كۆرۈش: 2022|ئىنكاس: 32

گۇمىلىق مەشرەپ (45)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(45)
IMG_2590.JPG

ئابلىمىت ئابدۇقادىر 1991-يىلى3-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ 2012-يىلى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىنىڭ ماددى ئەشيا ئوبرۇتى باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيتى 2014-يىللىق 7-سان تارىم ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان "قىتىقچى ئايال" قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە تارىم، تەڭرىتاغ،تۇرپان، "قۇمۇل ئەدەبىياتى"، "يىڭى قاشتىشى"، "مۇزات دولقۇنلىرى" گۇما مەدەنىيتى ۋە شىنجاڭ گىزىتى قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق مەتبۇئاتتا 80پارچىغا يىقىن شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان. ئۇنىڭ قەلىمىدە  "خوتەنگە كىرىش"ۋە "ۋەتەندە كۆرگەن چۈش" ناملىق ئىككى پارچە داستان پۈتكەن بولۇپ "ۋەتەندە كۆرگەن چۈش" ناملىق داستانى 2015-يىللىق 2-سان گۇما مەدەنىيتى ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان، ھەم ئاپتور تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ يەنە ياشلار مەجمۇئەسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنماقچى بولغان كىچىنىڭ رەڭگى ناملىق كوللىكىتىپ توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. يىقىندا ئۇنىڭ توققۇز كۆلەڭگە ناملىق بىرلەشمە شېئىر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا..


[ئاپتوردىن بايان] مەن پەقەت ئۆز ھىسىياتىمنى كىتاپخانلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قولۇمغا سەمىمىلىك بىلەن قەلەم ئالدىم، بىرلا ئۆچسە قايتا يانمايدىغان دەقىقىلىك تۇيغۇمنى دەل ۋاقتىدا خاتىرلەش ئۈچۈن چاققانلىق بىلەن شېئىر پۈتتۈم،
ئاپئاق قارلار شېئىرلىرىمغا پاكلىق لىباسىنى ياپقان بولسا دەھشەتلىك يامغۇرلار شېئىرىمنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، دىمەك پەسىللەرمۇ بىر شېئىر ئىدى.
مەن شېئىرىمدا نۇر ۋە گۈل ئىماگىنى كۆپرەك قوللىنىپ قالىمەن. بەلكىم بۇ نۇر ۋە گۈلنىڭ جىپىسلاشقان ساداقىتىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغانلىقىدۇر، شېئىريەتتە ھەر خىل ئىقىملار بەس بەستە مەيدانغا كەلدى، داۋراڭ سىلىشتى ، ئۆزى ياسىغان داپنى بار كۈچى بىلەن چالدى، ۋاھالەنكى ، ئەنئەنىۋى شېئىريەت بىلەن يىڭىچە شېئىريەت ئۇچراشقان جايدىن بىر نۇرانە قۇياش كۆتۈرۈلدى،
مەن شېئىريەت ئالىمىنىڭ يەكتا قۇياشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەشنى ئىختىيار ئەيلىدىم، ھەمدە تىنىمسىز ھالدا شېئىرخانلىرىمغا نەپىس سوۋغاتلىرىمنى تەييارلىماقتىمەن..

ئابلىمىت ئابدۇقادىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، شېئىرىي تىلى ئويناق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز بۇ ياش ھەۋەسكارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا تېخىمۇ نۇرانە پەللىلەرنى تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن


ئاۋاز

مەن بۇ يەردە سىنىلا سۆيدۈم،
يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچكۈچە.
بىر تال كۆچەت تىكتىم سەن ئۈچۈن،
مىۋىلەيدۇ قۇملار كۆچكۈچە.

چەكلىك ئىكەن ھايات بەك چەكلىك،
ئەگىشەرمەن بىرلا ئاۋازغا.
كۆمۈر ئىزدەپ كەتتىم ئۇلىشىپ،
پەلسەپىدىن يىراق بىر يازغا.

سالام ساڭا سولاشقان گۈللەر،
تەقدىرىمنى بىرەي سىلەرگە.
تىرىقشىغان مۇدھىش ئاۋازدىن،
قىچىپ كىتەي قاقاس چۆللەرگە.
كۆزلەر ئۇچراشسا
كەچكۈزدىكى مەيىن تەبەسسۇم،
مىنى يەنە باشلىدى ساڭا.
قايسى يولدىن كىتىمەن يىنىپ،
كۆزلىرىمىز ئەگەر ئۇچراشسا.

سىنى قانداق سىغىنغان بولسام،
يەنە شۇنداق كەتكەنمەن ئۇنتۇپ.
شاخلىرىدا قاقشال سۆگەتنىڭ،
ئىككىنجى رەت قالمايمەن قونۇپ.

كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان جايدا،
بىز بارچىنى قىلىمىز خىجىل.
شامالغىمۇ بەرمەستىن ئورۇن،
تىنىمىزدە ياسايمىز سىپىل.
كۆلەڭگە
ھىچنەرسە يوق ،بار بىر تاللا ئوق،
كۆلەڭگەمدىن يۇلۇپ تاشلانغان.
ئاستا-ئاستا ئۇلاشتى تاڭغا،
تىنىقىڭدىن تارالغان تۇمان.

سىنى پەقەت بىر تاللا دىدىم،
قەلبىمدە يوق زەررىچە گۇمان.
مەن خالايمەن بولۇشنى سىنىڭ،
يۇلتۇزلاردەك نۇرلۇق كۆلەڭگەڭ.

لىۋىڭدىكى سۈزۈك بۇلاقتا،
چىچەكلەيدۇ گۈللەر رەڭگارەڭ.
قاندەك قىزىل ئىسيانكار يوللار،
باغاشلايدۇ قاقاس تىنىمنى.
تۇرار باغلاپ بوستان چاچلىرىڭ،
ئازابىڭغا مىنىڭ جىنىمنى.
كىچە، ئاۋاز، ئاسمان

قىنى مەغرۇر قامەتلىك تاغلار،
قىنى چەكسىز ئاققان دەريالار.
كىرىپ كەتتى كىچىگە جىمجىت،
قاردەك ئاپئاق نەمخۇش خىياللار.

كۆزلەر يىراق ئۇيقۇ چۆلىدىن،
كىرپىكىمدە لەپىلدەر بايراق.
نويابىرنىڭ يىشىل كېچىسى،
جۇغۇلايدۇ تەندىكى توغراق.

چىراقلاردەك يانغان يۇلتۇزلار،
ئالقىنىمغا قونار بىر-بىرلەپ.
تەنھالىقتا ئۆرتەنگەن قىزلار،
بەلكىم مىنى قالغاندۇ ئەسلەپ.

ئۈرۈمچىدە بىر تاللا ئاسمان،
ياغار ئۇندىن يامغۇرمۇ-قارمۇ.
لەۋلىرىگە سۆيگۈزمىدى ھىچ،
چۈشۈمدىكى ئاخىرقى يارمۇ.
سەندىن چىقتىم

سەندىن چىقتىم قەدەممۇ-قەدەم،
شەھەردىكى غىرىپ ئىت كەبى.
شۇ تاپ قانداق سۆيۈملۈك ئەجەل،
ئالالايدۇ مىنىڭ جىنىمنى.

سەندىن چىقتىم تىنىم يالىڭاچ،
تاڭغا ئۇلاپ رەزىل كىچىنى.
لىق توشقۇزدۇم سىنىڭ ھىدىڭگە،
تۆت تىمى يوق ئۆينىڭ ئىچىنى.

قان گۈللىرى ئىچىلغان قەغەز،
سىنى مەندىن كەتمەكتە ئىلىپ.
تامچە-تامچە قەسىمىم بىلەن،
ھامان ساڭا توختايمەن كىلىپ.
مىنىڭ بۇ ئازابىم سىنىڭ ئۈچۈندۇر
مەن ئىچكەن شاراپلار مۇھەببەت ئۈچۈن،
مەن كەچكەن دەريالار ئايدەك يالىڭاچ.
ئازاپنى كەشتىلەر مەن سۆيگەن قىزلار،
ئاھ مىنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ نا ئىلاج.

يىغلىدىم كىرپىكىڭ گۈلىستانىدا،
چىچىنى تارىغان مەختۇمسۇلاغا.
چىكىتتەك قادىلىپ تۇرسام ئۆزۈمگە،
كۆز يىشىم يەتكۈزەر مىنى خۇداغا.
نىمىشقا بۇ قەدەر سوغۇق بۇ ناخشا،

ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ مىنىڭ ھىچقاچان.
مىنىڭ بۇ ئازابىم سىنىڭ ئۈچۈندۇر،
سەن قايتىپ كىلىسەن يىنىمغا ھامان
كۈلپەت
ئۇلارنىڭ جىمجىتلا كىتىشى بىلەن،
ياشاشقا باشلايمىز ھاياتنى قايتا.
قىزلارنىڭ دەردىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،
نىمانچە ئازاپ بۇ تۈگىمەيدىغان.

نەملەشكەن خىيالدىن چىقىپلا يەنە،
قەدەمدە مىڭ قىتىم چىكىمەن پىغان.
شۇ سارغۇچ ياپراققا يىزىلغان شېئىر،
سىنى كۆپ قىينىدى بۈگۈنگەقەدەر.

مىنىڭدىن كەچمەيسەن چەكسەڭمۇ كۈلپەت،
يادىڭدا بولسىلا قەسىمىم ئەگەر.
كەتمەكچى بولىسەن مۇڭلۇق غەزەلگە،
كۈلپەتلىك تەقدىرنى بەرگەنچە يىغلاپ.
گۇگۇم دەرىخى

كۆرگۈم كىلەر مىنىڭمۇ سىنى،
ھىچكىشىگە بىلدۈرمەي پەقەت.
يالغان كۈلۈپ تۇرغىنىڭ بىلەن،
كۆزلىرىڭدىن ئۆرلەيدۇ ھەسرەت.

ئاستا-ئاستا ياغىسەن ماڭا،
بىر تۈپ زەڭگەر ئاپتاپقا ئوخشاش.
چىچەكلەيدۇ گۇگۇم دەرىخى،
مەي باغلايدۇ شىخىدا قۇياش.

ئات سالغىنىم ئۈچۈن سەن تامان،
يوللار مەندىن بولماقتا بىزار.
ئىرىپ گويا بىر دەستە نۇردەك،
ساڭا سىڭىپ كىتىمەن نىگار.

گۇگۇمدىكى مۇڭلۇق دەرەخكە،
سەن ھەققىدە بىرىمەن سۆزلەپ.
ئەڭ سۆيۈملۈك شېئىرلاردىمۇ،
بىر سىنىلا ياشايمەن كۈيلەپ.
بوستان چاچلىرىڭ

ھەممە نەرسە ئاخىرلىشىدۇ،
ھەممە قۇشلار توختار سايراشتىن.
دۇنيا دىگەن كېچىدۇر ئاخىر،
يۈز ئۆرۈيدۇ ئاسمان قۇياشتىن.

بۇلۇتلاردەك كىتىدۇ توزۇپ،
مۇھەببەتتىن تون كەيگەن گۈللەر.
شۇ چاغ مىنى قالار يوشۇرۇپ،
چېچىڭدىكى قاراڭغۇ تۈنلەر.

راستۇر پەقەت بوستان چاچلىرىڭ،
راستۇر مىنى سۆيگەن شۇ ئايال.
سەن ئۈچۈنلا خىياللىرىمنى،
قىنىپ-قىنىپ سۈردۈم ئىھتىمال.
غىرىپ ناخشا

بىنادىن ساڭگىلاپ تۇرغان ھاياجان،
مىڭ يىللىق توغراقتەك سۇنار قاراسلاپ.
زىرىكىش گۈللىرى چىچىپ خۇشپۇراق،
يوللارغا يامغۇردەك ياغار تاراسلاپ.

ياتىقىم نە ئۈچۈن بۇ قەدەر جىمجىت،
تەسەللى ئىزدەيدۇ مىنىڭدىن تۆت تام.
كارۋىتىم غىچىرلاپ تۇرار تاۋۇتتەك،
قولۇمدا مۇڭسىراپ تۇرار سۇنۇق جام.
سومكا ئاسقان قىز

تارىخنىڭ زۇلمەتلىك خارابىسىدە،
نە سەۋەپ بۇ قەدەر باغرىمىز زىدە.
بىر شىرىن ئىستەكتە ماڭدىم كەينىڭدىن،
دەريادەك داۋالغۇپ تۇرغان شەھەردە.

رەڭگارەڭ چىچىڭدا يانغان چىراغلار،
بىر-بىرلەپ ئۆچمەكتە مۇدھىش سەھەردە.
كۆزۈڭدىن چاچرىغان ھەۋەس ئۇچقۇنى،
قوزغاتتى دىلىمدا ساڭا مىڭ نەپرەت.

تىنىڭگە كۆمۈلگەن گۆھەرنى ئىزدەپ،
يالاڭتۆش ئەبلەخلەر تىزىلدى رەت-رەت.
قاراڭغۇ سومكاڭدا يىغلايدۇ كەچمىش،
بويالغان ھۆسنۈڭگە بىرەلمەي بەرداش.
ئوردىدەك بىزەلگەن سىرلىق ياتاقتىن،
ئۆزىنى تالاغا ئاتىدۇ قۇياش.
زارىقىش

نىمىنى كۈتىمەن بۇنچە زارىقىپ،
شەبنەمدەك يالتىراپ تۇرغان كۈنلەردە.
كىملەرگە يازىمەن بۇ سالام خەتنى،
نەسەۋەپ ئۇخلىماي ئۇزاق تۈنلەردە.

ئىسىمدىن كۆتۈرلەپ كەتمەس ھىچقاچان،
يارىمنىڭ قەلبىمدە تۇغۇلغان كۈنى.
باغدىكى رەڭگارەڭ چىمەنلەر ئىچرە،
يار ئىزدەپ يۈرەرمۇ مىنىڭ ھىدىمنى.

سىنتەبىر ئايلىرى نەقەدەر مۇڭلۇق،
باغچىلار ئوينايدۇ گۈلنىڭ تويىنى.
كوچىلار نىمىشقا بۇنچىلىك سوغۇق،
ئاشىقلار ۋە ياكى بىلمەمدۇ بۇنى.

مەن بۇنچە ئازاپنى تارتىپ باقمىغان،
كۆرمىگەن قان قۇسقان يىتىم خىيالنى.
بەخىتلىك قىلىشقا بەرگەن كۆپ قەسەم،
ئۆمرۈمدە سۆيگەن شۇ بىرلا ئايالنى.

يامىشىپ تاغلارنىڭ پەلەمپىيىگە،
قۇياشقا ئۆمرۈمدىن بىرىمەن جاۋاپ.
زاماننىڭ ئاداققى مۇقاۋىسىدا،
جەسىدىم شەرەپلىك تۇرار جۇلالاپ
بوۋاي ۋە كىچە
نە بىر ناخشا ئىيتىشلار بولسۇن،
نە بىر چۆچەك سۆزلىسۇن ئاسمان.
يالغۇز ئەخلەت،يالغۇز سۈپۈرگە،
ئاخىرلىشىپ كىتىدۇ ھامان.

ماشىنىلار،يوللار،دەرەخلەر،
قىزىلگۈللەر بىپايان چۆللەر.
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلارىچە،
بۇ بوۋايغا مۇھتاج بۇ شەھەر.

كۆرەلەيدۇ كەمسۆز بوۋاينى،
كۈندۈز قۇياش،تۈندە ئايغىچە.
بۇ شەھەردە ناگان-ناگاندا،
قالار پەقەت بوۋاي ۋە كىچە.

ئىتتىرگەنچە ئىغىر ھارۋىنى،
كوچا تازلاپ يۈرەر بىمالال.
قىسمەتلەرگە تولغان ھاياتتا،
يىنىپ ئۆچەر نۇردەك ئىھتىمال.
قاراڭغۇ ئازاپ

بىر تامچە ھاياجان ئاچتى ئىشىكنى،
گۇگۇمنىڭ لالىرەڭ پەردىسى ئىچرە.
ئاي نۇرى ئاستىدا قەھۋە دەملىگەچ،
يار مىنىڭ بوينۇمغا سالىدۇ گىرە.

كۆرىمىز چۈشتىكى سۇنۇق كارۋاتتا،
دەرەختەك يالىڭاچ ياتقان ئۆلۈمنى.
سۆيىمىز قىپقىزىل شېئىرلار بىلەن،
قاراڭغۇ ئازاپقا تولغان ئۆمۈرنى.

ئىرىقلار ئىقىتىپ كىلىدۇ ناخشا،
جەسەدكەلىق تولغان تەكلىماكانغا.
توغراقنىڭ شىخىدا يارنىڭ ۋەدىسى،
تاراملاپ ئاقىدۇ سۇنۇق ئاسمانغا.

ھىچنەرسە دىمەسلىك كىرەكتۇر بەلكىم،
سۈكۈتكە ئايلانسۇن بارچە مۇھەببەت.
تىنىمنى يەتتگە پارچىلاپ بۇ دەم،
يەتتە قات ئاسماندا ياشاي ئاقىۋەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 16:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 15:26:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئايالنىڭ ئورمانلىقىدا

ئابلىمىت ئابدۇقادىر


كىتابخانىدا

ھايات مېنى ۋاراقلىماقتا،
ئەڭ ئاخىرقى بەتكىچە.
كىملەر كىلىپ مەندە توختىدى،
مەن ئۆزۈمدىن كەتكۈچە.

كۆز ياشلىرىم پۇرۇقلاپ قايناپ،
قاقلىنىمەن بىر يۇتۇم سۇغا.
ئولتۇرىمەن گۇگۇمغىچە تا
ئەڭ ئاخىرقى دوختۇرخانىدا

ئەي،سۆيۈملۈك كىتابلار،
ئەي، بەخىتلىك كىتابپۇرۇشلار.
چىللىماقتا بىزنى بۇ يەرگە،
ئىس-تۈتەكسىز تاتلىق ئۇرۇشلار.

ز.سابىرنى كۆرۈپ باقمىدىم،
كۆردۈم ئەمما بىر ئۇچۇم ھەسرەت،
نەۋرىسىنىڭ چۇقۇر كۆزىدە.
گۇگۇم قىزنىڭ بوستان كىرپىكى،
يازدى ماڭا بىر تال سالام خەت

*پەرھات تۇرسۇننىڭ شۇناملىق پوۋىستى كۆزدە تۇتىلىدۇ

بىر ئايالنىڭ كۈلكىسى


باشلاپ كىرەر سوغۇق خانەمگە،
بىر ئايالنىڭ تاتلىق كۈلكىسى،
پارلاپ تۇرغان ئىللىق قۇياشنى.

نە چارە بار،لەۋلەر يىغلىسۇن،
گۈللەر تامان ماڭار بۇ قەلبىم.
يوشۇرۇنسام ئۇنىڭ كۆزىگە،
مېنى ئىزدەپ تاپالماس ھىچكىم.

كېتىپ قالغان بولساممۇ گەرچە،
بىر ئايالنىڭ ئورمانلىقىغا.
كىلەر مېنى قايتۇرۇپ شۇئان،
كىرپىكىمدە مۇزلىغان يىغا.

كىلەر مېنى قايتۇرۇپ ھەتتا،
تال چېۋىقتەك بالىلىقىمغا،
شامدەك يېنىپ ئۇزاق كىچىدە،
جانان ئۈچۈن يازغان شېئىرغا


كىلەر مېنى قايتۇرۇپ يەنە،
بىر ئايالنىڭ قاقاس كۈلكىسى،
داستاندىكى كىندىك قېنىمغا


بىردەم يېتىۋال

نويابىرنىڭ 22-كۈنى 50ياشلار چامىسىدىكى بىر كوچا تازلىغۇچى ئايال قاردىن تىيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى.

قولۇڭدىكى بىر دەستە گۈلنى،
سانجىپ قويۇپ بۇلاق بويىغا،
بىردەم ئارام ئىلىۋال ئانا

سۈبھىدىكى ئەما قۇشلارنى،
باشلاپ كەلگەن ئىدىڭ باغلارغا.
مىھرىڭ بىلەن باقاتتىڭ ھەردەم،
چاچلىرىڭدەك سۆيۈملۈك قارغا.

كۆز ئالدىمدا يىقىلدىڭ ئەجەپ،
قىلالمىدىم يۆلەشكە ئىلاج.
ماشىنىلار تۇرار ئۆتۈشۈپ،
يوللار ساڭا ئاچماقتا غۇلاچ.

بىردەم يېتىۋال،
كىرپىكىڭدە چاقنىغان تامچە،
ئىرىپ بولغۇچە.
قولۇڭدىكى ئوماق سۈپۈرگە،
چۆچەك سۆزلەپ بىرەر ئوغلۇمغا.
پۇتۇڭدىكى ئەسكى ئاياغدىن،
كارۋان تارتىپ كېلىمەن ساڭا.

بىردەم يېتىۋال،
يىقىلمىقىڭ تەقدىردۇر بەلكىم،
نە گىپىڭ بار، ماڭا ئىيتىۋال،
ئەنسىرەيمەن ،بولۇۋالما جىم.

بىردەم يېتىۋال.....
قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئىلىۋال.
سېنى يوقلاپ كەلگە

يارنىڭ كۆڭلى ۋە ئۈرۈمچى ئاسمېنى


مومام زۇۋۇلا تۇتار ئەرىشتە،
بەلكىم شۇڭا تۇمان بۇ شەھەر.
چوپان بالا بۇلۇتقا دەسسەپ،
يۇلتۇزلارنى باقار ھەر سەھەر.

نويابىردا دىرىلداپ،تىترەپ،
يار كۆڭلىدە سالىمەن قەسىر.
ئاق شەھەرنىڭ مەيۈس شامىلى،
تۇرار بېسىپ يەلكەمنى ئىغىر.


كەچكۈز،ناخشا ۋە بىر قىز


يوللار مېنى ۋاراقلىماقتا،
تۈندەك جىمجىت ، سەھەردەك روشەن.
يۈرىكىمگە يېغىۋاتقان قار،
بەلكىم ياغدى ماڭىلا قەستەن.

مۇزلىماقتا ئىسيانكار كۆزلەر،
كەچكۈزدىكى ئەتىرگۈل كەبى.
بىر قىز مېنى سۆيدى ناخشىدەك،
شۇنچە شېرىن،شۇنچە ئەسەبى.


سەھەر تۇيغۇسى


بىر قەھەد شاراپتەك ئىچىغان شەھەر،
مۇز تۇتقان ۋۇجۇدۇڭ گۈزەل نەقەدەر.

كۆزىنى بىر-بىرلەپ ئاچار بىنالار،
تەلمۈرۈپ يولدىكى مەيىن خىيالغا.
ئەينەكنى قاپلىغان ناخۇش تۇمانلار،
قۇچاقلاپ دېڭىزنى سۈرۈلەر ئالغا.

قۇياشتەك پارلايدۇ پەقەت ئادەملەر،
ماڭماقتا ماشىنام ئاسماننى بويلاپ.
تۇيغۇمدا ئۆركەشلەپ تۇرغان سەھەردە،
مەن گويا جۇدۇنمەن،ۋە ياكى ئاپتاپ.


مۇھەببەت


سايەڭنى باغاشلاپ بارىمەن ساڭا،
ياشانغان ئازابقا بىرىپ تەسەللى.
ئىزلىرىم گۈل چەككەن يوللارنى بويلاپ،
بىر چەكسىز يوقلۇقتىن تاپىمەن سىنى.

شىۋىرغان گۈلىدەك چۈشەر تورۇكلاپ،
ساڭىلا ساقلىغان مۇھەببەت ناخشام.
نۇر ئىزدەپ يۈرىمەن چوپان بالىدەك
بىر ئاسمان يۇلتۇزدىن ھەر كۈنى ئاخشام.


سەن بولمىساڭ


غوڭۇلدىغان مۇدھىش ئاۋازدا،
يىقىن كەلدى ماڭا غايىپ قول.

سەن قەيەرگە كەتتىڭ دىلبىرىم،
تاشلاپ مېنى قاراڭغۇلۇققا.
سەندىن ئۆزگە يوق ئىكەن داۋا،
مەندەك نىمجان دىلى سۇنۇققا.

سەن قەيەرگە كەتتىڭ دىلبىرىم،
ئەگەشتۈرۈپ ئاي ۋە يۇلتۇزنى.
نىچۈن مەندىن كىتىسەن ئىلىپ،
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال قۇندۇزنى.

تاغ دەريالار تۇرار ئۆز پېتى،
جىلغېلاردا ھەسرەت تاشىدۇ.
سەن بولمىساڭ ئاپتاپتەك كۈلۈپ،
ھەتتا گۈللەر مەندىن قاچىدۇ.

سەن بولمىساڭ ئاقار مەن تامان،
بىز تال غازاڭ ياكى كەڭ ئاسمان.


يالغۇز تەن


تەندە قۇياش پارلايدۇ روشەن،
نە بىر قۇياش يالغۇزدۇر بۇ تەن.

ئايال، يوپۇق ياپتى ۋەتەنگە،
گۇگۇمدىكى يالىڭاچ ئايال.
تۇپراقلېرى چاك كەتكەن خەلىق،
يېشىل سۇدا كۆيەر بىمالال.

كارۋېتىمنىڭ نالېسىدىن،
كىرلىكىمنىڭ پىيالېسىدىن.
تاشماقتىمەن ئۆلۈك دىڭىزدەك،
ياكى كەچتىم يارنىڭ ئىسىدىن.

سىلىغانچە قاقشال تېنىمنى،
بويتاقلىقىم يىتەر يادىمغا.
مەڭگۈ تاشقا پۈتكەن يېزىقتەك،
ۋۇجۇدۇمنى قاپلايدۇ يىغا.

ياردىن يىراق،داردىن يىراق مەن،
قورام تاشقا ئوخشايدۇ تەن.


كۈندىلىك خاتىرە
بۈگۈن
2015-يىل27-سىنتەبىر ھاۋا تۇتۇق


تىلفۇنۇمغا قارايمەن پات-پات،
كۆزۈم يىرىم ئېچىغان شاراپ.
پاتەمخاننىڭ سارغۇچ تېنىدەك،
تولغان بەدپۇي بىر ھىدقا ئەتراپ.

61-يول بارىدۇ نەگە،
ئەلمىساقتىن بۇ يەردە.

ناخشا ئىيتىۋاتقانلار،
ناخشا ئىيتىپ ياشايدۇ شۇنداق.
ئادەملەرنىڭ ئالدىراشلىقى،
مۇزلاپ قالار مەڭگۈ تاش سىياق.

ئاپتۇبۇسنىڭ ئېچىدە لىپلىق،
تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەيدۇ،
ماڭا قاراپ بىر ئالتۇن بىلىق.


نوغاي مەسچىتى ئالدىدا


نە كەلگۈشى ، نە ئۆتمۈش بولسۇن،
تەبىئەتنىڭ مېنى يازغىنى.
ياكى قاقشال ئاسمانغا قاراپ،
تارىغېنىم ئاينىڭ چېچىنى.

بىر ئادەمنىڭ ئىسسىق تىنىقى،
ئۆرلەپ كەتكەن چېغى ئەرىشكە.
نورغۇن ئادەم جەننەت ھەققىدە،
باشلاپ بوپتۇ خىيال سۈرۈشكە.

تاپېنىمدىن باشلانغان يولدا،
ماڭار رەت-رەت ئۆلۈك تۆگىلەر.
نوغاي نامى قانداق قويۇلغان،
بىلەر بەلكىم نورغۇن كىشىلەر.

بۇ يەر يانار قەبرىدەك ئۇلۇغ،
بار بۇ يەردە بوستان چاچلىق تۈن.
مەن ئۆزۈمنىڭ نادامىتىنى،
يىغلېۋەتتىم يوللاردا بۈگۈن.


غازاڭ لىرىكىسى

1

پەيدەك يىنىك چۈشەر لەپىلدەپ،
ئاتەش بولۇپ كۆيگەندە تۇپراق.
بىر كۈي بولۇپ ئاستا چېلىنغان،
تەن دەرىخى تاشلايدۇ قاسراق.

بىنالارنىڭ سوغۇق تەلەتى،
ئۈمچىيىدۇ غىرىپ ئاشىقتەك.
كىچېلەرنىڭ سۇمبۇل چېچىدا،
قىزغۇچ يارا ئاچىدۇ پورەك.

شېئىرسىراپ كەتتى ئادەملەر،
يۇتۇۋالدى شائىرنى يوللار.
چەكسىز كەتكەن دىڭىز غازىڭى،
ھاسىل قىلار ئالتۇنرەڭ باھار.


2
ئۇلار ئۆتۈپ كەتتى پەسىلدەك،
ئۆتۈپ كەتتى بىر دەستە نۇردەك.

بوۋام،
كەتتى ياشاپ شېئىردەك،
يىپىپ قويدۇم ئۈستىگە غازاڭ.

3
قىنى ماڭا بىرىلگەن پۇرسەت،
قولۇڭلارنى تۇتاي بىر قىتىم.
قىنى شەربەت ماڭا بىر قاچا،
تولۇپ كەتتى ئاچچىققا ئىچىم.

ئۇلار ياغلىق چېگىمىز دىدى،
ماۋزۇ قويدۇق ئاندىن شېئىرغا.
چۈشۈۋاتقان غازاڭلار ئۈچۈن،
كەل،توپلىشىپ باشلايلى يىغا.

قىزىل يۈزلۈك ئادەملەر ئۈچۈن،
خەرىتىنى يازار تەبىئەت.


كىچە سائەت بىردىن قىرىق ئۈچ

چۈش كۆرۈشكە بولاتتىم مەشغۇل،
ھەر كۈنى دەل موشۇ پەيىتتە.
ئۇنىڭ بۇدرۇق ھالىتى دائىم،
يۈرىكىمنى قىلاتتى زىدە.

سىغىناتتىم ئۇنى ھەر دائىم،
ئۇمۇ مىنى سىغىنغانسىرى.
مەھرۇم قىلدى مېنى ھەممىدىن،
ئىغىر-بىسىق ئۈرۈمچى شەھرى.

كىچە سائەت بىردىن قىرىق ئۈچ،
چىللىمايدۇ ساراڭ خورازلار.
بىنالارنىڭ كىرپىكلىرىگە،
قىروۋ كەبى چۈشمەس ئاپئاق قار.

پاشىلارمۇ يوقتۇر ھەتتاكى،
شورىغىلى ئىسسىق قېنىمنى،
كەلمەيدىغان يارغا ساقلايمەن،
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال جېنىمنى.


پولۇ

ئۇسۇل ئوينار ئالتۇن تەخسىدە،
شاماللاردەك سەرسان مەرۋايىت.
ئىتىزلىقتا سەۋزە خانىشى،
بۇلۇتلاردەك ياش تۆكەر جىمجىت.


يوقسۇزلۇق

قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىم بىلەن،
سۈمۈرىمەن نەمخۇش ھاۋانى.

بىر قولۇمدا سولغان ئەتىرگۈل،
بىر قولۇمدا يىرىلغان تۇپراق.
كۆكرىكىمگە يىقىلدى جانسىز،
ئاچچىق كىشنەپ تۇرغان ئارغىماق.

چۈش كۆرۈشكە ئامراقمەن قەۋەت،
ئۇيقۇ بىلەن تاپىمەن راھەت.

تۆت تەڭگىگە ئەرزىمەس بۇ تەن،
ھوزۇر ئىزدەر يەنە قىزلاردىن.
يوقسۇز جاننى ئالمىدى تەڭرى،
يېنىپ كەلدى ھەچ كېچە داردىن.

ھەدىيە قىل ماڭا قۇياشىم،
نۇرلىرىڭدىن پەقەت بىر دەستە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 16:42  


باھا سۆز

شئېرلارنىڭ ئىملاسىنى يەنە بىر تەھرىرلەيدىغان گەپكەن  ۋاقتى: 2016-1-4 03:51 PM
ۋاقتى: 2016-1-4 15:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابلىمىت ئابدۇقادىرنىڭ يازغۇچىلار تورىدا تۇنۇشتۇرۇلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. مۇبارەك بولسۇن. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنگەي. يەنىمۇ تىرىشىڭ ئۇكام.

ۋاقتى: 2016-1-4 15:46:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر ئۈچۈن سوقۇدىغان يۈرەكلەرنىڭ كۆپۈيىشى ئەدەبىياتىمىزدىكى يەنە بىر يېڭى دولقۇن . بىر جۈپ ئىنىمىز ئابلىمىت ئابدۇقادىر بىلەن ئادىلجان ئابدۇرېھىمنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئىسىل شىئېرلارنى روياپقا چىقىرىشىغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-4 15:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، گۇمىدىن مەشرەپ چىقسا بىرى چىقمايدۇ، ئىككىسى چىقىدۇ. ئەينى زاماندا قەشقەردە ئۆتكەن مەھمۇت، يۈسۈپ بوۋىلىرىمىزدەك  ئۇنتۇلماس سىيمالارغا ئايلىنىدۇ. ھەر ئىككى ئىنىمىزنىڭ شىئېرىيەت ئاسمىنىدىكى پەرۋازىغا تېخىمۇ راۋانلىق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-4 15:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇمىلىق مەشرەپنىڭمۇ بىزنى نائۈمىد قالدۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەشرەپ ئىز باسقان يوللاردا ئەڭ گۈزەل مىسرالار ھىد چاچقۇسى.

ۋاقتى: 2016-1-4 16:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-4 16:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابلىمىت ئابدىقادىرنىڭ ئىجادىيەت بوستانىدىكى ھارماس قەدەملىرىگە كۆز تەگمىسۇن!ياش قەلەم سەھىپىسىدە تاتلىق شېئىرىلىرى بىلەن جۇلالىنىپ  يېقىن كەلگۈسىدىكى  شېرىيەت
ئاسمىنىدا  نۇرلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يەنە بىر چولپاندىن بىشارەت بېرىپ تۇرغان ئىنىمنىڭ
ئىجەدىيەت سەپىرىگە مۇۋاپىقىيەت،تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا بەخىت يار بولسۇن! ئۇستاز   ئابدىرشىت ئېلىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەدەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-4 16:07  


ۋاقتى: 2016-1-4 16:23:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاداش، تىخىمۇ نۇرانە پەللىلەر سىلىگە نېسىپ بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-4 18:10:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىتنى تەبرىكلەيمەن، ئۇنىڭ قۇش پېيىدەك يېنىك ۋە لىرىك شېئىرلىرىنى ياقتۇرىمەن

ۋاقتى: 2016-1-4 18:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمكەش دوستۇم ئابلىمىت ئابدۇقادىرىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن،شېىرىيەت،ئەدەبىيات ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تەلقىن قىلىشىپ كېتەتتۇق،شۇ چاغدىن باشلاپ مەن ئابلىمىتتا شېئىرىيەتكە نىسپەتەن بىر خىل تەبئىي قىزىقىشىنىڭ بارلىقىنى،لىرىكىلىرىنىڭ ناھايىتى ئويناق ۋە بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈرگەن.مۇبارەك بولسۇن ئاغىنەم،ئەدەبىيات ئالىمىدە تېخىىمۇ نۇرلۇق پەللىلەرگە ئۇلىشىشىڭىزىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-4 18:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىنىمىز ئابلىمىتنىڭ شېئىرلىرىنى ئەستايدىل ئوقۇپ چىقتىم ۋە بىر ھازا ئىچىمنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. مانا بۇ، مېنىڭ ياخشى شېئىرلارنى تاساددىپى ئوقۇپ قالغان چېغىمدىكى ھىسىيات ھالىتىم.

ۋاقتى: 2016-1-4 18:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام ئابلىمىت،مۇبارەك بولسۇن!بۇ يول گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ سېنىڭ ئېگىز-ئېگىز چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن! ھەرۋاقىت پەرۋازىڭغا سۈزۈك ئاسمان تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-4 18:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش ئابدۇرىشىت،«گوما»  دېگەن سۆزنى «گۇما» دەپ تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق بىر يۇرتنىڭ ئىسمى خاتا يېزىلىپ قالمىسۇن...

باھا سۆز

كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، تۈزىتىپ قويدۇم!  ۋاقتى: 2016-1-5 12:12 AM
ۋاقتى: 2016-1-4 18:59:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئ‍امەت تىلەيمەن قەلىمىڭىىز توختاپ قالمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش