ئىنچىكە تەسۋىر شىنەيئەننىڭ « سۇ بويىدا » ناملىق رومانىدا ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ . ھەممىدىن بەك ئىسىمدە قالغىنى لۇ باقاۋۇلنىڭ « غەرب غوجىسى » غا ئاتقان ئۈچ مۇشت تەسۋىرىنىڭ ئىنچىكىلىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىدى .
كۈچلۈك مۇشت پۇققىدە بۇرنىغا تىگىۋىدى ، قىپقىزىل قان بولدۇقلاپ قۇيۇلۇپ قاسساپنىڭ بۇرنى سولغا قىڭغىيىپ قالدى ۋە جىياڭيۇۋ دۇكىنى ئېچىلغاندەك تۇزلۇقىمۇ ، ئاچچىقىمۇ ، چۈچىمېلىمۇ بىراقلا ئاقتى . قاسساپ مىدىرلىيالمىدى ، قولىدىكى پىچاقمۇ بىر ياققا تاشلىنىپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ ” ياخشى ئۇردۇڭ ! “ دەپ ۋارقىرىدى . باقاۋۇل ” ئاناڭنى ، تېخى گەپ ياندۇرغىدەك بولدىڭما ! “ دېگىنىچە مۇشتىنى كۆتۈرۈپ جىيىكىگە بىرنى ئۇرىۋىدى ، قاپىغى يېرىلدى ، كۆزىنىڭ قارىسى پولتىيىپ چىقىپ گەزمالخانا ئېچىلغاندەك قىزىلىمۇ ، قارىسىمۇ ، بېغىر رەڭلىكىمۇ لەپىلدەپ قالدى . ئەتراپدىكىلەر باقاۋۇلنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ئاجرىتىپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى . قاسساپ تاياق زەربىسىدىن يۇمشاپ ، يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى . باقاۋۇل ” تۈفىي ، سەن چۈپرەندە مەن بىلەن ئاخىرغىچە تىركەشكەن بولساڭ ساڭا رەھىم قىلغان بولۇر ئىدىم ، ئەپسۇس ئاسانلا يۇمشاپ يالۋۇردۇڭ ، شۇڭا ساڭا تېخىمۇ يۈز خاتىرە قىلمايمەن ! “ دىدى ــ دە ، يەنە بىر مۇشتىنى دەل چېكىسىگە قۇيىۋىدى ، خۇددى مۇقام كۈيى باشلانغاندەك بارچە ساز بەس ــ بەستە چاڭىلداپ سايراشقا باشلىدى .
ئۇرۇلغان ئۈچ مۇشت ئىنساننىڭ تېتىش ، كۆرۈش ۋە ئاڭلاشتەك ئۈچ خىل سەزگۈسىگە ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوقۇرمەندە يېڭىچە تۇيغۇ قوزغىدى .
ئەلۋەتتە نادىر يېزىلغان ئىنچىكە تەسۋىر ئۇيغۇر ئەدىبلېرىمىزنىڭ ئەسەرلېرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ خىل ئىنچىكە تەسۋىرلەر بىزدەك ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ .
|