكتەپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىم. مۇشۇ گېپىمدىن ئالى مەكتەپنىڭ بولمايۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
   ئالى مەكتەپ قوينى رىۋايەت ئەمەس. ئۇ بىر ئەمەلىي رىئاللىق. ئەسلىدىمۇ رىئاللىق رىۋايەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۇ رىۋايەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۆزىگە ئوخشىيالمىغان رىئاللىق رىۋايەتكىمۇ ئوخشىيالمايدۇ. رىۋايەتتىن رىئاللىققا قاراش رىئاللىقنىڭ ئازابى، خورلىشى ئەمەسمۇ-ھە! مەسخىرە قىلىنغان رىئاللىق كىمنىڭ رىئاللىقى ھە؟! ئىچ ئاغرىتىلغان رىئاللىق ھەر كىمنىڭ مۇھەببىتىنى قوزغايدىغۇ. بىز ئۆزىمىزنى سۆيۈمىز، رىئاللىقىمىزغا باھا بىرىمىز. باھا بىرىپ قىممىتىنى چۈشۈرىۋەتسەكمۇ ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق. يۇقىرى باھا قۇيالماسلىقىمىز بىزنىڭ پۇلىمىزنىڭ يوقلىقىدىنمۇ-ھە! نامراتچىلىق قىممەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، قىممىتى يوق بولۇش كىمنىڭ ئارزۇسى! ئەسلىدە ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى ئوخشاش ئىدىغۇ، نېمىشقا پەرق كىلىپ چىقتى؟
  بۇ رىئاللىقىقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ تەغدىرى. رىۋايەت ئارقىلىق كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ھەممىنى رىۋايەتتىن (سىرلىق دۇنيادىن) كۆرىدىغان ئادەملەر رىئاللىققا بېقىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە رىئاللىق ئادەملەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. رىئاللىق ئادەمنى باشقۇرمىسا بولاتتى. رىئاللىققا ئەگىشىدىغان ئادەملەر ھاياتقىمۇ ئەگىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ خاس خارەكتېرى يوقالغان بولىدۇ. خاس خارەكتېرىنى يوقۇتۇش ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىۋايەت رىئاللىقتىن ئۈستۈن بولۇپ قالىدۇ. رىۋايەتتىن رىئاللىققا قاراش كىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى، رىۋايەت خىيالى بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلغان ئىدى. لېكىن رىۋايەت دېگەن رىئاللىق ئەمەستە. شۇڭا رىئاللىق رىۋايەتتەك بولالىغان بولسا.
  سەۋەبسىز نەتىجە بولمايدۇ. ئالى مەكتەپ بىر قۇرۇلما. جەمىيەت بىر باغلىنىشلىق دۇنيا. ئەدەبىيات جەمىيەتنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلىدۇ. «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» رىۋايەتكە ئوخشىۋالغان ئالى مەكتەپنى ئوپىراتسىيە قىلىدۇ. كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تاپىدۇ. كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. كېسەل بولماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» ئالى مەكتەپنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەقىللىق، زىرەك بولمىغان ئادەملەرنىڭ كىرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەسلىنى ئۇنتۇمىغان ئادەملەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ. ئالى مەكتەپنىڭ پەن-مەدەنىيەتنىڭ دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بىلىمنىڭ، ئىقتىدارنىڭ بايلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. شۇڭا، ئالى مەكتەپنىڭ ھەقىقىي بايلىق ئۆڭكۈرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۈمىد قىلىشمۇ ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
   يازغۇچى «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» دەپ ھەم بايلىق ئۆڭكۈرىگە كىردى ھەم بايلىق ئۆڭكۈرىدىن چىقتى. ئۇ بايلىقنى كۆرەلمىگەن رىئاللىقنىڭ چۈش بولۇپ قېلىشىنى تىلىدى. ئەپسۇس، چۈشمۇ رىئاللىققا ئوخشاپ قالدى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ قېنى گۈزەل دۇنيا! ئالى مەكتەپ گۈزەل بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىلىم-پەندىن پەخىرلىنىشى، سۆيگۈ-مۇھەببەتتتىن مەستخۇش بولۇشى، روھى ئەركىنلىكنىڭ بايراقدارىغا ئايلانغۇچىلار بولۇشى، ئۆزلىرىگە قۇل بولماي ئۆزلىرىنىڭ ئىجاتچىلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. سىتودىنتلار ھەممە مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيدىغان، ھەممىنى مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. سىتودىنتلار ئازابلانغۇچىلار، ھاراق ئارقىلىق ئۆزلىرىدىن قاچقۇچىلار ئەمەس ئىدى. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەگەك مېڭە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ئەركىنلىكىنى ئىپادىلىگۈچىلەر ئىدى. ئۇلار بوشلۇققا چىقىپ كەتكۈچىلەر بولسا بولاتتى. ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرماسلىقى كېرەك ئىدى.
  بۇلالمىغان ئادەملەر ئۆزلىرىنى بولدۇرالمىغان ئادەملەرنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرايدۇ. گۈزەللىك ئۆزلىرىنى خورلايدىغان ئادەملەردىن يىراقلاپ كېتىدۇ. گۈزەللىككە مۇھەببەت باغلىغۇچىلار گۈزەلسىزلىككە قارشى تۇرىدۇ. يازغۇچى سەنئەت ئارقىلىق رىئاللىقنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار گۈزەللىكنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ. ھەقىقەتەن گۈزەللىك بولىدۇ. گۈزەللىك ھەقىقەتكە ئوخشايدۇ. ئەدەبىيات مۇشۇ ئىككىسى ئارقىلىق ئىستېتىك زوق بىرىدۇ. ھەقىقەت بولمىسا، گۈزەللىك بولمىسا يازغۇچى شۇنى مەقسەت قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ مەقسىدى ھەقىقەتنى كۆرىدۇ، گۈزەلىكنى يارىتىدۇ. ھېچقانداق ئادەم ھەقىقەت بىلەن گۈزەللىكنى ئۆچ كۆرمەيدۇ. ئادەملەر بۇ ئىككىسىگە ئېرىشەلمىسىمۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېھرى كۈچىگە مەپتۇن بولىدۇ. ئەدەبىيات ھەقىقەت ۋە گۈزەللىك  بىلەن قىممەت يارىتىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى ئادەملەرنىڭ قىممەتسىزلىكىگە مۇھەببەت باغلاش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ.
  ئەدەبىيات ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتىدىن باشلانغان. شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە مۇھەببەت دەۋەت قىلىدۇ. مۇھەببەت ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى يارىتىدۇ. مۇھەببەتتىن ئايرىلغان ئەدەبىيات بولمىسا كېرەك. ئىنسان مۇھەببەت ئارقىلىق ئاڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەدەبىيات ئادەملەرگە مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەببەتسىزلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەدەبىيات ئىنسانلارغا ئۆز ھاياتىنى تاللىشىنى ئۆگىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى تاللىۋېلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
  ئەدەبىيات ئىنساننى سۆيىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى سۆيىدىغان ئادەمنىڭ ئىجادىيىتى. ئەدەبىيات ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئۆزىنى سۆيگەن ئادەم ئۆزىنى ئازابلىمايدۇ، ئۇ روھى كامالەتكە يەتكەن ئادەم. يازغۇچى ئادەملەرنىڭ مۇھەببەتسىزلىكىگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ئۇ ھەممە ئادەمنى سۆيىدۇ. ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ مەڭگۇلۇق خوشاللىقتا ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يازغۇچى ئۆزىدىن ئازابلانمايدۇ، بەلكى باشقىلاردىن ئازابلىنىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى يېرىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا ھەقىقەت، گۈزەللىك، مۇھەببەت تۇلۇپ ياشقان بولىدۇ.
  «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ» ئاياقلاشماس مۇلاھىزە. بۇ سۆزلەر بىرىكمىسىدىكى ھۆكۈم.
  ئۆمەر ئابدۇللا «سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ»نى يەنە يازالايدۇ. چۈنكى، روھىمىزدا ئېچىلمىغان ھەم كۆمۈلىۋاتقان بايلىق ھەددى-ھېسابسىزدۇر. مۇھەررىرلەر دەل مۇشۇنى كۈتىدۇ. ئادەملەرمۇ ئۆز مۇھەررىرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
(بۇ پوۋىست «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 2 -سانىغا بېسىلغان)
  ( بۇ ئوبزور «تۇرپان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 16:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7709
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 473
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 19:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز كەم 20يىل ئىلگىرى يېزىلغان ئەسەرلەركەنغۇ بۇ؟.بۇ ئەسەردىنمۇ تۇرپان ژورنىلىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋالغىلى بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8551
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 112
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 03:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍وبزورچىلىق پەسكويغا چۈشۈپ قېلىۋاتقاندا ئ‍ەجەپ خۇشياقتى بۇ ئ‍ەسەر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8916
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 283
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 15:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جارۇپ3 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 03:50
ئ‍وبزورچىلىق پەسكويغا چۈشۈپ قېلىۋاتقاندا ئ‍ەجەپ خۇشي ...


قايىللىقىڭىزدىن خوشالمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 16:32  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6651
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 427
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-2 15:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ»  ھەقىقەتەتن ئىسىل ئەسەر ئىدى، ئوبزورمۇ ئوبدان يېزىلىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش