بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-6 17:01
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
ھازىر بولۇپ كەل
بۇلبۇل تىللىق شېرىن سۇخەن شائىر كەل،
كاككۇك مىسال كۈلۈپ، سۆزگە ماھىر كەل.
مۇڭدىشايلى، شاد ئەنجۈمەن قۇرايلى ،
سايراپ، ئەلنى تاڭ قالدۇرۇپ، زاھىر كەل .
«شېئىر» ئاتلىق پەرى-پەيكەر زۆھرەگە
چىن يۈرەكتىن ئاشىق بولغان تاھىر كەل .
مەنزىلگە كۆز تىكىپ، بولدۇق بىتاقەت،
تېز چاپ قەلەم تۇلپارىنى، نادىر كەل .
ئىلھام قىزى بولغان بولسا ھەمراھ گەر،
قىلىپ قويۇپ بىرەر ۋەقە سادىر، كەل .
سالالايسەن سۆزلەپ جىننى ئۇسسۇلغا،
ناتىق ئۆزۈڭ، ماھارەتكە قادىر، كەل .
ئابدۇرېھىم كۈتەر سەندىن زور ئۈمىد،
بەلنى باغلا، ئات سال، بولۇپ ھازىر كەل.