بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىسمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 12:44 PM
سالام تاھىركا.
مەن 80-يىللاردا تۇغۇلغان بىر شىئىرىيەت ھەۋەسكارى.كىچىكىمدىن قۇربان بارات،ئوسمانجان ساۋۇت،مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق شائىرلارنىڭ شىئىرلىرىنى ئۇقۇپ مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن.ئۈزۈم يېڭى دەۋىرگە، شىئىردىن زۇق ئېلىش ئىستىتىك ئىددىيەم كونا دەۋىرگە مەنسۇپ ئادەم بولدۇممىكىن دىسەم چىمەنگۇل ئاۋۇت،غۇجىمۇھەممەت،ئادىل تۇنيازلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئۇبدانلا راھەتلىك تۇيغۇلارغا چۈمۈلەلەيمەن.ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقىنىمدا ئەدىبىيات ئۇقۇتقۇچىللىرىمنىڭ خاتىرلىرىدىن قوليازما ھالىتىدىكى شىئىرلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان ئىدىم.لىكىن ‹‹كۈيۈكنىڭ پۇرىقى››دىن شىئرى خۇسۇسىيەتلەرنى تاپالمىدىم.بۇ شىئىرىڭىز ماڭا ئالدىراپ -تىنەپ سېلىنغان ،چاك باسمىغانلىقتىن ھەر قاچان ئۆرۇلۇش خەۋپى بار ،ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدىغان ئىمارەتتەك تۇيغۇ بەردى.(بۇ بەلكىم مىنىڭ شىئىرى دىتىمنىڭ شۇنچىلىك بولغانلىقى سەۋەپتىندۇر)مەنمۇ چاچما شىئىرلارغا قاپىيە،رىتىم ،ۋەزىن ،تۇراقلارنى تەكىلەپ كەتمەيمەن.لىكىن شىئىرنى تىل سەنئىتى دەپ چۇشىنىمەن.شىئىر گۈزەل بۇلىشى،گۈزەل بولمىغاندىمۇ قۇپال بولماسلىقى ئادەمگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلىيالىشى،ياكى ۋۇجۇدىنى سىلكىپ جۇغۇلدىتالىشى كىرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن تۇيغۇنى باشقا شەكىلدە (نەسىرى شەكىلدە)ئىپادىلەش كىرەك.بەلكىم سىزنىڭ ھازىرقى ئىجادىيەت ئۇسلۇبىڭىز دۇنياۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شىئىرىيەت ئۇسلۇبى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن چۈشەنمىگەن بۇلۇشۇم مۇمكىن.لىكىن مەن بۇ تىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ماختىغۇچە ماڭا بەرگەن ھىس -تۇيغۇنى توغرىدىن-توغرا ئىپادىلەپ ھېلىقى ئىنكاسنى يازدىم.
لىكىن مەن جۇلانىڭ ئۈستۇن ئۇقۇرمەن ئاستىن ئۇقۇرمەن دىگەندەك شىئىرىيەت ئەھلىنى يۇقىرى تۈۋەن تەبىقىگە ئايرىيدىغان كىبىر -تەمەننا پۇراپ تۇرىدىغان ئىنكاسلىرىغا ئەزەلدىن قايىل ئەمەس.مەن بۇ تىمىدىكى ئىنكاسلىرىمنى تەھرىرلىۋېتىپ بۇ تىمىدىن چىقىپ كىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم،لىكىن سۇئالىڭىزنى جاۋاپسىز قالدۇرۇش(سىزگە نىسبەتەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بولمىسىمۇ)ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپ بۇ ئىنكاسنى يازدىم.سالامەت بۇلۇڭ.