بارچە شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى نەسىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن شېئىر پەقەت ئۆزىنىڭ شەكلى ئىچىدىلا شېئىر بولالايدۇ. ئۇنى نەسىرلەشتۈرۈش ھەم كۈلكىلىك ھەم ناھايىتى ئارتۇقچە ئىش بولسا كېرەك. شېئىرنى ئۆزىنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە قويۇپ مۇھاكىمە قىلايلى، ئۇنى نەسىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلساق ئۇ ھەرگىزمۇ شېئىر بولماي قالىدۇ، نەسىر ياكى ھېكايىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. قايسى شېئرنى ۋە كىملەرنىڭ شېئىرىنى سۆيۈش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، تېگىگە يېتىپ چۈشىنەلمەسلىك ياكى تېگىگە يېتىپ تەتقىق قىلىشنى خالىماسلىق شائىر تۇغدۇرغان سەۋەنلىك ئەمەس. ئاينىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى، نۇر چاچالايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق نېمە ئۈچۈن نۇر چاچىدىغانلىقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ئۇنىڭ نۇرىدىن ھوزۇرلانغاندىنمۇ بەك خاسىيەتلىك بولىدۇ. ھەممىمىز ئۆزىمىز سۆيىدىغان شېئىردىن ھوزۇرلىنايلى، ئىنسان ئۈچۈن مۇپەسسەللىك ئىزدەيدىغان ئەنئەنىۋى شېئىرلارمۇ، يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرلارمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك. ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز سۆيمەيدىغانلىقىمىز سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىش دىتىنى كەمسىتمەيلى. مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئېيتقانىدىم، شېئىر پەقەت شېئىرلا بولالايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ نەسىر ياكى ھېكايە بولالمايدۇ.
|