مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيەت مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى' x9 I1 j$ I5 l) V4 P. R: f
8 A* Z3 o3 S; c: l6 P. L C1 V
& V# u' \! d0 }# C X8 n# P6 `! f
3 V: d" `$ r& q6 s0 r( @; Q( x- E
6 K4 C" o0 n+ q4 F E ^2 \شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە بەردى. پائالىيەتكە فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى ۋە جەمىيئەتتىن تەكلىپ قىلىنغان بىر قىسىم ئەزىز مېھمانلاردىن بولۇپ 250تىن ئوشۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى. بارلىق سورۇن ئەھلىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ چالغان گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى زالغا كىرىپ كەلدى. رىياسەتچى مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار نامىدىن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، تەبرىك سۆزلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سورۇن ئەھلىگە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى قىسقا تونۇشتۇرۇلدى. مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى مۇنبەرگە چىققاندا زالدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئەسەرلىرىدىكى بەزى تىپ، ۋەقەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى، يېزىقچىلىق ئادىتى، يېقىندا نەشر قىلىنغان «سالچىلار» ناملىق رومانى ۋە جەمىئيەتتە قوزغالغان قىزغىن ئىنكاس قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا سورۇن ئەھلى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىمدىن ئوخشىمىغان نۇقتىلار بويىچە سۇئال سورىدى. يۇمۇرىستىك ۋە ئىخچام تىل بىلەن بېرىلگەن جاۋابلار سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۆتۈردى. سوئاللارنىڭ يەنە بىر قىززىق تېمىسى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىدىكى پائالىيەتلىرى(شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتى تەرجىمىشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى، فىلولوگىيە ۋە ئىجادىيەت فاكۇلتىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بىرلىكتە تەشكىللىگەن «رايۇنلار ۋە ئەدەبىيات» ـــ «جا پىڭۋا ئەدەبىي ئىجادىيىتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «بەش يازغۇچى، بەش تەرەپ سۆھبىتى» ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە جا پىڭۋا، سۇتوڭ، مەمتىمىن ھوشۇر، ۋانما سەيدەن، چېن گۇانجوڭ قاتارلىق يازغۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مەمتىمىن ھوشۇر تۇنجى قېتىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شىنجاڭلىق يازغۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ،) بولدى. مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر پىروزىسى ھەققىدە، نوپۇسى ئاز مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدىكى لېكسىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى(ئۇنىڭ يازما نۇتۇقى يىغىن نەق مەيدانىدا ئەگەشمە تەرجىمە شەكلى بىلەن خەنزۇ ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزۈلگەن ئىدى) سورۇن ئەھلىگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. پائالىيەتتە يەنە سوئال جاۋاب شەكلىدە ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن، رىياسەتچى ئالدى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ۋە نۆۋەتتە قومۇل، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، ئەنقەرە، بىرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپاتىنىڭ 20يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلىنىپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، خەلقئارالىق يىغىنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن تونۇشۇش جەريانى، ئەسەرلىرىگە بولغان باھاسى، ئۆز ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە بايانلارنى بەردى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىمنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تاللانما ئەسەرلەر توپلىمى «باھار بىخلىرى» مەمتىمىن ھوشۇرغا يادىكار قىلىندى، ھەمدە گۈل تەقدىم قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى. پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قىزغىن چاۋاكلىرى ۋە قىيالماسلىق ھېسسسىياتلىرى بىلەن مەمتىمىن ھوشۇرنى ئۇزىتىپ قويدى.
. y4 G5 ] I5 Z' {4 q) }; K9 p L1 X8 N6 B$ f/ a% c, i
, I6 a+ b# O" ^+ P1 b. t5 ^2 s
0 ]% ^ G q1 W5 [( i) Y; A8 A; B, u" t$ [ y
2 G0 M; H/ s- d$ [- `4 i2 ]& u5 J) V$ f1 [ F
قىسقا ئارخىپى:
~2 G! A6 }" i+ E" p1 ]مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەمتىمىن ھوشۇر 1944 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1967 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل مەمۇرىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1979 – يىلىدىن بۇيان «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
مەمتىمىن ھوشۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1965 – يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئالما» ناملىق ھېكايىسى بىلەن قەدەم قويغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە يېڭىچە بىر خىل روھ بىلەن كىرىپ، «ناخشا»، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «ئايخان»، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى، «نۇزۇگۇم»، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «خاسىيەتلىك قار» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ «نۇزۇگۇم»، «ئايخان»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئوت كەتكەن دەريا» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايە – پوۋېستلىرى خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
مەمتىمىن ھوشۇر پىروزا ئىجادىيىتىدىن باشقا، يەنە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى»، «ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى، «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىيوگرافىك قىسسىنى يازغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «نەي ئاۋازى»، «كونا – يېڭى ئىشلار» (ئېزىز ساۋۇت بىلەن بىللە)، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «ئۆلۈككە يېزىلغان خەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «سالام، ھېسام ئاكا» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا زور شان – شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن. «ئۇستام» (ھېكايە) 1981 – يىلى 30 يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ساۋاقداشلار» (پوۋېست) 1989 – يىلى يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «ھاراق توغرىسىدا ھېكايە» (ھېكايە) 1989 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايە) 1992 – يىلى «تارىم» مۇكاپاتىغا، 1995 – يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا»، «بۇ چۈش ئەمەس» (ھېكايىلەر توپلىمى) 1993 – يىلى مەملىكەتلىك 4 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت مۇكاپاتى(تۇلپار مۇكاپاتى)غا، «چوشقىلارغا بايرام» (ھېكايە) بېيجىڭ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999 – يىللىق «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «بۇرۇت ماجىراسى» (ھېكايە) 2001 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا، «گۆركار»(ھېكايە) 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى»غا، «ئاتاقلىق مۇقامچى كارۇشاڭ ئاخۇنۇم» (ئوچېرىك) 2006 – يىلى 15 – نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «سالچىلار» (رومان) 2013 – يىلى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1994 – يىلىدىن1997 – يىلىغىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن خادىم»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس»، 1999– يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان شەخسلەر»قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
قوشۇمچە: مەمتىمىن ھوشۇر شياڭگاڭ جىنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتىدا.
) P. q E+ u/ R9 n4 Z5 C
9 g6 T& a" E+ y' B4 Q3 W% q3 ]/ S) e5 J7 {
) q8 J0 K# j$ W- d3 a- B
يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ مەنبەسى :يازغۇچىلار تورى، رەسىملەرنىڭ مەنبەسى نەخ مەيدان .
" g) s D' s3 i$ f+ l& e0 w