تورىمىزنىڭ 2016-يىللىق بىلدۈرگۈسى
ھۆرمەتلىك تورداشلار!
2016- يىلغا قەدەم قويىۋاتقان كۈنلەردە ئالدى بىلەن تورىمىز نامىدىن بارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، يېڭى يىلدا ئىجادىيەتتە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىمىز. تورىمىز قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، بارلىق مۇھەررىرلىرىمىز ۋە تورىمىزدىكى بارلىق ئەدىبلىرىمىز خىزمەت ، تۇرمۇش، ئۈگىنىش ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى.بۇنىڭ ئۈچۈن تورىمىز نامىدىن سىلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. تورىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تورىمىزنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىلگىرىكى بىلدۈرگۈلىرىمىز ئاساسىدا تورىمىز ئەزالىرىغا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەلەپلەرنى قايتىدىن ھەم يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق رېئايە قىلىشىنى سورايمىز.
1.ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسىمى ياكى تەخەللۇسى مۇنبەرنىڭ ئالدى بەت (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دىكى ماۋزۇدا بار بولۇشى، كۆزنەكتىكى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى تولۇق يېزىلىشى كېرەك. مۇنبىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە (كۆرۈنمە) ماۋزۇ ھالىتىدىكى بىرلىككە كەلگەن شەكلى مۇنبىرىمىزگە تېما يوللاشنىڭ نورمال ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
2. تورىمىزنىڭ تېما تەستىقلاش ئۆتكىلى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، بەدىئىيلىكى ۋە ئىملاسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. چۈنكى ئۆز نۆۋىتىدە تورمۇ بىر مەتبۇئات ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللار مۇنبىرىمىزدىن بىۋاستە ئەسەر قوبۇل قىلىپمۇ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىز مەزمۇنى ئاددىي، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، ئىملاسىدا خاتالىق كۆپ ئەسەرلىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللىماسلىقى كېرەك.
3. مۇنبەرداشلىرىمىز ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان سەھىپىلەردە ئەسەرگە بولغان باھا، ئەدەبىي قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىلمىي ئىنكاسلارنى يېزىشى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلىدىغان ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى، قارشى تەرەپنى ماختاش، خوشامەت قىلىشنى ئاساس قىلغان «مۇبارەك بولسۇن»،«ھارمىغايسىز» دىگەندەك ياغلىما سۆزلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىماسلىقى كېرەك. ئەسكەرتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا پەرۋا قىلمىغان ئەزالارغا تورىمىز تۈزۈم بويىچە چارە كۆرۈش ھوقوقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرى، بەلگە-ئىشارىلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ، تورىمىزنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»،«خىزمەت خەۋەرلىرى»،«تەكلىپ-پىكىرلەر»،« يېڭى كىتابلار تەكچىسى»، «مەتبۇئاتلار كاتالوگى»،«بېلەتلىك تېمىلار»،« ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار» قاتارلىق ئۇچۇر - مۇلازىمەت، تەشۋىقات خاراكتىرلىك سەھىپىلىرىگە ئىنكاس يېزىش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.
4.«داۋامى بار» دەپ يېزىۋېلىنغان ئەسەرلەرنى ئاپتورلار داۋامىنى تولۇق تاماملىۋېلىپ ئاندىن تۈركۇملەپ يوللىشى كېرەك. چۈنكى بەزى ئاپتورلار ئەمدىلا باشلىغان چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسىرىنى «داۋامى بار» دەپ يېزىپ يوللاپ قويۇپلا، مۇنبەرداشلار شۇنچە كۈتسىمۇ، داۋامىنى يوللاپ بولالمايدىغان ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا «داۋامى بار» دېگەن نامدىكى ئەسەرلەر مۇنبىرىمىزگە يوللىنىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكىچە داۋامى يوللانمىسا مۇنبەردىن ئۆچۈرىلىدۇ.
5.پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئۇچۇرچانلىقى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلاردىن سىرت، باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلار مۇنبىرىمىزدە بىردەك تەستىقلانمايدۇ. ئەمما مۇنبەرداشلىرىمىز مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىسا، بۇنىڭغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.
6.مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن تېما قىلىپ يوللاشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالغان. بۇنداق يوللاش ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتورلار ئۈچۈنمۇ، مۇنبەر مۇھەررىرلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاز قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ، باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن بۇ تېمىلارنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئامال بار ئەسەرلىرىنى بىر تېما ئاستىغا يىغىپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
7.مۇنبەرداشلار گەرچە مۇنبەرلەرگە، جۈملىدىن، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە ئۆزلىرى خالىغان، ئۆزلىرى ياقتۇرغان ناملاردا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەسىملەرنى باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتىش ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ باش سۈرىتىگىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمە قويىدۇ.
ئەزالارنىڭ باش سۈرەتلىرىگە دىننىي مەزمۇن، مىللىي ئۆچمەنلىك، قۇتراتقۇلۇق، سېرىق مەزمۇندىكى بەلگە ۋە سۈرەتلەرنى چىقىرىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى بايقالغان ھامان ئۆچۈرىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن يەنىلا ئەزالارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى ۋە دائىم ئىشلىتىۋاتقان تەخەللۇسى بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەزالىق ئارخىپىغا ھەقىقى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرمىغان ياكى يالغان تولدۇرغان ئەزالار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2015-يىل12-ئاينىڭ 29-كۈنى