كۆرۈش: 1892|ئىنكاس: 33

تاھىر ھامۇت: كۆيۈكنىڭ پۇرىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-22 15:10:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 12:32 AM  

كۆيۈكنىڭ پۇرىقى

تاھىر ھامۇت

نۇرغۇن يىللار بۇرۇن
كىشىلەرنىڭ چۈشى بىلەن ئالاقىسىز بىر كېچىدە
مىۋىلىك دەرىخلىرى يوق كەنتنىڭ سىرتىدىكى
يانتاق چىچەكلىرى يوشۇرۇن ئېچىلىدىغان قۇملۇقتا
بىر قوتانغا ئوت كەتكەن
ناھايىتى كۆپ ئۆچكە تىرىك پېتى كۆيۈپ كەتكەن
ئەنسىز تاڭ سەھەردە
كەنتتىكى بىغەم ئادەملەر قوتانغا جان -جەھلى بىلەن
يۈگرەپ بېرىشىپ
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان
مالچى تۇدەك تاز ئۆزىنى كاچاتلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغان
ئىككىلەنگەن كىشىلەر كۆيۈپ كەتكەن ئۆچكە گۆشىنىڭ
ھالال ياكى ھاراملىقىنى تالاش ـ تارتىش قىلىشقان
ئاچكۆز بالىلار ئۆچكىلەرنىڭ ئېتىلىپ چىققان بۆرەكلىرىنى
تىرىپ يېگەن
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم
ئوڭ قولۇمدا بىر سىقىم قۇم
سول قولۇمدا كۆيگەن بىر بۆرەك

شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى
شۇنچە يىللاردىن بۇيان
دائىم چۈشۈمگە كىرىدۇ
ئاۋۋال
مەن كۆرمىگەن يالقۇن
ئۇنىڭ كەينىدە
ئۆچكىلەرنىڭ مەن ئاڭلىمىغان ئېچىنىشلىق مەرەشلىرى
ئۇنىڭمۇ كەينىدە
ئېتىلىپ كەتكەن قاپقارا بۆرەكلەر
لېكىن ھەممىدىن ئېنىقى ـ پۇراق
كۆيۈكنىڭ پۇرىقى
بۇ پۇراق مېڭەمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورناپ كەتكەن
خۇددى تەقدىرىم پىشانەمگە پۈتىلىپ كەتكەندەك
شۇنچە يىللاردىن بۇيان
ئوڭ قولۇمنى تولا ئاچتىم
ئالقىنىمدىكى قۇملار پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ بولدى
لېكىن ئاشۇ پۇراقنى تەسۋىرلەپ بولالـمىدىم
كىشىلەرگە ئۇ پۇراقنى بىر پۇراتسام دېدىم
شۇنداق قىلالىسام
شۇ پۇراقنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم
شۇنداق قىلالىسام
ئاشۇ چۈشنى قايتا كۆرمەيتىم

ئاشۇ ئوتنى قويغان ئادەم
ئالتە ياشلىق مەن ياخشى كۆرىدىغان
يەتتە ياشلىق قىزنىڭ دادىسى ئىدى
بۇ ئىشنى تا ھازىرغىچە
شۇ قىز بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا
ھېچكىم بىلـمەيدۇ
خۇددى يانتاق چېچىكىنىڭ ئېچىلغىنىنى
ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغاندەك

2016 ـ يىلى 29 ـ يانۋار، ئۈرۈمچى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +200 يىغىش سەۋەبى
گۇلنىسا ئىمىن + 200

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 16:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركا، رەھمەت...

ۋاقتى: 2016-2-22 16:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر شېئىرىڭدا شېئىردىن باشقا يەنە بىر ئېسىل روماننىڭ جەۋھىرىگە تەڭ ھېكايە سۆزلەۋاتىسەن. ھەقىقىي ئۇيغۇر شېئىرى قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-22 16:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل

ۋاقتى: 2016-2-22 17:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر ھامۇت تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى  سەنئەتلىك سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ...

ۋاقتى: 2016-2-22 17:56:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 04:34 PM
ھەر بىر شېئىرىڭدا شېئىردىن باشقا يەنە بىر ئېسىل رومانن ...

ئۇيغۇر شېئىرىمۇ ئۇيغۇر شائىرىمۇ ئەنۋەر؟
ھاياجانلانما!

ۋاقتى: 2016-2-22 18:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىسمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 06:10 PM  

نۇرغۇن يىللار بۇرۇن كىشىلەرنىڭ چۈشى بىلەن ئالاقىسىز بىر كېچىدەمىۋىلىك دەرىخلىرى يوق كەنتنىڭ سىرتىدىكى يانتاق چىچەكلىرى يوشۇرۇن ئېچىلىدىغان قۇملۇقتابىر قوتانغا ئوت كەتكەن.
ناھايىتى كۆپ ئۆچكە تىرىك پېتى كۆيۈپ كەتكەن .ئەنسىز تاڭ سەھەردەكەنتتىكى بىغەم ئادەملەر قوتانغا جان -جەھلى بىلەن يۈگرەپ بېرىشىپ
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان. مالچى تۇدەك تاز ئۆزىنى كاچاتلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغان.ئىككىلەنگەن كىشىلەر كۆيۈپ كەتكەن ئۆچكە گۆشىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى تالاش ـ تارتىش قىلىشقان .ئاچكۆز بالىلار ئۆچكىلەرنىڭ ئېتىلىپ چىققان بۆرەكلىرىنى تىرىپ يېگەن.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم ئوڭ قولۇمدا بىر سىقىم قۇم، سول قولۇمدا كۆيگەن بىر بۆرەك.


مەمتىمىن ھۇشۇر نىڭ <<قۇم باسقان شەھەر>>رۇمانىدىن بىر ئابزاس ئۇقۇغاندەك بولدۇم.

ۋاقتى: 2016-2-22 18:06:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurexit eli يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 05:56 PM
ئۇيغۇر شېئىرىمۇ ئۇيغۇر شائىرىمۇ ئەنۋەر؟
ھاياجانلانم ...

مەن ھاياجانلانغان چاغدا ۋارقىرىيالىغىنىم ئۈچۈن مەنمەن، ئابدۇرەشىد. ھاياجانلانغىلى قوي!

ۋاقتى: 2016-2-22 18:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، تاھىر ھامۇت شېئىرلىرىنىڭ تىلى نازاكەتلىك، خۇشپۇراق تىل ئەمەس. ئاشۇنداق ئېنتېر كونۇپكىسىنى ياندۇرسا بىر روماننىڭ بىر ئابزاسىدەك يىرىك جۈملە بولۇپ چىقىدۇ.
ئەمما روماننىڭ بىر ئابزاسى ياكى پۈتۈن بىر رومانغا ئوخشىمايدىغان بىر يەر بار تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىدا. ئۇنى پەقەت ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەرلا سېزەلەيدۇ.
مېنى ھاياجانلىنىپ كەتتى دېگەن ئابدۇرەشىد ئېلىغا سەل ھەيران قېلىۋاتىمەن، بۈگۈن.

ۋاقتى: 2016-2-22 18:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستۇن ئۇقۇرمەن ؟
نىمىسى ئۈستۇن؟

ۋاقتى: 2016-2-22 18:44:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنچە ماختاپ ئۇچۇرۇش تاھىر ھامۇتقا زىيان قىلسا قىلىدىكىن ھەرگىز پايدا قىلمايدۇ ئەنۋەر!...

ۋاقتى: 2016-2-22 18:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 06:32 PM
ئۈستۇن ئۇقۇرمەن ؟
نىمىسى ئۈستۇن؟

ئۇكام، ئالدىڭىزدا بىر پىيالە ئىسسىق چاي بولسا مېنى تەڭلەپتۇ، دەپ گۈپپىدە بىر ئىچىۋېتىڭا! ئاۋۇ ئىنكاسىم نازارەتنى قوبۇل قىلىدىغان ئىنكاس ئەمەس بولۇپ، ئارتقا بۇرۇل! يولۇڭغا ماڭ! دەيدىغان ئىنكاس.

ۋاقتى: 2016-2-22 18:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 06:47 PM
ئۇكام، ئالدىڭىزدا بىر پىيالە ئىسسىق چاي بولسا مېنى تە ...

لىكىن سىز كوماندىر ،مەن ئەسكەر ئەمەس.

ۋاقتى: 2016-2-22 18:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 06:44 PM
بۇنچە ماختاپ ئۇچۇرۇش تاھىر ھامۇتقا زىيان قىلسا قىلىدى ...

ئەدھەم، مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىدە كىشىلەر ئانچىكىم بىر نېمىلىرىنى ماختىشىپ ئوينايدىكەن، دەپ، ئىلگىرى تەنقىد ۋەزىپىسىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋالغاندەك نۇرغۇنىڭلارغا ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلغانىدىم.
ئەمدى تاھىر ھامۇت كىرىپتۇ، مەن تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭدا ئۆزۈمنىڭ تولۇق دەڭسەش ئاساسىم بار. يەنە كېلىپ، تاھىر ھامۇت ماختىغانغا ئۇچۇپ كېتىدىغان، تىللىغانغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس. نېمىگە شۇنداق بىئارام بولۇپ كەتتىڭىزكىن، بىلمىدىم.

ۋاقتى: 2016-2-22 19:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن،شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇدۇم.سىز پىكىر قىلسىڭىز تەھلىل يۈرگۈزگەن ئاساستا پىكىر قىلغان بولسىڭىز،بۇنداق تومتاخلا ماختاپ كەتسىڭىز بىز قايمۇقۇپ قالىدىكەنمىز!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش