كۆرۈش: 6287|ئىنكاس: 92

تورىمىزنىڭ 2016-يىللىق بىلدۈرگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-29 12:45:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تورىمىزنىڭ 2016-يىللىق بىلدۈرگۈسى


    ھۆرمەتلىك تورداشلار!


   2016- يىلغا قەدەم قويىۋاتقان كۈنلەردە ئالدى بىلەن تورىمىز نامىدىن بارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، يېڭى يىلدا ئىجادىيەتتە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىمىز. تورىمىز قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، بارلىق مۇھەررىرلىرىمىز ۋە تورىمىزدىكى بارلىق ئەدىبلىرىمىز خىزمەت ، تۇرمۇش، ئۈگىنىش ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى.بۇنىڭ ئۈچۈن تورىمىز نامىدىن سىلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. تورىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تورىمىزنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىلگىرىكى بىلدۈرگۈلىرىمىز ئاساسىدا تورىمىز ئەزالىرىغا  تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەلەپلەرنى قايتىدىن ھەم يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق رېئايە قىلىشىنى سورايمىز.

   1.ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسىمى ياكى تەخەللۇسى مۇنبەرنىڭ ئالدى بەت (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دىكى ماۋزۇدا بار بولۇشى، كۆزنەكتىكى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى تولۇق يېزىلىشى كېرەك. مۇنبىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە (كۆرۈنمە) ماۋزۇ ھالىتىدىكى بىرلىككە كەلگەن شەكلى مۇنبىرىمىزگە تېما يوللاشنىڭ نورمال ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.

   2. تورىمىزنىڭ تېما تەستىقلاش ئۆتكىلى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، بەدىئىيلىكى ۋە ئىملاسىغا تېخىمۇ  يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. چۈنكى  ئۆز نۆۋىتىدە تورمۇ بىر مەتبۇئات ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللار مۇنبىرىمىزدىن بىۋاستە ئەسەر قوبۇل قىلىپمۇ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىز مەزمۇنى ئاددىي، بەدىئىيلىكى تۆۋەن،  ئىملاسىدا خاتالىق  كۆپ ئەسەرلىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللىماسلىقى كېرەك.

   3. مۇنبەرداشلىرىمىز ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان سەھىپىلەردە ئەسەرگە بولغان باھا، ئەدەبىي قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان  ئىلمىي ئىنكاسلارنى يېزىشى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلىدىغان ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى، قارشى تەرەپنى ماختاش، خوشامەت قىلىشنى ئاساس قىلغان «مۇبارەك بولسۇن»،«ھارمىغايسىز» دىگەندەك ياغلىما سۆزلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىماسلىقى كېرەك. ئەسكەرتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا پەرۋا قىلمىغان ئەزالارغا تورىمىز تۈزۈم بويىچە چارە كۆرۈش ھوقوقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرى، بەلگە-ئىشارىلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ، تورىمىزنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»،« يېڭى كىتابلار تەكچىسى»، «مەتبۇئاتلار كاتالوگى»،«بېلەتلىك تېمىلار»، قاتارلىق ئۇچۇر - مۇلازىمەت، تەشۋىقات خاراكتىرلىك سەھىپىلىرىگە ئىنكاس يېزىش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.

   4.«داۋامى بار» دەپ يېزىۋېلىنغان ئەسەرلەرنى ئاپتورلار داۋامىنى تولۇق تاماملىۋېلىپ ئاندىن تۈركۇملەپ يوللىشى كېرەك. چۈنكى بەزى ئاپتورلار ئەمدىلا باشلىغان  چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسىرىنى «داۋامى بار» دەپ يېزىپ يوللاپ قويۇپلا، مۇنبەرداشلار شۇنچە كۈتسىمۇ،  داۋامىنى يوللاپ بولالمايدىغان ئەھۋاللار  پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا «داۋامى بار» دېگەن نامدىكى ئەسەرلەر  مۇنبىرىمىزگە يوللىنىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكىچە داۋامى يوللانمىسا مۇنبەردىن ئۆچۈرىلىدۇ.

   5.پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئۇچۇرچانلىقى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلاردىن سىرت، باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلار مۇنبىرىمىزدە بىردەك تەستىقلانمايدۇ. ئەمما مۇنبەرداشلىرىمىز مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىسا، بۇنىڭغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

   6.مۇنبىرىمىزدىكى  بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن تېما قىلىپ يوللاشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالغان. بۇنداق يوللاش ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتورلار ئۈچۈنمۇ، مۇنبەر مۇھەررىرلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاز قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ، باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن بۇ تېمىلارنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئامال بار ئەسەرلىرىنى بىر تېما ئاستىغا يىغىپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.  

   7.مۇنبەرداشلار گەرچە مۇنبەرلەرگە، جۈملىدىن، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە ئۆزلىرى خالىغان، ئۆزلىرى ياقتۇرغان ناملاردا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەسىملەرنى باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتىش ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ باش سۈرىتىگىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمە قويىدۇ. ئەزالارنىڭ باش سۈرەتلىرىگە دىننىي مەزمۇن، مىللىي ئۆچمەنلىك، قۇتراتقۇلۇق، سېرىق مەزمۇندىكى بەلگە ۋە سۈرەتلەرنى چىقىرىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى بايقالغان ھامان ئۆچۈرىلىدۇ.  پىرىنسىپ جەھەتتىن يەنىلا ئەزالارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى ۋە دائىم ئىشلىتىۋاتقان تەخەللۇسى  بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشى تەلەپ  قىلىنىدۇ. ئەزالىق ئارخىپىغا ھەقىقى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرمىغان ياكى يالغان تولدۇرغان ئەزالار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:



شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2015-يىل12-ئاينىڭ 29-كۈنى






باھا سۆز

ئېسىل! ئەسلى مۇنبەر دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك!  ۋاقتى: 2016-1-8 10:03 PM
ئەسەر يوللاشنىڭ ئۆلچەم بەت يۈزىنى بىر پارچە رەسىم قىلىپ قىستۇرغان بولسا ھە  ۋاقتى: 2016-1-1 11:31 PM
مەن % 100 قوللايمەن ھەمدە 100 نۇمۇر بىرىمەن  ۋاقتى: 2015-12-29 07:43 PM
مەن قوللايمەن، چۇقۇم مۇشۇ تەلەپ بۇيىچە تۇرغا كىرىپ،تورنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلى  ۋاقتى: 2015-12-29 07:41 PM

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +200 يىغىش سەۋەبى
ئەلرام + 200 --------قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-29 16:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر قىسىم سەھىپىلەردىكى ئىنكاس رايۇنىنىڭ يېپىق بولۇشىنى سۆز - ھەرىكىتىگە ئۆز ھىسياتىنى تولا ئارلاشتۇرۋالىدىغان، ئوخلىماي جۆيلۈپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن كۆرۈشكە  ھەقلىقمىز.       ئەمما ئىنكاس رايۇنىنىڭ چەكلىنىشىنى ھەممە ئەزالارغا تەدبىقلىۋالماي ئايرىم ئەزالارغا ئوچۇق  قىلغىلى بولماسمۇ؟
   ئۆزىنىڭ ھەم مۇنبەرنىڭ ئوبرازىغان كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا سالماقلىق بىلەن پىكىر، تەكىلىپ، ئىنكاس يازىدىغان ئەزالارنىڭ كۆز قارىشى كۆرۈرمەننىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ تورنىڭ پايدىلنىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 21:57  


ۋاقتى: 2015-12-29 16:56:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قائىدىلەر  ھەممىگە مەنزۇر كەلگۈدەك ،گەپ ئۇنىڭ ئىجراسىدا...

ۋاقتى: 2015-12-29 17:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنى  ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۇكەممەللەشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز،يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشقا  ئاڭلىق بوي سۇنۇشنى ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.ئىشلىرىمىز پەيدىنپەي تاكامۇللىشىشنى  ئىستىسەك ،ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.باشقا تورلاردىن ئۈستۈن تۇرمىز ياكى  ھەممە ئىنتىلىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان ئىمتىيازىغا ئېرىشەيلى دېسەك ،باشقىلاردىن تېخىمۇ تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى يىلدا ئورتاق نىشان ــ تۈزۈلمىدە ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش بولغاندىلا بۇ سەھنىمىزدە بارچە گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تەڭ ئېچىلغان مەنزىرىنى يارتالايمىز.قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلىگەندىلا،نىشاننى كۆرەلەيمىز ۋە ياكى يىتەلەيمىز!

ۋاقتى: 2015-12-29 19:31:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاڭلىق ھالدا رۇئايە قىلىش بارلىق تورداشلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيتىمىز دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 19:45:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلماسلىق ئىشلىرى  ئېغىر  بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ چۇقۇم تۈزۈتۈشكە تىرىشىمەن

ۋاقتى: 2015-12-29 19:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ سەتىنى قېلغاندا تېتىقسىز ئىنكاسلار ئەمدى ئازلايدىغان بوپتۇ.چىرايلىق-سېپى بار ئىنكاسلارنى چۈشەنمەي ھاكاۋۇرلۇق قېلغانلارنىڭ كاچىتىغا ئۇردىكەنمىز.

ۋاقتى: 2015-12-29 20:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاڭلىق ھالدا رۇئايە قىلىمەن.  

ۋاقتى: 2015-12-29 20:57:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ، مەزكۇر تورنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا شۇنداقلا يەنە مەزكۇر توردىكى بىر قىسىم ئەسەر، ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بىلدۈرگۈ بوپتۇ.  ھەممىمىز   تورداشلارنىڭ  ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  ئىنكاس يېزىشقا ئادەتلىنەيلى!

ۋاقتى: 2015-12-29 22:53:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىلدۈرگۈ ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ،بولۇپمۇ 3-تۈرىنى يولغا قويۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەك بەك بەكلا زۆرۈر بوپقالغانىدى!بۇ بىلدۈرگۈ چوقۇم كۆپ سانلىق ھەممەيلەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 23:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ،بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىمىز.

ۋاقتى: 2015-12-30 14:35:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سەھىپىلەرگە ئىنكاس يېزىش نىمىشقا چەكلەندى، «مەتبۇئاتلار كاتالوگى» قاتارلىق بەزى سەھىپىلەرگە ئىنكاس يېزىپ ئۆز- ئارا تەبرىكلەش يامان ئىش ئەمەسقۇ،

ۋاقتى: 2015-12-30 15:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ « بىلدۈرگۈ»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئىشىنىمەن...

ۋاقتى: 2015-12-30 16:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       بۇ چوقۇم بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان بىلدۈرگۈ ئىكەن...

ۋاقتى: 2015-12-31 11:52:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدىكى يېڭىچە باشلىنىش بوپتۇ،ھەممە ئىش مانا شۇنداق مۇكەممەلللىشىپ بارىدىغان گەپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش