كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 5

ھەزرەتئەلى : مىكرو ئوبزور(25) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 15:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايانداز


مەھمۇت ھېيىت مەھدى


گۈل يۈزىگە تىترەپ سىڭەر ئاي نۇرى،
چىچەكلەردە باردۇر سۈزۈك نىدالار .
شوخ تاڭلارنى يۇيۇندۇرۇپ كۆك بۇلاق،
شىلدىرليدۇ قۇش ئۈنىدە جىرالار .


قۇشقاچ ئۇچسا بۇزۇلمايدۇ باغ چۈشى،
شورىلاردىن كىرەر ھەسرەت،مۇھەببەت.
چىكەتكىلەر چىرىلداشقان ئېرىقتىن،
سەكرەپ ئۆتۈپ داۋاملىشار رىۋايەت.


تاشتا ئىزى ئەنە ئويناق ئېقىننىڭ ،
جىمجىتلىقتا تۇيغۇ سىڭەر يۈرەككە .
تال چىۋىقنى ئەگسەم بويۇڭ كۆرۈنەر،
قۇشلار يەتسۇن جېنىم ئاۋال تىلەككە.


"پايانداز" ناملىق شېئىر ئۈستىدە قسقىچە تەھلىل


      شېئىر ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئارىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەت-تۇيغۇدىن ئىبارەت پىسخىك ھەرىكەتنىڭ تىل ۋە ماھارەت ئارقىلىق ئالاھىدە شەكىلگە كىرگەن ھالىتى، شېئىردا تۇيغۇ بىلەن تىلنىڭ ئارىلىقى ئىمكانقەدەر يېقىنلاشتۇرۇلۇپ،تۇيغۇنىڭ ئۆتۈنچىلىكى ،ھېسسى ھەرىكەتنىڭ كۆپ خىللىقىدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە "پايانداز" ھاسىل قىلىنغان.شۇڭا شېئىردىكى ئالاھىدىلىك تۇيغۇنى خاتىرلەش بىلەن قۇراشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت.  
      1.تۇيغۇنى خاتىرلەش: شېئىر باشتىن -ئاخىر كۈچلۈك تۇيغۇۋىي تۈسكە ئىگە.يەنى ئوبىيكتىپ شەيئى ۋە ھادىسە بىلىش ،چۈشىنىش شەكلىدىكى ئەقلى رەۋىشتە ئەمەس بەلكى تۇنجى سەزگۈ،خىيالى تۇيغۇ شەكلىدىكى سىرلىق ،ھېسسى ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ.  مەسىلەن:
گۈل يۈزىگە تىترەپ سىڭەر ئاي نۇرى،
چىچەكلەردە باردۇر سۈزۈك نىدالار.
شوخ تاڭلارنى يۇيۇندۇرۇپ كۆك بۇلاق،
شىلدىرلديدۇ  قۇش ئۈنىدە جىرالار.
قارايدىغان بولساق ئاي نۇرىنىڭ گۈل يۈزىگە تىترەپ سىڭىشى ،چىچەكلەردىكى سۈزۈك نىدا ،بۇلاقنىڭ تاڭلارنى يۇيۇندۇرىشى ، جرالارنىڭ قۇش ئۈنىدا شىلدىرلىشى تامامەن شائىرنىڭ تۇيغۇسىدۇر،گەرچە مىسرالاردىكى بارىلىق سۆزلەرنىڭ سىمانتىكىلىق مەنىسى روشەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ شېئىر مىسرالىرىدىكى تۇيغۇۋى ھالىتى سىرلىقلىق بېغىشلايدۇ .بۇ سىرلىقلىق دەل ئىنسان تەپەككۇر باسقۇچىنىڭ مەلۇم بۆلىكى جۈملىدىن شەيئى ،ھادىسە ھەققىدىكى دەسلەپكى تۇيغۇنى تىلغا خاتىرلەشتىن كەلگەندۇر. مانا بۇ ئەڭ ساپ ھالەتتىكى ئىچكى دۇنيا بولۇپ ،ئەقىل ئارىلاشمىغان، ساپ سەنئەتچىلەر قوغلىشىدىغان ،ئىپادىلەش ئوبىيكتى قىلغان مەركىزى بازىدۇر. شائىر ئەنە شۇ خىل تەبىئەت قوينىدىكى ساپ تۇيغۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ھەم ھېچقانداق دىن، سىياسى ، پەلسەپىۋىي مەيداننى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ.
      تۇيغۇ قىسقا ۋاقىتلىق بولىدۇ ، چوڭقۇرلاشقان ھامان بىلىش ،چۇشىنىش قاتارلىق ئەقلى دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.شۇڭا شېئىردا تۇيغۇنىڭ قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىك شېئىرنىڭ قۇرۇلما-شەكلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ بولسىمۇ قوراشتۇرمىچىلىق ھۈنىرىدۇر.
2.قوراشتۇرمىچىلىق : شېئىر تۇيغۇنىڭ خاتىرىسى . ھەر بىر شەيئى ۋە ھادىسە ھەقىدىكى تۇيغۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدۇ.شېئىردا مانا مۇشۇ خىل خىل ئالاھىدىىك شەكرەتمىلىك بىلەن ئىپادىلەنگەن.شېئىرنىڭ سەنئەت ئەسىرى ،ئۇنىڭغا تەجرىبە ،ھۈنەر كېتىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدا بۇ خىل ھۈنەر دەل قوراشتۇرمىچىلىق ھۈنىرىدۇر. بۇ خۇددى ناھايتى كۆركەم بىر پىكاپنىڭ زاپچاسلىرىنى جايى-جايىدا قوراشتۇرۇش ئارقىلىق ،ئەسلىدىكى پارچە-پۇرات  دىتاللاردىن ئىسىل ،كۆركەم بىر ماشىنىنى پەيدا قىلغانغا ياكى ھەر خىل ئۇششاق لاتا-پۇرۇچلاردىن پايدىلىنىپ چىرايلىق بىر پۇرۇچ قونچاق ياساپ چىققانغا ئوخشايدۇ.بۇ خىل ئالاىدىلىك مەزكۇر شېئىردىكى ئالاھىدىلىك بولۇپلا قالماستىن مەھمۇد شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىدۇر.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ مەھمۇد شېئىرلىرىنىڭ خاسلىقى ،ئۇسلۇبىدۇر.
شېئىرغا قارايدىغان بولساق شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا دېگۈدەك يۆتكىلىش بار ،1-، 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-8-، 9-، 10-، 11-، 12-، مىسرانىڭ ھەر قايسىسى يەككە-يەككە ھادىسىدۇر . ئۇلار ئوتتۇرسىدا بىۋاستە سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق.شائىر مانا مۇشۇنداق پارچە-پارچە ھادىسىلەر ھەققىدىكى تۇيغۇلارنى بىر يەرگە ئېپ كېلىپ ،قوراشتۇرۇپ گۈزەل ،كۆركەم بىر پارچە شېئىرىي"پايانداز" ھاسىل قىلغان .
شېئىرنىڭ ئاخىرىقى ئىككى مىسراسىدا ئالاھىدە بىر ئەھۋال بار .بۇ ئەھۋال شېئىردىكى ئارتۇقچىلىق بولىشىمۇ ،كەمچىلىك بولىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغان ھۆكۈم. بۇ ئالاھىدە ئەھۋال مۇنداق:باشتىن-ئاخىر تەبئىەتتەسۋىرى،ئىندۇۋدۇئالسىز ھالەتتە كېلىۋاتقان شېئىرىي تەرەققىيات ئاىىرىقى ئىككى مىسراغا كېلىپ شەخسى ھېسياتقا كۆچۈپ ، ئىندۇۋداللاشقان ھالەتكە كىرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ شېئىرىي تەجرىبىسىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىنى ،سەل خاملىقىنى كۆرسەتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ قەستەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ،ئاخىرىقى مىسرا ئارقىلىق ئۆز ئارزۇسىنى ئاشكارلىشى ، ئۆزى ۋە يارىنى ئاشۇ گۈزەك ،كۆركەم "'پايانداز" ئىچىگە قويۇپ رومانتىك ،گۈزەل ياشاش خاھىشىنى ئىپادىلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن شائىر ئۆز تۇيغۇسىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا گۈزەل بىر مەنىۋىي دۇنيا ، شېئىرىي پايانداز ھاسىل قىلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 15:22  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  913
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 950
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 16:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھدىي شېئىرلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن ئەتراپلىق تەپسىلى  تىرەن پىكىرلىرىڭدىن سۆيۈندۈم ھەرزەت ئەلى . ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارغاندۇ ؟ داۋاملىق تىرىشىپ ئۇيغۇر پىروزا ۋە پوئىزىيە تەنقىدچىلىكىدە ئۆزگىچە دادىل قەدەم ئېلىشىڭغا تىلەكداشمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 65
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 18:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇت ھىيىت مەھدى ئاكىنىڭ بۇ شىئېرى يادلىۋىلىشقا لايىق  ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېر ئىكەن، ھەزرەتئەلمۇ ئوبزورىدا بۇ شىئېر ئۈستىدە ناھايتى ياخشى تەھلىل يۈرگۈزۈپتۇ. قەلىمىڭلار ھارمىغاي، سىلەرگە سالامەتلىك يار بولغاي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 359
تۆھپە : 1
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 03:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدا يەنىلە پەرىق بار -ھە !!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  663
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 281
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 03:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەھدىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۇيغۇلىرىغا تولىمۇ قىززىقىپ، ھىسسى ئالىمىدىكى سۆز-ئىبارىلىرىدىن قەلبى ئاتەشتەك جۇلالىق بىر يىگىتنىڭ كۆلەڭگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھەم، چوڭقۇرلۇقتىكى تەپەككۈرلىرىمدىن بۇ يىگىتنىڭ كۈنلىرىگە خۇشاللىق ھەم خاتىرجەملىك تىلىدىم .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  663
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 281
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 03:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتنىڭ تېما ئۈستىدىكى تەھلىلىگە قاراپ ،ئۇشۇ تۇيغۇلارنى بىردىن-بىر تەھلىلىدىن بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ تۇيغۇلىرىدىكى لېرىك ھىسىياتنىڭ نەقەدەر  چوڭقۇرلۇقىغا قەلبىمدىن قايىل بولدۇم. ئاددى بىر ئوقۇرمەن سۈپۈتۈم بىلەن بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلەملىرىگە بەرىكەن،تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش