قېرىندىشىمىز ئابىلمىت ئابدۇقادىرنىڭ يازغۇچىلار تورىدا تونۇشتۇرۇلغىنى تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش ھېساپلىندۇ.ئادىلجان ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىمىت ئابدۇقادىر ئۇيغۇر چاغداش شېئىرىيىتىدە ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىق ئېلمىنىتلىرىنى شېئىرلىرىدا ئۆزگىچە جۇلاغا ئېگە قىلغان ئۈمىدلىك ياش شائىرلاردۇر.ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا تەكلىماكانغا تالىق بولغان مۇقەددەس تۇيغۇلار يېلىجاپ ،تىلىمىزنىڭ كەڭ ئىمكانىيتىدىن ،پاساھىتىدىن،بالاغىتىدىن گۈلدەستە سۇنىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئانا تىل دەرياسىغا غەۋۋاستەك شۇڭغۇپ ئەدەبىيات دۇنياسىغا قىممەتلىك دۇر-جاۋاھىراتلارنى تەقدىم قىلىشغا ئىشىنمەن.ئابىلمىت ئابدۇقادىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت بوستانى گۈل -چېچەككە پۈركەنگۈسى.
|