زورلاش
ئەكبەر ئابدۇرېشىت(تاشيولچى)
ئاجايىپ بىر ئادەت بىزدە يارالدى.
بەزمىدە شاراپتىن ”جەڭگاھ“ ياسالدى.
ئارىدىن بىرەيلەن قوش رۇمكا راسلاپ،
زورلاشقا ھاراقنى، ”ساقى“ ئاتالدى.
كىلەلمەس سورۇنغا ئىچەلمىگەنلەر،
جام لىقلاپ خوش دىگەن ”نوچى“سانالدى.
ئىچمىگەن مىھمان ھەم دوستلار سۆكۈلۈپ،
ئەر ئەمەس! لىڭتاسما،بوش-دەپ قارالدى.
مىڭ ياڭزا خۇلۇقتا سۇنۇلدى كۆڭۈل،
قايتۇرساڭ، رەنجىگەن كۆزلەر قادالدى.
بىر رۇمكا دىدىيۇ- ئون رۇمكا تولدى،
رەت قىلساڭ، ئىگىلىپ قوللارمۇ تالدى.
مەيلى سەن ساغلام بول،ياكى ئۈچەي راك،
ياق- دىسەڭ،ھەممەيلەن تەڭ سالا سالدى،
مەسلىكتە” شىر “ بولغان تەلۋىدىن بىرى،
ئىچ!. دەپلا قىزىرىپ چاپاننى سالدى.
ئاقىۋەت خۇدىنى يوقىتىپ ھەممە،
نەس ھاراق كىمنىڭدۇر جېنىنى ئالدى.
ھەيرانمەن بىز خەقنىڭ ”ئىجاد “ لىرىدىن.
خىياللار كەچمىشى تەشۋىشتە ھاردى.
قىزلارغۇ قىزىلدىن ئۆتتى ئاچچىققا.
راس! زورلاپ باقمىغان ئانىمىز قالدى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاشيولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-13 19:09