يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئەنۋەر1

ئەنۋەر مەڭلىك(ئىزگۇگە)دادام،شېئىر ۋە مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-8 22:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنىم ئەنۋەر،شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى تەلقىنلىرىڭ تەبىئى ۋە تەسىرلىك چىقىپتۇ،يۈرەك تارىمنى تىترەتتى،ساڭا ئامەت،قەلىمىڭگە بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-2-9 00:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن شېئىرنى سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزدىن گۇمان قىلغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەسلى ھۆنەرنىڭ كاتتىسىنى بىزدىن خۇپيانە تۇتۇپ يۈرگەن دەڭە؟ قايىل بولماسلىققا باھانەم يوق.
ئەمما دوستىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆرمىدىم، ئىملادا مەسىلە بەك كۆپ. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز. يەنە بىرى، تۈۋەندىكى قۇرلارنى، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئىككى مىسرانى قايتا ئىشلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ئەدەبىيات نوقتىسىدىن بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بۇ ئەدەبىيات نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىنماي قېلىشى مۇمكىن. گېپىمنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ،
ئۇ ۋەتەننىڭ تۇرسا يۈرىكى.
نىيىتىم بار ئاپىراي دەيدىغان،
توختىماستا ئۇنىڭ تىنىقى.
شېئىرنى ھەقىقەتەن بەك پەيزى يېزىۋېتىپسىز، سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.


باھا سۆز

سەزگۈرلىكىڭىز شائىرلىقىڭىزدىن غالىپ كەلگەن ئۇخشايدۇ.  ۋاقتى: 2016-2-24 12:17 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-9 22:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 21:04
مەنمۇ ھاياجان ئىلكىدە ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، ياخشى يېزىلى ...

ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئىنىم.سىزگىمۇ بەركەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-9 22:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئا.سەئىدى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 21:47
بۇ شېئىر بۇيىل كىرگەندىن بويان مەن ئوقۇغان شېئىرلار ئى ...

ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇغىنىڭىزدىن بەكمۇ خوش بولدۇم.رەھمەد سىزگە.تەكلىپ -پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز سەئىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 00:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇلئەھەت قادىرئاكىنىڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇغانلىقىغا،دوستۇم  ئە،ت،بەگتۈركنىڭ سەمىمى رىغبەتلىرىگە،دىلشات مەتنىيازنىڭ مەدەتلىرىگە رەھمەد.
ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تىنى سالامەت،ئىجادىيەت ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىغاي.

ۋاقتى: 2016-2-10 10:09:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇدىكى ئ‍وخشاشلىق سىزنىڭ ئ‍وبرازلىق شېرىي تىلىڭىز بىلەن ئ‍ۆزنامايەندىسىنى جۇلالاندۇرۇپتۇ ،شېئىرنى ئ‍وقۇۋېتىپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم، مەن شېئىر ئ‍وقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم،شېئىر يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم ،خىزمەتداشلىرىم ماتېماتىكىچىدىن ياخشى شېئىر چىقمايدۇ ،قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيتى،يازغان شېئىلىرىمنىڭ بىرەر پارچىسى ئ‍ېلان قىلىنسا بىر پارچەشېئىر ئ‍ېلان قىلسا نەچچە پۇل بېرىدۇ دەيتى ئ‍ارقىدىن تۇمشۇقىنى ئ‍ۇچلاپ كېتىپ قالاتتى،لىكىن مەن يازاتتىم قەلبىمدە كۆيۈۋاتقان قىپ-قىزىل ئ‍وتنى قەلىمىمدە چۇقچىلاپ يازاتتىم،ھېلىھەم يېزىۋاتىمەن......شېئىرىڭىزنى رۇخسىتىڭىزنى ئ‍المايلا ساقلىۋالدىم،مەن بۇ ئ‍ەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئ‍ۈچۈن بىر بېلەت تاشلىدىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 14:48:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەپ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-10 10:09
تۇيغۇدىكى ئ‍وخشاشلىق سىزنىڭ ئ‍وبرازلىق شېرىي تىلىڭىز  ...

رەھمەد سىزگە سەدەپ.سىزگە شېئىر ئۇقۇش،شېئىر يېزىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتىياق بولسا يېزىڭ،يېزىۋېرىڭ.قانچىلىك يازسىڭىز شۇنچىلىك يېزىڭ.يازغانلىرىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگە خاس بولسۇن.راستىن ئېيتسام مەنمۇ ھېچقانچە ئالى مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن..قاچاندىن باشلاپ شېئىردىن ئىبارەت بۇ سۈزۈك كوچىغا كىرگىنىمنى بىلمەيمەن.شېئىرغا بولغان مۇھەببىتىم بار.شېئىر تىنىمدە ئەزەلدىن باردەكلا بىلىنىدۇ.شۇڭا يازىمەن،يېزىۋاتىمەن،بەلكىم ئۆمرىمنىڭ ئاخىرغىچە يازارمەن.مىنىڭچە چىداشلىق روھىڭىز بىلەن ئەقىدە،ئىتىقادىڭىزدا تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز بۇ كوچىدا مەڭگۈلۈك زەپەر مارشىنى ئېيتالايسىز.
سىزگە تۈگۈمەس ئىلھام ،ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەركەت،روھىڭىزغا جاسارەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-16 12:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىردىكى پىكىر يۈكسەكلىكىگە ئاپىرىن، ئوقۇغاندىكى ھاياجىنمنى بەلكىم تەسۋىرلەپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
  ئەمما، مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك بەزى سەھۋەنلىكلەرگىمۇ يول قويۇلغان:
1. ئىملا مەسلىسى.
2. يەنە شۇ ئىملا خاتالىقى تۈپەيلىدىنمۇ ياكى ئاپتۇرنىڭ سۆزلەرنى ئەزەلدىنلا شۇنداق ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بەزى سۆزلەرنىڭ بىزچە ئوقۇلۇشى ئۆزبىكچىدەك تەسىرات بېرىپ قويۇپتۇ. مەسىلەن: شېئىر يېزىپ نېمەلەر تاپتىم؟ دېگەندەك...
3. ئالگىبىرادىكى «ئۇرۇن ئالماشسا قىممەت ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن ھۆكۈم بەلكىم ھەممىلا ئەھۋالدا ماس كېلىۋەرمەسلىكى مۇمكىن. مەسىلەن: لېكىن كۇپۇرلۇق قىلمىدىم
                                                            بىرى شېئىرغا، بىرى خۇداغا.
4. شېئىرنىڭ ئىچكى رېتىمى راۋان ئەمەس.
5. بەزى بۆلەكلەردىكى مىسىرالارنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشىدا گىرامماتېكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان. مەسىلەن: ئۆزەمنىڭ جېنىنى جان ئېتەلمەي دېگەن ئاددىي جۈمىلىدىن باشلانغان بۆلەككە قاراڭ!

ۋاقتى: 2016-2-18 18:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز يوللىغان ۋاقتى  2016-2-9 12:53 AM
ئالدى بىلەن شېئىرنى سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزدىن گۇمان قىل ...

بۇ يەردىكى ‹توختىماستا ئۇنىڭ تىنىقى› دىگەن جۈملىنى‹ ئانىنىڭ تىنىقى › دەپ چۈشەنسەك بولار، بۇ يەردە ئانىنىڭ تىنىقى توختىماستا ئۇنى بىر پايتەختكە ئاپرىرىش ئىستىكى سۆزلەنگەن .

ۋاقتى: 2016-2-18 18:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز يوللىغان ۋاقتى  2016-2-9 12:53 AM
ئالدى بىلەن شېئىرنى سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزدىن گۇمان قىل ...

بۇ يەردىكى ‹توختىماستا ئۇنىڭ تىنىقى› دىگەن جۈملىنى‹ ئانىنىڭ تىنىقى › دەپ چۈشەنسەك بولار، بۇ يەردە ئانىنىڭ تىنىقى توختىماستا ئۇنى بىر پايتەختكە ئاپرىرىش ئىستىكى سۆزلەنگەن .

باھا سۆز

تۇغرا دېدىڭىز.  ۋاقتى: 2016-2-24 12:15 PM
ۋاقتى: 2016-2-18 18:57:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك ياخشى بىر ئەسەردىن  كېچىكىپ  ھوزۇرلانغىنمىغا ئەپسۇسلىنىمەن، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت،سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن

ۋاقتى: 2016-2-24 12:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.سىزگە ئوتۇق تىلەيمەن ئەنۋەر.

ۋاقتى: 2016-2-28 07:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.ئوقۇپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.              مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ كەم دىگەندىمۇ ئۇن شېئىر پۇتكۇدەك ئىلھامغا ئىگە بولدۇم.                   بۇ شېئىر خۇددى پەردfزسىز 18ياشلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزى بوپتۇ.                                     ئاتا-ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بۇ شىئىردىن يەنە بىر قىتىم ھىس قىلدىم.موشۇنداق تېتىملىق ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 22:27:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 12:33 PM
شېئىردىكى پىكىر يۈكسەكلىكىگە ئاپىرىن، ئوقۇغاندىكى ھ ...

ئەرتېكىن ئەسەردىكى سەۋەنلىكلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت.كىيىنكى قەدەمدە بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىمەن.ھەم بۇندىن كىيىنمۇ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سىزنىڭمۇ ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا مۇئاپىقيەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 22:29:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 06:53 PM
بۇ يەردىكى ‹توختىماستا ئۇنىڭ تىنىقى› دىگەن جۈملىنى‹  ...

قەلبىنۇر خانىم بۇ ئەسىرىمنى تەپسىلى قېدىرىپ چىققانلىقىدىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم.رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش