كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

ئەزىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 155
تۆھپە : 2
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزىنىڭ تەرجىمىھالى
ئەزىزى 1962-يىلى سېنتەبىردە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى مازاركۆل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملاپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلىگەن. 1988-يىلىدىن ھازىرغىچە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئەزىزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «ئوتلۇق تىلەكلەر» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «ئاشىق رىۋايىتى»، «چۈشۈمدىكى قىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «فەرىدۇددىن ئەتتار»، «ھىدايەت نۇرى»، ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرى، «دانالار دۇردانىلىرى»، «ئەدەب-ئەخلاق مىزانلىرى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «روھ پاكلىقى ــ دىل جىلۋىسى»، «ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشى»، «ئەھمەد يەسسەۋىي»، «سىرنامە»، «سەمەرقەند»...قاتارلىق ئىلمىي، ئەخلاقىي، ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى ژۇرناللاردا بىر تۈ*ركۈم نەسىر، ھېكايە، ماقالىلىرى، چەتئەل يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قىلىنغان تەرجىمىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان، بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش