يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: داڭگال

داڭگال (ئىزگۈگە): «شېرىن چۈش» تىكى كىمنىڭ بالىسى(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-14 11:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگالنىڭ بۇ ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقتىم،ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ،مەن ھېكايىنى ئوقۇشنى باشلاپلا‹‹بۇ بالا يالغان ئېيتىپ شېرىن چۈش پۇرۇگىرامىسىنى ئالدايدىغان بولدى››دەپ پەرەز قىلىپ باققان ئىدىم،ئەكسىنچە ھېكايە ئۇنداق بولمىدى.موشۇنىڭدىن قارىغاندا ھېكايە مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ...

ۋاقتى: 2016-2-14 18:23:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پارچە ھېكايە-ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئالدى بىلەن توغرا، يېڭى، ئەزگۈ ئىدىيەنى يارقىن ئىپادە قىلغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. داڭگالنىڭ بۇ ھېكايىسى ياخشى چىقىپتۇ. ئامەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-15 21:11:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 02:22 PM
ماھىرە خېنىم تېچلىقتۇ .  بىر كاتتا سوئال قويۇپسىز ، م ...

دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ،بۇنى بىلىسىزيۇ "چىرايلىق قىز" غا "قورۇق " چۈشكەن بولسا سىز" سەمىمى ،ئېغىر بېسىق "بولغاندىكىن نىمىشقا ئالدىرماي-مىسال بىلەن ئوتتۇرغا قويمايسىز؟ مۇنبەرنى ئىچ-پۇشقىنى چېقىردىغان جاي كۆرۈش ئويىنى مەندە بار دېسىڭىز بەك خاتالاشتىڭىز.يەنە بىر گەپ؛ مېنىڭ ئەسەرلەرگە ئىنكاس يېزىشىم بىلەن ئىنكاسلارغا ئىنكاس يېزىشىم سىزنىڭ باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرگىنىڭىزگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

باھا سۆز

‹‹ مېغىز ›› قېلىپ ، ‹‹ شاكال ›› توغرىسىدا كاسىلداپ كەتتۇق، يا ئەجەب ؟  ۋاقتى: 2016-2-16 01:28 AM
ۋاقتى: 2016-2-16 01:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 09:11 PM
دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ،بۇنى ب ...

    ‹‹ توغرا ›› گەپ قىلىپسىز، خانىم . بۇنى باش سۈرىتىڭىزگە قاراپلا بىلدىم . ئويلاپ قالدىم ،  سىز قانداق مەكتەپتە، قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقىغانسىز ؟ گېپىڭز تاقا-تۇقا،  يا، ئىملايىڭىز دۇرۇس ئەمەس،
مۇشۇ يېشىڭىزدا  بىلىم- ئىلىمڭىزدىن  دوسكىدىكى ‹‹ ئا ›› ، ‹‹ ب›› ، ‹‹ س ›› لارنى قانچىلىك خاتا يازغانلىرىڭىز ئېسىڭىزدا بارمىدۇ؟ [ بۇنى سىزدىنمۇ كۆرگىلى بولماس بەلكىم ، ئاشۇ ئەپەندى، خانىملار
باشلانغۇچتىن - ئالى مەكتەپكىچە  ‹‹ دوڭغاق سۆگەت ›› نى تۈزلەپ بولالمىغان بولسا ، نە ئامال، نە چارە ؟]
  بۇندىن كېيىن، بەكلا بىر نېمە يازغېڭىز كېلىپ كەتسە،  بىر تىنىق تىنىۋېلىپ يېزىڭ،  ئاتا -ئانىمۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە باش بۇرنىدىكى ‹‹ تەھرىر- مۇھەررىدۇر ›› . مەسىلەن :
سىز قوش تىرناقلارنى جايىدا ئىشلىتەلمەيدىكەنسىز ، سىزچە،  بۇ سۆزلەر - نىمىشقا [نېمىشقا ]
ئالدىرماي  [ ئالدىرىماي ]، ئوتتۇرغا [ ئوتتۇرىغا ]، پۇشقى [ پۇشىقى ]، چېقىرىدىغان [ چىقىرىدىغان ]
دەپ يېزىلارمىدى ؟  بىلىپ قويۇڭ : مېنىڭ تونىمايدىغان ، تونۇپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن  ئادەملەر،
قەلەمكەشلەرگە قىلچە [ قىلچىلىك ] ئۆچمەنلىكىم يوق،  بۇ جەھەتتە مۇھەببەت- نەپرىتىم بەش بارماقتەكلا ئېنىق.  ھەر  ئاپتۇرنىڭ   ‹‹ يىغا - كۈلكىسى ›› نىڭ يېنىدا مەن باردۇرمەن  لېكىن، يازمىلىرىدىكى خاتا كەتكەن  32 ھەرپ، 24 تىنىش بەلگسىگە ‹‹ ئۆچمەنلىكىم ›› مۇ  باردۇر . شۇڭا، سىزنىڭمۇ ‹‹ چىشلىرىڭىز ›› نى تولۇقلاۋېلىشىڭىزنى سەمىمي ئۈمۈد قىلىمەن، ماھىرە خېنىم !


ۋاقتى: 2016-2-17 11:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ، ياقتۇردۇم. ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
بۇ تېما ھەققىدە مېنىڭ باشقىچە قارىشىم بار: قەلەمكەشلەر تېزلا ھاياجانلىنىپ، نىشانىمىزنى ئۇنتۇپ باشقىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ ئۆمرىمىزنى ئىسراپ قىلماي ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلانساق، شۇ ھاياجىنىمىزنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولار. فامىلىسىنى بىلمەيدىغان پەرزەنتلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ئازلىسا دېگەن ئۈمىدنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارقىتالىسا، بۇنى مەزكۇر ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپىقىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئەشۇنداق پەرزەنتلەر ئەقىلسىز ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالانغان شور پىشانىلەر بولسا كېرەك.....
تورداشلار ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى سىستېمىدىن پايدىلانسا ئاز تولا پايدىسى تىگەر:
http://www.mzywfy.org.cn/checker/ug/


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 12:45:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغاننى چاغان دىمەي قىممەتلىك  ۋاقىت ،پىكىر-بايانلىرىنى بەرگەن ئۇستازلارغا،دوستلارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-2-18 15:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فامىلىسىنى بىلمەيدىغان پەرزەنتلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ئازلىسا دېگەن ئۈمىدنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارقىتالىسا......


بۇ جۈملىلەر بارلىق ئەسەرنىڭ جېنىغا جان قوشۇپتۇ . بۇ خىل شېرىن چۈشتە ياشاۋاتقان بالىلارنى ئاز دېگىلى بولسۇنمۇ؟
مەنچە ئەسەر مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئۇكام!

ۋاقتى: 2016-2-18 15:34:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىخچام،چۈشىنىشلىك ،تەسىرى زور ،ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئۈندەيدىغان ئەسەر بوپتۇ .ئامەتلەر ھەمراھ بولسۇن سىزگە .....

ۋاقتى: 2016-2-19 14:54:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

ۋاقتى: 2016-2-20 13:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىخچام تىللار بىلەن يېزىلغان بۇ ھېكايە يۈرىكىمنى تىترەتتى.  مەىسئۇلىيەتسىز ئاتا- ئانىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن نارىسىدىلەر ئەتراپىمىزدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
داڭگالنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىنى، بۇ ھېكايىنىڭ ئىزگۈدە ئۇتۇق قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-22 20:54:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە تەسىرلىك چىقىپتۇ ،سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-24 11:57:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالدى بىلەن خىلىل ھەبىبۇللا ئەپەندىمنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ياخشى بىر تېمىنى يورۇتۇپ بەرگىنىگە رەھمەت.بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
   ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندىمنىڭ ئېرىنمەي ئەستايدىللىق بىلەن ئەسەر ئېملاسىنى تۈزۈتىپ چىققىنىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.سىزدەك مەسئۇليەتچان ۋە كۆيۈمچان ئۇستازلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
   بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يېتىم قېلىشى بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بىر سەلبىي مەسىلە بولماقتا.بالىلىرىمىز تەمتىرىمەكتە،قەللبى جاراھەتلەنمەكتە.بىزنىڭ كىچىككىنە يۇرتتىمۇ بىر ياش ئاتا-ئانا ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن ئاجرىشىپ،بىرتال ئوغلىنى تىرىك يېتىم قىلدى.ئاتا بىرقانچە ئايالغا ئۆلەندى،چەرقېتىمدا ئۇ ئاياللارنى بالىغا‹‹سېنىڭ ئۆز ئاناڭ››دەپ تونۇشتۇردى.شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ نەچچە ئانىسى‹‹ئۆز›،ئانا بولۇپ،بالىنى ئېسەڭگىرتىپ قويدى.بالا چوڭلارغا ئىشەنمەس بولدى...مەن مۇشۇ تېمىنى تۇتۇپ‹‹مەن سېنى ئانام دېسەم..››تېمىسىدا بالىلار ھىكايىسى يازدىم.شۇ ئارقىلىق بارلىق ئاتا-ئانىلارغا مەسئۇليەتچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 20:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 09:33 PM  
polat يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 11:57 AM
ئالدى بىلەن خىلىل ھەبىبۇللا ئەپەندىمنىڭ ئۆزگىچە ئۇس ...

ھۆرمەتلىك پولات ئەپەندى،مەن ئاۋال سىزنىڭ بۇ ھېكايىنىڭ تۈرۈتكىسىدە يەنە بىر ھېكايىنى روياپقا چېقارغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇندىن كىيىنكى ئىجادى پالىيەتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قېلىمەن!
ئەسلى مەسئۇلىيەتسىزلىك ناھايىتىمۇ چوڭ ئۇقۇم ئىكەن.كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ رەزىل ماھىيەتلىرى يولىدا ئۇنى خالىغانچە -مۇرەسسەسىز داۋاملاشتۇرۋاتقان بۈگۈنىمىزدە مەنمۇ ئۇنى  دادىللىق بىلەن سۆرەپ چېقىپ ۋە ئاز تولا نەيرەڭلىرىنى سۆرەتلەپ ھاياتقا ئۆرنەك سۈپىتىدە نامايەن قېلىش ئارقىلىق ساختىلىق،يالغانچىلىق،نەپسانىيەتچىلىك ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن جانباختى رىئالىيىتىمىزدىكى  قۇربانلىرىغا جاۋاپ تېپىشنى ئويلاپ بۇ سۇئالنى قويالىدىم.دەرۋەقە مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىمىزگە قويۇلىدىغان سۇئاللار نۇرغۇن. بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن قاچساقمۇ جاۋابىمىزدىن تەقەززا مەيۈسلەر كۆزلىرىگە تىكىلىشتىن ئويالمامدۇق؟

ۋاقتى: 2016-2-24 22:44:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ پىروزىدا تېمىنى ئ‍ۆزگىچىرەك تەرەپتىن تاللاش مۇھىم دەپ قارايمەن، بۇ ئ‍ەسەرنىڭ تېما تاللىنىشىدا مۇشۇنداق ئ‍الاھىدە بىر تەرەپ بار ئ‍ىكەن، ھېكايىچىلىقتا ياخشى نەتىچە سىزگە يار بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-26 01:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش