يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3663|ئىنكاس: 52

داڭگال (ئىزگۈگە): «شېرىن چۈش» تىكى كىمنىڭ بالىسى(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 22:32  

                                                        «شېرىن چۈش» تىكى كىمنىڭ بالىسى

                                                                    (ھېكايە)

                                                                      خىلىل ھېبىبۇللا  

  -"شېرىن چۈش" ئىگىسى سەھنىگە مەرھەمەت!
  -ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار،ھەدىلەر،ئاكىلار! ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، مۇشۇنداق ياخشى بىر سەھنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەلسۆيەر مېھرىبانلار،تەشكىللىگۈچىلەر،كارخانچىلار!
مەن سىلەرگە ھېچقانداق بىر ئالاھىدە  نومۇر ئەكىلەلمىدىم.پەقەت ئاچچىق كەچمىشلىرىمنىلا ئېلىپ كەلدىم. مەن يامانلىق تېغىنىڭ ئۈستىدىكى كونا تۆمۈر يولغا تاشلىۋىتىلگەندە تېخى يېشىمغىمۇ توشمىغان بوۋاق بولۇپ  ھېچبىر كېلىش مەنبىيىم ۋە ھەتتا ئىسمىممۇ يوق ئىكەن.مەن نىمىمۇ دەي! مېنى مۇشۇنچىلىك سۆزلىيەلىگۈدەك قېلىپ قاتارغا قوشقان ئانامغا يەنىلا رەھمەت ئېيتىمەن.گەرچە ئۇ سىلەر كۆرگەن ئانىلاردەك  جاپاكەش،كۆيۈمچان بولمىسىمۇ ،گەرچە ئۇ سىلەر كۆرگەن ئانىلاردەك غەيرەتلىك،تىرىشچان،ھالال تەر تۆككۈچى بىر غەمگۇزار ئانا بولمىسىمۇ ،گەرچە ئۇ ياش قەددىگە تايىنىپ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قېلىپ كۈن ئۆتكۈزدىغان ئويۇن-تامەششەسىز ھېچبىر تېڭى ئاتمايدىغان بەڭۋاش بىر تۇل ئايال بولسىمۇ يەنىلا مىنى ئاچ-يالىڭاچ قويماي،ئوقۇشسىز قويسىمۇ ساۋاتسىز قويماي،"سۇلتان" دەپ چىرايلىق ئىسىمنى بېرىپ مۇشۇ ياشقا ئۇلىدى.تەلىيىمگە ئۇ تويمۇ قىلمىدى،باشقا پەرزەنىتلىكمۇ بولمىدى.مەنمۇ ئۇنۇڭ بىر تاللا سۇلتانى بولۇپ قېلىۋەردىم.
كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا  دايىم ئۆيدە يالغۇز قېلىش كۈندۈلۈك تەرىۋىم ئىدى. خوشنىلارنىڭ "يىتىمەك،ھارامدىن بولغان..." دىيىشلىرىدىن ئۆزەمنىڭ بۇ ئانىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسلىكىنى تۇيۇشقا باشلىغان.مەن نە بەخىت،نە خوشاللىق،نە خاتىرجەملىك ھېچنىمىنى بىلمەي چوڭ بولۇۋاتاتتىم.ئاتا-ئانىللىرى بىلەن شادىمان كۈلۈشۈپ ئاجايىپ بىر تاتلىق ھايات كەچۈرۋاتقانلارنى كۆرگەنلىرىمدە "مىنىڭمۇ نىمىشقا شۇنداق كۈنلۈرۈم بولمايدىغاندۇ؟ مىنىڭمۇ نىمىشكە بوۋام-موماملار يوق؟ مىنىمۇ نىمىشقا بىرەرلىرى ئەركىلىتىپ سۆيمەيدىغاندۇ-باغرىغا باسمايدىغاندۇ؟! مىنىڭمۇ نىمىشقا بىرەرلىرىنىڭ پىشانەمدىن سۆيۈپ -ئەركىلىتىشكە ھەققىم يوق؟ زادى نىمىشكە!..." دەپ ئۈنسىز نىدا قېلاتتىم.راستىنى ئېيتسام،مېنىڭ ساۋادىم يان خوشنىمىز شۆھرەتكامنىڭ بىر ئىككى ئاي ئىلىپبە ئۈگۈتىشى بىلەن چېقىپ قالدى.ساۋادىم چېققاندىن كېيىن باشقىلاردىن مىڭ تەسلىكتە كىتاپلارنى سوراپ ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم.مەن مۇشۇ ئارقىلىق يالغۇزلۇق-زېرىكىشلىك كۈنلۈرۈمگە تەسكىن تاپاتتىم.ئەپسۇسكى مەن شۇ كەمگىچە  نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقىغان بولساممۇ بىرە قۇر خەت ۋە ھەتتا ئىسمىمىمۇ ئوڭشاپ يېزىپ باققان ئەمەس.
  يېقىنقى يىللارىن بۇيان ئانام قېرىدى،ھالىدىن كەتتى ھەتتا كىسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. مەيلى ئۇ قانداق كەچمىشلىرى بىلەن بولسۇن مەيلى ماڭا قانداق ھايات ئەلۋەڭلىرىنى بەرسۇن ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئانام.ھېچقانداق ھۈنەر،بىلىم قۇرۇلمام بولمىسىمۇ ئۇنى بېقىش-پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قېلىش مېنىڭ زىممەمدە.مەن بىر مەزگىل،مايلامچىلىقمۇ قېلدىم،بوتۇلكا يېغىپمۇ ساتتىم،گىزىتمۇ ساتتىم،تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىمۇ تاقاتتىم...ئىشقىلىپ ھالال ئىشلەپ پۇللا تاپىدىغان ئىش بولسا قېلىپ مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاندىم.
مانا بۈگۈن ئالدىڭلاردا ئاجايىپ بىر ھاياجان ئىچىدە تۇرۇپتىمەن.مەن ماڭا بۇنداق بىر زور پۇرسەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن.مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق بىر بەخىتنىڭ ماڭا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمەسلىكىم مۈمكىن.ئىشەنسەڭلار مۇشۇ سەھنىگە چېقىۋىتىپ ئۆزۈمنى نەچچە قېتىم چىمداپمۇ باقتىم.
بەلكىم شۇ تاپتا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان يىتىم بالىلار،مۇساپىر بالىلار ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقاندۇ؟ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دەۋىلىش ئىھتىياژلىرىدا بولىۋاتقاندۇ؟ بىراق بۈگۈن مەنلا ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ۋە ئەڭ تىپىك بىر ۋەكىل!
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار،سىلەرگە تەۋسىيەرىم؛بالىلارنى تىرىك يېتىم قېلماڭلار! كىچىككىنە مەنپەتىڭلارنى،تۇرمۇشۇڭلاردىكى يوقىلاڭ داۋالغۇشلارنى،قەلبىڭلاردىكى ئازغۇنلىرىڭلارنى ...ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈستىگە تىگىشىۋەتمەڭلار! بالىلار مەندەك ئىگىسز قالمىسۇن!
-سۇلتان ئۇكام،بىز سىزنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىللىرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتىمۇ تەسىرلەندۇق.گەرچە سىز بېقىۋالغان ئانىڭىز تەرىپىدىن ياخشىراق  بېقىش تەربىيەسىدە چوڭ بولالمىغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا سىزنى تاشلىۋەتمەي قانداقلا قېلسۇن مۇشۇنچىلىك قېلىپ چېققىنىغا جاۋاپ قايتۇرماقچى بوپسىز.دىمەك سىزنىڭ شېرىن چۈشىڭىز پەرزەنىت بۇرچىنى قانداق ئادا قېلىش، مۇشۇ يولدا بىرەر چېقىش يولى تېپىش شۇنداقمۇ؟
-"شېرىن چۈش" كە تىزىملاتقاندا بۇ سۇئاللار مەندىن تەپسىلى سورالغان.بۇنى سىزمۇ بىلىسىز. مەن نىمىمۇ دەي، مەن  20 نەچچەيىل ھامىلىغىدا بولغان ، كىسەل سەۋەبىدىن ئېڭراپ ياتقان ئانامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كۆز يۇمالماسلىقىم ۋىجدانى نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ بىر ھەقىقەت.ئەمما مەن بۇ سەھنىگە  ئۆزەمنىڭ ئەشۇ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئانامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلمىدىم.ئەقلى بار بىر ئىنسانغا نىسبەتەن پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟
-ئۇكام سۇلتان بەك ھاياجانلىپ ئېزىپ كىتىۋاتامسىز نىمە؟
-ياق،ھەدە مەن ئازمىدىم.مەن ماڭا غەمخورلۇق قىلماقچى بۇ خەلقىمىز پەخرىللىرىنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئۆزۈمدىكى ئۇزۇندىن بۇيان ھېچكىمگە دىيەلمەۋاتقان يۈرەك سۆزلۈرۈمنى "شېرىن چۈش"ۈم نامىدا ئورتاقلىشىۋالاي دىدىم.
-بوپتۇ،قېنى ئەمسە يەنە قانداق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز باركىن ،بىللە ئاڭلايلى!
-بىلىمەن،پۇل بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەل قېلغىنى-بىر تىرەپ قېلغىنى بولىدۇ ۋە ھەتتا پۇل بىلەن باياشات تۇرمۇش،گۈزەل كەلگۈسىنىمۇ بەرپا قېلغىنى بولىدۇ.ئەمما ئەتراپىڭلارغا ياخشى قارىيالىساڭلار  پۇل بىلەن ھەل قېلالمايدىغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر . مۇشۇ تاپتا ماڭا نىسبەتەن  ئىنتايىن موھىم بىر  نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى بولمايدۇ.ئەگەر  مۈمكىن بولسا  ئۇنى ماڭا ھەل قېلىپ بىرەلەمسىلەر؟
-ئۇكام سۇلتان سىز...؟
-شۇنداق ھەدە،مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىڭلارنىڭ چىريلىق ئىسىم-فامىلەڭلار بار.سىلەرنىڭ بۇ كىملىكىڭلار سىلەرنى ھەر قانداق بىر تىزىملاش ئورۇنلىرىدا تەمتىرەتمەيدۇ.سىلەرنى مۈكەممەل  بىر نامدا چاقىرتالايدۇ .ئەمما مەن قانداق قىلىمەن؟سىلەر دەپ بېقىڭلار ؛ سىلەر مېنىڭ ھەقىقى ئاتا-ئانامنى ،ئۇلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىنى ھەل قېلىپ بىرەلەمسىلەر؟ مىنىڭ فامىلەم كىم؟ سىلەر مېنىڭ كىملىكىمنى تىپىپ بىرەلەمسىلەر؟مەن زادى كىمنىڭ بالىسى؟

  (بۇ ئەسەرنى "ئىزگۈ تور ئەدىبىياتى مۇكاپاتى" غا تەۋسىيە قېلدىم)

       2016-يىلى 1-ئايدا يېزىلدى.2-ئايدا تۈزتىلدى.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 01:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 09:11 PM
دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ،بۇنى ب ...

    ‹‹ توغرا ›› گەپ قىلىپسىز، خانىم . بۇنى باش سۈرىتىڭىزگە قاراپلا بىلدىم . ئويلاپ قالدىم ،  سىز قانداق مەكتەپتە، قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقىغانسىز ؟ گېپىڭز تاقا-تۇقا،  يا، ئىملايىڭىز دۇرۇس ئەمەس،
مۇشۇ يېشىڭىزدا  بىلىم- ئىلىمڭىزدىن  دوسكىدىكى ‹‹ ئا ›› ، ‹‹ ب›› ، ‹‹ س ›› لارنى قانچىلىك خاتا يازغانلىرىڭىز ئېسىڭىزدا بارمىدۇ؟ [ بۇنى سىزدىنمۇ كۆرگىلى بولماس بەلكىم ، ئاشۇ ئەپەندى، خانىملار
باشلانغۇچتىن - ئالى مەكتەپكىچە  ‹‹ دوڭغاق سۆگەت ›› نى تۈزلەپ بولالمىغان بولسا ، نە ئامال، نە چارە ؟]
  بۇندىن كېيىن، بەكلا بىر نېمە يازغېڭىز كېلىپ كەتسە،  بىر تىنىق تىنىۋېلىپ يېزىڭ،  ئاتا -ئانىمۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە باش بۇرنىدىكى ‹‹ تەھرىر- مۇھەررىدۇر ›› . مەسىلەن :
سىز قوش تىرناقلارنى جايىدا ئىشلىتەلمەيدىكەنسىز ، سىزچە،  بۇ سۆزلەر - نىمىشقا [نېمىشقا ]
ئالدىرماي  [ ئالدىرىماي ]، ئوتتۇرغا [ ئوتتۇرىغا ]، پۇشقى [ پۇشىقى ]، چېقىرىدىغان [ چىقىرىدىغان ]
دەپ يېزىلارمىدى ؟  بىلىپ قويۇڭ : مېنىڭ تونىمايدىغان ، تونۇپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن  ئادەملەر،
قەلەمكەشلەرگە قىلچە [ قىلچىلىك ] ئۆچمەنلىكىم يوق،  بۇ جەھەتتە مۇھەببەت- نەپرىتىم بەش بارماقتەكلا ئېنىق.  ھەر  ئاپتۇرنىڭ   ‹‹ يىغا - كۈلكىسى ›› نىڭ يېنىدا مەن باردۇرمەن  لېكىن، يازمىلىرىدىكى خاتا كەتكەن  32 ھەرپ، 24 تىنىش بەلگسىگە ‹‹ ئۆچمەنلىكىم ›› مۇ  باردۇر . شۇڭا، سىزنىڭمۇ ‹‹ چىشلىرىڭىز ›› نى تولۇقلاۋېلىشىڭىزنى سەمىمي ئۈمۈد قىلىمەن، ماھىرە خېنىم !


ۋاقتى: 2016-2-8 13:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-8 12:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ،كوز ئالدىمغا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى  ئۆز زىممىسدە يۈدۈپ يۈرگەن نۇرغۇن  يىتىم بالىلار كەلدى...ئۇلار ئەسلى گۇناسىز ئىدى.قىلچە سەۋەنلىكمۇ يوق ئىدى...ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-7 23:48:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاچچىق بىر رېئاللىقنى ئىخچام، تەسىرلىك قىلىپ يورۇتۇپ بېرىپسىز...راسىت، دۇنيادا بىر بالىغا باشقىلارھەرقانچە قىلىسىمۇ بېرەلمەيدىغان نەرسە دەل فامىلە ۋە ئاتا-ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى. بۇ ھېكايىڭىز مېنى تەگسىز خىياللارغا غەرىق قىلدى. ھېلىھەممۇ ئارىمىزدا مۇشۇنداق "سۆڭەك"يىسە"كۆتى"گە چىنەپ يىمەيدىغان "ئىت"لار يوق ئەمەس...........

ۋاقتى: 2016-2-8 09:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ كۆز جېيەكلىرىم نەمدەلدى. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-8 11:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتدىشىم يادىمغا يەتتى.ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندا،ئۆز كەچمىشى،ئۆزىگە نامەلۇم  قالغان ئاتا-ئانىسىغا ئاچچىق سۇئاللىرى بىلەن تولغان ‹‹تۈگۈمەس قەرز›› تېمىلىق پوۋېستنىڭ قوليازمىسىنى  بايقىغان ئىدۇق.

ۋاقتى: 2016-2-8 11:28:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭڭال  سىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن.
بىر ئىش ئېسىمگە  كېلىۋاتىدۇ،بىر چاغلاردا بىر خوشنىمىز  بىر  ئوغۇل  بالا بىقىۋالدى.مەن ئۇ بالىدىن  ئسمىڭ  نېمە  دەپ  سورىسام  توختاپ  تۇرۇڭ  دادامدىن  سوراپ  چىقاي  دېدى،مەن بەكمۇ  ھەيران قالغان  ئىدىم.كىيىن بۇلدىمكى بۇ  بالا ئاتا ئانىسىنى  بىلمەيدىكەن.ئەرزان  تولاپ  قويغان  ئىسمىنى  ئەسلا  بۇلمەيدىكەن.ئۇ  قولدىن  بۇ قولغا ئوتۇپ  دېگەندەك  ئسىم  فەمىلىسىمۇ  ئوزگۈرۈپ  تۇرۇپتۇ.
دۇنيادكى بارلىق  بالىلارغا  بەخت  تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-8 13:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئەسەر خېلى ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ، ئىملادىكى تۇتۇقلۇقنى ھېسابقا ئالمىغاندا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 18:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 13:58
بۇ ئەسەر خېلى ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ، ئىملادىكى تۇتۇقلۇقن ...

باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تۇقىز مۇئەللىم؛-ھەي،تۇرە ئورنۇڭدىن! سېنىڭ كەچكىچە مامىكاپتەك ھېجاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئېشىڭ يوقمۇ؟ ساڭا دەپ قوياي گىراماتتىكا دەرىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي چوڭ بولغاندا كادېر بولىمەن دىيىشىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!-دەپ دايىم كايىپ قوياتتى.دەرۋەقە شۇنداق بولدى.

ئۈستىكى ماۋزۇنىمۇ  خاتا يېزىپ قويدۇممىكىن  دەپ ئويلاۋاتىمەن. يەنى ‹"شېرىن چۈش" دىكى › دەپ يېزىلامۇ؟
ئىسمىمىمۇ--ئىسمىمنىمۇ
چىريلىق--چىرايلىق...   
    مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى باركەن.ئوقۇرمەنلەردىن بۇ خاتالىقلىرىم ئۈچۈن ئەپۇ سوراش بىلەن بىرگە بۇ يازمىدا خاتا كەتكەن تەرەپلەرنى داۋاملىق تەپسىلى كۆرسۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمۈت قېلىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-8 21:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 18:16
باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تۇقىز مۇئەللىم؛-ھەي ...

  ئىملادىكى خاتالىق، سەۋەنلىكلەر ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ  كىرىشكە چوڭ توسالغۇلار پەيدا قىلالمىسىمۇ، ئەمما،  تەھرىر ھەم  ئوقۇرمەنلەرنى ئەپسۇسلاندۇرماي  قالمايدۇ.
ئۆز يازمىسىنىڭ ئىملاسىغا  تولۇق  ئىشەنچ قىلالمايدىغان قەلەمكەشلەر ھازىرقى رەڭلىك ‹‹ ئېلىپبە ›› نى
بىر نەچچە قېتىم ئەستايىدىل كۆرۈپ قويسا، ھېچقانداق ‹‹  نۇمۇسلۇق ئىش ››  ئەمەستۇر !

باھا سۆز

رەھمەت.  ۋاقتى: 2016-2-13 02:26 PM
ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويغىنىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن!  ۋاقتى: 2016-2-12 08:07 PM
ۋاقتى: 2016-2-8 22:07:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخىمە يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 11:28
داڭڭال  سىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن.
بىر ئىش ئېسىمگە  كېلىۋات ...

سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-8 22:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 18:16
باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تۇقىز مۇئەللىم؛-ھەي ...

ئەستايىدىللىق بىلەن يازغان تېمىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن،

ۋاقتى: 2016-2-8 23:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  داڭگال ئىنىمنىڭ ھېكايىسى -مۇنبەت تۇپراقتىن كۆكلەپ چىققان يۇمران بۇغداي مايسىسىدەك يېقىملىق ۋە مەزمۇت تەسىر بەردى ماڭا ...كۈزدىكى ھۇسۇلغا ئىشتىھا ساقلىدىم ئەمىسە...

ۋاقتى: 2016-2-8 23:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 22:08
ئەستايىدىللىق بىلەن يازغان تېمىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت ق ...

دىمەك ھېكايە مۇشۇنداق بولىدىكەندە؟

ۋاقتى: 2016-2-9 17:08:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    ئىنىم داڭگالنىڭ بۇ تەسىرلىك ھېكايىسىنى كۆرۈش جەريانىدا كۆزۈمگە بەك چېلىققان ئىملا ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقلىرىنى قىسمەن تۈزىتىپ قويدۇم.


          «شېرىن چۈش» تىكى كىمنىڭ بالىسى

                                 (ھېكايە)

                            خىلىل ھېبىبۇللا  

ــ «شېرىن چۈش» ئىگىسى سەھنىگە مەرھەمەت !
ــ ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، ھەدىلەر، ئاكىلار! ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، مۇشۇنداق ياخشى بىر سەھنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەلسۆيەر مېھرىبانلار، تەشكىللىگۈچىلەر، كارخانچىلار!
مەن سىلەرگە ھېچقانداق بىر ئالاھىدە  نومۇر ئەكىلەلمىدىم. پەقەت ئاچچىق كەچمىشلىرىمنىلا ئېلىپ كەلدىم. مەن يامانلىق تېغىنىڭ ئۈستىدىكى كونا تۆمۈر يولغا تاشلىۋېتىلگەندە، تېخى يېشىمغىمۇ توشمىغان بوۋاق بولۇپ،  ھېچبىر كېلىش مەنبەيىم ھەتتا ئىسمىممۇ يوق ئىكەن. مەن نېمىمۇ دەي ! مېنى مۇشۇنچىلىك سۆزلىيەلىگۈدەك قېلىپ قاتارغا قوشقان ئانامغا يەنىلا رەھمەت ئېيتىمەن. گەرچە ئۇ سىلەر كۆرگەن ئانىلاردەك  جاپاكەش، كۆيۈمچان بولمىسىمۇ، گەرچە ئۇ سىلەر كۆرگەن ئانىلاردەك غەيرەتلىك، تىرىشچان، ھالال تەر تۆككۈچى بىر غەمگۇزار ئانا بولمىسىمۇ، گەرچە ئۇ ياش قەددىگە تايىنىپ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزدىغان ئويۇن-تامەششەسىز ھېچبىر تېڭى ئاتمايدىغان بەڭۋاش بىر تۇل ئايال بولسىمۇ يەنىلا مىنى ئاچ-يالىڭاچ قويماي،ئوقۇشسىز قويسىمۇ ساۋاتسىز قويماي، «سۇلتان» دەپ چىرايلىق ئىسىمنى بېرىپ مۇشۇ ياشقا ئۇلىدى. تەلىيىمگە ئۇ تويمۇ قىلمىدى، باشقا پەرزەنىتلىكمۇ بولمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىر تاللا سۇلتانى بولۇپ قېلىۋەردىم.
كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا  دايىم ئۆيدە يالغۇز قېلىش كۈندۈلۈك تەرىۋىم ئىدى. خوشنىلارنىڭ «يېتىمەك، ھارامدىن بولغان...» دېيىشلىرىدىن ئۆزەمنىڭ بۇ ئانىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسلىكىنى تۇيۇشقا باشلىغان. مەن نە بەخىت،نە خوشاللىق، نە خاتىرجەملىك ھېچنېمىنى بىلمەي چوڭ بولۇۋاتاتتىم.ئاتا-ئانىللىرى بىلەن شادىمان كۈلۈشۈپ ئاجايىپ بىر تاتلىق ھايات كەچۈرۋاتقانلارنى كۆرگەنلىرىمدە «مىنىڭمۇ نىمىشقا شۇنداق كۈنلۈرۈم بولمايدىغاندۇ؟ مىنىڭمۇ نىمىشكە بوۋام-موماملار يوق؟ مىنىمۇ نىمىشقا بىرەرلىرى ئەركىلىتىپ سۆيمەيدىغاندۇ-باغرىغا باسمايدىغاندۇ؟! مىنىڭمۇ نىمىشقا بىرەرلىرىنىڭ پىشانەمدىن سۆيۈپ -ئەركىلىتىشكە ھەققىم يوق؟ زادى نىمىشكە!...» دەپ ئۈنسىز نىدا قېلاتتىم.راستىنى ئېيتسام،مېنىڭ ساۋادىم يان خوشنىمىز شۆھرەتكامنىڭ بىر ئىككى ئاي ئىلىپبە ئۈگۈتىشى بىلەن چېقىپ قالدى.ساۋادىم چېققاندىن كېيىن باشقىلاردىن مىڭ تەسلىكتە كىتابلارنى سوراپ ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم. مەن مۇشۇ ئارقىلىق يالغۇزلۇق-زېرىكىشلىك كۈنلىرىمگە تەسكىن تاپاتتىم. ئەپسۇسكى مەن شۇ كەمگىچە  نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقىغان بولساممۇ، بىرە قۇر خەت ۋە ھەتتا ئىسمىمىمۇ ئوڭشاپ يېزىپ باققان ئەمەس.
يېقىنقى يىللارىن بۇيان ئانام قېرىدى،ھالىدىن كەتتى ھەتتا كىسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. مەيلى ئۇ قانداق كەچمىشلىرى بىلەن بولسۇن مەيلى ماڭا قانداق ھايات ئەلۋەڭلىرىنى بەرسۇن ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئانام.ھېچقانداق ھۈنەر،بىلىم قۇرۇلمام بولمىسىمۇ ئۇنى بېقىش-پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قېلىش مېنىڭ زىممەمدە.مەن بىر مەزگىل،مايلامچىلىقمۇ قېلدىم،بوتۇلكا يېغىپمۇ ساتتىم،گىزىتمۇ ساتتىم،تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىمۇ تاقاتتىم...ئىشقىلىپ ھالال ئىشلەپ پۇللا تاپىدىغان ئىش بولسا قېلىپ مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاندىم.
مانا بۈگۈن ئالدىڭلاردا ئاجايىپ بىر ھاياجان ئىچىدە تۇرۇپتىمەن.مەن ماڭا بۇنداق بىر زور پۇرسەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن. مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق بىر بەخىتنىڭ ماڭا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمەسلىكىم مۇمكىن . ئىشەنسەڭلار مۇشۇ سەھنىگە چېقىۋىتىپ ئۆزۈمنى نەچچە قېتىم چىمداپمۇ باقتىم. بەلكىم شۇ تاپتا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان يىتىم بالىلار، مۇساپىر بالىلار ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقاندۇ؟ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دەۋىلىش ئېھتىياجلىرىدا بولىۋاتقاندۇ؟ بىراق بۈگۈن مەنلا ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ۋە ئەڭ تىپىك بىر ۋەكىل !
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار،سىلەرگە تەۋسىيەرىم؛بالىلارنى تىرىك يېتىم قېلماڭلار! كىچىككىنە مەنپەتىڭلارنى،تۇرمۇشۇڭلاردىكى يوقىلاڭ داۋالغۇشلارنى،قەلبىڭلاردىكى ئازغۇنلىرىڭلارنى ...ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈستىگە تىگىشىۋەتمەڭلار! بالىلار مەندەك ئىگىسز قالمىسۇن !
ــ سۇلتان ئۇكام، بىز سىزنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىللىرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتىمۇ تەسىرلەندۇق. گەرچە سىز بېقىۋالغان ئانىڭىز تەرىپىدىن ياخشىراق  بېقىش تەربىيەسىدە چوڭ بولالمىغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا سىزنى تاشلىۋەتمەي قانداقلا قېلسۇن مۇشۇنچىلىك قېلىپ چېققىنىغا جاۋاپ قايتۇرماقچى بوپسىز.دىمەك سىزنىڭ شېرىن چۈشىڭىز پەرزەنىت بۇرچىنى قانداق ئادا قېلىش، مۇشۇ يولدا بىرەر چېقىش يولى تېپىش شۇنداقمۇ؟
ــ «شېرىن چۈش» كە تىزىملاتقاندا بۇ سۇئاللار مەندىن تەپسىلى سورالغان. بۇنى سىزمۇ بىلىسىز. مەن نىمىمۇ دەي، مەن  20 نەچچە يىل ھامىلىغىدا بولغان، كېسەل سەۋەبىدىن ئېڭراپ ياتقان ئانامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كۆز يۇمالماسلىقىم ۋىجدانى نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما مەن بۇ سەھنىگە  ئۆزەمنىڭ ئاشۇ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئانامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلمىدىم. ئەقلى بار بىر ئىنسانغا نىسبەتەن پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟
ــ ئۇكام سۇلتان، بەك ھاياجانلىپ ئېزىپ كىتىۋاتامسىز نېمە ؟
ــ ياق، ھەدە مەن ئازمىدىم. مەن ماڭا غەمخورلۇق قىلماقچى بۇ خەلقىمىز پەخرىللىرىنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئۆزۈمدىكى ئۇزۇندىن بۇيان ھېچكىمگە دىيەلمەۋاتقان يۈرەك سۆزلۈرۈمنى «شېرىن چۈش»ۈم نامىدا ئورتاقلىشىۋالاي دېدىم .
ــ بوپتۇ، قېنى ئەمسە يەنە قانداق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز باركىن، بىللە ئاڭلايلى !
ــ بىلىمەن، پۇل بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەل قېلغىنى-بىر تىرەپ قېلغىنى بولىدۇ ۋە ھەتتا پۇل بىلەن باياشات تۇرمۇش، گۈزەل كەلگۈسىنىمۇ بەرپا قېلغىنى بولىدۇ.ئەمما ئەتراپىڭلارغا ياخشى قارىيالىساڭلار  پۇل بىلەن ھەل قېلالمايدىغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر. مۇشۇ تاپتا ماڭا نىسبەتەن  ئىنتايىن موھىم بىر  نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى بولمايدۇ. ئەگەر  مۈمكىن بولسا  ئۇنى ماڭا ھەل قېلىپ بىرەلەمسىلەر؟
ــ ئۇكام سۇلتان سىز...؟
ــ شۇنداق ھەدە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىڭلارنىڭ چىريلىق ئىسىم-فامىلەڭلار بار. سىلەرنىڭ بۇ كىملىكىڭلار سىلەرنى ھەر قانداق بىر تىزىملاش ئورۇنلىرىدا تەمتىرەتمەيدۇ .سىلەرنى مۈكەممەل بىر نامدا چاقىرتالايدۇ. ئەمما مەن قانداق قىلىمەن؟ سىلەر دەپ بېقىڭلار : سىلەر مېنىڭ ھەقىقى ئاتا-ئانامنى، ئۇلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىنى ھەل قېلىپ بىرەلەمسىلەر؟ مىنىڭ فامىلەم كىم؟ سىلەر مېنىڭ كىملىكىمنى تىپىپ بىرەلەمسىلەر؟ مەن زادى كىمنىڭ بالىسى؟

  (بۇ ئەسەرنى «ئىزگۈ تور ئەدىبىياتى مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قېلدىم)

       2016-يىلى 1-ئايدا يېزىلدى، 2-ئايدا تۈزتىلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش