يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3841|ئىنكاس: 41

«ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» نى ئىشلەش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-22 13:32:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   
«ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» نى ئىشلەش
توغرىسىدا  ئۇقتۇرۇش




ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتنەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىش، كىچىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنى زور بىر تۈركۈم نادىرئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەش، جۈملىدىن بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئۈچۈن تېخىمۇ  قۇلايلىقشارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان بالىلارئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن ھەر قايسى ژانىر - تۈرلەر بويىچە «ئۇيغۇربالىلار ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك توپلام ئىشلەش ئاساسىدا «ئۇيغۇربالىلار ئەدەبىياتى قامۇسى» نى نەشر قىلىشنى پىلانلىدۇق. كەڭ يازغۇچى -شائىرلىرىمىزنىڭ بىزنى يېقىندىن قوللاپ ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بىلەنتەمىنلىشىنى، باشقا مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرسىتىشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   ئىشلىنىدىغان كىتابلارتىزىملىكى  ۋە ئىشلەشكەمەسئۇل بولغۇچىلار ئىسىملىكى:

1.بالىلار قوشاقلىرى (زامانىدىن پاكزات 13609959592)qq1448294436

2.بالىلار شېئىرلىرى  (ياسىن ئابدۇقادىر 15199778587) 1916048106 qq

3.بالىلار داستان، باللادالىرى (ئەركىن داۋۇت ئوغۇز  13779190637 ) 1772568616 qq

4.بالىلار شېئىرىي چۆچەكلىرى(ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش  18097952879)  qq 1919477768

5.بالىلار شېئىرىي مەسەللىرى (ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش 18097952879 ) 1919477768 qq

6. بالىلارچۆچەكلىرى  (ئادىل ئىمىنشادتېكىن 13999632924)  181129282 qq

7.بالىلار مەسەللىرى   (ئادىل ئىمىن شادتېكىن 13999632924) 181129282 qq

8.بالىلار پوۋېستلىرى      (پەرھات كازىمى  13999691595 ) 364013991qq

9.بالىلار ھېكايىلىرى     (پەرھات كازىمى 13999691595) 364013991qq

10.بالىلار نەسرلىرى (ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار 13667578411  ) 1903256910 qq

11.بالىلار سەھنە ئەسەرلىرى (پەرھات كازىمى( 13999691595)  364013991qq

12.بالىلار تېپىشماقلىرى (بۇلبۇل ئەكرەم 13899147553)  1243595535 qq

13.ماقالە، ئوبزورلار   (بۇلبۇلئەكرەم 13899147553 )  1243595535qq

14.بالىلار ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىلىرى (تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق 15292925453)2338650163 qq

15.يەسلى ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى (ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ 18699822106)  1310776672 :qq

16. رەسىملىك نادىر چۆچەكلەر (نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن ئىشلەيدۇ)

17.رەسىملىك نادىر مەسەللەر  (نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن ئىشلەيدۇ)

     ئەسەر قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆزئەسىرىنىڭ ژانىرىغا ئاساسەن يوقۇرىقى توپلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.

قوشۇمچە:

1. ھەربىر ئاپتۇر ئۆز ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان ئەسىرىنى تاللاپ ئەۋەتىشى،پوۋېستبولسا ئىككى پارچىدىن ئارتۇق، باشقا ژانىردىكى ئەسەرنى 3-4 پارچىدىن ئەۋەتىشىكېرەك.ئەگەر يېڭىدىن يازغان بالىلار رومانى بارلار بولسا،شۇ رومانىنى تەۋىسسىيەقىلسىمۇ بولىدۇ.

2.ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىنى تاپشۇرغاندا ئەگەر ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بولسا،قايسى مەتبۇئاتتا قاچان ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك.
3.ئەسەر ئەۋەتكەندە ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى، رەڭلىك سۈرىتى بىرگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.
4.ئەسەر ئەۋەتكەندە قايسى ژانىردىكى ئەسەر بولسا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ژانىرغامەسئۇل بولغۇچىغا ئەۋەتىشى كېرەك.

5.ئەسەرلەر توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەخسۇس تەھرىر ھەيئەتلەر كۆرۈپ چىقىپئاخىرقى بىكىتىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇ قېتىملىق بىكىتىشتە تەلەپتىن يىراق بولغانئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ.

6. ئەسەرنى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىنبۇرۇن تاپشۇرۇپ بولۇش كېرەك. 2016-يىلى 3-ئايدا كىتاب بىكىتىلىپ، نەشرگە بېرىشكەيوللىنىدۇ.

7.ئەسەرلەر تەييارلىنىپ نەشردىن چىققاندىن كېيىن ھەر بىر ئاپتۇرنىڭ ئەسىرىگەمەتبۇئات ئۆلچىمى بويىچە قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ.

8.مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كونكرېت چۈشەندۈرۈشكە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇربالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزىدىن بۇلبۇل ئەكرەم مەسئۇل بولىدۇ.


پىلانلىغۇچى:

ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، بۇلبۇل ئەكرەم


تەھرىر ھەيئەتلەر:
1. ئازاد سۇلتان
2. كېرىمجان ئابدۇرېھىم
3.جۈرەت سەيپۇللا
4.تۇنىياز ئېلىياس
5.ئەسقەر ياسىن
6. ئەركىن داۋۇت ئوغۇز
7.بۇلبۇل ئەكرەم
8. ئابلىكىم ھەسەن
9.زامانىدىن پاكزات
10.پەرھات كازىمى
11.ئۆمەرمەتنۇرى قۇتيار
12.ئادىل ئىمىنشادتېكىن
13. ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
14.تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
15. ىلغارجان سادىق
16.ياسىن ئابدۇقادىر
17.  قۇربان  ئابلىمىت
كىتاب تۈزۈشكە تەشكىللىگۈچى ئورۇن:

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى

شىنجاڭ سارتېكىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىكشىركىتى

2015-يىل 12-ئاي




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 15:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-22 14:43:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا تۇتۇش قىلنىۋېتىپتۇ، خەيرىلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-22 15:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ، قۇت بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-12-22 15:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ئېۋەتسەك بولىدىغاندۇ. تېلىفۇن نومۇرىدا بىۋاستە ئالاقە قىلساق بولامدۇيا

ۋاقتى: 2015-12-22 15:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مۇنبەردىكى پۇشايمان ناملىق ئىتوتىم بىلەن قايسى مۇھىمنى كۆرسەتسەم بولورمۇ؟ قايتا پىشىقلاپ ئىشلىسەم  ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتەمسىلەر؟

ۋاقتى: 2015-12-22 16:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        بۇ كاتتا قۇرۇلۇش ئىكەن. مەقسەتلىرىڭلار تېز پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشقاي!
        كىتاب تۈزگۈچىلەر ياخشى تاللىنىپتۇ. شەخسىيەتسىز ئىشلىسىلا، سۈپەتلىك چىقىشىدا گەپ يوق.

ۋاقتى: 2015-12-22 16:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلەرنى  توللاشقا مەسئۇل بولغانلار بىلەن ئاۋۋال تېلفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئاندىن ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-12-22 16:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن، مەندىمۇ ئايرىم توپلام قىلىپ تۈزۈشكە كەملىك قىلىپ تۇرۇپ قېلىۋاتقان خېلى ياخشى بىر تۈركۈم بالىلار شېئىرلىرى بار. مۇشۇ پۇرسەتتە مەخسۇس توپلاملاردىن ئورۇن ئېلىپ قالسا ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟
ھازىر تور ئارقىلىق ئېلىكتىرونلۇق نۇسقىسى يوللىنىدىغان گەپ. شۇڭا ئالاقىدارلارنىڭ مۇقىم ئېلخەت ئادرېسى ياكى چ چ نومۇرى قالدۇرۇپ قويۇلسا ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2015-12-22 16:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بۇ قېتىم ئەسەرلەرنى يوقۇرى تەلەپ بىلەن تاللايمىز. ھەممە ژانېردىكى ئەسەرلەر توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن  تەھرىر ھەيئەتلەر قايتىدىن تاللاپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بېكىتىپ چىقىمىز.شۇڭا ئاپتورلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاقتى: 2015-12-22 16:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرەر دەرىجىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ بولامدىغانمىدۇ ؟

باھا سۆز

مۇھىمى ئەسەر ........مېنىڭچە .  ۋاقتى: 2015-12-22 04:53 PM
ۋاقتى: 2015-12-22 16:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ، ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئەھلى ئوت يۈرەك ، ئەدەبىيات پەرۋانىللىرىڭ ئىشلىرىغا بەركەت - نۇسرەت يار بولغاي .

ۋاقتى: 2015-12-22 17:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ىش  ئىكەن.ئىشلىرىڭلار  ئۇتۇقلۇق  بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-22 17:14:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئاپتورلار قانداق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-22 17:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەن.  ئەھمىيەتلىك قەدەملىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-12-22 17:20:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بالىلار شېئىرلىرى›› بىلەن ‹‹بالىلار قوشاقلىرى›› نىڭ قانچىلىك پەرقى باردۇ ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش