يازغۇچىلار تورى

ئابدۇرېھىم زۇنۇن : ھازىر بولۇپ كەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-25 10:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام قىزى بولغان بولسا ھەمراھ گەر،
قىلىپ قويۇپ بىرەر ۋەقە سادىر، كەل .



ئىككىنچى مىسرادا شىئېرىي پۇراق ئاجىزاراق ھېس قىلدىم .نازاكەتلىك ئىبارىلەر بىلەن گىرىم قىلسا بولامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم .
يەنىمۇ زور ئىلھام تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 17:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   


                        پەقەتلا تۆت كۈنلۈك تاج بىلەن شۆھرەت،
                        مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر ھېچكىمگە دۆلەت .
                        قوشكېزەك خۇشاللىق بىلەن قايغۇ-دەرد،
                        باقىيدۇر ئەبەدىي سۆيگۈ- مۇھەببەت .




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 12:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 10:34 AM
ئىلھام قىزى بولغان بولسا ھەمراھ گەر،
قىلىپ قويۇپ بىرەر ...





        شۇنداق، قاپىيە قىستاپ چەكلەپ قويدى، غەزەلدە جاپىيە مۇھىم بولغاچقا، ئامالسىز قېلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 20:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           ماڭمايدۇ ئەزەلدىن-ئەبەد تۈز يىلان،
           بولغاچ ئۇ مەخلۇقنىڭ نىيىتى يامان .
           بەلگىسى ئوخشايدۇ ئەگرىلىك ئۇنىڭ،
           ئۆزگەرمەس شۇ ھالەت ئۆلسىمۇ ھامان .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 13:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




           تەر بىلەن كۆكلەيدۇ ھايات دەرىخىڭ،
ئەجىردىن ئۆسىدۇ ناۋايىڭ-نەرخىڭ.
ياتساڭ گەر «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ،
بولمايدۇ تۆت ئاياغ مەخلۇقتىن پەرقىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 13:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت0991 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 03:47 AM
ئۇزۇن بوپتىكەن تورغا چىقىپ باقمىغىلى، تۇنجى قېتىمدا ئ ...




        تىلەكلىرىڭىز ئىجابەت بولغاي. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 12:00:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




دوست تاپماق تەس، ئەمما ئايرىلىش ئاسان،
ئايرىلماي دېسەڭ، گەر دوستقا ماس «ياسان!»
چىن دوست شۇ رىزقىڭغا چاڭ سالمىسا كىم،
قىل سەنمۇ كۆڭلۈڭنى ئەينەكتەك ئايان .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 12:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈسەيىن ئەسئەت يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 02:01 PM
مۇشۇنداق ياخشى غەزەللەر ئۈزۈلمىگەي!






       مۇشۇنداق غەزەللەرنى يېزىپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمما ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا يوللاپ بولالمايۋاتىمەن. رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش