ئىگىسى: ئەلتۇغ

«ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» نى ئىشلەش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-22 17:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلارغا قاراپ تاشلانغان بۇ قەدەم ناھايىتى توغرا ئېلىنىپتۇ. بۇ ئىشنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-12-22 18:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇختۇرۇش-ھەممىمىزنى    تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ.بولۇپمۇ بالىلار ئەسەرلىرى  يازغۇچىلىرى ئۈچۈن  چوڭ بىر قىتىملىق پۇرسەت ،بىرلىكتە  قوللايمىز.

ۋاقتى: 2015-12-22 20:11:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ‹‹  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلار ئەدەبىياتى تەتكىقات مەركىزى ›› نىڭ  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن  قوللايمىز . بۇ - سىزنىڭ ، بىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئىشى . ئۇزاققا قالماي، بالىلىرىمىز  ئۆزلىرىنىڭ دۇنياسىدا ياشاپ كەتكۈسى !

ۋاقتى: 2015-12-22 21:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قۇتلۇقلىغىدەك ھەم مېھنەتسىز قوللۇغۇدەك ئەھمىيتى زور بىر ئىش ئۈچۈن قەدەملەر بېسىلىپتۇ، ھارمىغايسىزلەر!

ۋاقتى: 2015-12-22 22:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئەمىلىيەتتە ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، لېكىن بالىلار كىتابلىرىنى تۈزۈش تەھرىر ھەيئىتى، ئالدى بىلەن شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىلەن بىر ئالاقىلىشىپ باسقا ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ ئۇقتۇرۇش مۇندەرىجىسىدىكى بالىلار پوۋېستلىرى «كاككۇك بالىسى»...دېگەندەك بىر قانچە نامدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بالىلار چۆچەكلىرىمۇ نەشر قىلىنىپ چىقىپ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ ئاڭلىشىمچە «بالىلار ھېكايىلىرى»، «بالىلار شېئىرلىرى» قاتارلىقلارمۇ نەشرىياتنىڭ ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرى بويىچە ئىشلىنىۋېتىپتۇ، ئۇقۇشۇپ باققاننىڭ زىيىنى يوق. شۇنداق بولغاندا ۋاقىت، ئادەم، كۈچ، ئەجىر، پۇل ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

باھا سۆز

ئابلىكىم ھەسەنمۇ تەھرىر ھەيئەتلىكتە باركەن ئۇنىڭمۇ خەۋىرى باردۇ ھەقىچان  ۋاقتى: 2015-12-25 11:32 PM
توغرا تەكلىپ.  ۋاقتى: 2015-12-22 10:43 PM
ۋاقتى: 2015-12-22 22:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 17:14
ئەسىرى توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئاپتورلار قانداق ئىمتىيا ...

‹‹ئەسىرىم توپلامغا كىرگۈزۈلدى››دېگەن مەمنۇنلۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ ھە قاچان

ۋاقتى: 2015-12-22 22:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىيىشنىڭ ئىشىكلىرى يەنە ئېچىلىپتۇ-دە!

ۋاقتى: 2015-12-22 23:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ ياخشى مۇۋاپىقىيىتلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن بالىلار پوۋېستمنى دەرھال ئەۋەتمەكچى بولىۋاتىمەن .

ۋاقتى: 2015-12-23 00:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-23 13:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەللىپجان دەرھال ئەۋەتىلى، قايلاپ تۇرمايلى، سان توشۇپ قالغاندا پۇشايمان قىلغان بىلەن ئامال يوق.

ۋاقتى: 2015-12-23 16:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ بالىلار ئەسەرلىرىدىن تاللاپ ئەۋەتىپ سىناپ باقسام بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2015-12-23 17:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىناپ باقاي ئۆزۈمنى،بىر قىسىم ئەسەرلىرىم بار ئىدى.

ۋاقتى: 2015-12-23 18:00:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات تۇرسۇننىڭ تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان‹‹غازاڭ››دەپ بىر ھېكايىسى بولىدىغان،مېنىڭچە ئۇ ياخشى بىر بالىلار ھېكايىسى ئىكەن.مەن ئەشۇ ھېكايىنى بالىلار ھېكايىلار توپلىمىغا تەۋسىيە قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-12-23 18:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 22:04
بۇ ئەمىلىيەتتە ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، لېك ...

بەگياركا، قارىغاندا، بۇ توپلاملار تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئىجادىي ئەسەرلەردىن تۈزۈلىدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا،  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى چىقارماس ئىدى. ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنىڭ كاتولىكىنى ھۆرمەتلىك كاتولۇكشۇناس ئە.ئا. سارتېكىن ئەپەندى چوقۇم بىلىدۇ ھەم بۇ ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئارخىپى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە چوقۇم بار، بولمىسا ئۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بولماي قالىدۇ...



ۋاقتى: 2015-12-24 13:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈنمۇ خۇشخەۋەر بولدى. بىر سىناپ باقاي!

باھا سۆز

ھە، يېتىپ قالغېچە- ئېتىپ قال !  ۋاقتى: 2015-12-24 01:42 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش