تۈركناز يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 13:30
ئەسەر قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغان ئاپتورلارنىڭ ئۆز ئە ...
1. ھەر قايسى نەشرىياتلار بىلەن يۇقىرىقى مەسئۇلچىلىرىمىز ئۆزلىرى ئالاقىلىشىدۇ. 2. كىتاب تۈزگۈچىلەر ھېلىقى كاتالوگنىمۇ كۆرۈپ، ئۆزلىرى كۇتۇپخانىلاردىن ئىزدەيدۇ.
كىتاب تۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن 8سائەتلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۈزىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ھېچكىم ھەممە ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ كىتاب تۈزىدىغان شارائىتتا ئەمەس. سىز دېمەكچى بولغان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھېلىقى ئامبىرىدا ھەممە ئەسەرلەر تولۇق ساقلانغان بولسا ئىدى، شۇ يەرگە بېرىپلا ئەسەر تاللاپ تۈزىۋەرگەن بولاتتۇق. ئەمما، مېنىڭچە مۇنداق بىر غايىۋىي ئەسەر ئامبىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
نەشرىياتلارمۇ بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرى ئېلان قىلىغان ئەسەرلەرنى تۈر بويىچە ئايرىپ، ھەر بىرىمىزگە يوللاپ بەرگەن بولسا، دۇنيا نېمە دېگەن گۈزەللىككە تولۇپ كەتكەن بولار ئىدى-ھە!
شۇڭا، تۈزگۈچىلەرنىڭ زېھنى، ۋاقتىنى تىجەش، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى تەۋسىيە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، «ياخشى نەرسىنىڭ پېنھان قالماسلىقى» ئۈچۈن، ئاپتورلارغا بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردۇق. ھەر كىم يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى يوللىسا بولىدۇ. مېنىڭچە، بىر ئاپتورنىڭ بىر پارچە ياخشى ئەسەرنى تەۋسىيە قىلىشىغا كەتكەن ۋاقتى بىر پارچە ئىنكاس يېزىشقا كەتكەن ۋاقىتتىن ئۇزۇن بولمىسا كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-28 13:33