مۇنبەرنىڭ 2016.يىللىق بىلدۈرگۈسى ناھايىتى ئەتراپلىق،قۇلاققا ھەم كۆڭۈلگە يېقىشلىق بوپتۇ.بۇنى قەتئىي قوللايمىز ھەم ياقىلايمىز!
ئەمدى دورىمۇچۇق شاتۇتى خۇشامەتچى پىسپاس ئىنكاسچىلارنىڭ ئىنكاس خۇمارى تۇتۇپ بۇرۇقتۇم بوپ كەتكۈدەك!
چۈنكى مۇنبىرىمىزدە بىرەر مەتبۇئاتنىڭ مۇندەرىجىسى يوللىنىپ بولغىچە ئۆزىنى باسالماي «ئۆزەمنى تەبرىكلەيمەن»دەپ تۇزسىزلىشىدىغانلارمۇ ئەدەپ قالغان ئىدى.
يەنە ئۆزىنىڭ يازمىسىغا ئۆزى ئارقىمۇ ئارقا،زورلاپ ئىنكاس يېزىپ ئالدىنقى بەتتە داپيۈزلۈك قىلىشنى ئەلا بىلىدىغان شۆھرەتپەرەسلەرگە يازغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ چەكلىمە قويۇپ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ بىردىن بىر ئەدەبىيات تور بېتى بولغان يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك بەتلىرىنىڭ ئەخلەتلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە لايىق ئوبرازىنى ساقلاشقا تەدبىر قوللىنىشىنى ئويلىنىپ بېقىشىڭىزلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!