كۈن ئەپەندى، سىز مۇختار ئەپەندىنى ماڭا ئوخشاش ماقالىنى ئۇزۇن يازماپسەن دېمەكچىمۇ؟ نېمە قىلىدۇ گەپنى ئۇزارتىپ، مېغىزلىق يازسىلا بولمىدىمۇ؟ ماقالە ماۋزۇسىدا «پىروزا ....» دەپ تۇرسا، سىز يەنە ئەسكەرتمەپسەن دەپ ئاغرىنسىڭىز بولامدۇ؟ تولا زىغىرلاشنىڭ نېمە زۆرۆرىيىتى؟ يەنە بىرى، سىلەر دەۋاتقان «ئىنچىكە تەسۋىر» دېگەن تەسۋىر يوق دەپ تۇرىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ تۆت خىل تەسۋىرنى ئىنچىكە، مۇپەسسەل، «زىغىرلاپ» قوللانسىلا ئۇنى ئىنچىكە تەسۋىر دېسەك ياكى شۇنداق چۈشەنسەك بولىۋېرىدىغۇ. «ئىنچىكە» دېگەن سۆزنى مەن تۆت خىل تەسۋىرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى دەپ چۈشەندىم. بۇنى تۈرگە ئايرىش دەپ يوق يەردىن تېرمىن قالپىقى كىيگۈزسەڭلار توغرا بولامدۇ؟
لېكىن بەزى قاراشلىرىڭىزنى مەنمۇ قوللايمەن. ئاپتور بىرمۇ مىسال كەلتۈرمىگەن. مېنىڭچە مىسال كەلتۈرۈلمىگەنلىكنىڭ ئۆزى پاكىت كۆرسىتەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەندە تارىم ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئوقۇدۇم. «ئەدەبىياتىمىزدا تۆت غەلەت؟» (مۇشۇنداقراق ماۋزۇدا). بۇ ماقالە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن. بىراق ياخشىغا مىسال بار، غەلەتكە بىرمۇ مىسال يوق. مەن دەيمەن، نۇقتىنەزىرىڭىز بولسا، مانا دەپ پاكىت كەلتۈرۈڭ، بولمىسا قۇرۇق نەزەرىيىڭىزگە خەقنى ئىشەندۈرىمەن دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭ. ئىجتىمائىي پەنمۇ، جۈملىدىن ئەدەبىياتمۇ تەبىي پەنگە ئوخشاش پاكىت تەلەپ قىلىدۇ. ئوبزور تېخىمۇ شۇنداق.