ئىگىسى: ھۈكەر

مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيەت مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-25 15:12:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بوپتۇ. بىراق، ئۇنى «مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيەت مۇھاكىمە پائالىيىتى» دېيىش مۇۋاپىقمۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-25 15:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن. تېنى سالامەت بولسۇن.
; A) j( {( E/ M' Qبۇ نەدىمۇ مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيەت مۇھاكىمە پائالىيىتى بولسۇن! مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىز مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەپتىغۇ. ئېكراندىكى خەت «مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» ئىكەن. مۇقامدا يوقلا گەپلەر ئىكەنغۇ بۇ. مەكتىپىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەڭلار، بالىلار.
0 L7 z9 x1 v% w1 |8 C( uنۇتۇق نېمە؟ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى قانداق بولىدۇ؟ ئىجادىيەت مۇھاكىمە پائالىيىتى قانداق بولىدۇ؟ بىر ئىشنى ئاڭقىرىپ ئاندىن ئېغىزدىن چىقارغۇلۇق. قىلغان ئىشقا چۇشلۇق قالپاق قويۇڭلار.7 r% y& y( [  D, t) ~
يەنە بىر قۇسۇر، مەمتىمىنكام ھوشۇر دېگەن گەپ قانداق گەپ؟ ياكى مەلۇم يۇرتنىڭ ئاتاش ئادىتىمۇ يا؟ ئۇنداق بولسا مەيلى، لېكىن ئۇنداق بولمىسا بۇ ئاتاشتىكى قىلىقسىزلىق.

ۋاقتى: 2015-12-25 15:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سوئال-جاۋاب  باسقۇچىدا  سورۇن  ئەھلى مەمتىمىن  ھوشۇر  ئەپەندىمدىن ئوخشىمىغان نۇقتىلار  بويىچە سۇئال  سورىدى. يۇمۇرىستىك  ۋە ئىخچام  تىل بىلەن  بېرىلگەن  جاۋابلار  سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۆتۈردى.» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، 2001-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن «تارىم» ژورنىلى بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق سېمىنارىيەدە بىرەيلەننىڭ «قانداق بولغاندا داڭلىق يازغۇچى-شائىر بولغىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ كۈلمەي تۇرۇپ: «نېرۋىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى يا ئارتۇق، يا كەم بولغاندا» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ئېسىمگە كەلدى.

ۋاقتى: 2015-12-25 16:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         زامانىمىز ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى،  چىخوپ، گۇگۇل، جېك london , ئەزىز نەسىنچە - يازغۇچىمىز مەمتىمىن
2 ]3 n! o" c/ q. b: f8 T0 \ھۇشۇر ئاكىمىز بىلەن مەڭگۈ پەخىرلىنىمىز . مەنزىلى تېخىمۇ داغدام بولغۇسى. تېما يوللۇغۇچىغا تەشەككۈر ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-25 18:48  
; a( T2 M9 R' m
; [; a9 n& t7 D0 T% t; r

ۋاقتى: 2015-12-25 16:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       زەينۇللا بۇرادەر، سىلى ئىلىغا بىر كېلىپ كەتكەن بولسىلا چوڭلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «كام»قوشۇمچىسىنى ئۇلاپ،ھۆرمەت يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بولاتتىلا. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ئەدەپ يۈزىسىدىن ئىكەنلىكى ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنىڭ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ.ئاشۇ سىلى دەۋاتقان «كام»قوشۇمچىسى تىللىرىغا بەكرەك پۇتلاشقان بولسا، شۇ يېرىنى تاشلىۋېتىپ ئوقۇپ كەتسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ. سىلى دەۋاتقان «قىلىقسىزلىق»نىڭ بىز تەرەپلەردە «ئەخلاق» جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 18:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 14:41 3 l8 h9 n% H9 V' e+ ]6 O
قالتىس ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ!
) B7 Z, B: Q  a3 L& [9 rئۇستاز مەمتىمىن ھوشۇر ئا ...

5 z* W# W1 `6 I9 y, `, z$ ?ھەئە  مەن شۇ  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 18:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 15:28
$ ]# F8 O: O6 L: Uئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن. تېنى سالامەت بولسۇن.5 y- j$ p. R) ^# @% @( p6 X5 d
بۇ ن ...

' V1 H# k- T; `- k9 b! C  مەن  سەل  كالتىرەك  ئويلىۋالغان  ئوخشايمەن .    لېكىن  مەكتەپنىڭ  ئىناۋىتىنى  تۆككىدەك   ھېچ  ئىش  قىلمىدىم  . ھەم  بىرەر  ئىش  قىلىشقىمۇ  ھەققىم  يوق  .  بۇ  سەۋەبلىك شۇنداق  خىيالدا  بولۇپ  قالغان بولسىڭىز  تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ  سورايمەن   !!!' g* I* P+ X# Y/ Q
     مەمتىمىنكام ھوشۇر دېگەن  گەپكە  مەنچە  ئا.سېيىت  ئاكىمىزنىڭ  پىكىرى  سىزگە  يېتىدۇ  .   مەندىن ئاڭلىسىڭىزمۇ  شۇنداراق  گەپنى  ئاڭلايسىز  !

باھا سۆز

«مەمتىمىنكام ھوشۇر» خۇسۇسىدىكى گەپ سىزگە قارىتىلمىغان.  ۋاقتى: 2015-12-25 06:41 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 18:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 15:12 " ?" a9 r4 V  C3 X* R+ v- l
بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بوپتۇ. بىراق، ئۇنى  ...

! c3 a' u& u! f' y6 x9 i$ A' Z   بۇ  پائالىيەتنىڭ  ئاساسلىق  مەقسىدىمۇ  شۇنداق  بولغان . پائالىيەتتە مەمتىمىن  ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە  ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە مۇھاكىمە  ئېلىپ  بېرىلدى . شۇڭىمۇ  مۇۋاپىق  دەپ  ئويلىدىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 18:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوتا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 13:19
3 [+ f  m9 j; K  Yئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭغا كۆپ رەھمەت ، ئ ...

# O" I0 Q( e3 H" d2 x  ماقۇل  دېگەنلىرىڭنى  ئېسىمدە  تۇتىمەن  !!

ۋاقتى: 2015-12-25 18:39:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.سېيىت يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 16:53
5 Z; r" w: X  j& Wزەينۇللا بۇرادەر، سىلى ئىلىغا بىر كېلىپ كەتكەن بول ...

7 l  |6 h8 m, g' l& N: D- pئا سىيىت ئەپەندى، مەن غۇلجىنىڭ «مەمتىمىن ھوشۇركام» دېمەي «مەمتىمىنكام ھوشۇر» دەيدىغانلىقىنى بىلمەي شۇنداق دەپ ساپتىمەن. كەچۈرگەيسىز. بىزنىڭ تۇرپاندا ئۇرۇق - تۇغقانلىق ئاتالغۇلىرى ئىسىم - فامىلىگە تولۇق قوشۇلۇپ كەلگەن چاغدا ئىسىمغا ئەمەس فامىلىگە قوشۇلۇلىدۇ. مەسىلەن: مەمتىمىن ھوشۇر ___ مەمتىمىن ھوشۇركام (مەمتىمىنكام ھوشۇر ئەمەس)، خالىدە ئىسرائىل __ خالىدە ئىسرائىل ئايلىمىز (خالىدە ھەدەم ئىسرائىل ئەمەس)" g: }* Y9 _1 o5 c7 u2 A0 Z% E
مەن ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەن، سىز ئاتىغاندەك ئاتاش بىرەر يۇرتنىڭ ئادىتى بولسا مەيلى دەپ. ئەگەر بۇنداق ئاتاش راستىنلا غۇلجىنىڭ ئاتاش ئادىتى بولسا بۇنى ئەيىپكە بۇيرىغىلى بولمايدۇ. ئۆزلەگە ئۆزرە بولسۇن ئاكا.# ^- W; [* P  T( x
غۇلجا مەرىپەت يۇرتى. پۇرسەت بولسىلا چوقۇم خەندانە غۇلجىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ كېلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-25 19:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 18:39
3 N  H8 K" O$ R. h$ \2 Tئا سىيىت ئەپەندى، مەن غۇلجىنىڭ «مەمتىمىن ھوشۇركام» د ...
2 b' \; g+ C. s0 N
   ئەسسالام زەينۇللا،
- J; i6 w- j6 T, ?+ {9 p" P3 w   مەن «سوفىيانە قۇمۇل»، «غېرىبانە تۇرپان»، «ۋەلىيانە كۇچا»، «غازىيانە ئاقسۇ»، «ئەزىزانە قەشقەر»، «پىرىيانە يەكەن»، «شېھىدانە خوتەن» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاز-تولا بىلىدىكەنمەن. بىراق، «خەندانە غۇلجا» دەپ ئاتىغاننى كۆپ ئۇچراتماپتىكەنمەن ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. سىز بىلسىڭىز ئېيتىپ بېرەمسىز؟ مالال قىلىدىغان بولدۇم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.

ۋاقتى: 2015-12-25 19:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 19:00
; w/ v& ]( |3 y' @! \( Sئەسسالام زەينۇللا،$ k( |7 X, s9 T" V  N0 D
   مەن «سوفىيانە قۇمۇل»، «غېرىبا ...

" c8 W. Y$ `1 j5 F' }0 L: Hۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئادىل مۇئەللىم:
1 S; i8 W6 X: [; F% E" i( r: @$ {9 `' Dقاراپ باقسام پەقەت غۇلجىنىڭلا سىز دېگەندەك نامى يوق ئىكەن ۋە ياكى بولسىمۇ مەن بىلمەيدىكەنمەن. شۇڭا بايا بىر دەملىك ئىلھام بىلەن «خەندانە غۇلجا» دەپ ئاتاپ قويدۇم. بۇ نام ھەرگىزمۇ يۇقارقى سىز ئاتاپ كۆرسەتكەن ناملار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ. ئۇ ناملار تارىختىن بۇيان ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «كىلاسسىكلىشىپ كەتكەن» ناملار. غۇلجا ئۇيغۇر يۇرتلىرى ئىچىدە تاغ - باغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن تولىمۇ گۈزەل يۇرت بولۇپ، باغلىرىدا كاككۇكلار، تاغلىرىدا كەكلىكلەر خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان، ئاۋۇل - قىشلاقلىرىدا ھايات قايناۋاتقان، ئۆتەڭ - راباتلىرىدا سودا گۈللەۋاتقان، بالىق - ھېسارلىرىدا كىشىلەر قوۋناق ياشاۋاتقان، مەرىپەت - مەدەنىيەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان مەنزىرە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، شۇ ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە «خەندانە غۇلجا» دەپ قويدۇم ئۆزۈمچە. بۇ نام پەقەت مېنىڭ شەخسىي ئىلھامىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەم مۇشۇ ئىنكاس بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. غۇلجىغا قانداق نام بېرىش ئەلۋەتتە غۇلجا (ئىلى) خەلقىگە تالىقتۇر. ئەلۋەتتە، ئۇنداق نام بەرمەسلىكمۇ ئىختىياردىكى ئىش.

ۋاقتى: 2015-12-25 19:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       زەينۇللا ئىنىم،چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت.غۇلجىغا كەل،قارشى ئالىمىز.گەپلىرىمنىڭ قوپال كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرگەيسەن.

ۋاقتى: 2015-12-25 19:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.سېيىت يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 19:24 7 A+ {9 a/ w- \/ M4 G
زەينۇللا ئىنىم،چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت.غۇلجىغا كەل،ق ...

8 z# q# ?+ c# ?2 A7 v2 ^ئۆزۈم تەقۋادار بولمىساممۇ، لېكىن بۈۋى رابىيەنىڭ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئېيتقان مۇنۇ سۆزى ھەر دائىم مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ:$ k' k* R6 M& E4 i. ^( A8 f
__ باشقىلارنى كەچۈرىۋېتىڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەڭلار!+ v- t0 Q5 N/ M
ئاكا، مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنى گۇناھكار قىلماڭ!

ۋاقتى: 2015-12-25 19:45:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا پائاليەتتىن سۆيۇندۇم . ئەزىزلەر ئامان بولسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش