ماھىرە خېنىم تېچلىقتۇ . بىر كاتتا سوئال قويۇپسىز ، مەنمۇ سىزگە دىققەت قىلىپ باقسام كۆپۈنچە،
ئەسەرلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئېرىنىپ، ‹‹ ئىنكاسلار ›› غا ئىنكاس يېزىشنى كەسپ قىلىۋالغاندەك تۇرىسىز .مەن ئۇ ھېكايىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىملاسى ھەققىدە گەپ قىلىپ قويغانىدىم. چۈنكى، بىر ‹‹ چىرايلىق قىز ›› نىڭ يۈزىگە مەزگىلسىز ‹‹ قورۇق ›› چۈشۈپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلانغان ئىدىم. بۇ مىۇنبەرنى قانداقتۇ، ‹‹ ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان جاي ›› ئىكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز چوڭ خاتا بولۇپتۇ. بىكارچىلىقتىن قەلەمكەشلەرنى ‹‹ دەي-دەي ›› گە سېلىپ خۇشاللىق تاپىدىغان ئىشلاردىن قول ئۈزگەيسىز، نېمىشقىمۇ، سەۋىرچان، ئېغىر بېسىق بولالمايدىغانسىز ؟!