يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1342|ئىنكاس: 39

ئابدۇرېھىم زۇنۇن : ھازىر بولۇپ كەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 17:01  


ئابدۇرېھىم زۇنۇن

ھازىر بولۇپ كەل


بۇلبۇل تىللىق شېرىن سۇخەن شائىر كەل،
كاككۇك مىسال كۈلۈپ، سۆزگە ماھىر كەل.

مۇڭدىشايلى، شاد ئەنجۈمەن قۇرايلى ،
سايراپ، ئەلنى تاڭ قالدۇرۇپ، زاھىر كەل .

«شېئىر» ئاتلىق پەرى-پەيكەر زۆھرەگە
چىن يۈرەكتىن ئاشىق بولغان تاھىر كەل .

مەنزىلگە كۆز تىكىپ، بولدۇق بىتاقەت،
تېز چاپ قەلەم تۇلپارىنى، نادىر كەل .

ئىلھام قىزى بولغان بولسا ھەمراھ گەر،
قىلىپ قويۇپ بىرەر ۋەقە سادىر، كەل .

سالالايسەن سۆزلەپ جىننى ئۇسسۇلغا،
ناتىق ئۆزۈڭ، ماھارەتكە قادىر، كەل .

ئابدۇرېھىم كۈتەر سەندىن زور ئۈمىد،
بەلنى باغلا، ئات سال، بولۇپ ھازىر كەل.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 20:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-6 22:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ جاۋاپ يازغۇم كەلدى !!!!!!!

ۋاقتى: 2016-2-7 00:00:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەھىرە ئالدىم .

ۋاقتى: 2016-2-7 10:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن غەزەلنىڭ مۇشۇ شەكلىنى بەك ياقتۇرىمەن....بەك  كۆپ  بوغۇملۇق غەزەللەرگە نەپسىم يېتىشمەيدىكەن ...ئۆزۈم كالتە بولغاچقىمىكىن...مىسرالاردا جۇلالاپ تۇرغان خىياللىرىڭلارنىڭ تېزراق رىياللىققا ئايلىنىشىغا تېلەكداشمەن...

ۋاقتى: 2016-2-7 11:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بولۇپ كەل دىگەن ئىكەنسىز،
زەينەپتەك  ئۈچۈپ ھازىر بارىمەن.
چۈنكى سىز كاككۇك مىنىڭ ئاشىقىم.
سىزگە باغلانغان يۈرەك پارىمەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-7 22:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بىل، قىلدىم تالايلاپ ئەسەرلەر ئىجاد،
تەپەككۇر شۇڭقارىم قاققاچقا قانات .
ئەلگە نۇر چاچقان يوق قەلب قۇياشىم،
خىجىل مەن شۇ سەۋەب ئەبەدىلئەبەد...

         

ۋاقتى: 2016-2-8 15:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  بۇ غەزىلىڭىز بەك چىرايلىق چىقىپۇ. مەسىلەن،

بۇلبۇل تىللىق شېرىن سۇخەن شائىر كەل،
كاككۇك مىسال كۈلۈپ، سۆزگە ماھىر كەل.


   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-9 23:09:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 20:41
تاتلىق ھەم چىرايلىق قۇرلارنى پۈتكەن قوللارغا دەرد كەل ...





        تىلىكىڭىز ئىجابەت بولسۇن، ئۇكام !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-9 23:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 20:41
تاتلىق ھەم چىرايلىق قۇرلارنى پۈتكەن قوللارغا دەرد كەل ...





        تىلىكىڭىز ئىجابەت بولسۇن، ئۇكام !

ۋاقتى: 2016-2-9 23:44:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلبۇل تىللىق شېرىن سۇخەن شائىر كەل،
كاككۇك مىسال كۈلۈپ، سۆزگە ماھىر كەل.

بۇلبۇل تىللىق شېرىن سۇخەن شائىر بولۇپ كەل،
كۈلۈپ مىسال كاككۇك،سۆزگە ماھىر تولۇپ كەل.

  ماۋزۇنى ئوقۇپ مۇشۇ تەرەققىدە يېزىلغان بولسىچۇ دەپ قالدىم ئۇستاز! ئاتكاچىلىق قىلغىنىمغا ھۆزرە.قەلەملىرىگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 12:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 22:20
ئەجەپ جاۋاپ يازغۇم كەلدى !!!!!!!




        جاۋاب يېزىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ. بولسا، شۇنداق قىلسىڭىز. رەھمەت!

باھا سۆز

يازدىم ئەمىسە!!!!  ۋاقتى: 2016-2-12 03:46 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 14:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




            قەلبىمنىڭ ئېتىزى يېرىلدى چاك-چاك،
            قار- يامغۇر بولۇپ ياغ بىغۇبار ۋە پاك .
            مەڭگۈگە مېھماندەك كۈتۈل ئۇندا سەن،
            دىلىمدا  قالمىسۇن بىر ئارمان ــ كاۋاك !


ۋاقتى: 2016-2-12 15:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بولۇپ كەلگە جاۋاپ

ئاشنا بولغاچ شېئىرگە مەن ،
بو نەزمېنى ئوقۈدۇم .
سىزدىن تەلىم ئالاي دەپ ،
تۈلپارىمنى توقۇدۇم .

زۆھرە دېسەك شېئىرنى ،
ئاڭا ئاشىق تاھىر مەن .
چانغان بىلەن غەزەلدە ،
قوشاقلارغا ماھىر مەن .

ئىلھام قىزى ھەر دائىم ،
ھەمرا بولغاچ يېنىمدا .
غەم - غۈسېدىن خالى مەن ،
زاۋاللىق يوق تېڭىمدا .

سۆزدە ناتىق بولساممۇ ،
شېئىردا سىزگە يەتمەيمەن .
شاگىرت بولۇپ ئىخلاسمەن ،
يېنىڭىزدىن كەتمەيمەن .

2016-2-12- ئاقتۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 17:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيان. يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 12:00 AM
يېڭى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەھىرە ئالدىم .




     خۇش بولدۇم. رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش