(45)
ئابلىمىت ئابدۇقادىر 1991-يىلى3-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ 2012-يىلى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىنىڭ ماددى ئەشيا ئوبرۇتى باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيتى 2014-يىللىق 7-سان تارىم ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان "قىتىقچى ئايال" قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە تارىم، تەڭرىتاغ،تۇرپان، "قۇمۇل ئەدەبىياتى"، "يىڭى قاشتىشى"، "مۇزات دولقۇنلىرى" گۇما مەدەنىيتى ۋە شىنجاڭ گىزىتى قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق مەتبۇئاتتا 80پارچىغا يىقىن شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان. ئۇنىڭ قەلىمىدە "خوتەنگە كىرىش"ۋە "ۋەتەندە كۆرگەن چۈش" ناملىق ئىككى پارچە داستان پۈتكەن بولۇپ "ۋەتەندە كۆرگەن چۈش" ناملىق داستانى 2015-يىللىق 2-سان گۇما مەدەنىيتى ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان، ھەم ئاپتور تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ يەنە ياشلار مەجمۇئەسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنماقچى بولغان كىچىنىڭ رەڭگى ناملىق كوللىكىتىپ توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. يىقىندا ئۇنىڭ توققۇز كۆلەڭگە ناملىق بىرلەشمە شېئىر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا..
[ئاپتوردىن بايان] مەن پەقەت ئۆز ھىسىياتىمنى كىتاپخانلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قولۇمغا سەمىمىلىك بىلەن قەلەم ئالدىم، بىرلا ئۆچسە قايتا يانمايدىغان دەقىقىلىك تۇيغۇمنى دەل ۋاقتىدا خاتىرلەش ئۈچۈن چاققانلىق بىلەن شېئىر پۈتتۈم،
ئاپئاق قارلار شېئىرلىرىمغا پاكلىق لىباسىنى ياپقان بولسا دەھشەتلىك يامغۇرلار شېئىرىمنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، دىمەك پەسىللەرمۇ بىر شېئىر ئىدى.
مەن شېئىرىمدا نۇر ۋە گۈل ئىماگىنى كۆپرەك قوللىنىپ قالىمەن. بەلكىم بۇ نۇر ۋە گۈلنىڭ جىپىسلاشقان ساداقىتىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغانلىقىدۇر، شېئىريەتتە ھەر خىل ئىقىملار بەس بەستە مەيدانغا كەلدى، داۋراڭ سىلىشتى ، ئۆزى ياسىغان داپنى بار كۈچى بىلەن چالدى، ۋاھالەنكى ، ئەنئەنىۋى شېئىريەت بىلەن يىڭىچە شېئىريەت ئۇچراشقان جايدىن بىر نۇرانە قۇياش كۆتۈرۈلدى،
مەن شېئىريەت ئالىمىنىڭ يەكتا قۇياشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەشنى ئىختىيار ئەيلىدىم، ھەمدە تىنىمسىز ھالدا شېئىرخانلىرىمغا نەپىس سوۋغاتلىرىمنى تەييارلىماقتىمەن..
ئابلىمىت ئابدۇقادىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، شېئىرىي تىلى ئويناق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز بۇ ياش ھەۋەسكارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا تېخىمۇ نۇرانە پەللىلەرنى تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن
ئاۋاز
مەن بۇ يەردە سىنىلا سۆيدۈم،
يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچكۈچە.
بىر تال كۆچەت تىكتىم سەن ئۈچۈن،
مىۋىلەيدۇ قۇملار كۆچكۈچە.
چەكلىك ئىكەن ھايات بەك چەكلىك،
ئەگىشەرمەن بىرلا ئاۋازغا.
كۆمۈر ئىزدەپ كەتتىم ئۇلىشىپ،
پەلسەپىدىن يىراق بىر يازغا.
سالام ساڭا سولاشقان گۈللەر،
تەقدىرىمنى بىرەي سىلەرگە.
تىرىقشىغان مۇدھىش ئاۋازدىن،
قىچىپ كىتەي قاقاس چۆللەرگە.
كۆزلەر ئۇچراشسا
كەچكۈزدىكى مەيىن تەبەسسۇم،
مىنى يەنە باشلىدى ساڭا.
قايسى يولدىن كىتىمەن يىنىپ،
كۆزلىرىمىز ئەگەر ئۇچراشسا.
سىنى قانداق سىغىنغان بولسام،
يەنە شۇنداق كەتكەنمەن ئۇنتۇپ.
شاخلىرىدا قاقشال سۆگەتنىڭ،
ئىككىنجى رەت قالمايمەن قونۇپ.
كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان جايدا،
بىز بارچىنى قىلىمىز خىجىل.
شامالغىمۇ بەرمەستىن ئورۇن،
تىنىمىزدە ياسايمىز سىپىل.
كۆلەڭگە
ھىچنەرسە يوق ،بار بىر تاللا ئوق،
كۆلەڭگەمدىن يۇلۇپ تاشلانغان.
ئاستا-ئاستا ئۇلاشتى تاڭغا،
تىنىقىڭدىن تارالغان تۇمان.
سىنى پەقەت بىر تاللا دىدىم،
قەلبىمدە يوق زەررىچە گۇمان.
مەن خالايمەن بولۇشنى سىنىڭ،
يۇلتۇزلاردەك نۇرلۇق كۆلەڭگەڭ.
لىۋىڭدىكى سۈزۈك بۇلاقتا،
چىچەكلەيدۇ گۈللەر رەڭگارەڭ.
قاندەك قىزىل ئىسيانكار يوللار،
باغاشلايدۇ قاقاس تىنىمنى.
تۇرار باغلاپ بوستان چاچلىرىڭ،
ئازابىڭغا مىنىڭ جىنىمنى.
كىچە، ئاۋاز، ئاسمان
قىنى مەغرۇر قامەتلىك تاغلار،
قىنى چەكسىز ئاققان دەريالار.
كىرىپ كەتتى كىچىگە جىمجىت،
قاردەك ئاپئاق نەمخۇش خىياللار.
كۆزلەر يىراق ئۇيقۇ چۆلىدىن،
كىرپىكىمدە لەپىلدەر بايراق.
نويابىرنىڭ يىشىل كېچىسى،
جۇغۇلايدۇ تەندىكى توغراق.
چىراقلاردەك يانغان يۇلتۇزلار،
ئالقىنىمغا قونار بىر-بىرلەپ.
تەنھالىقتا ئۆرتەنگەن قىزلار،
بەلكىم مىنى قالغاندۇ ئەسلەپ.
ئۈرۈمچىدە بىر تاللا ئاسمان،
ياغار ئۇندىن يامغۇرمۇ-قارمۇ.
لەۋلىرىگە سۆيگۈزمىدى ھىچ،
چۈشۈمدىكى ئاخىرقى يارمۇ.
سەندىن چىقتىم
سەندىن چىقتىم قەدەممۇ-قەدەم،
شەھەردىكى غىرىپ ئىت كەبى.
شۇ تاپ قانداق سۆيۈملۈك ئەجەل،
ئالالايدۇ مىنىڭ جىنىمنى.
سەندىن چىقتىم تىنىم يالىڭاچ،
تاڭغا ئۇلاپ رەزىل كىچىنى.
لىق توشقۇزدۇم سىنىڭ ھىدىڭگە،
تۆت تىمى يوق ئۆينىڭ ئىچىنى.
قان گۈللىرى ئىچىلغان قەغەز،
سىنى مەندىن كەتمەكتە ئىلىپ.
تامچە-تامچە قەسىمىم بىلەن،
ھامان ساڭا توختايمەن كىلىپ.
مىنىڭ بۇ ئازابىم سىنىڭ ئۈچۈندۇر
مەن ئىچكەن شاراپلار مۇھەببەت ئۈچۈن،
مەن كەچكەن دەريالار ئايدەك يالىڭاچ.
ئازاپنى كەشتىلەر مەن سۆيگەن قىزلار،
ئاھ مىنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ نا ئىلاج.
يىغلىدىم كىرپىكىڭ گۈلىستانىدا،
چىچىنى تارىغان مەختۇمسۇلاغا.
چىكىتتەك قادىلىپ تۇرسام ئۆزۈمگە،
كۆز يىشىم يەتكۈزەر مىنى خۇداغا.
نىمىشقا بۇ قەدەر سوغۇق بۇ ناخشا،
ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ مىنىڭ ھىچقاچان.
مىنىڭ بۇ ئازابىم سىنىڭ ئۈچۈندۇر،
سەن قايتىپ كىلىسەن يىنىمغا ھامان
كۈلپەت
ئۇلارنىڭ جىمجىتلا كىتىشى بىلەن،
ياشاشقا باشلايمىز ھاياتنى قايتا.
قىزلارنىڭ دەردىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،
نىمانچە ئازاپ بۇ تۈگىمەيدىغان.
نەملەشكەن خىيالدىن چىقىپلا يەنە،
قەدەمدە مىڭ قىتىم چىكىمەن پىغان.
شۇ سارغۇچ ياپراققا يىزىلغان شېئىر،
سىنى كۆپ قىينىدى بۈگۈنگەقەدەر.
مىنىڭدىن كەچمەيسەن چەكسەڭمۇ كۈلپەت،
يادىڭدا بولسىلا قەسىمىم ئەگەر.
كەتمەكچى بولىسەن مۇڭلۇق غەزەلگە،
كۈلپەتلىك تەقدىرنى بەرگەنچە يىغلاپ.
گۇگۇم دەرىخى
كۆرگۈم كىلەر مىنىڭمۇ سىنى،
ھىچكىشىگە بىلدۈرمەي پەقەت.
يالغان كۈلۈپ تۇرغىنىڭ بىلەن،
كۆزلىرىڭدىن ئۆرلەيدۇ ھەسرەت.
ئاستا-ئاستا ياغىسەن ماڭا،
بىر تۈپ زەڭگەر ئاپتاپقا ئوخشاش.
چىچەكلەيدۇ گۇگۇم دەرىخى،
مەي باغلايدۇ شىخىدا قۇياش.
ئات سالغىنىم ئۈچۈن سەن تامان،
يوللار مەندىن بولماقتا بىزار.
ئىرىپ گويا بىر دەستە نۇردەك،
ساڭا سىڭىپ كىتىمەن نىگار.
گۇگۇمدىكى مۇڭلۇق دەرەخكە،
سەن ھەققىدە بىرىمەن سۆزلەپ.
ئەڭ سۆيۈملۈك شېئىرلاردىمۇ،
بىر سىنىلا ياشايمەن كۈيلەپ.
بوستان چاچلىرىڭ
ھەممە نەرسە ئاخىرلىشىدۇ،
ھەممە قۇشلار توختار سايراشتىن.
دۇنيا دىگەن كېچىدۇر ئاخىر،
يۈز ئۆرۈيدۇ ئاسمان قۇياشتىن.
بۇلۇتلاردەك كىتىدۇ توزۇپ،
مۇھەببەتتىن تون كەيگەن گۈللەر.
شۇ چاغ مىنى قالار يوشۇرۇپ،
چېچىڭدىكى قاراڭغۇ تۈنلەر.
راستۇر پەقەت بوستان چاچلىرىڭ،
راستۇر مىنى سۆيگەن شۇ ئايال.
سەن ئۈچۈنلا خىياللىرىمنى،
قىنىپ-قىنىپ سۈردۈم ئىھتىمال.
غىرىپ ناخشا
بىنادىن ساڭگىلاپ تۇرغان ھاياجان،
مىڭ يىللىق توغراقتەك سۇنار قاراسلاپ.
زىرىكىش گۈللىرى چىچىپ خۇشپۇراق،
يوللارغا يامغۇردەك ياغار تاراسلاپ.
ياتىقىم نە ئۈچۈن بۇ قەدەر جىمجىت،
تەسەللى ئىزدەيدۇ مىنىڭدىن تۆت تام.
كارۋىتىم غىچىرلاپ تۇرار تاۋۇتتەك،
قولۇمدا مۇڭسىراپ تۇرار سۇنۇق جام.
سومكا ئاسقان قىز
تارىخنىڭ زۇلمەتلىك خارابىسىدە،
نە سەۋەپ بۇ قەدەر باغرىمىز زىدە.
بىر شىرىن ئىستەكتە ماڭدىم كەينىڭدىن،
دەريادەك داۋالغۇپ تۇرغان شەھەردە.
رەڭگارەڭ چىچىڭدا يانغان چىراغلار،
بىر-بىرلەپ ئۆچمەكتە مۇدھىش سەھەردە.
كۆزۈڭدىن چاچرىغان ھەۋەس ئۇچقۇنى،
قوزغاتتى دىلىمدا ساڭا مىڭ نەپرەت.
تىنىڭگە كۆمۈلگەن گۆھەرنى ئىزدەپ،
يالاڭتۆش ئەبلەخلەر تىزىلدى رەت-رەت.
قاراڭغۇ سومكاڭدا يىغلايدۇ كەچمىش،
بويالغان ھۆسنۈڭگە بىرەلمەي بەرداش.
ئوردىدەك بىزەلگەن سىرلىق ياتاقتىن،
ئۆزىنى تالاغا ئاتىدۇ قۇياش.
زارىقىش
نىمىنى كۈتىمەن بۇنچە زارىقىپ،
شەبنەمدەك يالتىراپ تۇرغان كۈنلەردە.
كىملەرگە يازىمەن بۇ سالام خەتنى،
نەسەۋەپ ئۇخلىماي ئۇزاق تۈنلەردە.
ئىسىمدىن كۆتۈرلەپ كەتمەس ھىچقاچان،
يارىمنىڭ قەلبىمدە تۇغۇلغان كۈنى.
باغدىكى رەڭگارەڭ چىمەنلەر ئىچرە،
يار ئىزدەپ يۈرەرمۇ مىنىڭ ھىدىمنى.
سىنتەبىر ئايلىرى نەقەدەر مۇڭلۇق،
باغچىلار ئوينايدۇ گۈلنىڭ تويىنى.
كوچىلار نىمىشقا بۇنچىلىك سوغۇق،
ئاشىقلار ۋە ياكى بىلمەمدۇ بۇنى.
مەن بۇنچە ئازاپنى تارتىپ باقمىغان،
كۆرمىگەن قان قۇسقان يىتىم خىيالنى.
بەخىتلىك قىلىشقا بەرگەن كۆپ قەسەم،
ئۆمرۈمدە سۆيگەن شۇ بىرلا ئايالنى.
يامىشىپ تاغلارنىڭ پەلەمپىيىگە،
قۇياشقا ئۆمرۈمدىن بىرىمەن جاۋاپ.
زاماننىڭ ئاداققى مۇقاۋىسىدا،
جەسىدىم شەرەپلىك تۇرار جۇلالاپ
بوۋاي ۋە كىچە
نە بىر ناخشا ئىيتىشلار بولسۇن،
نە بىر چۆچەك سۆزلىسۇن ئاسمان.
يالغۇز ئەخلەت،يالغۇز سۈپۈرگە،
ئاخىرلىشىپ كىتىدۇ ھامان.
ماشىنىلار،يوللار،دەرەخلەر،
قىزىلگۈللەر بىپايان چۆللەر.
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلارىچە،
بۇ بوۋايغا مۇھتاج بۇ شەھەر.
كۆرەلەيدۇ كەمسۆز بوۋاينى،
كۈندۈز قۇياش،تۈندە ئايغىچە.
بۇ شەھەردە ناگان-ناگاندا،
قالار پەقەت بوۋاي ۋە كىچە.
ئىتتىرگەنچە ئىغىر ھارۋىنى،
كوچا تازلاپ يۈرەر بىمالال.
قىسمەتلەرگە تولغان ھاياتتا،
يىنىپ ئۆچەر نۇردەك ئىھتىمال.
قاراڭغۇ ئازاپ
بىر تامچە ھاياجان ئاچتى ئىشىكنى،
گۇگۇمنىڭ لالىرەڭ پەردىسى ئىچرە.
ئاي نۇرى ئاستىدا قەھۋە دەملىگەچ،
يار مىنىڭ بوينۇمغا سالىدۇ گىرە.
كۆرىمىز چۈشتىكى سۇنۇق كارۋاتتا،
دەرەختەك يالىڭاچ ياتقان ئۆلۈمنى.
سۆيىمىز قىپقىزىل شېئىرلار بىلەن،
قاراڭغۇ ئازاپقا تولغان ئۆمۈرنى.
ئىرىقلار ئىقىتىپ كىلىدۇ ناخشا،
جەسەدكەلىق تولغان تەكلىماكانغا.
توغراقنىڭ شىخىدا يارنىڭ ۋەدىسى،
تاراملاپ ئاقىدۇ سۇنۇق ئاسمانغا.
ھىچنەرسە دىمەسلىك كىرەكتۇر بەلكىم،
سۈكۈتكە ئايلانسۇن بارچە مۇھەببەت.
تىنىمنى يەتتگە پارچىلاپ بۇ دەم،
يەتتە قات ئاسماندا ياشاي ئاقىۋەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-5 16:41