مەن بىلەن ئوبدان پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. لېكىن مەن بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن بەزى قاراشلاردىن ۋاز كېچىشكە، بەزى ئىدىيەلەرنى توغۇرلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىلمىلىك ئۇ بۇ دىگەن رامكىلار ماڭا ماس كەلمەيدۇ، مەن باشتىلا دەپ قويدۇم، تۇنجى ئىنكاسىدا تەكەببۇرلىقتىن نېرى بولغان بولسا بەلكىم مۇنازىرىگە ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشىم، بىلگىنىمنى ئېرىنمەي ماقالىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى، بىراق سەمىمىيەتسىزلىك، تەكەببۇرلۇق چىشىمغا تەگدى.
يېزىقچىلىق ھەر بىر يازغۇچىنىڭ شەخسىي پائالىيىتى، بىراق ئەدەبىيات ھەممىزگە ئورتاق بىر ساھە.
ئوبزورچىنىڭ ئەمەللىي بىلىمى يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئانالىز قىلىشقا چىقىنىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مانا مۇشۇ ماقالىدىكىدەك ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەدەبىيات رىئاللىقىغا ماسلاشمايدىغان تېرمىنلار بىلەن ئوبزۇرلاشقا ئۇرىنىدۇ، بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئاھۋال ھەم ئوبزورچىنىڭ چاكىنىلىكى.
چاكىنا ئادەم شەخسىيەتچى بولىدۇ، ئەسەرنىڭ يېزىلىش مەقسىدى ھامان پۈتۈپ چىققاندىكى قىممىتىگە بويلاشماي قالىدۇ. ماقالىدىكى قاراشلار بۇيۇنچە بولغاندا ئەسەر چولتا ئوبزورچىنىڭ كاساپىتىدىن قارلىنىدۇ دىگەن گەپ.
سىزمۇ يېزىپ تۇرىۋاتقان ئادەم، بەلكىم گاراڭ بولمىسىڭىزلا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان، ھازىر چۈشەنمەيۋاتقىنىم سىز ماقالىنى ئوقىمىدىڭىزمۇ ياكى قارسىغىلا قارشى پىكىردىكىلەرگە بىسىم قېلىپ نائىنىق بىر نىشاننى ياقىلىماقچىمۇ؟ ۋە ياكى ماۋۇ مەقسەت فامىلىلىك ئەدەبىيات سېپىدىن شاللىنىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىچارە ئوبزورچى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تۇققىنىڭىزمۇ؟