كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1284
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:20:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىقى
                                                                                                     يالقۇن قارى

  بىزنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىزدە كىتاب ئوقۇيالايدىغان ساۋاتلىق كىشىلەر بولسىلا، ئۇ مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇپ چىقسىلا شۇ ئەسەرنىك كىتابخانى بولغان بولىدۇ. لېكىن كىتابخان ئۇنداق ئاددىي ئاتالغۇ ئەمەس. بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ، شۇ ئەسەر توغرىسىدا مۈئەييەن پىكىر شەكىللەندۈرەلىگەن، ئۆزىنىڭ ئەسەر توغرىسىدىكى بەلگۈلىك قاراشلىرىدىن سېستىما ھاسىل قىلالىغان كىشىلەرلا كىتابخانلىقنىڭ سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. كىتابخانلىقنىڭ ئەقەللىي سالاھىيىتى شۇكى، ئۇ ئۆزى ئوقۇغان ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلەلىگەن، شۇ ئەسەردىن سەزگەن بوشلۇقنى ئۆز تەپەككۇرىدا تولدۇرۇپ كېتەلەيدىغان، ئەسەر توغرىسىدا ئۆزگىچە بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇستەقىل تەتقىقات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگەن، ئەسەرنى قايتا داۋاملاشتۇرۇش، قايتا ئىجات قىلىش سالاھىيىتىنى ھاسىل قىلغان يۇقۇرى ساپالىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
كىتابخان ئەدەبىي ئەسەرنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىدە پۈتكۈل ئەدەبىي ئىجادىيەت گەۋدىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ ۋە ئاجايىپ چوڭ روللارنى ئوينىسىمۇ لېكىن، تارىختىن بۇيانقى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى كىتابخاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى رولى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان. ئۇلار پەقەت يازغۇچى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى رولىنى تەتقىق قىلىش بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60_ يىللىرىغا كەلگەندە بىر قىسىم نېمىس ئەدەبىيات شۇناسلىرى كىتابخاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورنى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كىتابخانغا ئەھمىيەت بىلەن قاراشتەك يېڭىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نەتىجىدە قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدىلا كىتابخانلارنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭىلىقى بىلەن بۈگۈنكى زامان غەرب ئەدەبىي ئىجادىيەت تەتقىقاتىدا ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغان نەزەرىيىۋى سىستېما « قوبۇل قىلىش ئىستىتىكىسىنى » ياراتتى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىقىنىڭ تارىخى تىخىمۇ قىسقا بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 _ ، 90 _ يىللىرى ( گەرچە تاكى ھازىرغىچە سېستىمىلىق تەتقىق قىلىنىپ، مۈكەممەل نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بولسىمۇ ) « تارىم »، « تەڭرىتاغ » ژورناللىرىنىڭ كەڭ سەھنە ھازىرلىشى، قولاپ- قۇۋەتلىشى ئاساسىدا كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولغان ۋە كىتابخانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش- زوقلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغان ئەسەرلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى ئاساسىدا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. « تەڭرىتاغ» ژورنىلى تەرىپىدىن  1993- يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش ئارقىلىق كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۈچ شائىر، يازغۇچى ۋە ئوبزورچىنى تاللاپ چىقىش پائالىيىتىنى ( شۇ بىر قېتىملىق پائالىيەت بىلەن توختاپ قالغان بولسىمۇ ) ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىق پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش سىگىنالى دېيىشكە بولىدۇ.  ئۇندىن باشقا « جۇڭگۇ مىللەتلىرى » ژورنىلى تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئېلىپ بېرىلغان كىتابخان رايىنى سىناش پائالىيىتى، « تارىم » ژورنىلىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان« ئەدىبلەر بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسى ۋە باشقا ژورناللاردا گەرچە قەرەللىك بولمىسىمۇ، پات- پات بېرىپ تۇرىلىۋاتقان « يۈزمۇ- يۇز سەھىپىسى » بىلەن ئەدىب ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرلىرىنىمۇ كىتابخان تەتقىقاتچىلىقىمىزدىكى ئەمىلىي پائالىيەتلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولغان ۋە كىتابخانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش- زوقلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغان ئەسەرلەر ئالدى بىلەن شېئىرىيەتە سۈرىيە دەمەشىق ئۈنۋېرستىتىدا غەرب ۋە ئوتتۇرا شەر*ق شېئىرىيىتى بىلەن كەڭ دائىرلىك ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاجايىپ ئۆزگۈرۈشچان رېتىم تۇيغۇسى، نىگاھلارنى غەلەتلەشتۈرگۈچى بەدئىي سېھرىي كۇچ، شەكىل ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل قىلغان ئويناق شېئىرى كامالەت بىلەن تويۇنغان، ئانا تىل مۇناسىبەتلىرىنىڭ چەكسىز مەنا مۇمكىنچىلىگىگە ئىگە قىلىنغان ، شېئىرلاردىكى شېئىرى پىكىرلەرنى سىمۋۇل ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە شېئىرى ئوبرازلارنى يارتىپ، بىز دەمىلاتى قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس، قۇتلۇق قادىر قاتارلىقلار يانداشقان ئاتالمىش« گوڭگا شىئىرىيەت » ئېقىمىدىن باشلاندى.
پىروزىچىلىقتا  ئابدۇرىھېم ئۆتكۈز، زوردۇن سابىر، توختى ئايۇپ، مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرى مۇھەممەت توختى، مۇھەممەت باغراش، ئەختەم ئۆمەر،  خالىدە ئىسرائىل . . قاتارلىق يازغۇچىلار باشلىغان  « ئىزلەنمە ھېكايە »، « مودىرنىزىم»، « سۈر رىئالىزىم »، « تەنقىدىي رىئالىزىم »، « قارا يۇمۇر» قاتارلىق دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق شەكىل، ئېقىملاردا يېزىلغان ئەسەرلىردىن باشلاندى. يۇقارقى شەكىل، ئېقىملاردا ئابدۇرىھېم ئۆتكۈزنىڭ « ئىز»،  « ئويغانغان زېمىن » رومانلىرىنى،  زوردۇن سابىرنىڭ  « ئانا يۇرۇت»، « ئاخىرقى پادىچى» رومان- پوۋىستلىرىنى، توختى ئايۇپنىىىىڭ « بۆشۈك » ، « بۆرە ئانا » قاتارلىق ھېكايە- رومانلىرى، مەمتىمىن  ھوشۇرنىڭ « ئايخان » ، « بۇرۇت ماجراسى »، « ساراڭ »، « قىرلىق ئىستاكان »، « ئالتۇن چىشلىق ئىت »، « چار خوراز »،  « قارا قورساق سەركە »، « چوشقىلارغا بايرام »... قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىللىرى بىلەن « قۇم باسقان شەھەر » رومانى، نۇرى مۇھەممەت توختىنىڭ « چۆل ئوغلى » پوۋىستى، « قۇشتاغدا مۇشائىرە » قاتارلىق ھېكايىللىرىنى، مۇھەممەت باغراشنىڭ « ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »، « تۆتقۇلاق »، « تەنھا ماشىنا »، « ئاقساق بۇغا »، « يۈرەك تاغ » قاتارلىق ھىكايە- پوۋىسىتلىرى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ « قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»،  « ئاھ، رەھىمسىز دەريا »، « زېمىن قارا ئادەملىرىڭە » ، « تاش مۇنار » قاتارلىق پوۋىستلىرى، خالىدە ئىسرائىلنىڭ « ئوربىتا »، « ھاڭغىرىت كۆلى » پوۋىستلىرى مەيدانغا كەلدى.
ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ قەلەمنى تاشلىشى ياكى شىئىرىيەت ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگە كۆچىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخانلارغا يېڭىچە كىتابخانلىق سالاھىيىتى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى زۆرۈر ھىس قىلدۇرغان « گوڭگا شىئىرىيەت » دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر شىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسى بولغان رېتىم، تۇراق ، قاپىيە، ۋەزىن قاتارلىق رامكىللىرى بۇزۇپ تاشلانغان، قۇرۇلمىسى ئەركىن، تىلى شوخ، مەزمۇنى كەڭ دالىغا قۇيۇپ بېرىلگەن ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان شېئىرلىرى بىلەن كىتابخانلارنى سويۇندۇرگەن ئادىل تۇنىياز دەۋرى باشلاندى. پىروزا ساھەسىدە ئىنسانلارنىڭ مۇرەككەپ روھى دۇنياسىنى يۇرتۇپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلىرى بىلەن پەرھات تۇرسۇن يانداشتى. ئونىڭ             « ئۆلىۋىلىش سەنئىتى» رومانى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا خىلى زور كۆلەمدە تەسىر قوزغاپ، بەلگۈلۈك رول ئوينىدى. ئۇندىن باشقا پەرھات تۇرسۇن يەنە مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، يالقۇن روزى، ئەسئەت ئەمەت قاتارلىق ئوبزورچىلار بىلەن يىقىندىن ياندىشىپ نادىر ئەسەرلەرنى كىتابخانلارغا تۇنۇشتۇرۇش، چۈشەندۇرۇش، كىتابخانلارنى بۇخىل ئەسەرلەرنى چۈشۈنۈشكە يېتەكلەش، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارتىش، كىتابخانلارنى قانداق يېتەكلەپ ، قانداق تەربىيەلەش مەزمۇنىدىكى تەتقىقاتنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تۆپە قۇشتى.
بۈگۈنكى رىئال يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىمىزدا يەنە ئۆز شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مول تىل بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىنساننىڭ روھى بۈيۈكلىكىنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتقان چىمەنگۇل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق شائىرلارنى، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ ئۈممىد كۆزلىرىنى چاقنىتىۋاتقان ياش يازغۇچى « جالات خېنىم »  رومانىغا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنىڭ ، « بادىرنامە » ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھەجىم جەھەتتىن ئەڭ يىرىك ( ئالتە قىسىملىق ) روماننىڭ مۈئەللىپى ياسىنجان سادىق قاتارلىقلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۇش تولىمۇ زورۇر.
كىتابخان تەتقىقاتچىللىرى كىتابخاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەتقىقاتتىكى ئورنىغا ئالاھىيىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كىتابخانسىز تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ؛ يازغۇچى ھامان ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق ھالدا كىتابخان ئۈچۈنلا ئەسەر يازىدۇ؛ ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كىتابخاننىڭ ئوقۇشى بەلگىلەيدۇ؛ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى كىتابخان يارىتىدۇ؛ كىتابخان ئۈچۈن ئەسەر يازمىغان يازغۇچى مەڭگۈ مۈنەۋەر يازغۇچى بولالمايدۇ؛ كىتابخاننىڭ قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ھېسابقا ئالمىغان ئەدبىي ئىجادىيەت مەڭگۈ مۇكەممەل ئەدەبىي ئىجادىيەت بولالمايدۇ؛ كىتابخاننىڭ قوبۇل قىلىش تارىخىنى بىلمىگەن ئەدەبىيات تارىخچىسى مەڭگۈ ياخشى تارىخچى بولالمايدۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەت تەتقىقاتىنىڭ ئوبېيكىتى كىتابخان تەتقىقاتىدۇر دەپ قارايدۇ. مانا بۇ « قوبۇل قىلىش ئىستىتىكىسىنىڭ نەزەرىيىسى » دىن ئىبارەت.
« قوبۇل قىلىش ئىستىتىكىسى » تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ھەر قانداق بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر بەدىئىي قاتلام ۋە ئىستىتىك قاتلامدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن بەدىئىي قاتلامغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق قاتلامدىكى ئەدەبىي ئەسەر تېخى كىتابخان بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. يازغۇچى يازغان، ئەمما كىتابخان تېخى كۆرۈشكە نائىل بولالمىغان ئەسەر مەڭگۈ بەدىئىي قاتلامدىكى ئەسەردۇر. ئۇلار كىتابخان ئامىلىغا ئىگە بولمىغىچە مەڭگۈ بەدىئىي قاتلامدىكى ئەسەر بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ. ئىستىتىك قاتلام دەرجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ، ئىستىتىك قاتلام دەرجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن ئەسەرنىڭ قىممىتىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، « كىتابخاننىڭ ئوقۇشى ئارقىلىقلا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قىممىتى يارتىلىدۇ.»
ئەدەبىي ئەسەر كىتابخان بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، كىتابخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇ ئىستىتىك قاتلام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، بىرنىڭ ئىستىتىك قوبۇل قىلىش ئوبيېكتىمىزغا ئايلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر ئاندىن ھەقىقىي ئەسەرگە ئايلىنىدۇ. ئەسەر بار بولغان بىلەن كىتابخان بولمىسا قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ.
ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەردە يازغۇچى تۇرغۇنلاشتۇرالمايدىغان « مەنا تۇراقسىزلىقى » بولىدۇ. يازغۇچى مەڭگۈ تولۇقلىيالمايدىغان « مەنا تولۇقسىزلىقى » بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەردىكى بۇنداق مەنا تۇراقسىزلىقى ۋە مەنا تولۇقسىزلىقى كىتابخاننىڭ پىكىر قىلىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ. كىتابخان ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا، ئاپتۇر تەمىنلىگەن ماتىرياللارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئەسەرنىڭ تۇراقسىز مەنىسىنى تۇرغۇنلاشتۇرىدۇ، تولۇقسىز مەنىسىنى تولدۇرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەردىكى يوشۇرۇن ئىجادىيەت خاھىشى كىتابخانلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىجادىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەسەرنىڭ قىممىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.
ئەسەرنىڭ قىممىتى ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتى بىلەن كىتابخاننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن قىممەت ئىنكاسىنىڭ بىرلىكىدە ئاشكارىلىنىدۇ. گەرچە ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتى ئاساس قىلىنسىمۇ، ئەمما كىتابخان ياراتقان قىممەت ئىنكاسى بەلگىلەش خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا بەزى يارغۇچى- شائىرلار بىر ئۆمۈر ئەسەر يازسىمۇ ئۇنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرىمۇ كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولالمايدۇ. بەزى يازغۇچى- شائىرلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، كۆپىنچىللىرى كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنالايدۇ. ئەمما بىر يازغۇچى- شائىرنىڭ ھەممىلا ئەسىرىنىڭ داڭلىق ئەسەر بولالىشى ناتايىن. دۇنيا ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن يازغۇچىلار بىرەر پارچە ئەسىرىنىڭ داڭلىق ئەسەر بولىشى سەۋەبلىك داڭدار يازغۇچىلىق شەرىپىگە ئىرىشەلىگەن.
كىتابخانلارنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىدىيىۋى ئېڭى، سىنىپىي تەركىبى، مايىللىقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، تەربىيىلىنىشى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىستىتىك تەلىپى، يېشى، جىنسى، قىزىقىشى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغاچقا، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئوخشاش بولمىغان تارىخىي شارائىت، ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. بەزى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن دەۋىردە كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ مەشھۇر ئەسەر بولغان بولسا، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇ خىل سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويىشى مۇمكىن. يەنە بەزى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن دەۋىردە كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي، مەلۇم دەۋىرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەشھۇر ئەسەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئەدەبىي ئەسەرلەر كۈندىن- كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىتابخانلىرىمىز بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چۈشۈنەلمەيۋاتقان، قوبۇل قىلالمايۋاتقان، شۇ سەۋەپلىك بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زىرىكىۋاتقان، بىزار بولىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇ خىل ئەھۋال دەل ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن كىتابخانلارنىڭ ماسلىشىپ كېتەلمەۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ خىل قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۇچۇن يازغۇچىللىرىمىز ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا بىر تەرەپتىن كىتابخانلارنى ئويلىشى، ئۆلۈك ھالدا  كىتابخانلارغىلا ماسلىشىۋالماسلىقى، ماقالىنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر قەدەر سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجات قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش_ زوقلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولىشى كېرەك.
كىتابخانلارنى ئېستېتىك جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنى يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنالايدىغان قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل يولى ئەدەبىي تەرجىمە ۋە كىتابخان تەنقىدچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىللىرى بۇ خىل ئەدەبىي ئەسەرلەر توغرىسىدا سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، كىتابخانلارغا بۇ خىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ھەقىقىي كىتابخانلىق سالىھىيىتى بىلەن ئوقۇپ، چۈشۈنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش لازىم. بۇ جەھەتتە نەشىريات ئورۇنلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇش خىزمىتىگە تىخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى،  غوللۇق تەرجىمانلانلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلىقچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىتابخانلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن ۋاقتى- قەرەلىدە يۈز كۆرىشىپ تۇرىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
دۇنياۋىي نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلارنىڭ دۇنياۋىي نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ۋە ئۇلاردىن بەھىرلىنىش ئاڭ- سەۋىيىسىنى ئوستۈرۈشتە               « شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» بىلەن ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى « دۇنيا ئەدبىياتى» ژونىلىنىڭ ئوينىغان رولى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
« دۇنيا ئەدبىياتى» ژورنىلى نەشىر قىلىنغان 32 يىلدىن بۇيان دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە بەلگۈلۈك ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغان ئاز بولمىغان رومان، پوۋىست، ھېكايە، شىرلارنى ۋە ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان ئەدەبىي ئوبزۇر ماقالىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ « ئەسەر ۋە باھا »، « ماقالە » سەھىپىللىرى ئۇيغۇر كىتابخانلارنىڭ دۇنياۋىي نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە چۈشىنىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم دەرسلىك رولىنى ئويناپ كەلدى. تەرجىمە ساھەسىدىكى كۆزنەك ژورنال بولغان « دۇنيا ئەدبىياتى» ژورنىلى بۇندىن كېيىن سەھىپىللىرىنى تىخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى تەربىيەلشتەك تەخىرسىز ۋەزىپىنى تولىقى بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك. جۈملىدىن باشقا  گىزىت- ژورناللارمۇ « نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، « تەرجىمە كۆزنىكى » ،« رۇجەك »، « قىرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى » قاتارلىق سەھىپىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تىگىشلىك رولىنى ئوينىشى كېرەك.
كىتابخان نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىخىمۇ مۇھتاج بولىۋاتقىنى كىتابخان تەنقىدچىلىكىدۇر .چۈنكى كىتابخان تەنقىدچىلىكى ئۆز نۆۋېتىدە كىتابخانلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلاندۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ زوقلىنىشىغا ۋاستە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، سەۋىيىلىك بولۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىتانخانلار يۇقۇرقىدەك روللارنى ئوينايدىغانكىتابخان تەنقىدچىلىكىگە تىخىمۇ موھتاج بولىۋاتىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزدا يۇقۇردا ساناپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر قىسىم سەۋىيىلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ، كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش- زوقلىنىش سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ بېرىشىغا تۇرتكە بولدى. لېكىن ۋۇجۇدى بىر قىسىم كونا رامكىلار بىلەن  قاماللانغان شائىر- يازغۇچى ۋە كىتابخانلار يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنىڭ بۇخىل پايدىسىنى ھېس قىلالاماي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 _ ، 90 _ يىللىرى مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە شېئىرلارغا ئاتالمىش« گوڭگا شېئىر» ماركىسىنى چاپلاپ چەتكە قاققاندەك، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. گەرچە بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ قارىشىچە كىتابخانلارغا كۆيۈنۈش بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ كىتابخانلىرىمىزغا جۇملىدىن ئەدەبىياتىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە توسقۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن بۇنداق سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەتئەللەرگە ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە تۇنۇشتۇرۇلۇپ بىر قىسىم كىتابخانلارنى، ئەدەبىياتچىلارنى خۇشال قىلدى،ئەدەبىياتىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن بىشارەت بەردى. بۇ خىل ئەسەرلەردىن زوقلىنالمىغان كىتابخانلىرىمىز بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ھالقىشنىڭ زۆرۈرلۇكىنى، ئۇنداق قىلمايدىكەن ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلاردىن زوقلىنىپ بەھىر ئېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ئېنىق ھېس قىلىشتى. شۇڭا كىتابخانلىرىمىز يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ھازىرقى زامان كىتابخانلىرىدىن بولۇپ چىقىش ئۈچۈن كىتابخان تەنقىدچىلىكىگە مۇھتاج بولىدۇ.
گەرچە مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، يالقۇن روزى، ئەسئەت ئەمەت ، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق ئوبزورچىلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن كىتابخان تەنقىدچىلىكىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كىتابخانلارنىڭ چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدىغان، ئىجادىيەت قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ بولغان، بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا، كىتابخانلارنى تۈرلۈك ئاۋارىچىلىققا سالىدىغان سۈپەتسىز ئەسەرلەرمۇ ئىلان قىلىنماقتا. نۇرغۇن ئەسەرلىرىمىز كىتابخانلار تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالارنىڭ بېرىلىپ، قوبۇل قىلىنىشنى كۈتمەكتە. بۇ خىل مەسىلىلەرنى پەقەت كىتابخان تەنقىدچىلىگىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز كىتابخانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرەلىگەندە، كىتابخانلىرىمىز ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزگە، جۈملىدىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرىدىغان يازغۇچى- شائىرلىرىمىزغا يۇقۇرى تەلەپلەرنى قويالىغاندىلا، ئاندىن ئەدەبىياتىمىز پارلاق مەنزىلگە يېتەلەيدۇ.

پايدىلانمىلار:
1. كېرىمجان ئابدۇرېھىم: « يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى » قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1993- يىلى5- ئاي نەشرى.
2. ئەخمەتجان ئوسمان: « ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى » ( ئاپتۇر ھەققىدە ) شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1992- يىلى 11- ئاي نەشرى.
3. « تارىم »، « تەڭرىتاغ » ژورناللىرىنىڭ مۇناسىبەتلىك سانلىرى.

ئاپتۇر ئەسكەرىتمىسى:

بۇ ماقالىگە تورداشلارنىڭ قانداق تەكلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايىماي بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 14:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تېما ئىگىسى، تەكلىپىڭىز بويىچە ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. قايتا قايتا ئويلاندىم. ھەم سىزگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بىرىشنىڭ مەزكۇر تېمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىغا پايدىسى كۆپ دەپ ئويلىدىم.
1. ئومۇمى ماقالىنىڭ پىكىر يۆنىلىشى، ۋە مەزمۇن دائىرسىدىن قارىغاندا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىتابخان تەتقىقاتچىلىقى» دېگەن تېمىڭىز پەقەت ماس كەلمىگەندەك، ئۈچ مىڭ يىلغا يىقىن تارىخى تەرەققىيات ئەنئەسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، ھېچ بولمىغاندا 2000 يىلدىن ئارتۇق يېزىق ، 1600 يىلغا يىقىن يازما ئەدەبىيات ئەنئەسىزگە ئىگە  بولغان بىر ئەل ئەدەبىياتى ۋە شۇ ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان كىتابخان تەتقىقاتىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلىغىنىڭىز بەك چولتىلىق بوپتۇ. مىنىڭچە «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى كىتابخان تەتقىقاتچىلىغى» دەپ ئالسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
2. پۈتۈن ماقالە مەزمۇنى ۋە سىزنىڭ تەپەككۇر يۆنىلىشىڭىزدىن قارىسام سىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولۇپمۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا بولغان چۈشەنچىلىرىڭىز تازا يىتەرلىك ئەمەستەك، شۇڭا پەيدا بولىشىدىنلا يات ئەللەرنىڭ ئەدەبىيات مۇۋاپىقيەتلىرىنڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان، نورغۇن دىنلارنىڭ، مەدەنىيەت ۋە تىللارنىڭ تەسىرىدە ئۇلاردىكى ئەدەبىي، دىنىي ئەسەرلەرنى تەقلىد قىلىش ئاساسىدا يارىتىغان بىرقسىم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە سەل قارىغان ئوخشايسىز، شۇڭا بۇددا، مانى  دىنلىرى ھەققىدىكى شەرىھلەرنى، فارابىنىڭ  گىرك پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە يازغان تەپسىر، چۈشەنچىلىرىنى، قۇرئانى كەرىمدىكى سۈرە، ئايەتلەر ئاساسىدا روياپقا چىققان قىسسەسۇل ئەنبىيا ۋە رابغۇزىنى ئۇنۇتقان ئوخشايسىز. ھېچ بولمىسا «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋان ھېكمەت»، «مەسنەۋىي خاراباتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن قول يازمىلىرىنىڭ باش ئاخىرىغا كىتابخانلار تەرىپدىن قوشۇمچە قىلىنغان ئومۇمى باھا، ۋە كۆز قاراشلارغا سەل قارىغان ئوخشايسىز. بۇ نوقتىلارغا جىددى قارىماق كىرەك.
3. مەكۇز ماقالىنڭ «يېڭىچە شېئىرىيەت»، «گوڭگا شېئىرىيەت» ھەققىدىكى قاراشلاردا سەل بىتەرەپلىمە پىكىر قىلىپ، پىكىرخاتالىقىغا يول  قويغاندەك قىلىسز.
4. مۇنبىرىمىزدە، ھەزرەتى ئۆمەر ئىسىملىك بىر قىرىندىشىمىز يىقىنقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدە بىر قاتار مىكرو ئوبزۇرلارنى يېزىپ، يېڭىچە ئەمگەكلەرنى قىلدى. مەيلى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، تور ئەدەبىياتى نوقتىسىدىن بىر يېڭىلىق ياراتتى. ئەمدى سىز يىقىنقى 30 يىللىق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كىتاپخان تەتقىقاتچىلىغى» دىن ئىبارەت بۇ تېمىدا موشۇنداق پولاتتەك پاكىتلارغا پەرۋا قىلمىسىڭىز، بىزنىڭ "باغداش مۇنبىرى" دىكى پىكىرداشلاردىن نىمە پەرىقىمىز قالىدۇ؟... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 14:25  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:49:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماقالە ئاپتورى  مەزكۇر ماقالىنى يۈزەكى چۈشەنچىسى بىلەن يېزىپ قويغان.


     پەقەت بىرلا نوقتا  20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن «ئىزلەنمە ھىكايە» «يېڭى پروزىچىلىق» قا مۇھەمەت باغراش،ئەسئەت ئەمەت ....قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلىدۇ.مەرھۇم ئابدۇرھىم ئۆتكۈر،توختى ئايۇپ،نۇر مۇھەمەت توختى،ئەختەم ئۆمەر لەر ئەنئەنىۋى  ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر يازغۇچىلار دۇر........ئاپتورنىڭ نەزىريىۋى چۈشەنچىسى يېتەرسىزكەن.شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ يۈزەكىكەن.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى بىلىمىمۇ بەك تېيىزكەن.....مېنىڭچە ئاپتور ئالدى بىلەن ياخشى ئوقۇرمەن( كىتاپخان)،ياخشى بىر ئۈگەنگۈچى،بۇ جەھەتتە ئەستايدىل ئىزدەنگۈچى بولىشى زۈرۈركەن......ئاندىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نەزىريىۋى تەپەككۇر قۇۋىتىگە ئىگە بولغۇدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 15:51  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1284
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2012-6-12 14:21
سالام تېما ئىگىسى، تەكلىپىڭىز بويىچە ماقالىڭىزنى ئەست ...

سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن، چۇنكى ئىنسان مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى، ئۇنىڭ تۇغۇلۇپلا قابىل بوپ كېتىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئىشقىلىپ بۇ ماقالىنى بىر يېزىپ باققۇم كەپ قالدى، چۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كىتابخان تەققىقاتچىلىقى راستىنلا ئاجىز ھالقا.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1284
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2012-6-12 15:49
ماقالە ئاپتورى  مەزكۇر ماقالىنى يۈزەكى چۈشەنچىسى بىل ...

راست ئىيتىسىز مەن تىخى ئەدەبىيات نەزىرىيەسى تەتقىقات ساھەسىدە ئەمدىلا قولىغا قەلەم ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقان « بالا » ھىقىقەتەنمۇ ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1566
تۆھپە : 16
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن قارى دوستلارنىڭ سەممىي ياردىمى بىلەن يەنە بىر ئىشلەپ نەشىرىياتقا يوللاپ باقسىلا

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 761
تۆھپە : 34
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 19:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يالقۇن قارى تېچلىقمۇ؟ مەن سىزنى«باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماڭ»دېمەيمەن. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر تېما ئۈستىدە ئويلىنىپسىز، كىتاپخان(ئوقۇرمەن)بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئەدەبىياتىمىز ئۇزۇندىن بېرى ئەنئەنىۋىي كىتاپخان مەركەزچىلىك نوقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىنىپ كەلدى. سىزنىڭ ئويلىنىشىڭىزمۇ مۇشۇ نوقتىدىن چىققان. ئەمدى بىز ئۆز ۋاقتىدا «ئۈمد ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسى» مۇنازىرە قىلىشقىنىمىز بويىچە«ئەدەبىيات كىتاپخانلار ئۈچۈنلا يېزىلماسلىقى كېرەك»دېگەن دېگەن پىكىر ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا مەرھۇم دوستىمىز ئېزىزجان توختاجى ئوتتۇرغا قويغىنىدەك «ئەدەبىيات ئۈچۈن كىتاپخاننىڭ بولىشى بىردىن بىر شەرت ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى شەرت». دېمەك،(بۇ يەردە پىكىرىمنى شەرھىلەش ئۈچۈن بىر ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ). سىز باشلىغان تېما بويىچە كىتاپخاننى تەتقىق قىلىش، ماھىيەتتە، ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىش بولىدۇ. ئەدەبىيات ئۆزى بىلىپ-بىلمەي، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ھەرقايسى ساھە، ئېقىم ۋە ژانېرلار بويىچە شۇ زامان ۋە ماكانغا لايىق،ئۆزىگە يارىشا بىر تۈ*ركۈم كىتاپخاننى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ...سىز ھەرگىز ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن خەۋەرسىز ئەمەس، مەن پەقەت سىزنىڭ يەنىمۇ دادىل ئىزدىنىشىڭىزگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى قىلدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش