يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 971|ئىنكاس: 34

ئەنۋەر مەڭلىك(ئىزگۇگە)دادام،شېئىر ۋە مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنۋەر1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 15:44  

ئىزگۇ تور ئەدىبىيات مۇكاپىتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر

ئەنۋەر مەڭلىك

دادام،شېئىر ۋە مەن


ھەي تاڭەي!
يىگىرىمە  يىل شېئىر دەپ يۈرگۈچە
دېھقان بۇلۇپ
يەر تېرىسام يازدىن -كۈزگۈچە.
ھىچ بولمىسا ۋادىكلىك ئۆيۈم بۇلار ئىدى
قەرىز ئالماي نەق پۇلغا سالغان.
تۆت-بەش قۇيۇم،بىر،ئىككى كالام،..
خۇرازلىرىم... سەھەر چىللىغان.

شېئىر يېزىپتىمەن جان جەھلىم بىلەن
ھەرىپلەرنى ئاتتەك چاپتۇرۇپ.
شېئىر يېزىپتىمەن قانلىرىم بىلەن
تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز قۇيۇپ
بىر تال،بىر تالدىن
چاچلىرىمنى باغرىدىن يۇلۇپ
ئەڭ سەمىمى ساداقىتىمدە
يۈرىكىمنى ئېلىپ سۇغۇرۇپ.

نە خۇشاللىق ھايات يۇلۇمدا
قالغانلىرى ئازاپلىق كەچمىش.
ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدە مۇڭ
باللىرىمدا يوقتۇر ئېچىلىش.

ئىشكاپلاردا يالتىرغان كىتاپ،
شۇنچە مەغرۇر يېزىق ئۈستىلى.
نۇرى قاچقان كۆزۈمگە قاراپ
باللىرىمدا پۇلنىڭ جىدىلى.

شېئىر يېزىپ نىمەلەر تاپتىم
بىرەسىگە بىرەلدىممۇ نان.
رەستىلەردە شارت-شۇرت پۇل خەجلەپ
بۇلالدىممۇ مەغرۇر قەدىردان.

ئۆزەمنىڭ جېنىنى جان ئىتەلمەي
سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ئىچىم ئاغرىغىنىنى.
ئۈستىلىمگە مۇشلاپ چىچاڭشىپ
بەشىر ئاسادنى تىللىغىنىمنى.
لەۋلىرىمنىڭ گەزلىكىگە باقماي
دۇنيا ئىشلىرىدىن چۈشكەن ئىشىمنى.
ئەلەم  بىلەن سېغىنىپ
تۈركىيە دېڭىز ساھىلىدىكى
ئۈلۈپ قالغان سەبى بالىنى.
پەلەستىن كۆچىللىرىدىكى
ئېقىۋاتقان قانلارنى.

كىچىك چاغلىرىم غەزەپتىن تىترەپ
ئانام سۆزلەپ بەرگەن باغدات مەلىكىسى
كۈلۈپ يايراپ ئوينىغان باغنىڭ
ۋەيران بۇلۇپ كۈلگە ئايلانغىنى.
ناۋائىينىڭ تىنىقى مىسكىن
ھىرات كوچىللىرىكى ۋەيرانچىلىقنى.

ھەرەمگە بارماقچىدى رەھمەتلىك دادام
يۇقسۇزلۇق غېمى.
ئانام بىلمەيدۇ بېيجىڭ كوچىللىرىنى
باراي دەيدۇ لېكىن يوق پۇلى.
تاپقان تەرگىنى مىنى ئۇقۇتۇش بولدى
ئەپسۇس: باراي دىگەن يەرگە بارالمىدى
كىيەي دىگەننى كىيەلمىدى
ئىچ-ئىچىدىن كۈلەلمىدى
شۇنداقتىمۇ مىنى ساۋاتلىق
ئۆزىنى ئۇقۇيالايدىغان
ئۆزىنى تۇنۇيالايدىغان
ئەقىدىسىگە جان بىرەلەيدىغان
دولقۇنلاردا ئۆزەلەيدىغان
باھار دىسە قۇچاقلايدىغان
زىمىستانغا ئوت ياقالايىدىغان
قەلبى ئويغاق نەۋقىران قىلدى.

كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ
ئۇ ۋەتەننىڭ تۇرسا يۈرىكى.
نىيىتىم بار ئاپىراي دەيدىغان
توختىماستا ئۇنىڭ تىنىقى.

نە قىلاي ئۈمۈدلەردە قاناتلار ياساپ
ۋىجدانىغا ئىكەكلەر سالغان.
ئۆزىدە قايناپ سۇۋۇپ باشقىغا
شۇنداق ئادەممەن شېئىر يازىدىغان.

لېكىن كۇپۇرلۇق قىلمىدىم
بىرى شېئىرغا،بىرى خۇداغا.
ۋاپاسىزلىق قىلمىدىم
بىرى ۋەتەنگە،
يەنە بىرى جانلىققا.
غۇرۇرىمغا،پاك ئەقىدەمگە.
كۆڭلۈمدە بارىنى دىدىم
ئويلىغاننى ھەم.
يوقنى بار قىلمىدىم،
ئاقنى قارا ھەم.

دادامنىڭ ئۈمۈدلىرى بەكمۇ چوڭ ئىدى،
مىنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىشىمغا ئىشىنەتتى.
ئالدىراش ماڭسام كىتاپ قولتۇقلاپ
يۈگرەپ كىلىپ سۈيۈپ كىتەتتى.
دادام
قىرىق بەش يىللىق ئۆمرىدە
ئېتىز سۇلتانلىقىنىڭ خاقانى بۇلۇپ
بۇغداي تېرىپ...
قۇناقلار تېرىپ...
باشاق تىرىپ...
چاڭقىسا مايسىللىرى يامغۇردەك تۈكۈلۈپ
ياشىدى پىيازدەك قات-قېتىدىن سۈكۈلۈپ
قەدەمدە بىر ئىگىلىپ پۈكۈلۈپ
ئاغرىسىمۇ جېنى
تۈكۈلسىمۇ قېنى
باسسىمۇ ئازاپ
قۇياشتەك چاقناپ
تاغدەك مەغرۇر قۇۋەتكە تۇلۇپ.
ئاققان تەرلىرىنى ھەممە...لەر ئىچتى،
قانىتىدا پەرۋازنىڭ كۈچى.
تاپقان ئەجرىدە داستىخان سالدى
يۈرىكىدە قالدى خوشلىقى.

ئۇ سالغان قاپاق تىرەك...لەردە
نەچچە قەسىر،ئايۋانلار پۈتتى.
شاخلىرىدا بۇلبۇللار سايراپ
ئىھ،باھارنى چىللىغان بولدى.

دەرەخ سايىسىدا تالاي ئادەملەر
يۈرەر شادىمان كۈلۈپ قاقاقلاپ.
دادام چېھرىدە شاتلىق كۈلكىسى
ئۆشىنىگە يېپىشقان ئاپتاپ.

ئالتۇنغا ئوخشاپ قالغان چېھرىدە
يىللار ئىزناسى روشەن پاقىراپ
كىلەر غالىپ ئەسكەرلەردەك
ھەر تەرەپتىن سەكرىشىپ قاتراپ.
ئىككى دولىسىدىكى پەرىشتە
نىمە دىيىشنى بىلمەي گاڭگىراپ.
يازىدىغاننى يېزىپ بۇلالماي
ئىزلىرىغا يۈكۈنەر يىغلاپ.

دادام ئاددىلا دېھقان
غۇربەت پىچىدا تاۋلىنىپ پىشقان.
تامام ئۆمرىدە گەپنىلا ئاڭلاپ
قىلار سۆزىنى ئىچىگە يۇتقان.

دادام سەكراتتا ياتقاندا
مەن بېشىدا بار ئىدىم.
قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ دىگەنلىرى ئىسىمدە:
-مەن ئادەمدەك ياشىدىم.
يەنە شۇنداق ياشايمەن
تۇرۇپ كەتسەم بۇ قېتىم .
يىراقلارغا بارغۇم بار
قارلىغاچتەك باھار قوغلۇشۇپ
ئوينىغۇم بار
توختىمىسا تىنىقىم
قۇياش بۇلۇپ چىچەكلىگۈم بار.
ساڭا خۇتۇن ئېلىپ بەرسەم
چىرايلىقنىڭ چىرايلىقىنى.
نەغمە قىلسام داستىخان سېلىپ
مېھمان قىلىپ ئەل جامائەتنى.
جاكالىسام نەۋرەم بولدى دەپ
ۋارىسىمنى، ئىتىقادىمنى.
ھەقىقى دېھقان بۇلۇپ
تاشلاپ قويماي ئېتىزلىقىمنى.

ھەي!ھېرىپ كەتتىم،
بىردەم ئۇخلىۋالاي بالام.
شۇ ئۇخلىغانچە
ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان دادام.
چىرىكى يوق
غەزىنىسى قۇرۇق
يەر مېھرىگە تويمىغان دادام.

دادام ئىشلەپ بىر ئۆمۈر
ئايرۇپىلاندا ئولتۇرالمىدى...
ئىشىكىنى ھاڭرىتىپ
مەھەللىسىدىن چىقالمىدى...
يا ئاشقۇدەك پۇل تاپالمىدى
ئېتىزلىقى چاڭقاپ قالمىدى.
قۇشلار ئۇندا شادىمان
ناۋالىرى توختاپ قالمىدى.

خۇتۇن ئالدىم نەغمە ناۋاسىز
زىمىستاننىڭ قارلىق كۈنىدە.
ئانام ئانام بولدى،داداممۇ ھەم
قۇياش نۇرىدەك يىتىپ ھەممىگە.
ئېچىشاتتى لېكىن يۈرىكىم
شۇ دادامنىڭ يوقلۇق غېمىدە.

ئوغلاق تارتىش بولمىدى
كۈلكە-چاخچاق بولمىدى.
نىكاھ ئۇقۇدى ئاخۇنۇم
تەگدىم...
ئالدىم ...
ئىش تامام.
يېنىمدا خوشلىقىدا
يىغلاپ تۇرار جانىجان ئانام.

شۇنىڭدىن باشلاپ
دادىسىز كۈنلەرنىڭ مۇشاقىتىنى
تەسۋىرلەشكە بارمايدۇ تىلىم.
نەگە بارسام شۇ سۇغۇقچۇلۇق
ئوت كەتكەندەك كۈيىدۇ دىلىم.
دادىلىق بالىلارغا قاراپ
يىغلاپ يىغلاپ ئاھ يىتىملىكىم.
يۇقالغاندا ھەتتا كىملىكم.
دادام بار چاغدىمۇ يازاتتىم
ئىچىمنىڭ ئىچىگە پاتاتتىم.
تۈننى قوغلاپ
تاڭغا ئۇلايتتىم.
دادام چىراق تۇتۇپ
چىراقتىنمۇ بەكرەك ياناتتى
بەزى ئازاتتىم،
چېچىلىپ كەتكەن مىسرالىرىمىنى تېپىپ بىرەتتى.
قاداق-قاداق قوللىرىدا بېشىمنى سىلايتتى.
مىنى ئەللاما ئالىم سانايتتى.
ئۇقۇپ بەرسەم يازغانلىرىمنى
ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چالاتتى.
دادام كەتتى ئارمىنى بىلەن
تاتلىق-تاتلىق خىيالى قالدى.
ئىزلىرىدىن تالاي كەچمىشلەر
كۈلدى لېكىن ،سىماسى كۆچتى.
ئۇ تىكىپ قويغان دەرەخلەر
ئادەملەر،قۇشقاچلارغا ماكان بۇلۇشتى.
ئېتىزلىقىقىدىكى چېچىلغان دانلار
جانلىقلارغا دەرمان بۇلۇشتى.
ئۇ يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ  كەتتى
بىر غۇلاچ زىمىندا كىرىلىپ يېتىپ.
زىمىننىڭ ئۆزىنى باغاشلىغانلىقىغا خوش بولغاندەك
خۇمار كۆزلىرى ئاستا ئېچىلىپ.
توۋا دەيمەن،
دادام كۆز يۇمغان كۈنى
قوي،كالىلارنىڭ مەڭرەپ كەتكىنىنى،
كۆك كەپتەرنىڭ بۇقۇلداپ
بالكۇندا ئۈنلەپ كەتكىنىنى.
كۆك ھاڭگىنىڭ چاپچىپ ئىزىدا
جاھاننى بىر ئېلىپ ھاڭراپ كەتكىنىنى.
ئاق قۇيرۇقلۇقلۇق تايغان كۈچۈكنىڭ
دادامنىڭ كەشىنى پۇراپ ياتقىنىنى.
ئۆيگە كىرمەس ئالا مۈشۈكنىڭ
دادامنىڭ بېشىدا مىياڭلىغىنىنى.
بىر توپ پاختەك،ئاق قۇشقاچلارنىڭ
قاپاق تىرەك شېخىغا قۇنىۋېلىپ
ئۈركۈتسەممۇ ئۈركىمىگىنىنى.
خادا ئۈچۈن تۇتۇلغان دەرەخنىڭ
مەجنۇنتالدەك ئىگىلگىنىنى.
ئېتىزلىقىدىكى بوز تورغايلارنىڭ
ھويلىمىزدا سايرىغىنىنى.
كاماردىن چىققان ساچقانلارنىڭ
دادامنىڭ جەسىدىگە قاراپ قالغىننى.
1992-يىلى 18-ئۆكتەبىر
نەچچە مىڭ ئەر-ئايالنىڭ
ياش ئېقىتىپ يىغلاشقىنىنى.
بىر توپ ئەركەكنىڭ جىنازىنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن
دەۋرەپ سەلدەك تالاشقىنىنى.
ئەمدى بىلدىم
دادام كۈرمىڭ جانۋارلارنى باققان ئىكەندۇق
شۇ ئالقانچە يەرلىرى بىلەن.
باياۋانلارغا مېھرىنى سىپىپ
كۆكەرتىپ تەرلىرى بىلەن.
ئۇ يەنە قانداق دېھقان بولماقچىدىكى،
يۈرىكىمنى تىڭشايمەن پات-پات.
ئۇ يەنە قانداق كۆيمەكچىدىكى
كۆز ئالدىمدا قۇياشتەك سۇبات.

باشقىلاردىن دادام توغرۇلۇق ئاڭلايمەن
دادىڭىز بىزگە ياخشىلىق قىلغان دەيدۇ.
بەزى ئاڭلىمىغان بۇلۇپ كىتىپ قالىمەن
تۇپراققا باغرىمىنى يېقىپ يىغلاپ كىتىمەن
بىر شېئىر يېزىلىدۇ دادام ھققىدە
ئۇقۇيمەن ئۇنى تىنىچ ئىچىمدە.
ئايالىم شېئىرغا ئۆچ
شېئىر ئۇقۇماس بەلكىم ئۆمرىدە.

مانا ھازىرمۇ شېئىر يازىمەن
ئانام يالغۇز يەتمىش يېشىدا.
دادامنىڭ چىرىغىنى ئۈچۈرمەي
ياشاۋاتىدۇ يىراق سەھرادا.
بارالمايمەن يوقلاپ ھەركۈنى،
ئۇ كۆرگىلى كىلىدۇ مىنى.
پىشانەمگە سۈيۈپ ھەر نۆۋەت
ئىھ،ئاللاھتىن تىلەپ بەختىمنى.
قورۇقلارغا قاراپ قالىمەن
ئاھ،يەنىلا شېئىر يازىمەن.
ئەلشىر ناۋائىنى سېغىنىمەن
كەچۈرگۈم كەلمەس بويتاقلىقىنى.
مەشرەپ توۋلاپ ئېيتقان غەزەللەر
ئويغىتىدۇ سەھەرلىرىمنى.
ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايمەن
ئابدۇخالىقنىڭ كىسىلگەن بېشىنى.
تەۋپىق كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ
قەدىرلەيمەن كۆيگەن تىنىدىن
چاپچىپ تۇرغان جاسارىتىنى.
زىمىستاندىكى ئوت دەيمەن
لۇتپۇللانىڭ ئارمانلىرىنى.
ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن
ئۈرۈمچى كوچىللىرىدا
سوغ جۇدۇندا تاغدەك بەستىنىڭ
ئىگىلمەستىن بوغدادەك مەغرۇر
چاقناپ تۇرغان سالاپىتىنى.
چەكسىز قايغۇ بىلەن سېغىنىمەن
دەرتلىرىنى ئىچىگە تىنغان
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننى.
ئەلگە بولغان ساداقىتىدىن
پورەكلىگەن تەپەككۇرىنى.
يىغلاپ تۇرۇپ تىڭشايمەن
باتۇر رۇزىنىڭ
ئانا يەرگە مەڭزىنى يېقىپ
توختاپ قالغان ئوت يۈرەكىنى،
ئانا يەرنى مەھكەم باغاشلاپ
تويماي كەتكەن بىر جۇپ كۆزىنى.
كىم يوق دىيەلەيدۇ
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئاق چاچلىرىغا
شېئىر سالمىغان دىشۋارچىلىقنى.
كىم يوق دىيەلەيدۇ ئادىل تۇنىيازغا
شېئىر سالمىغان غېرىپلىقىنىنى.
كىم يوق دىيەلەيدۇ غۇجامۇھەممەتكە
شېئىر سالمىغان سەرگەندانلىقىنى.
تۇسۇن تايدەك سەكرىتەمدۇ
ئېتىز،قىردا ھەتتا ئۇيقۇدا
شېئىر يازمايمەن دەپ
شېئىر يازىدىغان
شېئىرغا ئامراق دولقۇن جاپپارنى.
بارخانلاردەك ئۆت كەتكەن
يۈرىكىگە مۇزلارنى تېڭىپ
چۆرگىلەمتى ئابدۇرېشىت ئېلى
چوڭقۇر بازارنىڭ قايناملىرىدا.
تۇپا باسقان چىرايلىرىدىن
شېئىر تۈكۈپ ئۇيغۇر تىلىدا.
ئازاپلىمامدۇ
شېئىردەك تۇيغۇسى
ئانا سەھراغا باغرىنى يېقىپ
تۇزانلاردا گۈلدەك ئېچىلىپ
بەگتۇركتەك ئاشىق يۈرەكنى
ئانا يەرگە كەتكەن باغلىنىپ.
...........
شېئىر شۇنداق نەرسە
رىشتى باغلانغان ئوتلۇق يۈرەككە.
باغرى ئازاپ، لېكىن بەك راھەت
بىرەلمىسىمۇ بايلىق،مەرتىۋە.

ئەنە شۇنداق شېئىر يېزىپ ئولتۇرسام
ئايالىم كىرىپ كەلدى چىچاڭشىپ.
-شېئىر يازغۇچە بۇنداق ئولتۇرۇپ
ئۆلسىڭىزچۇ بېرىپ ئېسىلىپ.
قاراڭ شائىرىم
قازناقتا ئۇن،ياغ قالماپتۇ.
تۇربىمۇ چىپ-چىپ،سۇمۇ ئازلاپتۇ.
توك تۈگەيدۇ دىسەم دىمىسەم
چىراقلىرى لىپىلداپ قاپتۇ.
نىمە تاپتىڭىز شېئىرلار يېزىپ
ئۆتىڭىزمۇ گۈلدەك ئېچىلىپ.
شېئىر يازمايدىغان تەتۇر قارامنىڭ
كۆركەم،ھەيۋەت سارايلىرى بار.
ئەنە قاراڭ شۇ گازىرچىنىڭ
چەتتىن ئالغان ماشىنىسى بار.
گۈلۈم دەپ يازىسىز ھەر كۈنلىكى
گۈل قويغۇدەك يېرىڭىز بارمۇ؟
غېرىپ ئانام كىسەلخانىدا
تەڭلىگۈدەك پۇلىڭىز بارمۇ؟
ئولتۇرغان ئۆي ئىجارە
بىز نىمانداق بىچارە،
يالۋۇرىمىز يەنە كىملەرگە.
غۇدىرىغان ئۈستەل،
دوق قىلىدۇ ئايالىم ئۆزىگە.

ئۇ شۇڭا شېئىرغا ئۆچ
شېئىر ئۇقماس تامام ئۆمرىدە.
ئۇ شېئىرغا ئۆچ بولسىمۇ
شېئىردەك كۈرۈنەر لېكىن كۆزۈمگە.

راس،بەزەن چاغدا ئويلاپ قالىمەن
مەن شېئىر يازدىم كىملەرگە؟
شېئىر يېزىپ كىمنى خوش قىلالدىم...
باللىرىمنى قانچىلىك باقالىدىم
تۈنلەرگە قانچىلىك چىراق ياقالدىم
شېئىر يازمايدىغانلار
كوچىلاردا يۈرەر كىرىلىپ.
قۇچاقلىرى گۈلگە لىق تۇلۇپ
قەدەمدە بىر ئەقلىدىن ئېزىپ.
شۇ شېئىرنى ئۇقۇپ
سەھنىلەردە چولپان ئاتىلىپ.

ئۇلارنى كۆيلەپ شېئىرلار ئۇقۇلدى
توختىماستىن ئالقىش ساداسى.
شائىرنىڭ چالا ساۋات قوشنىسى.
شېئىر ئۇقمايدۇ،
شېئىرنى بىلمەيدۇ
شېئر توپلامنى سېتىۋالمايدۇ.
ئەمما شائىرلارنى كۆرسە يىراقتىن
سالام بىرىپ چەتتە توختايدۇ.
ئۇلار شەكىلگە ئامراق
تاملىرىغا ئاسقىنى بىلەن
ئىچ-ئىچىگە چۈكۈپ باقمايدۇ.
شائىر شۇڭا رەستىدە جىمجىت
كۆكرەك كىرىپ باشقىلاردەك توۋلىيالمايدۇ.
بارىنى داستىخانغا تۈكىدۇ.
ئۆزى يالىڭاچ
كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلايدۇ.

سەمىمىلىك- ئۇمۇ بىر شېئىر
جاسارەت،مەرتلىكنى شېئىر دىگۈلۈك.
ھېچ بولمىسا
نەپسىمىزدىن ئېشىپ قالغاننى
ئەنە شۇنداق ئەلگە بەرگۈلۈك.

دېھقان شېئىر يازدى بىر ئۆمۈر
ئۇنىڭ يېزىۋاتقىنى قېنىمىزدا بار.
شائىر شۇ دېھقاندەك يازالىسا شېئىر
ۋاي دەپ ئۇقۇيدۇ بىر كۈن بالىلار.

مەن شائىر، شېئىر يازىدىغان
نىمە ئىش قىلدىم چاۋاك چالغۇدەك.
لەۋلىرىمدە گەز تۇلا
ئازاپلارنىڭ بالياتقۇسىدا
بويۇن قىسىپ تۇرغان بالىدەك.
خۇتۇن دىگەن كۈنگە قالمىدىم
ئېسىلىپلا ئۆلۈپ بەرگۈدەك.
شائىر يۇقسۇزلۇقتىن ئۆلمەيدۇ
ئۆلتۈرگۈنى بۇرچ تۇيغۇسى.
ئۆزى ئۆزىدەك بۇلالماي
يۇقۇغاندا نۇمۇس سۆيگۈسى.

كەل ئەي مەشرەپ ساما سال بىردەم
تەرەپ-تەرەپلەردىن يىغىلسۇن سەنەم.
غېرىپ جەندىسىنى چۆرۈپ تاشلىسۇن
بىر دار ئالدىدا ئون سەككىز ئالەم.
شېئىر بۇلاق،شائىردۇر كۆكلەم
قۇچاقلاپ،دەسسەپ ئۆتىدۇ ئادەم.

ئايالىمنىڭ گەپلىرىمۇ ئۇرۇنلۇق
شېئىر يازماي دېھقان بولغان بولسام
ئالتۇندەك سارغايغان داندا
جىلۋە قىلىپ شۇ ئېتىزلىقىم
خوش بۇلاتتى چاڭقاق قازنىقىم.
ھېچ بولمىسا سامان،پاساردا
سەمرىپ قالار ئىدى پاقلىنىم.
ھېيت-ئايەمدە ئۆلتۈرگەن بولسام
ياغلىشار ئىدى
تۇمۇزلاردا كۆيگەن ساقىلىم.

ئەتراپىمغا قاراپ باقتىم
كادىرنىڭ ئۇنۋانى بولسا پۇل قېتىلىدۇ...
شوپۇرلۇق كىنىشكىسى پۇل تاپىدۇ...
بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسكەر...
بىرىنچى دەرىجىلىك ئاشپەز...
ئالى دەرىجىلىك رەھبەر...
ئاتا مىراس، يالغان سامسىپەز...
ئالى دەرىجىلىك پاھشە...
يەنە...
يەنە...
بۇ كىنىشكىلارنىڭ پۇلسىز قالغىنى يوق
ئوتەر ھەممىگە.

شېئىر يازغان قايسى شائىرنىڭ
ئازاپلاردىن پۈتكەن دەردى يوق.
كىنىشكىسى بار ھەممىدىن ئۇلۇق
ھېچنىمىگە ئەرزىمەس،قۇرۇق.
ماختاش سۆزلىرى پەلەككە يىتەر
چىقىپ قالسا بىر تال كىتاۋى.
كىتاۋىنى ئارتىپ ئۆشنىگە
ئاۋارىدۇر،سۇلغۇن چىرايى.
ئون بىر مىليۇن قېرىندىشى بار
قەرىزداردۇر ئۇيغۇر شائىرى.

دادامنى ھەرەمگە ئاپىرالمىساممۇ،
ئانامنى بېيجىڭ كوچىللىرىدا ئوينۇتالمىساممۇ
باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش
ئاققان تەرىدىن يىققان پۇلىدىن
بالىلىرىمنىڭ كىيىنلىكىگە
باغلام-باغلام پۇل قۇيالمىساممۇ.
دادامدەك جانلىقلارنى باقالمىساممۇ
ئۆز قۇلۇم بىلەن كەتمەن تۇتۇپ ئورەك كولاپ
بىھىش باغلار ياسالمىساممۇ
رەت-رەت جىرىم سالالمىساممۇ.
قۇلۇمدىن كىلىدىغىنى
شېئىر ئۇقۇمايدىغانلارغا
شېئىر ئۇقۇغانغا قەدەر
شېئىردەك يېزىلىپ
ھەسرەتلىرى بوغسىمۇ گالدىن
ئەقىدەمدىن قالماي تەۋرىنىپ
ياشايمەن كۆڭۈل كۆڭۈلدىن
قېنىپ-قېنىپ سۇلار ئىچكۈچە
شېئىر يېزىپ
ئازاپلاردا گۆرۈلدەپ
شېئىرنىڭ پاك سەلتەنىتىدە
بىرەر جانلىق خۇشال كۈلگۈچە.

مەيلى ھاياتتا گۈلدەك تۇزۇلاي
ئادەمدەك ياشىغانلىقىمغا ئەقىدەم گۇۋاھ.
ئۆزەم خالاپ كىرگەن كوچا بۇ
شېئىر يېزىش ئەمەستۇر گۇناھ.

شېئىردەك ياشىيالماسلىق گۇناھ،
شېئىر دىگەن مەڭگۈ شاھىنشاھ.
تاتلىق-تاتلىق سۆزلىرى ئارا
تاڭ تىۋىشى كۈلگەن بىباھا.

دادام شېئىردەك ياشىدى
شېئىر يازايمەن دادامدەك ياشاپ.
ھەرىپلەر قۇياش،چىكىتلەر يۇلتۇز
شېئىرىيەت ئېتىزلىقىمدا چاڭقاپ.
ھەسرەت بېشىمغا تاشلىغاندا يۈك
دان ئايرىپ سۈيۈپ ئاۋايلاپ.
ھاياتىمغا بىرەلىسەم تەم
نە ھاجىتى يۈرۈشنىڭ قاخشاپ.
شېئىر دىگەننىڭ باھاسى يوق،
شېئىر دىگەن ئەسلى ھاياتلىق.
شېئىردەك گۈزەل تۇيغۇدا ياشاش
ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك شاتلىق.
شېئر بىلەن كەلگەن ھايات بۇ
ئاخىرلاشسۇن شېئىر بىلەن ئاخىر.
ئازاپلارنىڭ تەمىنى تېتىپ
رازى ئىدىم
خۇشاللىقنى قىلالسا زاھىر.

شېئىر شۇنداق نەرسە
ۋاپاسىدا چىچەكلىگەن قان.
شېئىر شۇنداق نەرسە
يۈرىكىڭدىن ئېتىلىپ چىققان.
شېئىر شۇنداق نەرسە
باغرى ئىللىق ۋەتەن،مېھرىبان.

شۇنداق تۇيغۇدا كىتىۋاتسام
ئەنە شائىر كەلدى،-دىدى بىر چوكان،
شېئىر ئۇقۇمىسىمۇ شېئىردىن تۇغۇلغان.
شېئىرنى كۆزىدە ئەمەس دىلىدا ئۇقۇغان.

قەلەمنى ئالدىم قۇلۇمغا
ۋۇجۇدۇمدا ئوتلۇق ھاياجان.
ئۇ شائىرغا بىرەلمىسىمۇ نان
تۈنجى ياردۇر ئۇخلاتمايدىغان.
ئەقىدە،غۇرۇرۇڭنى قىلمىساڭ پايخان
ئەل ئالدىدا قىزارتمايدىغان.

شېئىر يازماقتىمەن،
ئانام يالغۇز يەتمىش يېشىدا.
دادامنىڭ روھى بار
يېزىۋاتقان ھەر بىر شېئىرىمدا.
دادام شېئىر يازار داندا
مەن شېئىر يازىمەن قاندا.
شېئىر شۇنداق نەرسە
تالاي يىللار ئوخلاپ ئويغۇنۇپ
ئۇچۇۋاتقان پەلەككە.
ئۇستىخنىڭدىن سۇغۇرۇپ ئالغان
تويمايدىغان غاجىلاپ تۇرۇپ
ئوخشايدىغان
تاتلىق سۆڭەككە.
بۇنى دىمىسەممۇ ھەممە ئادەم بىلەتتى
شەرىقتىن چىقىۋاتقان قۇياش غەرىپكە پاتتى.
شائىر ئۆزىنى تۈندىن ئويغاتتى.
كۈيۈك تاغلار يەنە شۇ پېتى
شائىر تاغلارغا ئوخشايتتى
يەتمىسىمۇ ئاسمانغا بېشى.
باھاسىزدۇر شائىرنىڭ نەرقى
جاھان بى ئىلاج.
ئۇنى ياراتقۇچى بىلىدۇ
نىمىگە مۇھتاج.

شېئىر يازماقتىمەن سەھەرگە...
بەلكىم ھېچكىمگە.

مەندىن ھېچنىمە قالماسلىقى مۇمكىن
شېئىردىن باشقا...
شېئىردىن باشقا.

شېئىرىمنى ئۇقۇپ پەرىشتە.

نان دەپ يازمىدىم
جان دەپ يازدىم.
خۇدا بەرگەن دىلدىن ئازمىدىم.

شېئىر –مۇھەببەت
شېئىر- ئىبادەت.
شېئىر دىگەن تەرەتنىڭ سۈيى
ئاھ،خۇدا
ئەقىدەمنى قىلغىن سالامەت،
مەن شېئىردا ياشاي تائەبەت.

شېئىر قەلبىمدە ...
چىچەكلىمەكتە...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 18:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون بىر مىليۇن قېرىندىشى بار
قەرىزداردۇر ئۇيغۇر شائىرى.

مۇشۇنداق ئېسىل مىسرالىرىڭىز شېئىر ئارىسىدا پات-پات كۆزگە چېلىقىپ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىكەن...سىزگە ئامەت ، قۇت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-6 21:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېماتىك مەنا چوڭقۇر،شېئىرى شەكىل ئۆزگىچە...ئون مىلىيون999 قېرىندىشىڭىز سىزدىن زور ئۈمۈد كۈتىدۇ ۋە سىزگە ئامەت تىلەيدۇ...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-6 21:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 18:21
ئون بىر مىليۇن قېرىندىشى بار
قەرىزداردۇر ئۇيغۇر شائىر ...

رەھمەد،پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز.

ۋاقتى: 2016-2-6 21:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نان دەپ يازمىدىم
جان دەپ يازدىم.
خۇدا بەرگەن دىلدىن ئازمىدىم.

شېئىر –مۇھەببەت
شېئىر- ئىبادەت.
شېئىر دىگەن تەرەتنىڭ سۈيى
ئاھ،خۇدا
ئەقىدەمنى قىلغىن سالامەت،
مەن شېئىردا ياشاي تائەبەت.

شېئىر قەلبىمدە ...
چىچەكلىمەكتە...

ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىپسىز ، مۇكاپاتقا نائىل بولشىڭىزنى تىلەيمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-7 01:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكنۇر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-6 21:58
نان دەپ يازمىدىم
جان دەپ يازدىم.
خۇدا بەرگەن دىلدىن ئاز ...

رەھمەت،سىزگىمۇ ئامەت،ئۇتۇق يار بولسۇن.ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-7 10:06:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ، قانداقتۇر بىر ھاياجان جىسمىمنى چۇلغىدى، بەزى مىسرالىرىدا كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەيسىز

ۋاقتى: 2016-2-7 11:58:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-7 18:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ئاكا. بىر بىلەت تاشلىدىم.

ۋاقتى: 2016-2-7 21:04:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھاياجان ئىلكىدە ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، ياخشى يېزىلىپتۇ .مەركىزى ئىدىيەمۇ ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئاكا !

ۋاقتى: 2016-2-7 21:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بۇيىل كىرگەندىن بويان مەن ئوقۇغان شېئىرلار ئىچىدىكى  ئەڭ تەبىئىي يېزىلغان ، يەنە ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان  بىر شېئىر بولدى، قەلىمىڭىز ھارمىغاي.  مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-2-7 22:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئېسىل چىقىپتۇ،دوستۇم! سىلىدە سىلكىنىش بوپتۇ.تۇيغۇ  رېئاللىق  بىلەن سەنئەتلىك باغلىنىپتۇ.پەرۋازىڭلارغا سۈزۈك ئاسمان تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-2-7 22:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. شېئىردىكى چىن تۇيغۇ مېنى مەست قىلدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 15:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
waris يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 11:58
شېئىرىڭىز ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن.بىلەت تاشلاشتا  ...

ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئۇقىغىنىڭىزغا رەھمەد.مۇۋاپىقيەت ھەممىمىزگە يار بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-8 21:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،شېئىرنىڭ تىلى يىنىك،مەزمۇنى سۈزۈك،ئوي-پىكىر ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ.سىزگە ئامەت يار بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش