كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 8

« مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » رومانى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1284
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 21:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تارىخىي چىنلىقنىڭ بەددئىي ئىنكاسى_ « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » رومانى توغرىسىدا

                                                                                                                     يالقۇن قارى

مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئۆلچەپ بېرىدىغان رومان ژانىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا باشقا مىللەت ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كېيىنرەك يەنى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە ھەقىقىي رەۋىشتە مەيدانغا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن بىر خىل ئەدەبىي شەكىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر رومانچىلىقى قىسقىغىنە 30 يىللىق تەرەققىياتىدا ئۈچ ئالتۇن دەۋىرنى بېسىپ ئۆتتى. بىرىنچى ئالتۇن دەۋىرنى 1988- يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر « ئويغانغان زېمىن » رومانى بىلەن، ئىككىنچى ئالتۇن دەۋىرنى 1998- يىلى زوردۇن سابىر « ئانا يۇرت » رومانى بىلەن، ئۈچىنچى ئالتۇن دەۋىرنى 2010- يىلى ياسىنجان سادىق چوغلانى                            « باھادىرنامە »رومانى بىلەن ياراتتى. پىشقەدەم مائارىپچى ئوسمانھاجى ئابدۇراخماننىڭ « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » ناملىق رومانى ئۈچىنچى ئالتۇن دەۋىردە ياسىنجان سادىق چوغلانىغا يانداشقان ھالدا 2010- يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنغان 240  پارچىدىن ئارتۇق رومان ئىچىدە 212 - قېتىم « شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى » تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۆۋەندە مەن بۇ رومان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
« مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » رومانى قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تارىخىي ساۋاقلارنى پىرىسلاپ  يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەن رومان . روماندا قەدىمىي يۇرت، ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ بۆشىگى ئۈستۈنئاتۇشنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن 1989- يىلغىچە بولغان، ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك مائارىپ تارىخى تەنقىدىي رىيالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلدا چىنلىق بىلەن بەدىئىي يۈسۈندا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش، شۇ دەۋىر ئىجتىمائىي رىئاللىقىنىڭ بىر توغرا كەسمە يۈزى سۈپىتىدە تاللىۋىلىنغان. شۇ سەۋەپتىن روماندا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مائارىپ تارىخىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مائارىپ تارىخى دەپ قاراشقا بولىدۇ. روماندا تىلغا ئېلىنغان پىرسۇناژلارنىڭ كۆپىنچىسى رىئال شەخىسلەر، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىر قىسىم كىشىللىرىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بىز ئاڭلىغان تارىخىي ۋەقەلەر ئىبارەت. بۇ ھال روماننى تارىخىي رومانلارغا يېقىنلاشتۇرغان.
    خاس مائارىپ تارىخى تېما قىلىنغان بۇ روماننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى شۇيەردىكى روماندا « ئوڭچىل » لىققا، « مىللەتچى » لىككە قارشى كۆرەش، « چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش »، « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە، جۈملىدىن مىللىي مائارىپىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بالايى- ئاپەتلىرى تىراگىدىيەلىك تۈس بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە بەددئىيلەشتۈرۈلۈپ ئىپادىلەنگەن.
تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. گىرمانىيەلىك شائىر كارل. ياسىبرىس مۇنداق دىگەنىدى: « تراگېدىيلىك ئاڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مەركىزىي ئىدىينى ئاساسىي دېتال بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەقەت تراگېدىيلىك  كەيپىيات بىزنىڭ قەلمىبىزنى زىلزىلگە سالغاندىن كىيىنلا ئاندىن بىز ۋەقەلىكتىكى بىزگە بىۋاستە تەسىر قىلغان ياكى پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جىددىي، تىنىچسىز ئاپەتلەرنى ھىس قىلالايمىز، تراگېدىيە كۈرەش جەريانىدا، يېڭىش ۋە يېڭىلىشتە ھەم جىنايى رەزىللىكتە مەيدانغا كېلىدۇ. تراگېدىيە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى مۇتلەق ئىرادىسىدە ئىپادىلىنىدۇ » . تراگېدىيلىك ئاڭ، تراگېدىيلىك كەيپىيات، تراگېدىيلىك كۆرۈنۈشلەر بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىمىزدە، كلاسسىك ئەسەلىرىمىزدە مۇھىم سالماقى ئىگللەپ كەلگەن.  تراگېدىيە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەدىمقى گرىك تراگېدىىلىرىدەك ئۇنداق ئېنىق ئىپادىلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىمىزدىن بولغان « ئىككى تىكىن ھېكايىسى » دىن باشلاپ، ئابدۇرىھىم نىزارى، مۇللا بىلال نازىمى قاتارلىقلارنىڭ « رابىيە- سەئدىن »، « نۇزۇگۇم » داستانلىرىدا باش قەھرىمانلارنىڭ مۇھەببەت ۋە قەھرىمانلىق تراگېدىيسىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىگى بۇنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تراگىدىيە ئېڭىمىزدىكى بىر بۆسۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى تېراگىدىيە ئېڭى ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەر قايسى ئەدىبىي ژانىرلارنىڭ تۇلۇقلىنىش، بىيىشى نەتىجىسىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئېستىتىك گۈزەللىك كاتىگورىيسىنى شەكىللەندۇرۇپ يازغۈچى ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئەدىبىي ئەسەرلىرىدە ئورۈن تۇتۇپ كەلدى. مەسىلەن: « ئىز »، « ئويغانغان زىمىن »، ‹‹ تۈندىكى چاقماق ››،                  ‹‹ ئانا يۇرت ››، « جاللات خېنىم » ... قاتارلىق تارىخىي رومانلىرىمىزدا بۇخىل تراگېدىيە ئېڭىنىڭ مۇقەررەر ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ. رىئال تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ تارىخي چىنلىق بىلەن رىئال تۇرمۇشتىكى رىئال شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن  ئەركىنلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك غايىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، نەتىجىدە ھەرخىل ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەبلەر، تارىخىي چەكلىمىلەر، ئۆزلىرنىڭ خاراكتىر چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى پۇشايمىنى ۋە چېكى يوق ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرى، ۋە ياكى ئۇلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىدىن ھالقىپ كىتەلمەي ئاقىبەت مەغلۇپ بولۇشى...قاتارلىق بىر قاتار تراگېدىيىلەرنى يازغۇچىلار رېئالىزىملىق ئىجادىيەت  ئۇسۇلىغا، رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا  ئوتتۇرىغا چىقارغان. شۇنداقلا تراگېدىيىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىگىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ »  رومانىدىكى بىر ئۆمۈر مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىپ، سانسىرلىغا شاگىرتلارنىڭ قەلبىنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتقان رابىيە، ئەلىدەك بارلىقىنى مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ، يەتكۈچە كىسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان ئابدۇللا مۈئەللىمنىڭ « ئوڭچىل » لىققا، « مىللەتچى » لىككە قارشى كۆرەشتە « ئۇنسۇر » قالپىقىنى كىيدۈرۈلۈپ، دەرت -ئەلەم ئىچىدە ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل قىز ئەختەرنىسانىڭ ساختا دىنىي تونغا ئورىنىۋىلىپ، بىر ئۆمۈر باشقىلارنى ئۆزىگە ئىقتىدا قىلدۇرغان ، شەھۋەتپەرەس قىيىنئاتىسى ئەمەت مۇللام تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئوچراپ، بۇغۇپ ئۆلتۈرىلىپ، سۇپىغا كۆمۈۋېتىلگەنلىگى ، خەلق مەنپەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى سۇلايمان ئاكىنىڭ « ئۇنسۇر » قالپىقىنى كېيىپ، كېچە- كۈندۇز قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ بىھۇدە خورلانغانلىقى، ئاخىرى ئاتالمىش « ئىنقىلاپچىلار » تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئەۋلادلارنىڭ بەخىت سائادىتى، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان خۇشپۇراق گۈل رابىيەنىڭ قارا قوساق، نادان، بۇ دۇنيانىڭ بەخىت- سائادىتىنى شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش بىلەن ئۆلچەيدىغان قۇربان مۇدىردەك تەلۋىلەرنىڭ ئاياق ئاستىدا چەيلەنگەنلىگى روماننىڭ تېراگىدىيەلىك تۈسىنى كۈچەيتكەن. رومانىدىكى تىراگىيە تۈسىنى نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي تۈزۈم، نامۇۋاپىق تۈزۈمنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم تەلۋىلەر، نادانلىق، شەھۋەتپەرەسلىك پاتقىقىغا چۇڭقۇر پېتىپ كەتكەن شەخىسلەر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.
روماندا يەنە بالىلارنىڭ يۇرتقا كەلگەن تۇنجى ماشىنىدىن قۇرقۇپ قېچىشقانلىقى، رادىئونى كۆرۇپ ئەقلى لال بولغانلىقى(5- بەت )، باندات نامىزىغا ماڭغان ئەمەت موللامنىڭ ئەلى تەرىپىدىن ياسالغان يالغان جىنازىدىن قۇرقۇپ قۇيرىقىنى تىكىۋەتكەنلىكى(63- بەت )، ئەمەتنىڭ ئىشەك بالىسىنى كەنت كادىرلىرىغا يۈگۈزىۋەتكەنلىكى ( 152- بەت )، داجەيدىن ئۆگىنىشكە ماڭغان قاسىمنىڭ يىڭى ڭېيىملەرنى كېيگىلى ئۇنىماي، ئۆزىنى نامرات دېھقان قاتارىدا كۆرسەتمەكچى بولۇپ، ئۈستى- ئۈستىلەپ ياماق چۈشكەن كېيىملەرنى كېيىپ كۈلكىگە قالغانلىقى، ئۈرۈمچىدە بۇلاڭچىلارغا ئۇچرىغانلىقى، بىنا ئۈستىدىن قۇچىقىغا چۈشكەن پوق دەستىدىن بالاغا قالغانلىقىدەك ساتىرىك تەركىپلەر ئارقىلىق نادانلىق، قورقۇنچاقلىق، ئاچكۆزلۈك، جاھىللىقنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى  يەكۈنلەپ بەرگەن.
روماندا پىرسۇناژىلار ئوبرارىنى قانداق يارىتىش شۇ روماننىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە. يازغۇچى بۇ روماندا پىرسۇناژلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تىلى،  پىسخىكىسى،  مەدەنىيەت ساپاسى، زىددىيەت- توقۇنۇشتا ئىگىلىگەن سالمىقى، خاراكتىر خاسلىقلىرىنى ئەينى دەۋىر مۇھىتىغا ماس ھالدا يارتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزگىچە خاسلىققىمۇ ئىگە قىلغان. يازغۇچى بۇ رومانغا ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 67 پىرسۇناژ قاتناشتۇرغان بولۇپ، پىرسۇناژلار دەھلىزى ھاسىل قىلىنغان. روماندا رابىيە، ئەلىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى  پىرسۇناژلاردىن باشقا ئۇلار خاراكتىرىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە قىلغان ئەمەت موللام، ئابدۇللا مۈئەللىم، قۇربان مۇدىر، قاسىم لەگلەك قاتارلىق يانداشما ئاساسى پىرسۇنازلار ئوبرازىنىمۇ تولىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ چىققان. يازغۇچى پىرسۇناژلارنى كىشلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەركەت ئىچىدىكى ئۆزگىرىشچان مۇھىت ئىچىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى كەسكىن زىددىيەت- توقۇنۇش جەريانىدا پەيدىنپەي راۋاجلاندۇرغان. بولۇپمۇ باش پىرسۇناژ رابىيەنى ھەر ۋاقىت زىددىيەت مەركىزى بىلەن ۋەقەلىك تۈگۈنىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ، باشقا پىرسۇناژلارنى رابىيەنىڭ خاراكتىرى ۋە قىسمەتلىرى تەلەپ قىلغان دائىرىدە ھەركەتلەندۈرۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغىچە ئىچكىرلەپ كىرگەن.
روماندىكى رابىيەنىڭ ۋۇجۇدىدا خەلقىمىزنىڭ مائارىپنى قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم- مەرىپەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، ئەۋلاتلارنىڭ بەختىنى ئىلىم- مەرىپەتتىن ئىزدەشتەك مەرىپەتچىلىك روھى چۈڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، شارائىتى ئەۋزەل شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللاپ، ئۇستازى ئابدۇللا مۈئللىمنىڭ ئىزىنى باسماقچى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ساۋاقدىشى ئەلىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھەمدە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ كېلىشى بىلەن مەكتەپ ھاياتى قايتىدىن جانلىنىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىمۇ- ئائىلە بېرىپ، كاللىسىنى نادانلىق، دىنىي خۇراپاتلىق ئىدىيەسى چىرمىۋالغان ئاتا- ئانىلارغا ئىلىم- پەننىڭ ئەۋزەللىگىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى بالىللىرىنى مەكتەپتە ئوقۇشقا كۆندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسىرى ئىشىپ بارىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئاتلانغان ئىككى ياش بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. پۈتكۈل ۋۈجۇدى بىلەن ئەۋلات تەربىيەلەش يولىغا ئاتلانغا رابىيە، ئوغلى ياسىن قارى ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ كىرگەن دىنىي تونغا ئورۇنىۋىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان تاغىسى ئەمەت موللام، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شاھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇپ، ئىشرەت باغچىسىدا يايراپ يۈرگەن، مائارىپنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان قارا قۇساق قۇربان مۇدىرلارنىڭ ئەلچىللىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي « ئوڭچىل » لىققا، « مىللەتچى » لىككە قارشى كۆرەش باشلىنىپ كېتىدۇ. قۇربان مۇدىر رەزىل مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاشنىسى ئايتۇرا بىلەن سۈيقەسىت پىلانلاپ رابىيەگە باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. رابىيەمۇ قۇربان مۇدىرنى كاردىن چىقىرىپ، ئەرلىك قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ئەلىنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قەيسەرلىك بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ باشلىنىشى بىلەن رابىيەنىڭ بېشىغا قارا قىسمەتلەر كېلىشكە باشلايدۇ. قۇربان مۇدىر ئىشنىڭ ياخشى- يامىنىنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان قاسىم « لەگلەك » بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، رابىيەگە قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمايدۇ، ئۇ قۇرغان كۈتۈپخانىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، رابىيە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا « سېسىق توققۇزۇنچى» ئاتىلىپ، « ئۇنسۇر » قالپىقى بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، يېرىم يىل توختىتىپ قويىلىدۇ. خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىركىدەكلا خىزمەتكە بىجانىدىل كىرىشىپ كېتىدۇ. ئەلى بىلەن قايتا يارىشىپ توي قىلىدۇ. رابىيە مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تىخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ ئىشلەيدۇ. مارىپتا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ، يۇقۇرى ئورۇنلارغا خەنزۇ تىلى، تەبىئەت، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. رابىيە ئۆتمۈشىنى، بېشىغا كەلگەن بارلىق دىشۋارچىلىقلارنى ئۇنتۇپ، بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىنىڭ، مائارىپتىكى بوشلۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن جان- دىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە، يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىغا يوتكىلىپ كەتكەن قۇربان ئىنقىلاپنى چىڭ تۇتۇشنى باھان قىلىپ، ئۇنى تۇتقىلى كېلىدۇ، رابىيە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ . بۇ جەرياندا قاتىق تەككەن بىر مۇش بىلەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، بىر يېنى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. كەرچە ئۇ ئوز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ھالەتكە كەپ قالغان بولسىمۇ، كىچە – كۈندۈز مەكتەپنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايدۇ، ئەلىنى جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. بالىلارغا ئۆزى ئولتۇرغان چاقلىق ھارۋۇنى ئىتتىرگۈزۈپ مەكتەپنى كۆرگىلى بارىدۇ. ئەۋلادلار بەختىنىڭ ئاچقۇچى بولغان مائارىپ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىنى تاجىگۈل قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچۈرىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان يېتىم قىز نۇرىنى بېقىۋىلىپ، مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ ، ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپكە يولغا سالىدۇ. ئاتۇش ئىكىساق مەكتىپىدە « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپى يولغا قۇيۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى » دا كاتتا شان- شەرەپلەرگە ئىرىشىدۇ ۋە شۇ ئاخشىمى قويۇلغان « مەڭگۈلۈك مۈھەبەت » فىلىمىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقتىن، بارلىق ئارزۇ- ئارمانلىرىنى تاجىگۈل بىلەن ئەلىگە تاپشۇرۇپ، ئەۋلاتلار بەختى، يۇرتىمىز مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چەككەن جاپا- مۇشەقىتىگە قىلچە ئۆكۈنمەي مەڭگۈلۈك كۆز يۇمىدۇ. قىسقىسى، ئاپتۇر رابىينىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى كەچمىشلىرىنى، نامرات تۇل ئايالنىڭ قىزىدىن، پىشقان خەلق ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىش مۇساپىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مۇرەككەپ، كەسكىن مۇھىتتا بارلىقىنى خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان جىگەرلىك ئايال مائارىپچىلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى مۇۋاپىيەتلىك ياراتقان.
ئوسمىناجى ئابدۇراخمان روماندا رابىيە خاراكتېرىنى زىددىيەتلىك ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەر ،چۇڭقۇر ھىس-تۇيغۇ، جانلىق ھەركەتلەر ئارقىلىق ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات، مۈھەبەت، نىكاھ، ۋاپادارلىق، ئىلىم- پەن ۋە مائارىپ ھەققىدىكى قىممەتلىك قاراشلىرىنى ئۇنىڭ ئوبرازىغا يۇغۇرىۋەتكەن.
ئۇندىن باشقا روماندا رابىيە خاراكتىنى تولۇقلاپ مۈكەممەللەشتۈرگۈچى پىرسۇنازلاردىن ئەلى ئوبرازى ۋە ئۇلار بىلەن قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ئەسەر زىددىيەت- توقۇنىشىنى تىېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەقە راۋاجلاندۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان، جەمىيتتىكى ئورنى ۋە ئىمتىيازىغا تايىنىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان ساختىپەز، شەھۋەت پەرەس دىندار ئەمەت مۇللا بىلەن قارا قوساق نادان مۇدىر قۇربان ئوبرازىنى، « مەدەنىيت زور ئىنقىلابى » دەۋرىدە ھەددىدىن ئېشىپ، خەلىققە ئاز بولمىغان بالايى- ئاپەتلەرنى ئەپ كەلگەن، كېيىن ئۆزگۈرۈپ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن، قىلمىش- ئەتمىشلىرىگە مىڭ پۇشايمان قىلغان قاسىم « لەگلەك » ئوبرازلىرىنىمۇ تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن ياراتقان.
ئەدەبىيات- تىل سەنئىتى. ئەدەبىيات تىل ئارقىلىق ئوبراز يارتىپ، تۇرمۇشنى سۈرەتلەيدۇ. بولۇپمۇ رومان ئىجادىيىتىدە يازغۇچى تىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولىشى، تىلغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يازغۇچى بو روماندا تىلغا خېلى كوپ كۈچ سەرىپ قىلغان بولۇپ، روماننىڭ تىلى چۈشۈنۈشلۈك، ئاممىباپ ، ئىنىق، لىرىكىلىق، مۇھاكىمىگە باي، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك. يازغۇچى پىرسۇنازلارنىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرىدىن تارتىپ، مەنىۋى دۇنياسىنىڭ چۇڭقۇرلۇقلىرىغىچە، تەبىي مۇھىتتىكى ھەر بىر تەپسىلاتلاردىن تارتىپ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىگە مۇناسىبەتلىك ھەر بىر ۋەقەلەرگىچە تولىمۇ يېقىملىق، ئويناق تىل بىلەن تەسۋىرلىگەن.
   مەسىلەن: « چۈنكى، ئۇ ئايتۇرانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزىگە شەيدا قىلىدىغان، قان تېمىپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرىدىكى تەبەسسۇمىغا، ئويماقتەك چىرايلىق ئېغىزىدىن توختىماي تۆكىلىۋاتقان تەكەللۇپ سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانىدى. » ( 68-بەت ) « ئەلىمۇ بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ كۆزىگە نەشتەردەك سانجىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. گۇگۇم قاراڭغۇسىدا غەزەپتىن يانغان كۆزلەر چاقماق پارچىسىدەك يالىت- يۇلىت قىلاتتى.  بىر- بىرىگە غەزەپتىن تىكىلگەن بۇ كۆزلەر ئۆزئارا ئۆچەكىشىپ كەتكەن ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ خىرىس قىلىشقان ۋاقتىنى ئەسلىتەتتى، ئارىلىقتا تولىمۇ تەڭلىكتە قالغان قاسىم لەگلەك گويا يېلى چىقىپ كەتكەن كامىردەك پۇشۇلداپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. » ( 214- بەت ) ئېگىز بوي، قاشتېشىدەك سۈزۈك، نازۇك بەدەن، نۇرلىنىپ تۇرغان بۇلاق كەبىي كۆزلەر، قىياقتەك قاش، كۈلۈمسىرەپ ئەپئاق چىشلىرىنى ئانچىكى كۆرسۈتۈپ تۇرغان لەۋلەر، سېرىققا مايىل تەبىئىي بۈدۈر چاچلار، نېپىز كوڭلەك ئىچىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسى، ئەترەڭ پايپاق ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىنچىكە پاچاقلار ھېلىلا ئايال زاتىدىن كۆڭلى سوۋۇپ بىر مەھەل نەپرەتلىنىپ ئولتۇرغان قۇرباننى گاڭگىرىتىپ قويدى.» (288- بەت ) « ئىخ ، ئۇلۇغ ئىنسان! _ دەپ پىچىرلىدى رابىيەگە ھەمراھ بولىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، _ سەن نېمە دېگەن سۆيۈملۈكسەن ! سەندىكى ئىنسانىي روھ، غەيرەت- شىجائەت تېخىچە بىزدە بولغان ئەمەس، سەن شۇ تاپتا بارلىق دەرت- ئەلىمىڭنى قەلبىڭنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىغا دەپنە قىلىۋېتىپ، ھېچ نەرسە بولمىغاندەك يۈرىۋاتىسەن. پاك، بىغۇبار يۈرىكىڭ ئىلىم- پەن، مەكتەپ دەپ سوقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. خاتىرجەم بول، سەن داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلمىگەن ئىشلارنى بىز چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيمىز.» ( 329- بەت )
روماندا پىرسۇناژلارنىڭ مۇرەككەپ روھى دۇنياسى، تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىنىمۇ يەڭگىل ئۇسلۇپ، ئويناق تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، يارقىن بەدىئىي مۇھىت ياراتقان. رومان 3- شەخىس تىلىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، پىغانلىق ئەسلىمە، بىشارەتلىك چۈش، ، ئورۇنلۇق خىتاب ئارقىلىق پىرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسى ناھايىتى چىن ۋە ھېسياتلىق تەسۋىرلەنگەن. روماننىڭ لىرىك تۈسى قويۇق، ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تولىمۇ ئورۇنلۇق بولۇپ، يازغۇچى ھايات، مۈھەببەت، نىكاھ، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، مائارىپ ئارقىلىق ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى يارىتىش ھەققىدىكى قىممەتلىك قاراش، يەكۈنلىرىنى مۇلاھىزە- مۇھاكىمىلەر، نەپىس تەسۋىرلەر، چۈش، خىيال ، ئەسلىمە، تەسەۋۇرلارنىڭ ياردىمىدە ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
« مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » رومانىدا تىلنىڭ مەنىدارلىقىغا ئالاھىيىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، تىل خەزىنىسىنىڭ دۇر- جاۋاھىراتلىرى بولغان ئىدىيوم، ماقال- تەمسىل، ھېكمەت دۇردانىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. روماندا 104 دانە ئىدىيوم، 28 دان ماقال- تەمسىل ئىشلىتىلگەن. ئۇندىن باشقا ماۋزىدوڭ، دېڭ شىياۋپىڭ، سىتالىن، سوقرات، ۋىكتور ھىيۇگۇ، نىكۇلاي ئۇستۇرۋىسكى، بۇلقاسىم فىردەۋىسى قاتارلىق داھىي، مۇتەپەككۇر، يازغۇچى- شائىرنىڭ ھېكمەت دۇردانىللىرى ، بۇ پىشقەدەم يازغۇچىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن « قايسى مىللەت، قايسى خەلق مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن شۇ روناق تاپىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا زاۋال تاپىدۇ. ئادەملەرنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ مال- مۈلكى، مەنسەپ تاجى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىلىمى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. » دېگەن تۈپ كۆز قارىشىنى چۆرىدىگەن مائارىپ، ئىلىم- پەن، نىكاھ، ئائىلە، مېھرى- مۈھەبەت، كىشىلىك قەدىر- قىممەت توغرىسىدىكى يۈرەك سەترىلىرى بىلەن يانداشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسەردە يارتىلغان پىرسۇناژلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى گەۋدىلندۈرۈشتە، تىلنىڭ ئىندۇئاللىقىنى، قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. خۇددى ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللا قادىرى ئېيتقاندەك، خەلق ھېكمەتلىرى  « تۇرمۇش ئانىنىڭ دەرت چېكىپ تۇغقان تۇنجى ئوغلى » دۇر. قەدىمقى يۈنان پەيلاسۇپى ئارىستوتېل : « ئادەمنىڭ كۈچى ئوزۇقلۇقتىن، ئەقىلنىڭ كۈچى ھېكمەتتىن »  دەپ توغرا ئېيتقان. روماندا قوللىنىلغان ھېكمەت دۇردانىلىرى ئەدەبىي سيۇژىتنى جاللاندۇرۇش ۋە رەڭدارلاشتۇرۇش مەقسىدىدىكى بىر خىل ئىپادىلش ئۇسۇلى، بەددئىيلەشتۈرۈش ۋاستىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ تەدبىقلانغان تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ روھىيىتىنى ئېچىپ بەرگۈچى پوئېتىك قۇرال سۈپىتىدە كونكېرت بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ مۇرەككەپ دەۋىر مۇھىتى بىلەن بولغان پىسخىك مۇناسىۋىتىنىڭ ھەركەتچان ھالەتتىكى ئوبرازلىق يەشمىسىدۇر.
روماننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۇژىتى ئۆزگىچە لاھىيەلىنىپ، كۆڭۈل قۇيۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئىزچىللىققا ئەھمىيەت بېرىش ئۇسلۇبىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان. رومان خاتىمىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا  نىسپى مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان 39 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان، يەنە ئۆز نۆۋېتىدە ھەر بىر بۆلەكنى چۈڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇن يوشۇرۇلغان مۇستەقىل ھېكايە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. دېمەك روماندا بىر باش تېمىغا باغلانغان ۋەقە ئىپىزوتلىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئۇسۇلى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان. ئوندىن باشقا روماننىڭ ئىتنىك مەنبەسى مول بولۇپ، ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك رومان پىرسۇناژلىرىنىڭ كۆپ قىسمى رىئال شەخىسلەر، ۋەقەلىرىنىڭ بىر قىسمى يەرلىك خەلق ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن ھەتتا بەزىللىرى رىۋايەت تۈسىگە ئىگە بولۇپ كەتكەن چىن تارىخ . روماندا يەنە تارىخىي يەر- جاي ناملىرى، ئىشتىمالدىن قېلىپ، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەرلىك شىۋىلەر، يەرلىك خەلقنىڭ توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئادەتلىرى، تۇرمۇش قائىدە- يۇسۇنلىرى، مىجەز- خاراكتىرى ھەتتا كۆپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. مۇشۇ نوقتىدىن روماننى يۇرتىمىزنىڭ ئەينى دەۋىردىكى يەرلىك تارىخىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
يازغۇچى ئوسمانھاجى ئابدۇراخمان گەرچە بو رومانى ئۇزۇن يىل ئزدىنىپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ،  قايتا- قايدا تولۇقلاپ يېزىپ پۈتۈرگەن بولسىمۇ، بۇندىن ئىلگىرى گېزىت- ژورناللاردا بىرەر پارچە ئەسەر ئىلان قىلىپ، مۈھەررىرلەرنىڭ ئۈنسىز تەربىيەلەش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەچكە « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » ناملىق بۇ تۇنجى ھەم چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدە يۇقىرقىدەك مۇۋاپىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالى بولالمىغان.
بىرىنچى، روماندا پىرسۇناژلار خاراكتىىنى ياراتقاندا كىتابخانلارنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلاپ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى ئۇلارنىڭ ھەركەت، ئوي- خىيال، تىل تەسۋىرىگە تەبىئىي يۇسۇندا سىڭدۈرىۋەتمەي، ئالدىن خاراكتىر بىكىتپ، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان . مەسىلەن: ئەلى ئون سەككىز ياشلارغا كىرگەن، بوي-بەستى قاملاشقان، ئەخلاق – پەزىلتلىك، قاچانلا بولسا خۇشخۇي يۈرىدىغان يىگىت ئىدى. ( 12-بەت ) ئۇ يېشى ئوتتۇز بەش ياشلاردىن ھالقىغان، ئۇزۇنتۇرا، كوسا، كىچىك چېغىدا چاقا چىققانلىقى ئۈچۈن بېشى مىس چۆگۈننىڭ قورسىقىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، باشقا ئەيىپى ئازدەك بىر كۆزى ئالىغاي، خۇي- پەيلى يامان، ئالدىراڭغۇ مىجەز قاسىم ئىدى. ( 115-بەت )
ئىككىنچى، روماندا سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش، پۇرسەت بولسىلا غەيرى مۇناسىبەتتە بولۇش، جەمئىيەتتە ئاز- تولا ئەمەل مەنسىپى ۋە ئىمتىيازى بارلار، قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇشتەك ۋەقەلىك ئىپىزوتى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلگەن .( 218-، 219-، 220-  بەتلەرگە قارالسۇن ) بۇ ھال گەرچە  ناھايىتى ئازساندىكى كىتابخانلارنى قىزىقتۇرۇپ، روماننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغاندەك قىلسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش، رىئال تۇرمۇشنىڭ ئەكىس ئېتىشى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن پىرسۇنازلار، بەلگۈلۈك رايۇندىكى كىشىلەر توپىنىڭ ۋەكىللىرى بولغاچقا، مۇتلەق كۆپساندىكى كىتابخانلارنىڭ كاللىسىدا بەلگۈلۈك رايۇندا ياشاۋاتقان، بەلگۈلۈك كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى، ئاپتۇر روماندا ھەرخىل ئىپادىلەش ۋە تەسۋىرلەش ۋاستىللىرىدىن ماھىرلىق بىلەن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندەك قىلسىمۇ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا يادا بولۇپ كەتكەن، كۆنا رامكىلاردىن قۇتۇلالمىغان . كىتابخانلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان يېڭىچە تەسۋىرلەر يوق بولغاننىڭ سىرتىدا، تەسۋىر تەكرارلىقى كۆپ كۆرۈلگەن. مەسىلەن : « ئىگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ، كۆزلىرى يوغان..... »، « قۇچاقلاپ، ئۆمچەيگەن نىپىز لەۋلىرىگە سۆيدى، ھاياجان كۈچىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار قىيان كەبى ئاقتى....»
تۆتىنچى، روماننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا روماننىڭ ھەجىمىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىۋىلىپ، رابىيە ئوبرازى چەتكە ئىتتىرىپ قويۇلغاچقا، ئۇنىڭ روھى دۇنياسى تولۇق ئېچىلىپ كېتەلمىگەن.
قىسقىسى ئوسمانھاجى ئابدۇراخماننىڭ « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » ناملىق رومانىنى مەيلى ئىدىيىۋىلىك مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق چىققان رومان دەپ مۈئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ . ئاخىرىدا مەن بۇ ئۇستاز ئەدىپنىڭ تەجىربە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا « مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ » ناملىق ئىجادىيەت بېغىدىكى يىگانە گۈلىنى يىگەنە پېتى قۇيماي، تىخىمۇ كۆپ خۇشپۇراق گۇللەرنى تىكىپ، گۈلزارلىققا ئايلاندۇرىشىنى، ئۇيغۇر ئەەبىياتى جۈملىدىن رومانچىلىقىنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، كىتابخانلارغا تېخىمۇ زور مەنىۋىي لەززەت ئاتا قىلىشىنى سەمىمىي ئۈممىد قىلىمەن.

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 855
تۆھپە : 7
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 22:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ بايانلىلرىڭىزنىڭ قانداق بولغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن مەن مەزكۇر ئەسەرنى بىر ئۇقۇپ باقسام بولغىدەك .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  237
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 01:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆھەر ئابلا يوللىغان ۋاقتى  2012-6-12 22:55
سىزنىڭ بۇ بايانلىلرىڭىزنىڭ قانداق بولغانلىغىنى بىلىش  ...

مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا بۇ روماننى تراگىدىيىلىك ئەسەر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. رومان ۋەقەلىكى ئەسەر  باش قەھرىمانى رابىيەنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئوخشاش  مائارىپ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان مەرىپەتۋەر ئۇستازلار مەدھىيلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالىي بولالمىغان. لېكىن بۇ ئەسەرنى بەزى بىر قىسىم رومانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 02:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا،ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا ژىرىك ئەسەرلەر بارلىققا كېلەلمىدى. لېكىن،بۇ گېپىمىزنىڭ ئۇرانىدىن كۆپچىلىك بالىلار يازغۇچىلىرى ناشاد.
ئەگەر،بىز بالىلارغا بىر ئىش قىلىپ بېرەلىدۇق دېگۈچى ئاپتۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىپ باقسا،مېنىڭ بىر تالاي سوئاللىرىم بار.

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 02:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئەسلى بولدى قىلىشىم زۈرۈر بولغىيدى.
ئەپسۇس،بالىلار ئەدەبىياتى سىمىنارىيىسىدە شۇنى روشەن ھېس قىلدىمكى،كۆپچىلىك بالىلار ئىجادىيەتچىلىرى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەپتۇ. ئۆزىدىن ۋاز كېچەلمىگەن بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەتچىلىرىدىن نېمىنى كۈتۈشنىڭ
زۈرۈريىتىنى مەن تاپالمىدىم.  
مەنچە بولغاندا،بالىلار ئەدەبىياتىدا «رومان» دەپ بىر نېمىنى ئىتىراپ قىلىشنىڭ زۈرۈريىتى تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى.
شېئىرىيەت دەپ بىر نېمىنىڭ تېڭى تېخى يىراق ئىدى.  مەسەل - چۆچەكلەرگە «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»نىڭ خېمىرتۇرۇرچى  ئۆزىنى يېڭىلىشى كېرەك ئىدى...
لېكىن،جەمئىيىتىمىزدە مۇنۇپۇل خاراكتېرىنى ئۆزىگە ئوكسىگىن قىلغان ھالەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى مەن بىلەن بى مۇناسىۋەت ھالەتتە بولسىكەن  دېگەننى تەقەززا قىلىمەن..

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 03:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۋانەم،قايدىسەن؟

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1564
تۆھپە : 16
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 09:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن قارى ئوبزورچى بۇلۇپ قالدۇقمۇ قانداق؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 570
تۆھپە : 5
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رۇمان قىسمۇ ياكى مەن ئىلغا قىلالمىدىممۇ قانداق؟ .. . كىتاپخانىدا كۆزۈمگە چېلىقمىدىغۇ؟ كىتاپخانىغا قايتا بىر كىرىپ ئىزدەپ باقسام بولغۇدەك. يالقۇن قارى ياخشى بىر ئەسەرنى تۇنۇشتۇرغاندەك قىلىدۇ. قەلىمى ھارمىسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1013
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 72
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 12:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ رۇماننى ياخشى يېزىلغان رۇمان دەپ قارايمەن . بۇ رۇمان كىتابخانىدا چوقۇم بار. ئالدىرىماي تەپسىلىي قارىسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز .

ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتچان بولسا،ئىزباسارلار ياراملىق بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش