بۇ شېئىرنى شۇنداق بېرىلىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇۋىتىپ ھاياجانلاندىم. مانا مۇشۇنداق چىن ھېسسىيات ۋە تەبئىي تۇيغۇلار بىلەن يېزىلغان شېئىرلار ئادەمگە ھەقىقىي ئىستىتىك زوق بېغىشلىيالايدىكەن.
شېئىردا ھەر بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ قىسمىتى، تىراگىدىيلىك كەچۈرمىشى ۋە بالىنىڭ دادىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى ئوبرازلىق تىل بىلەن ئىپادىلنىپتۇ. مېنىڭچە شېئىر مۇشۇنداق بولسا كۇپايە. شائىر بۇ شېئىردا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەندەك قىلىدۇ...
بۇ شېئىرلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ئەنۋەر ئاكامنىڭ ئىلھام تۇلپارىنىڭ توختىماي چېپىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن!
|