كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 8

« خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»(ئانىقىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  657
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 22:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دىن ئۇيغۇر ئاياللار ئىجادىيىتىگە نەزەر
                                                  ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش
  «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تەسىس قىلىنغان نۇپۇزى يوقىرى، تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئەدەبىياتىمىزدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى تاللايدىغان، تالانت ئىگىلىرىنى بايقايدىغان، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرگە ئىلھام ئاتا قىلىدىغان كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتىدۇر.بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنغاندىن بېرى 18نۆۋەت ئۆتكۈزۇلۈپ كەلدى. يىلدىن يىلغا ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر يوقىرى كۆتكۇرۇلۇپ باردى. بۇ مۇكاپاتقا قاتنىشىدىغان ژۇرناللار دەسلەپكى سەككىز ژۇرنالدىن تەرەققىي قىلىپ 16ژۇنالغا يەتتى. ئالدىنقى 17نۆۋەتلىك باھالاشتا ھەر قايسى ژۇرناللار يوللىغان ئەسەرلەر ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما 18-نۆۋەتلىك « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى تارقىتىش ئەھۋالى ئىلگىركىگە ئوخشىماي قالدى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى رەھبەرلەر بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش ئىشىنى ئىسلاھ قىلىپ ، ھەر قايسى ژۇرناللار ئىلگىرىكىدەك ئەسەر يوللىسىمۇ ، لېكىن باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر يوللانغان ئەسەرلەر ئىچىدىن بىر پۇتۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبىتەن ئىجادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى بىر قەدەر يوقىرى بولغان ئەسەرلەرنى تاللاپ مۇكاپاتلىدى. نەتىجىدە بەزى ژۇرناللاردىن بىر نەچچە ئەسەر مۇكاپاتلانسا، بەزى ژۇرناللاردىن بىرمۇ ئەسەر مۇكاپاتلىنىش تىزىملىكىگە كىرەلمىدى. بۇ ھال «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ سۇپەتنى ئۆستۈرۈش چاقىرىقى بولۇپ قالغانلىقىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ ئەلۋەتتە.
«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»تەسىس قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغىچە  ھەر خىل ژانىردىكى 453 پارچە ئەسەر  بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئايال ئاپتۇرلارمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات قۇشۇنىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇش سۇپىتى بىلەن ھەر نۆۋەتتە بىردىن بەشكىچە ئايال ئاپتۇر بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولدى. ھازىرغىچە ئايال ئاپتۇرلار يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان 53 پارچە ئەسەر « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. پىشقەدەم يازغۇچى ، ژورنالىسىت ئايشەم ئەخمەت 3 قېتىم، باھارگۈل ساۋۇت  3 قېتىم، رىزۋانگۈل يۈسۈپ  2 قېتىم، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ 2 قېتىم، ئايگۈل ئەمەت 2 قېتىم مۇكاپاتلىنىش شەرپىگە ئېرىشتى. ئايال ئاپتۇرلارنىڭ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى ھەر خىل ژىيانىردا بۇلۇپ، 27 پارچە ھېكايە، 5 پارچە پوۋسىت، 2  گۇرۇپپا  نەسر، 12 گۇرۇپپا  شېئىر، بىر پارچە ئوبزور، 3 پارچە ئەدەبىي خاتىرە، بىر پارچە تەرجمە ئەسەر، بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى ، بىر پارچە دىرامما مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئاياللارنىڭ خىزمەت، ئەمگەك، ئائىلە ئىشلىرى، بالا تەربىيەلەش، ئادىمگەرچىلىكتەك بىر قاتار ئايىغى چىقماس ئىشلاردىن ئېشىنىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىقى تولىمۇ مۇشكۈل ئىش. «تارىم»، «تەڭرىتاغ» دەك نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپ « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشمەك ئاياللار ئۈچۈن ئېيىتقاندا كىچىك ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن  يەنىلا ئاياللارنىڭ  بىر قولىدا چۇمۇچ، بىر قولىدا قەلەپ تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»ھوجۇتقا كەلگەندىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 453 پارچە   ئەسەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا « 53 » دېگەن بۇ سان تولىمۇ ئاز ھېساپلانسىمۇ ، ئاياللارنىڭ ھەرخىل ۋەزىپىلەر، يۈكلەر، بېسىملارغا بەرداشلىق بىرىپ  ئەسەر يېزىپ، مۇشۇنچىلىك ئەسەرنى مۇكاپاتقا ئېرىشتۇرۇش ئۈچۈن تارتقان ھەرەجلىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.
  « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن 53 پارچە ئەسەردىن  ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيىتدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى يەكۇنلەپ چىققىلى بولىدۇ. ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيىتدىكى ئالاھىدىلىكلەر تۈۋەندىكىچە:
  بىرىنچى، ژىيانىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئايال ئاپتۇرلار ھەرخىل ژىيانىرلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ،ھېكايە بىلەن شېئىر ئاساسلىق سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 5 پارچە پوۋسېت ۋە ژورناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان پوۋسېتلاردىن قارىغاندا ئايال ئاپتۇرلار ئىچىدە پوۋسېت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشنى كەڭ دائىردە ئەكىس ئەتتۇرۇشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئىچىدە ئەدەبىي ئوبزور پەقەت بىر پارچە (خەلچەم رېشىت:« ‹ئوربىتا› دىكى سەييارىلەر پاجىئەسى») بولسىمۇ، ئەدەبىياتىمىزدىكى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان «بوز يەر» ھېساپلىنىدىغان ئوبزورچىلىق ساھەسىدىمۇ ئاياللارنىڭ قەلەم تەۋرىتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەنقىدچىلىك ئىشلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىدىن ئانچە-مۇنچە سۇيۇنمەي تۇرالمايمىز.
  ئىككىنچى، ئايال ئاپتۇرلار ئاياللىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئەر ئاپتۇرلار گۈزۈتۇشكە ، قەلەم تەۋرىتىشكە سەل قارىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش قارىشى، ئاياللارنىڭ قەلب دۇنياسىنى نەسىرى ئەسەرلەر ئارقىلىق جەلپ قىلارلىق، قايىل قىلارلىق ۋەقە، تەپسىلاتلار ۋە گۈزەل تىللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن: رۇقىيە تۇردۇشنىڭ «قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان ناخشا»، زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىتنىڭ «قىسىلغان يۈرەك»، ھاۋاخاننىڭ «ئايال دېرىكتور»، باھارگۈل ساۋۇتنىڭ «ئۇششىگەن ياپراق»، رىزىۋانگۈل يۈسۈپنىڭ «شەبنەم»، گۈزەلنۇر مۇتەللىپنىڭ «يولدىشىمنىڭ سۆيگىنى» قاتارلىق ھېكايىلەر ئايال ئاپتۇرلار قەلىمىدە  ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا رۇياپقا چىققان ئاياللار تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ھېكايىلەردۇر.
   ئۈچىنچى، ئايال ئاپتۇرلار ئىجات قىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە مۇھەببەتنى خىيالى دۇنيادىن ئەمەس، رېئال ھاياتتىن ئىزدەشكە چاقىرىغان  ئىجتىمائىي قىممىتى يوقىرى ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.مەسىلەن: ئامانگۈل ئەزىرنىڭ «مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»نامىلىق ھېكايىسى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئېرىگە كۆڭۈل بەرمەي، ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن بۇرۇنقى سۆيگۇنىنى ئەسلەپ يۇرگەن ، كېيىن كېسەل بولۇپ قالغاندا  يولدىشىنىڭ ئۆزىگە بىر بۆرىكىنى بەرگەنلىكىنى ئۇقۇپ ئۆزىنى ئەزەلدىن سۆيۈپ كەلگەن، ھاياتى خەتەرگە يولۇققاندا مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ بۆركىنى تەقدىم قىلغان ئەڭ سۆيۇشكە تېگىشلىك سۇيۇملۈك كىشىگە مۇھەببەت بەرمىگەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن، يولدىشىنىڭ پاك، سەممىمىي مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ يولدىشىنى ياخشى كۆرۇپ قالغان بىر ئايالنىڭ سەرگۇزەشتىلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق جەمئىيەتتىكىلەرنى مۇھەببەتكە ئېرىشىشتە رېئاللىققا يۇزلىنىپ، بەختنى يىراقتىكى نامەلۇم ئادەمدىن ئەمەس، يېنىدىكى ئاتەش يۈرەكلەردىن ئىزدەشكە، ئۆزىنى سۆيىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىش- ھەركىتىگە ئاددى كۆزى بىلەن ئەمەس، مېھىرلىك قەلبى بىلەن قاراشقا چاقىرغان .
   تۆتىنچى، ئايال ئاپتۇرلار نىكاھنى كىرزىسقا سۆرەپ كىرىۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان  ناشايىن قىلمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇشتە ، قانداقتۇر سەۋەپنى بىر تەرەپكىلا يۈكلەپ قويماستىن، ئەخلاقسىز قىلمىشلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ۋەقەلىكنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تەرەققىي قىلىشىغىچە بولغان تەپسىلاتلارنى ناھايىتى تەبئىي سىڭدۇرۇپ ، كىشنىڭ قايىلىقىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن: تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ «كېسەل»نامىلىق ھېكايىسى دەل ئائىلىسى تۇرۇپ ئائىلىگە، نىكاھقا سادىق بولماي باشقىلار بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولۇشتەك «كېسەل»گە گىرىپتار بولغان ئەر-ئاياللارنى ئۆتكۇر تىللار بىلەن قامچىلاپ، ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى  بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
   بەشىنچى، ئايال ئاپتۇرلار تەرەققىياتقا ئەگىشىپ خۇشھالىنارلىق ئىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بىرگە، ئەنئەنىدىن ، ئادىمگەرچىلىكتىن ،ئاياللىقتىن ياتلىششىتەك مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى قوشنا –قۇلۇملار ئوتتۇرسىدىكى ئىش پائالىيەتلەر ،  شەھەر تۇرمۇشدىكى خىلمۇ –خىل ۋەقەلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ  رىيال تۇرمۇشتىكى كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن سىزىپ چىققان. مەسىلەن: گۇلباھار ناسىرنىڭ «تاش شەھەردىكى ئايال»، روشەن سەيدۇللانىڭ «ئۇدۇل قوشنىلار»نامىلىق ئەسەرلىرى شۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
   ئالتىنچى، بالىلار ئەدەبىياتى ئايال ئاپتۇرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نوقتىسىغا ئايلانغان. ئاياللارنىڭ بالا تەربىيەلەشتە ئوينايدىغان رولى چوڭ بولغاچقا ، بالىلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا بالىلارنىڭ ئوي –خىيالى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق روھى دۇنياسىنى چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئايال ئاپتۇرلار بالىلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇشتە بالىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىپ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ گۇللىنىشىگە تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.مەسىلەن: ئانارگۈل مۇھەممەتنىڭ «سىڭلىمغا»، پاتىگۈل مۇتەللىپنىڭ «ھازىرقى بالىلار كارامەت»، زۇلپىيە ئابدۇللانىڭ «كۈچۈك»، روشەنگۈل سالامنىڭ «بۇزۇلغان ئۇۋا»نامىلىق ئەسەرلىرى بالىلارنى چۇشىنىشتكى ئەڭ ياخشى دەرسخانا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
   يەتتىنچى، ئايال ئاپتۇرلار ئاياللارنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى، مۇھەببەتكە ، ھاياتقا ، بەختكە بولغان گۈزەل ئىستەكلىرىنى كۈچلۈك لىرىكىغا ئىگە شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەپ ئاياللىق خاراكتېرنى نامايەن قىلغان. مەسىلەن: چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئايىمنىسا سۇلايمان، ئاتىكەم سىدىق، ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت، رەيھانگۈل غەنى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئاياللارغا خاس قەلب جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
  سەككىزىنچى، ئايال ئاپتۇرلار «راست ئىشلار خاتىرسى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق- چۇچۇك سەرگۇزەشتىلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋر ئاياللىرىنى ھازىرقى بەختىيار زاماننىڭ قەدىرىگە يىتىشكە دەۋەت قىلدى، كىشلىك ھاياتتىكى ئۇڭىشسىزلىقلارنى قانداق يېڭىش ھەققىدە جانلىق دەرس بەردى.مەسىلەن: قۇۋانخان قادىرنىڭ «بۇ قىسمەتلەر مەن بىلەن كەتسۇن» نامىلىق «راست ئىشلار خاتىرسى»نى ئوقۇپ گاھ كۆزىمىزدىن ياشلار سىرغىسا، گاھ ئۇ ئايالنىڭ باتۇرلىقىغا قول قويىمىز-دە، ئىرادىمىز چىڭىپ، ئىشەنچىمىز، تىرىشچانلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
     ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يوقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەر بارىلىققا كېلىش بىلەن بىرگە، ئازدۇر-كۆپتۇر مەسسىللەرمۇ ساقلانماقتا. ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرىلىۋاتقان مەسسىللەرنى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
   بىرىنچى، ئايال ئاپتۇرلار يېزىۋاتقان ھېكايە، پوۋسېتلاردا مەزمۇن تەكرارلىقى كۆپ .تېما دائىرسى  ئاشنا ئويناش، نىكاھ مەسىللىرىگە مەزگەزلىشىپ قالغان. بۇ مەيلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە بولسۇن، مەيلى مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن ئەسەرلەردە بولسۇن ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە. ھەتتا بەزى ئەسەلەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپ، ئاخىرىنى ئوقىماي تۇرۇپمۇ تۈگەللىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى  قىياس قىلغىلى  بولىدۇ.مائارىپ،مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا- سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاياللارنىڭ قەلىمىگە ئانچە ئېلىنىمايۋاتىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئاپتۇرلار تېما تاللاش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭىلىقلار، ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرنى كىشىنى تەسىرلەندۇرگۈدەك، كىشىنى ئويغا سالغۇدەك پىرسىناژلار ئوبرازىغا سىڭدۇرۇپ ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشى كېرەك.
   ئىككىنچى، ئايال ئاپتۇرلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە ئىدىيە چوڭقۇرلىقى كەمچىل. ئايال ئاپتۇرلار ئىجاد قىلىۋاتقان ئەسەرلەردە ۋەقەلىك، مەزمۇن، پىرسىناژ، تەپسىلاتلار، يارقىن مىسرالار بار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىدە مەلۇم بىر ئىدىيەنى يۇرىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئىدىيە چوڭقۇرلىقى كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىرى ئاز. ئەسەر ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە بىر ئىدىيە ئاتا قىلالىسا،ئەسەردىن بەھىر ئالغۇچىنىڭ  دۇنيا قارىشنى ئىلغارلىققا ئىگە قىلالىسا ، مەزمۇن ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاندۇرۇپ ئىدىيە چوڭقۇرلىقىغا ئېلىپ كىرەلىسە ئاندىن شۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك زوق، مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتى ئېلىپ كەلگەن ياخشى ئەسەر دېگىلى بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئويلىغان نەرسىنى ئەمەس، ئويلاپ باقمىغان، ئەمما ئويلىنىش، پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەرنى ھوجۇتقا كەلتۇرۇش ئايال ئاپتۇرلار ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغان نوقتىدۇر.
    ئۈچىنچى، ئايال ئاپتۇرلار ئىجادىيىتىدە شېئىر ئاساسى سالماقنى ئىگەنلىسىمۇ، نادىر شېئىرلار كەم. ئايال ئاپتۇرلار ئىچىدە شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ. ئاياللار ھېسياتقا باي كېلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى، نازۇك تۇيغۇلىرىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر كېلىدۇ. ئايال ئاپتۇرلار شېئىرنى كۆپ يېزىۋاتقان بولسىمۇ ، بىزدە ئۆلمەس شېئىرلارنى ( «ئىز»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»،«تۇگىمەس ناخشا»دەك) ئىجاد قىلىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك.ھەسرەت-نادامەت ئىپادىلەنگەن، مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلار بىر قەدەر كۆپ ئۇچىرايدۇ.نۇرغۇن شېئىرلاردىن مىسكىنلىك ،ئىزىلەڭگۇلۇك چىقىپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز قەغەزنى ئىسىراپ قىلىدىغان مىسرالارغا ئەمەس، كىشى قەلبىنى تىتىرىتىدىغان، شېرىن تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان، گۈزەل ھېسلار قوينىغا باشلايدىغان، كىشلىك ھايات ھەقىقىتىنى تۇنىتىدىغان، پاكلىق يولغا باشلايدىغان شېئىرلارغا بەكىرەك ئېھتىياجلىق.ئايال ئاپتۇرلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ تەلىپىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى زۆرۈر.
تۆتىنچى، ئايال ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىدە تىل نامىراتلىقى يەنىلا كۆرۈلمەكتە. بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدا ئابدۇرھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»تەك پاساھەتلىك تىللار بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر كەمچىل بولىۋاتىدۇ.ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئەر ئاپتۇرلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇنۇمدارلىقىدىن پايدىلىنىشى يىتەرسىز بولىۋاتىدۇ. تىل بىر ئەسەرنىڭ جانلىق ، مەزمۇنلۇق، ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرغۇدەك چىقىشىدىكى بىرىنچى قورال. بىز نېمىنى يېزىشتىن بەكىرەك قانداق يېزىش تۇغرىسىدا كۆپ ئويلانساق، ئاندىن ئۇيغۇر تىلنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالايمىز.شۇڭا ئايال ئاپتۇرلار تىلغا گاداي بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يوقىرىلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
بەشىنچى، ئايال ئاپتۇرلار پىروزا ئەسەرلىرىدىكى پىرسىناژلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگۈرۈش ، زىتىيەت توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەشتە پىسخىكىلىق تەسۋىردىن پايدىلىنىشى يېتەرسىز.ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنى ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇپ بىرىشتە ، ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى تەبئىي ۋە تەپسىلى يېزىش تولىمۇ موھىم.شۇڭا ئايال ئاپتۇرلار پىسخىكىلىق بىلىملەرنى كۆپىرەك ئىگىلەپ ئۇنى ئەسەرگە سىڭدۇرۇش ئۈچۈن كۇچى ۋە زېھنىنى ئايىماسىلىقى كېرەك.
ئالتىنچى، ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىزچىلىققا ئىگە بولمايۋاتىدۇ.ئاياللارنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتتىكى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك ، ئايال ئاپتۇرلار پاللىدە يولتۇزدەك چاقناپ يوقاپ كېتىۋاتىدۇ.ئاياللارنىڭ  بىر قولىغا چۇمۇچ، بىر قولىغا قەلەم ئالمىقى تولىمۇ مۇشكۇل ئىش. ئەسەر ئېلان قىلدۇرىۋاتقان، مۇكاپاتقا ئېرىشىۋاتقان ئاياللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئاياللار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسىلا ئۇلاردا تالانتنىڭ، ئىجادىيەت دىتىنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز.شۇڭا ئايال ئاپتۇرلار ئىجادىيەتتىكى ئىزچىلىقىنى ساقلاپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۇكسىلىشىگە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
يەتتىنچى، ئايال ئاپتۇرلاردا ئۈگۈنۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش كەمچىل.ئىجادىيەتتە ھالقىش ئۈچۈن توختىماي ئۈگۈنىش ، ئىزدىنىش، باشقىلار بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى زۆرۇردۇر.ئائىلە ئىشلىرى ئاياللارنى ئۈگۈنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسەتىگە ئىگە قىلمايۋاتىدۇ. ئايال ئاپتۇرلار ئايال بولۇش سۇپىتى بىلەن ئائىلىدە ئاياللىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھەممە ئىشنى ئۆز يولىدا ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئىجادىيەتكە يېڭى يول ئېچىشى كېرەك.كورلا دىيارىدىكى ئايال ئاپتۇرلاردەك ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ، بىر-بىرىگە يول كۆرسەتسە، ئاياللار ئىجادىيەت قۇشۇننىڭ ساپاسى چوقۇم يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
دېمەك ئۇيغۇر ئايال ئاپتۇرلار ئىجاد قىلغان ئەسەرلەر ئەلنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولغاچقا «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.ئايال ئاپتۇرلار تۇرلۇك قېينچىلىقلارنى يېڭىپ ، يەلكىسىدىكى يۇكنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي ، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەسەر يېزىپ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ تالانتلىقلىقىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلەرنى ھوجۇتقا كەلتۇرپ  ،ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدا جۇلالىنىپ تۇرماقتا.بىز ئىشىمىزكى ئايال ئاپتۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يۇرۇقلۇققا چىقىرىپ  ، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەرنىڭ سانى، سۇپىتىنى ئاشۇرغۇسى.
(ئاپتۇر:ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
مەنبە: «يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئانىقىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-11 22:39  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 751
تۆھپە : 2
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 23:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپسىز. ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن!


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 01:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم ئانىقىز ئەجرىڭىزدىن سۆيۇندۇم .سىزگە موۋاپىقىيەت تىلەيمەن!!

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 01:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

تۇرسۇن جامال

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1564
تۆھپە : 16
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 09:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپلىق يەكۈنلەپ چىقىپسىز،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 09:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى بىر تېمىنى يوللاپسىز. ئەلبەتتە ئايال ئاپتۇرلار ئىجادىيىتىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىدىغان پەيىت كەلدى. يېقىندىن بېرى ئايال ئاپتۇرلار يازغان بىر قىسىم رومانلار ھەققىدىمۇ  ئومۇملاشتۈرۈلغان ھالدا قەلەم تەۋرىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ئىلمىيلىك يارقىن گەۋدىلىنىپتۇ.يەنى ئايال ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇئايەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ۋە كۆرۈلگەن نوقسانلار ئەمىليەتنى  چىقىش قىلىپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بولۇپ،قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان.تېخىمۇ موھىمى ئايال ئاپتورلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىنغان.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 487
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 13:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال ئەدەبلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق كۆزىتىلگەن ماقالە ئىكەن . بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ، ئەلۋەتتە !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 278
تۆھپە : 2
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىقىز ماقالىدە ئۇيغۇر ئايال ئاپتۇرلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز.ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ دەل ۋاختىدا ئوتتۇرغا قويۇپسىز.سىز دىگەن ئۇ مەسىلىلەر ئايال ئاپتۇرلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە زور رول ئوينىسغۇسى.ئادەم ئەينەكسىز ئۆزىنى كۆرەلمىگەندەك سىزدەك بىرەرسى قولىغا قەلەم ئېلىپ دادىل پىكىر يۇرگۈزمىگەندە بەلكىم مەڭگۈ بىر ئىزىمىزدا توختاپ قېلىشمىز مۇمكىن.ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش