كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 29

مۇختار تۇردى: پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇختار تۇردى

        پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدە

      بىز ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ، بولۇپمۇ پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ نادىر ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بەرگەندە،تاللاپ مۇكاپاتلىغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ياخشى تاللانغانمۇ ، قۇرۇلمىسى پۇختىمۇ،پىرسوناژلار ئوبرازى ئوبدان يارىتىلغانمۇ ، يورىتىلغانمۇ، بەدىئىيلىكى يۇقىرىمۇ ، باش – ئاخىرى ماسلاشقانمۇ ، تىلى پاساھەتلىكمۇ ...ۋاھاكازاغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز . يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ، ئەلۋەتتە . بىراق مېنىڭ قارىشىمچە ، يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ شۇ ئەسەردە ئىنچىكە تەسۋىر بارمۇ – يوق ، بولسا قانچىلىك بار ، ئۇ نادىر ئىنچىكە تەسۋىرمۇ – ئەمەسمۇ دېگەندىن ئىبارەت . مۇبادا بىز تاللىغان ، نادىر دەپ قارىغان ئەسەردە سەرخىل ئىنچىكە تەسۋىر بولمىسا ، ئۇنداقتا ئۇنى نادىر ئەسەر دىگىلى بولمايدۇ .
        1. ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىملىقى
     ئىنچىكە تەسۋىر دېگەن نېمە ؟ ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىدىكى بىر قەدەر تەپسىلى يېزىلغان ، بايان قىلىنغان ۋەقەلىك ياكى تەسۋىرلەر بولۇپ ، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىكتۇر . ئادەمنى ، ۋەقەلىكنى ، مۇھىتنى ، پىسخىك ھالەتنى زىغىرلاپ ، ئىنچىكە ، كونكىرت، سەنئەتلىك تەسۋىرلەش، ئىپادىلەش ئادەتتە ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار : ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى توغرا ، كونكىرت ، جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى ، ئوقۇرمەنلەرگە كۈچلۈك سەنئەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ ، ئۇلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ .
ئىنچىكە تەسۋىرنى ئىپادىلەش شەكلىگە ئاساسەن ھەرىكەت تەسۋىرى ، تىل تەسۋىرى، پىسخىك تەسۋىر ، مۇھىت تەسۋىرى قاتارلىقلارغا بۆلۈش مۇمكىن . ئىنچىكە تەسۋىر ئەدەبىي ئەسەرلەردە، بولۇپمۇ پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ بار – يوقلىقىنى مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا باھا بىرىشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ،دەپ قارايدۇ . بۇنىڭغا چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلىرى ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىپلىرى، جۈملىدىن  فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، پەيلاسۇپ ، «مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى»نىڭ ئاساسچىسى ژان پائۇل سارتىرى ، قىرغىز يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف ، ئاڭ ئېقىمىدا ئەسەر يازىدىغان ۋېرگىنىيە ۋولف ،كافكا قاتارلىقلارنى ؛ ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن«سۇ بويىدا»نىڭ ئاپتورى شى نەيئەننى ، لۇشۈننى،ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق ئايال يازغۇچى  تيېنىڭنى ؛ ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن . ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا  زور رولى ھەم كۈچى بولىدۇ ؟ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئىنچىكە تەسۋىرگە شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بىرىدۇ ؟ بۇنى يەكۈنلەپ ، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن : بىرىنچى ، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ھەم چوڭقۇر سەنئەت جەزبىدارلىقىدىن كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە تەسۋىر بۇ خىل جەزبىدارلىقنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنىڭ جۈملىسىدىندۇر . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىنچىكە تەسۋىر بولمىسا ئەدەبىي ئەسەر ، جۈملىدىن سەنئەت ئەسىرى ئۆزىنىڭ سەنئەتلىكلىكى ، جەزىبىدارلىقىنى يوقاتقان ، بۇ تۈپەيلى ھاياتىي كۈچىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ ؛ ئىككىنچى، ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بايقاشلىرى ۋە ھېس– تۇيغۇلىرى، تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەش ، نامايەن قىلىشتىكى بىر خىل ئۆزگىچە شەكىل بولۇپ ، بۇنى يەنە يازغۇچىنىڭ خاس بايقاشلىرى ۋە ھېس- تۇيغۇسىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردە قوغلىشىلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئۆزگىچە تۇيغۇ ۋە بايقاشتۇر . شۇڭا ئۇتۇقلۇق چىققان ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ بار - يوقلىقى مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بىرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى،دېيىشكە بولىدۇ . مۇشۇ خىل ئۆلچەمدە پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىگە باھا بىرىش ھەم ئادىللىق ھەم ئىلىميلىككە ئۇيغۇندۇر . يازغۇچىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ ئۆزگىچە ، قوزغىتىش ، ئويغىتىش كۈچىگە ئەڭ باي بولغان بايقاشلىرى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرى ، تەسىراتى ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ياخشى چىققان ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئىنتايىن چىنلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خاسلىققا ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ . ئەستايىدىل كۈزەتمەي ، ئويلانماي ، تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە ، نادىر ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ . مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بايانلار چىنلىقىدىن شۈبھىلەنگىلى بولمايدىغان ۋەقەلىك ۋە يېڭى، جانلىق ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق تاماملانغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر جەلىپ قىلىنغان بولىدۇ .
   ئىنچىكە تەسۋر بولمىسا پىرسوناژلار ئوبرازى بولمايدۇ ، پىرسوناژلار ئىنچىكە تەسۋىردىن تەشكىل تاپقان ، ئۇلارنىڭ ئوبرازى ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق يورىتىپ بىرىلگەن بولىدۇ . ئۇتۇقلۇق چىققان ئىنچىكە تەسۋىر پىرسوناژلار ئوبرازىنى مۇكەممەل يورىتىپ بىرىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ .
  يازغۇچىلار تۇرمۇش ۋە ھاياتتىكى ئىنچىكە تەسۋىر بولۇشقا يارايدىغان تەپسىلاتلارغا ،دىتاللارغا ئىنتايىن سەزگۈر بولىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ، ئۇلار خاس بايقاشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ، ئۆزىگە خاس خاراكتىرنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىرسوناژلارمۇ تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
     2.ئىنچىكە تەسۋىر ئىزدەش
    نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن پىروزا ئەسەرلىرىدە نادىر ئىنچىكە تەسۋىرلەر ھەقىقەتەن ئاز بولماقتا ، ھەتتا بەزىلىرىدە يوق دېيەرلىك . نۇرغۇن يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ، بەزىلىرى ۋەقەلىك قوغلىشىدۇ ، ئەمما ئىنچىكە تەسۋىرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ،ھەتتا ئۇلار ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ . بەزى يازغۇچىلار ، پىروزا دېگەندە ۋەقەلىك مۇپەسسەل بايان قىلىنسا ، ئەقىلغە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇلسىلا بولدى ، ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ دەپ قارايدۇ . شۇڭا نۇرغۇن ئەسەرلەردىن ئىنچىكە تەسۋىرنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ . بەزى ئەسەرلەردىكى قىسمەن بۆلەكلەرنى زورلۇنۇپ ئىنچىكە تەسۋىركەن دېيىشكە مەجبۇرمىز ، لېكىن ئۇلار تولىمۇ قوپال چىققان ، ھەممىلا ئادەم يېزىپ چىقالايدىغان ئادەتتىكى بايانلاردۇر ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئىنچىگە تەسۋىر دەپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كەلدى .
كوچىدا كېتىۋاتقان بىرەيلەن بىر تۇتام پۇل تېپىۋالدى ، ئۇنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالاي دېسە، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقتى . بۇ دىتالنى مۇنداق تەسۋىرلەش مۇمكىن :« ئۇ پۇلنى كۆرۈپ، قولىنى نەچچە قېتىم سوزۇپ بولۇپ يەنە تارتىۋالدى ، ئەتراپىغا قاراپ ، ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى . باشقىلار كۆرۈپ قالغان بولمىغىيدى ، دەپ ئەنسىرەپ  يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى » . مانا بۇ پۇل تېپىۋېلىش كەچمىشى بار ھەرقانداق ئادەم يېزىپ چىقالايدىغان،ئوقۇغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئىسىدە قالمايدىغان ئىنتايىن ئاددىي ، ئادەتتىكى بىر تەسۋىر. يۇقىرقى دىتالنى يەنە مۇنداق تەسۋىرلەش مۇمكىن : « ئۇ پۇلنى كۆرگەندىن كېيىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك،ئۇنى دەسسىۋالدى ، ئاندىن ئايىقىنىڭ بوغقۇچىنى چىگكەننى قىلىپ  زوڭزايدى-دە ، دەرھال ئېلىپ يانچۇقىغا موك سالدى .»بۇ تەسۋىردە ئالدىنقىسىغا قارىغاندا سەل – پەل ئىلگىرىلەش بار دېيىشكە بولىدۇ . بۇنى يەنىمۇ زىغىرلاپ ، مۇنداق ئىنچىكە تەسۋىرلىگىلى بولۇش مۇمكىن :« ئۇ يەردە پۇل تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاستا مېڭىپ پۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆرە تۇردى ، ئاندىن يانچۇقىدىن پورتمالىنى ئېلىپ ئاقتۇرۇپ ،بىر تال پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى – دە ، ئۇنى ئەتەي يەرگە تاشلىدى ، ئاندىن ئىڭىشىپ  تېپىۋالغان پۇلنى خۇددى ئۆزىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پۇلىنى ئالغاننى قىلىپ ، قوشۇپلا ئېلىپ پورتمالىغا سالدى » . ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى يازغاندا ، ئالدى بىلەن تەسۋىرلىمەكچى بولغان ئىش ۋە شەيئىنى تەپسىلى كۆزىتىش لازىم ، ئۇنى ئوي – خىيال ياكى تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىپ چىقساقمۇ بولىدۇ ، بىراق بۇنداق يېزىپ چىقىلغان تەسۋىر توقۇپ چىقىلغان ياكى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىمىز ، تۇرمۇش تەجرىبىمىز ئاساسىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقىلغان تەسۋىر بولۇپ ، ئۇنى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنچىكە تەسۋىر دېگىلىمۇ بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ئادەت خاراكتىرلىك ھەرىكەت ياكى ئومۇملىشىپ قالغان بىر ئىشنى مۇنداقلا بايان قىلىپ قويۇشتۇر،خالاس . شۇڭا يازغۇچىلار تۇرمۇشتىكى كەم ئۇچرايدىغان ، ئىنچىكە تەسۋىر بولالايدىغان ئىشلارنى ئەستايدىل كۆزىتىشى ۋە خاتىرلەپ مېڭىشى ، ئۇنىڭ ئادەم ۋە شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقىشى ، ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشى لازىم .
بەزى يازغۇچىلارغا كىچىككىنە بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ، ئۇلار ئۇنى بىر سەرخىل ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ، بۇنداق بولىشىدا ئۇلارنىڭ قورسىقىدا « ئوماچ» بار ، بۇ « ئوماچ» دەل بىز دەۋاتقان ئىنچىكە تەسۋىردۇر . بەزى يازغۇچىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ ، يېزىپ چىقالىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ سەرخىل ئەسەر بولماي قالىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلەش ماھارىتى خام ياكى يوق .
   ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقارغىلى ، قۇراشتۇرغىلى بولىشى مۇمكىن ، ئەمما يېڭى ئىنچىكە تەسۋىرنى يېزىپ چىقىش تولىمۇ مۈشكۈل ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش نەتىجىسى ۋە مول تۇرمۇش تەجرىبىسى بولمىسا بولمايدۇ .
    قانداق تەسۋىرلەر ھەقىقىي ياخشى ئىنچىكە تەسۋىر بولالايدۇ ؟ مېنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكىدەك بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن : بىرىنچى ، ئىنچىكە تەسۋىر چىن ، جۈملىدىن سەنئەت چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولىشى لازىم ؛ ئىككىنچى ، ئۆزگىچە بولىشى كېرەك ؛ ئۈچىنچى ، پىرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ۋە سۇژىتنىڭ راۋاجىغا پايدىلىق بولىشى كېرەك ؛ تۆتىنچى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ ، ئۇلارنى چوڭقۇر ئويلاندۇرالايدىغان بولىشى كېرەك؛بەشىنچى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەڭگۈ ئىسىدە قالغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچى ۋە سەنئەت كۈچىگە ئىگە بولىشى ، بەدىئىي جەھەتتە ياخشى پىششىقلانغان بولىشى ،تەپسىلى خەۋەر ياكى ھېساۋات دەپتىرىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك .
  3.ئىنچىكە تەسۋىردىن پايدىلىنىش
يازغۇچىلار ئىجادىيەت جەريانىدا ئىنچىكە تەسۋىردىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولىشى كېرەك . ياخشى يېزىلغان ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇنى كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە قىلىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقىلغان  ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، تۇرمۇشقا يېقىن ، رېئاللىققا ئۇيغۇن ، سەنئەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىرگە ماھىر يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەر ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ  قايىللىقىنى قوزغىيالايدۇ . ئۇلارنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان پىرسوناژلار ، مۇھىت تەسۋىرى ، پىسخىك تەسۋىرلەر ... ئىنچىكە تەسۋىرگە كۆڭۈلشىمەيدىغان باشقا يازغۇچىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى ، بەدىئىي قىممىتى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە تۇتقان ئورنى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ . نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ، ئوبزورچىلار مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ۋە تەنقىد نىشانى قىلدۇ . كۆپنىچە ھاللاردا مۇشۇنداق ئەسەرلەر تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ ياكى تاللىنىلىدۇ . تارىختىن بۇيان نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پىروزا ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ، مۇئەللىپنىڭ ۋەقەلىك قوغلاشماي ، ئادەمنى ، مۇھتنى ، پىرسوناژلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
    4.ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ باشقا روللىرى
   (1) يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاھىشىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلىيەلەيدۇ .
پىروزىدا يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاھىشى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولىدۇ . بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇۋەپپىيەتلىك يارىتىلىشىدا ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ ئوينايدىغان رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ .
(2)ئىنچىكە تەسۋىر مەدەنىيەتتىكى پەرقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىشتىكى مۇھىم ۋاستىدۇر . يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىششى ، ئىلىم – پەن ، قاتناش ، ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىدا ، بولۇپمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە ئوخشاشلىققا قاراپ يۈزلىنىش كۆرۈلمەكتە . مەسىلەن ، مەلۇم بىر شەھەرگە بېرىپ قالسىڭىز ، بەزىدە ئۇ شەھەرنى ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان شەھەردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغاندەك،ئەزەلدىن تونۇشتەك ، كونا كەپە ئۆيلەر ، قەدىمىي رەستىلەر سىز كەلگەن شەھەردىكىگە ئوخشاشلا چېقىۋېتىلىپ ، يېڭى بىنالار سېلىنغان ، بىنالارنىڭ شەكلى ، رەڭگى ، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاشتەك ھېس قىلىپ قالىسىز .
     بۇنداق ئوخشاشلىققا قاراپ يۈزلىنشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولىشى مۇمكىن ، ئەمما مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، پەرقنى يوق قىلىۋېتىشنى ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى قوغداشقا پايدىسىز . ئوخشىمايدىغان شەيئىلەر ئاسانلىقچە يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ ، بولۇپمۇ مىللىي ئالاھىدىلىك ، يەرلىك ئالاھىدىلىك ،مۇھىت ئالاھىدىلىكى ، پىسخىك ئالاھىدىلىك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققى قىلىش شەكلى ۋە يولى بولىدۇ ، ئۇ تەرەققىي قىلغانسىرى نازۇكلىشىپ ، ئىنچىكىلىشىپ بارىدۇ . بۇ خىل نازۇكلۇك ۋە ئىنچىكىلىكنى قانداق ئىپادىلەش ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش كېرەك ؟ بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەسۋىر ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنەرسە باسالمايدۇ . ئالايلۇق ، مەلۇم بىر ئوي – خىيال، مەلۇم بىر ھەرىكەت ، كۆز ئىشارىسى ، چىراي ئىپادىسى ، بىرەر جۈملە سۆز ، بىرەر كەيپىياتتىكى ئۆزگىچىلىك ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرنى پەقەت ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولۇش مۇمكىن .
مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بىر نادىر ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ . ئادەتتىكى بايان ۋە تەسۋىرنى مىسكەرلەر قەلەيدىن ياسىغان چىلەك ياكى داسقا ئوخشاتساق ، ئىنچىكە تەسۋىرنى زەرگەرلەر ئالتۇندىن سوققان زىرە – مۇنچاققا ئوخشتىش مۇمكىن . پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىكلىكىگە قاراپ ، شۇ يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ۋە يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ، بەدىئىي ماھارىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ .
      ئومۇمەن ، ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ، كىتاپخانلاردا ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرالايدىغان ، ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولالايدىغان ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم پىروزا ئىجادىيىتىدە ئىنچىكە تەسۋىرگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .

ئاپتور «تارىم»ژۇرنىلى نەشرىياتىدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-3 12:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە پروزا يېزىچىلىقىدىكى موھىم بىر ھالقا تولىمۇ ياخشى يۇرۇتۇپ بېرىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-5 11:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنچىكە تەسۋىر پېرسونالار خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى  مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئىنچىكە تەسۋىر بولمىسا مەنزىرىلەر، خاراكتىرلار غۇۋالىقتىكى چۈش ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەندەك كىشىگە تونۇشلۇق بەرمەيدۇ خالاس.ئانا يۇرت رومانى ۋە جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىدىكى خاس ئىنچىكە تەسۋىرلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر، مۇختەر تۇردى ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا بۇ نوقتا ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ، قۇت بولسۇن

ۋاقتى: 2016-2-5 11:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىز ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىدى. «تارىم»نىڭ 10-سانىدىن تولۇق ئوقۇغانىدىم. ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدىكى كۆزقاراش ھەم كەلتۈرگەن مىساللىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق چىقىپتىكەن. شۇ چاغدا تېلىفۇن ئارقىلىق بەزى كۆزقاراشلىرىمنى ئورتاقلىشاي دېسەم، ئىلگىرى سىز ماڭا دەپ بەرگەن يانفون نومۇرىڭىز ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ، ئالاقىلىشالمىدىم. مۇشۇنداق نەزەرىيەۋىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن، ئىدىيەسى بار، يېتەكچىلىك رولى كۈچلۈك ماقالىلەرنى داۋاملىق ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز.

ۋاقتى: 2016-2-5 17:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق ئەسەردىكى مەلۇم ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە يازغۇچىسى ياشار كامالنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنچىكە تەسۋىرلەر بەك تەپسىلى ھەم كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى سەزگەنتىم.
بۇ ماقالىدىمۇ ئىنچىكە تەسۋىرلەرگە ئائىت كۆز قاراشلار ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-5 18:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىن بۇيان نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پىروزا ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ، مۇئەللىپنىڭ ۋەقەلىك قوغلاشماي ، ئادەمنى ، مۇھتنى ، پىرسوناژلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.


ياخشى يېزىلغان ئەسەر بىلەن ياخشى يېزىلمىغان ئەسەرنىڭ پەرقىنىڭ، جۈملىدىن  نادىر ئەسەرنى تاللاشنىڭ  ئېنىق ئۆلچىمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى قايىل قىلارلىق يېزىلغان ئوبدان ماقالىكەن.  يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ياخشى يېزىپ چىقىشىنىڭ ئۇسۇلى، ئۇسلۇبى بولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل، ئۇسلۇپقا مەزكۇر ماقالىنىڭ يازغۇچىسى مۇختەر تۇردى ئەپەندى دېگەندەك، ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ قاچىلىك بولۇشى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىسىل يېزىلغان ئەسەرلەر ۋەقەلىك قوغلاشماي، ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق  چوڭقۇر مەنالارغا تولغان نۇرغۇن پىكىرلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-5 18:47:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالام مۇختەرجان،
    ماقالىنىڭ "ئادەمنى ، ۋەقەلىكنى ، مۇھىتنى ، پىسخىك ھالەتنى زىغىرلاپ ، ئىنچىكە ، كونكىرت، سەنئەتلىك تەسۋىرلەش، ئىپادىلەش ئادەتتە ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ ." دېگەن مۇشۇ قىسمىدىلا مەسىلە بارمۇ-قانداق؟  يەنى، تەبىر بۇنداق ئايلانما بولۇپ قالسا مەتىقىگە ئۇيغۇن بولمايدىغۇ دەيمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە "ئادەم" بىلەن |پسىخىك ھالەت" جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلىكى شەكلىدە قەيت قىلىنىپتۇ، ئۇلار ئەسلى تەڭداش ئۇقۇملار ئەمەستۇ؟
  يەنە بىر گەپ: ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدە ئەدەبىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى : 1. بايان، 2. تەسۋىر، 3. لىرىكا، 4. مۇھاكىمە، 5. چۈشەندۈرۈش دەپ 5 تۈرگە بۆلۈنۈپ كەلگەن. تەسۋىر بولسا تەسۋىرلەش ئوبيېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ: 1) پىرسۇناژلار تەسۋىرى، 2) موھىت تەسۋىرى دەپ ئىككى تۈرگە؛ پىرسۇناژلار تەسۋىرى يەنە ئۆز ئىچىدە: (1) قىياپەت تەسۋىرى، (2) ھەرىكەت تەسۋىرى، (3) تىل تەسۋىرى، (4) پسىخىك تەسۋىر دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنەتتى. ئەمدى بۇ ماقالىدا دېيىلىۋاتقان "ئىنچىكە تەسۋىر"نى قايسى دائىرىگە مەنسۇپ دېسەك بولىدۇ؟
   ئاخىرقى بىر گېپىم: مەن ئەدەبىيات ئىلمىدە "تەسۋىر" دېگەن ئاتالغۇ بىلەن "ۋەقە" دېگەن ئاتالغۇنى تاشنى تاياققا تاڭغاندەك بىر-بىرىگە زومۇزور تېڭىۋېلىشنى توغرا ئەمەسمىكىن، دەيمەن. ئەدەبىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى سۈپىتىدە تەسۋىرنىڭ ئوبيېكتى بولسا ئادەم بىلەن موھىت؛ ۋەقەنى ئىپادىلەشنىڭ ئەدەبىي ئۇسۇلى بولسا بايان، دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-5 19:01:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 18:47
ئەسسالام مۇختەرجان،
    ماقالىنىڭ "ئادەمنى ، ۋەقەلىكن ...

دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار.بۇ ماقالىدىكى  مەسىلىمۇ مۇشۇ. ئاپتۇر "ئىنچىكە" دىگەن ئۇقۇمنى ئايدۇڭلاشتۇرۋىلىشى ھەممىدىن  موھىم. يەنى ئىنچىكە سۆزى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇنىڭ كونكىرىت،تەپسىلى...مۈكەممەل دىگەندەك سۆزلىرىكلىرىمىز بىلەن قانچىلىك پەرقى-مۇناسىۋىتى  بار ؟ دىگەندەك.

ۋاقتى: 2016-2-5 19:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 19:07  
  بىراق مەن ئاپتۇرنىڭ قارىشىنى بىر تەرەپلىمىلىك قاراش دەپ قارايمەن.يەنى پىروزىدا ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسىلى قوللانمايمۇ ياخشى-تېتىملىق نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقېنى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-5 19:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   شۇنداق، ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە تىلشۇناسلىق(جۈملىدىن، تەرجىمەشۇناسلىق)، كەسىپشۇناسلىق ھەم لوگىكىچانلىق جەھەتتىن چوقۇم ئىلمىي ئاساسى بولۇشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر دەردىنى تارتقۇچىلار — بىز ئوقۇتقۇچىلار، ئەڭ يامان  ئاقىبىتىگە دۇچار بولىۋاتقانلار يەنىلا بىزنىڭ ئىزباسارلىرىمىز — ئوقۇغۇچىلار بولىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-5 20:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  "پىروزىدا ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسىلى قوللانمايمۇ ياخشى-تېتىملىق نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقېنى بولىدۇ دەپ قارايمەن."————————————————
   سىزمۇ مۇشۇ جۈملىڭىزدە ‹ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى› دېگەن ئۇقۇمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپسىز. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم: تەسۋىردىن ئىبارەت بىر ئەدەبىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى مۇشۇنداق بۆلۈشنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى بارمۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەلبەتتە، ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئەدەبىي ئاتالغۇ كەشپ قىلىۋەرسەك، باشقىلىرىمىزمۇ ئۇنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىۋەرسەك بولماس دەيمىنا؟
   ماقالىدىكى تەۋسىيەلەرنىڭ شەخسەن ماڭا قارىتا مەنپەئەتىگە كۆز يۇممايمەن، بىراق،  ھالقىلىق بىر ئاتالغۇ ھەققىدىكى گۇمانىي قارىشىمنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم، بەلكىم، مۇختەرجاننىڭمۇ بۇ خۇسۇستا بەلگىلىك ئاساسى باردۇ، شۇنىڭدىنمۇ تەڭ بەھرلەنسەك، دېگەن ئۈمىدتە مەن.

ۋاقتى: 2016-2-5 21:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 20:40
"پىروزىدا ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسىلى قوللانمايمۇ ياخ ...

ھەر كىم دۇچار بولغان  ئۇقۇمنى قانداق ھەزىم قېلىش ئەركىنلىكىدە. مەن پەقەت "ئەتراپلىق-تەپسىلى " دەپ چۈشەندىم ھەم شۇ نۇقتىدا ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدۇم.بۇمۇ ئۆزەمنىڭ شەخسى قارشى-ئەلۋەتتە.

باھا سۆز

بۇ ھەقتە ئىككىمىز تالاش-تارتىش قىلمايلى، يەنىلا مۇختەرجان بىر نەرسە دېگەي!  ۋاقتى: 2016-2-5 09:15 PM
ۋاقتى: 2016-2-6 12:10:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 20:19  

ئەدەبىي مۇھاكىمىنى كونكرېتلىققا يۈزلەندۈرۈشتە تاشلانغان دادىل قەدەم
— مۇختار تۇردىنىڭ «پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىگە قىسقا باھا

   مەن يېقىندا «تارىم»2015-يىل 10-سانىدىن «پىروزا ئەسەرلەردىكى ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدە»ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ خېلى سۆيۈنگەن ئىدىم.بۈگۈن شۇ ماقالىنى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ «ئوبزور-مۇھاكىمىلەر سەھىپىسى»دە كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.مەن ئىلگىرى مۇختار تۇردى تەرجىمە قىلغان ئەدەبەبىياتقا دائىر ماقالىلەرنى خېلى كۆپ كۆرگەن بولسىمۇ ئەدەبىيات ھەققىدە يازغان ئىجادىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
  مۇختار تۇردىنىڭ ئىجادىي ماقالىسى يۇقۇرىقى بىر پارچىلا بولماسلىقى مۇمكىن.باشقا ماقالىلىرىنى مەن كۆرۈپ بولالمىغان بولۇشىم مۇمكىن.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن نەزىرىمدە مۇختار تۇردىنىڭ ئەدەبىي مۇھەرىرلىك ۋە ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەدەبىياتقا ئائىت ئىلمىي ئىجادىيەت ئۈچۈنچى ئىش ھېساپلىنىدۇ.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مۇختار تۇردى ئەدەبىيات ئىلمىي ئىجادىيىتىگە -تەتقىقاتىغا يېپ-يېڭى بىر قىياپەت بىلەن كىرىپ كەلگەن.بۇ يەردىكى يېڭىلىق  ـــ  ئىلمىي ئىجادىيەتتە تېمىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ،يارقىنلاشتۇرۇپ تاللىغانلىقى شۇنداقلا تەھلىلنى ئومۇمىيلىق  نۇقتىسىدا يۈرگۈزگەنلىكىدە كۆرۈلگەن.بىزگە مەلۇم ئەدەبىياتقا دائىر ماقالىلەردە چوڭ تېما، چوڭ قائىدە،پىرىنسىپ،مىزانلار ھەققىدە توختىلىش كۆپ.نەزىريىۋىي بىلىمىنى يېڭىلاشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن رەسمىي نەپ ئالالمايدۇ.يېڭىلىق ۋە چوڭقۇرلۇقنى بايقىيالمايدۇ.ئەدەبىياتتا «كونكرېت ئۆلچەم»دەيدىغان ئاتالغۇ يوق.لېكىن ئەدەبىياتنىڭ پىرىنسىپ،مىزانلىرى ناھايىتى ئىنچىكىلىككە ۋە كونكرېتلىققا ئىگە.ئەدەبىياتنىڭ قايسى ژانىرىغا تەۋە مەسىلىلەر بولسۇن ئوچۇق ئېيتقاندا مۇئايەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىشقا ياكى بولمسا توغرا -خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئائىت مەسىلىلەر بولسۇن  ئەدەبىيات قانۇنىيىتىىدىن شۇنداقلا ئەدەبىياتقا باغلىنىشلىق پەنلەر مىزانلىرىدىن تەرتىپ ،ئۆلچەملەرنى تاپقىلى بولىدۇ.
    يۇقۇرىقى ماقالىدا يىرىك پىروزا ئەسىرىنىڭ نادىرلىقىغا،ئەدىپنىڭ ئىستېداتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىنچىكە تەسۋىر(ئاپتور ئەسلى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى دەپ ئېلىشنى مۇددۇئا قىلغان بولسىمۇ ماقالە كونتېكسىدا ئىنچىكە تەسۋىر دەپ ئالماشتۇرۇپ قويغان.)توغۇرلۇق مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ پىروزىچىلىقنىڭ يۈكسىلىشىنى بەدئىي سۈپەت نۇقتىسىدىن ئۆلچەشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ ،مىزاننىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى  ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش،تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش،ئاپتورنىڭ يۇقۇرى ئىپادىلەش ماھارىتىنى نامايان قىلىش، ئەدەبىياتتىمۇ قىيىن ھالقا-تېخنىكىلىق ئامىللارنىڭ بولىدىغانلىقى ئايان قىلىش جەھەتلىرىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ ئىككى كوزۇرى بولىدۇ.بىرى : يۈكسەك بەدئىي ماھارىتى.يەنە بىرى : مول ،كەڭ ۋە چوڭقۇر بىلىم قۇرۇلمىسى. مەيلى ئابدۈرھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەدئىمىن ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدىپلىرى بولسۇن ياكى چىڭغىز ئايتماتوپ،ئۇرخان پامۇك قاتارلىق مەشھۇر دۇنياۋى يازغۇچىلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ئەسەرلەرنىڭ يۈكسەك بەدئىي ماھارەت بىلەن مول،كەڭ،چوڭقۇر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىكەنلىكى ھەقىقەتتۇر.
   «يۇقۇرى بەدئىي سەۋىيەدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەيلى»دېگەن تەشەبۇس،شۇئار توۋلىنىپ كەلگىلى ئوتتۇز يىل بولدى.ئەمما تەلەپنى كونكرېتلاشتۇرۇش ناھايىتى ئاز بولدى.تەلەپنى كونكرېت،ئىنچىكە ئوتتۇرغا قويۇش مەخسۇسلىشىش-كەسىپلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى .پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر (تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى ) ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەمىلىي ماھارەتكە بېرىپ تاقىللىدۇ.19-ئەسىر دىكى پىرانسىيە ئەدەبىياتى بىلەن روسىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىت تەسۋىرى ،تاشقى قىياپەت  تەسۋىرى نەچچە بەت-نەچچە بەتكە سوزۇلغان.20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شۆھرەت قازانغان ھېمىڭۋاي.رومىن رولان،سارتىرى،ئېمىل زولا،ئالبرت كامۇس قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن يازغۇچىلار ئىدى.مەن  1989-يىلى ھېمىڭۋاينىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز»ناملىق پوۋستنى 10-قېتىمدا ئاران تولۇق ئوقىغان.چۈنكى ھەر قېتىمدا 4،5 بەت ئوقىساملا تەسۋىردىن زېرىكىپ توختاپ قالاتىم.10-قېتىم ئوقىغاندا چىشىمنى چىشلەپ 10-بەتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ تاكى تۈگىگىچە ئۈزمەي ئوقىدىم.ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئەسەر دېگەن ئەسلى مۇنداق بولىدىكەن ئەمەسمۇ»دېدىم.كېيىن 20 قېتىم دەك ئوقۇپ چىقتىم.ھېمىڭۋاينىڭ ئۇلۇغ يازغۇچى ئىكەنلىكى گە ھەقىقەتەن قول قويدۇم.1994-يىلى چىڭگىز ئايتماتوپنىڭ « ئالا ئىت قىياسى»ناملىق پوۋستنى ئوقىدىم.ئۇ پوۋستمۇ تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى جەھەتتە ۋايىغا يەتكەن ئەسەر.مەن 2010-يىلغا كەلگەندە «بوۋاي ۋە دېڭىز»ناملىق پوۋستنىڭ «ئالائىت قىياسى»ناملىق پوۋستىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدىم.بۇنىڭدىكى سەۋەپ ھەرگىزمۇ ھېمىڭۋاينىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىكى، چىڭگىز ئايتماتوپنىڭ ئېرىشەلمىگەنلىكىدە بولماستىن بەلكى« بوۋاي ۋە دېڭىز»دىكى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى «ئالا ئىت قىياسى »پوۋىستىغا قارىغاندا تېخىمۇ چىن ۋە تېخىمۇ  تەبئىيلىككە ئىگە بولغانلىقىدا بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
      يۇقۇرىقى ماقالە ئەدەبىي مۇھاكىمە-مۇلاھىيزىنى كونكرېتلىققا يۈزلەندۈرۈشتە يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويۇلغان.بىرىنچى:ماۋزۇ مۇكەمەللىككە ئىگە قىلىنمىغان، ماۋزۇ «يىرىك پىروزا ئەسەرلىرىدىكى تەسۋىر نىڭ ئىنچىكىلىكى توغرىسىدا »دەپ قويۇلسا مۇۋاپىق بولاتى.ئىككىنچى : ماقالە ماۋزۇسىدا سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش يېتەرسىزلىكى
كۆرۈلگەن.يەنى «تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى » دېگەن سۆز بىرىكمىسى «ئىنچىكە تەسۋىر »دەپ ئېلىنغان.بىر قارىماققا بۇ خىل ئىپادىلەش تەرجىمە ماقالى نىڭ دەسلەپكى ماۋزۇسىغا ئوخشاپ قالغان.لېكىن بۇ ماقالە تەرجىمە قىلىنغان ماقالە ئەمەس.بەلكى ئاپتورنىڭ «تارىم»دا ئېلان قىلغان ماقالىسى.ئاپتور مۇختار تۇردى ئەدەبىي ئاتالغۇلارنى ئانا تىل-ئۇيغۇر تىلىدا قانداق ئاتاش،ئىپادىلەش مەسىلىسىنى پۇختا ئايدىڭلاشتۈرۋېلىشى كېرەك.ئۈچۈنچى: ماقالىدە تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىنىڭ پىروزا.نەسىر،شېئىريەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەدەبىي ژانىرلاردا قوللىنىدىغانلىقى،مەزكۇر ماقالە بولسا مەخسۇس پىروزا ئەسەرلىرىدىكى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىگە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.چۈنكى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكى ئەدەبىياتتا ھەممە ژانىرلارغا ئورتاق.تۆتىنچى : ماقالىدا مۇلاھىيزە ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىگە ئائىت ئەمىلىي مىساللارنىڭ تىلغا ئېلىنىشى يېتەرسىز بولۇپ قالغان. ئەدەبىياتىمىزدا تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىگە ئۆرنەك بولالايدىغان نادىر،رومان،پوۋست،ھېكايىلەر خېلى نىسبەتتە بار.شۇلاردىن نەقىل ئېلىنغان  بولسا ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى،ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدە  تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرىلىشى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرلغان بولاتى.بەشىىنچى : ماقالىدا «زىغىرلاپ تەسۋىرلەش »دېگەن ئىبارە بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ،سۆزنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش يېتەرسىزلىكىنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلەنگەن.تىلىمىزدا «تەپسىلى تەسۋىرلەش،تەپسىلاتلار تەسۋىرى »دېگەن ئاتالغۇلار بار.«زىغىرلاش »سۆزى كۆپۈنچە «كوچىلاپ سوراش،سۈرۈشتە قىلىش »مەنىسىگە كېتىپ قالىدۇ.توغرىسى «نازۇك ھالقىلىرىغىچە تەسۋىرلەش»دەپ ئېلىنسا تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇيغۇن بولاتى.ئاپتور يەنىلا ئانا تىلنى ئۈگۈنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا مۇلاھىيزىدە ئىككى كەمتۈكلۈك مەۋجۇت: بىرى : 20-ئەسىردە دۇنيا پىروزىچىلىقىدا روھى ھالەت تەسۋىرنىڭ بولۇپمۇ روھى ھالەت تەسۋىرى ئىنچىكىلىكىنىڭ پەۋقۇللادە مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىدۇر.مۇشۇ پىكىرنىڭ ئۆزى بىرقانچە بەت تەھلىل ئوبكىتى بولالايدۇ.يەنە بىرى: روھى ھالەت تەسۋىرى ئىنچىكىلىكى نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېييىن ئەدەبىياتنىڭ سەھنە ۋە ئېكران ئەدەبىياتى شۇنداقلا ھەر خىل سەنئەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدىغانلىقىدۇر. بۇ پىكىرمۇ بىرقانچە بەت تەھلىلنىڭ ئوبكىتى بولالايدۇ.

     قىسقىسى مۇختار تۇردىنىڭ يۇقۇرىقى ماقالىسى مەقسەت،چىقىش نىشانى،مۇلاھىيزە ئۇسۇلى ۋە جەريانى توغرا بولغان،ئەدىبلەرگە ماھرەت جەھەتتە كونكرېت تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويالىغان ياخشى ماقالە بولغان.گەرچە قىسمەن يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ .مەن مۇختار تۇردىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ مۇنەۋەر ماقالىلەرنى بارلىققا كەلتۈردىغانلىقىغا ۋە ئەدەبىياتتا ئىلمىي ئىجادىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



ۋاقتى: 2016-2-7 19:21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 12:10
ئەدەبىي مۇھاكىمىنى كونكرېتلىققا يۈزلەندۈرۈشتە تاشلان ...

    ئەلبەتتە، مەنمۇ مۇختەرجاننىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن دەيمەن، شۇنداقتىمۇ، ئاتالغۇلارنى خادلىغانچە قوللانساقمۇ بولماس؟

ۋاقتى: 2016-2-7 21:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 12:10
ئەدەبىي مۇھاكىمىنى كونكرېتلىققا يۈزلەندۈرۈشتە تاشلان ...

كۈن ئەپەندى، سىز مۇختار ئەپەندىنى ماڭا ئوخشاش ماقالىنى ئۇزۇن يازماپسەن دېمەكچىمۇ؟ نېمە قىلىدۇ گەپنى ئۇزارتىپ، مېغىزلىق يازسىلا بولمىدىمۇ؟ ماقالە ماۋزۇسىدا «پىروزا ....» دەپ تۇرسا، سىز يەنە ئەسكەرتمەپسەن دەپ ئاغرىنسىڭىز بولامدۇ؟ تولا زىغىرلاشنىڭ نېمە زۆرۆرىيىتى؟ يەنە بىرى، سىلەر دەۋاتقان «ئىنچىكە تەسۋىر» دېگەن تەسۋىر يوق دەپ تۇرىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ تۆت خىل تەسۋىرنى ئىنچىكە، مۇپەسسەل، «زىغىرلاپ» قوللانسىلا ئۇنى ئىنچىكە تەسۋىر دېسەك ياكى شۇنداق چۈشەنسەك بولىۋېرىدىغۇ. «ئىنچىكە» دېگەن سۆزنى مەن تۆت خىل تەسۋىرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى دەپ چۈشەندىم. بۇنى تۈرگە ئايرىش دەپ يوق يەردىن تېرمىن قالپىقى كىيگۈزسەڭلار توغرا بولامدۇ؟
لېكىن بەزى قاراشلىرىڭىزنى مەنمۇ قوللايمەن. ئاپتور بىرمۇ مىسال كەلتۈرمىگەن. مېنىڭچە مىسال كەلتۈرۈلمىگەنلىكنىڭ ئۆزى پاكىت كۆرسىتەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەندە تارىم ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئوقۇدۇم. «ئەدەبىياتىمىزدا تۆت غەلەت؟» (مۇشۇنداقراق ماۋزۇدا). بۇ ماقالە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن. بىراق ياخشىغا مىسال بار، غەلەتكە بىرمۇ مىسال يوق. مەن دەيمەن، نۇقتىنەزىرىڭىز بولسا، مانا دەپ پاكىت كەلتۈرۈڭ، بولمىسا قۇرۇق نەزەرىيىڭىزگە خەقنى ئىشەندۈرىمەن دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭ. ئىجتىمائىي پەنمۇ، جۈملىدىن ئەدەبىياتمۇ تەبىي پەنگە ئوخشاش پاكىت تەلەپ قىلىدۇ. ئوبزور تېخىمۇ  شۇنداق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش