كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 1

رېشىت مەخسۇت روبائىيلىرىنىڭ مۇۋەپىققىيىتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 10
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتەش ماكان ،مېھرى ئىسسىق يۇرت تۇرپاننىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،مۆھتىرەم ئۇستاز مەرھۇم رېشىت مەخسۇت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن.

رېشىت مەخسۇت روبائىيلىرىنىڭ مۇۋەپىققىيىتى ھەققىدە
ئايزىت

        ئۆمۈر مەنزىلىنى ئىلىم –ئىرپان كانلىرىدا گۆھەر قىزىش، مىللى مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشى، ياش-ئۆسمۈلەرنىڭ تەلىم –تەربىيىسى ئۈچۈن تىنىمسىز ، بىر ئۆمۈر يۈرەك قىنىنى مىننەتسىز سەرىپ ئەتكەن مول ئىجادىيەت مىۋېلىرىنى ئايانماي خەلققە سۇنۇپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قەلب تۆرىدە ئۆچمەس ئورۇن ئالغان پىشقەدەم مائارىپچى شۇنداقلا  20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى  20يىلىدا قەلىمى پىشقان، تەجىربىلىك بەدىئىي مائارىتى، دىتى يۇقىرى يىتۈك ئالىم، تىلشۇناس، شائىر ئابدىرىھىم  ئۆتكۈر، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتنىڭ ھارماس تۇلپارى ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئرىيىتىنىڭ مول-ھوسۇللۇق ساھىبى، كۈيچىسى، شائىر تېيىپجان ئىليوف قاتارلىق  كاتتا ئۇستاز ، ئەدىبلىرىمىز بىلەن روبائىي ئىجادىيىتىمىزدە بىر ئورۇنغا قۇيۇشقا مۇناسىپ شائىر رېشىت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ روبائىيلىرىنىڭ  مۇۋاپىقىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، تۇرپان ئەدەبىياتىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى، روبائىي ژانىرىدىن ئىستىتىك زوق ئالغۇچى ھەم روبائىي ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىندىغان قېرىنداشلىرىم بىلەن سەمىمى پىكىر ئورتاقلاشماقچىمەن.
       مېھرى ئىسسىق ئاتەش ماكان تۇرپان دىيارىدا تەۋپىق روھىنىڭ زىيالىرىنى تىخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، مەرىپەت گۈلشىنىدە ئىرپان ئەڭگۈشتىرى ئىزدىگىنىدە شۇمبۇيىلارنىڭ سېسىق، ئاچچىق، قاڭسىق پۇراقلىرىدا سېزىمىنى يوقاتمىغان، جاھالەت دوقاللىرىدا پۇتلاشسىمۇ يىقىلمىغان، ئارتۇق يۈكنىڭ ئېغىرلىغىدا بىلى مۈكچەيسىمۇ ۋايسىمىغان، سۇنمىغان، يەنىلا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئالتۇن كولدۇرمىنىڭ زىل ئاۋازىنى يىراققا ... تېخمۇ يىراققا تاراتقۇچى پىشقەدەم مائارىپچى، شائىر  رېشىت مەخسۇت 1947-يىلى سابىق  ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەدەبىي  ئىجادىيەتكە كىرىشىپ "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ  "ئەدەبىيات  گۈلزارى "  بېتىدە ئېلان قىلىنغان "ئادا قىل" ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سىپىگە قۇشۇلغان بولۇپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى روبائىيچىلىق ژانىرى چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
         رېشىت مەخسۇت روبائىي ئىجادىيىتىدە ئازادلىقتىن كېيىن ھەم ئىلگىرى  ئەل-يۇرت،ۋەتەن، دوستلۇق، ئىناقلىق، ياخشىلىق ، مەردلىك، كەمتەرلىك، سەۋىر-قانائەت، مەمەدانلىق، خۇشامەت،چىقىمچىلىق، مەرىپەتپەرۋەرلىك، چىن ئىنسانى ئىشىق-مۇھەببەت تېمىلىرىدا قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تىلى يىقىملىق،  ئاددى، چۈشنىشلىك، مېغىزلىق، يارقىن تېتىملىق يېزىپ تۇرمۇشنى رېئالىزملىق  ئۇسلۇپتا، ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىدى روھ بىلەن دادىل پەلسەپىۋى نۇقتىدا باغلاپ تەسۋىرلەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ،دەۋىرنى ماھىيەتلىك ،پاكىتلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشتە تنىمىسىز ئىزلىنىپ ،مۇپەسسەل شەرھىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ "شىنجاڭ گېزىتى"، "ئالغا گېزىتى"، "تارىم"، "تۇرپان" ژورناللىرىدا ئېلان قىلىپ خەلىقنىڭ سۆيۈپ ئۇقۇشىغا ئېرىشش بىلەن بىرگە مەرىپەت سۆيەر كىتاپخانلىرىنى ئۆز روبائىيلىرىنىڭ نادىر مول مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشۇش، ھايات ھەقىقەتلىرىنى يۇقىرى ئىستىخىيلىك ئاڭدا  چۈشۈنۈش، ياشاش يوللىرىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش، قىسمەت ئاچاللىرىدا ئېغىپ كەتمەسلىك، ھەربىر تۇرمۇش سىناقلىرىنى قۇبۇل قىلىش، ئۆزىدىن چىقىپ ئۆزگىننى چۈشىنىش ھەم تەربىيلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
      روبائىي ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدە ئۆزىگە خاس خاسلىققا، مۇكەممەللىككە ئىگە قەدىمكى شېئىرى شەكىل بولۇپ ئوي-پىكىرنىڭ جانلىق ، ئىخچاملىقى ، مىسرا تۈزلىشىنىڭ مۇكەممەللىكى ، ھېسىياتنى ئوبرازلىق، چوڭقۇر ئىپادىلىشى پەلسەپىۋى خاراكتىرىنىڭ  كۈچلۈكلىكى بىلەن خاراكتىرلىندىغان باي ئەنئەنىگە ئىگە كىلاسسىك ھەم بۈگۈنكى شېئىرىيىتىمىزدىكىمۇ    كۆزنى قاماشتۇرغۇچى ئىسىل ئەڭگۈشتەردۇر. ئۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىق ئەنئەنىسى زىمىنىدا ھەمدە ئەرەب،پارىس روبايچىلىقنىڭ تەسىرىدە  شەكىللەنگەن، تەرەققى قىلىپ ئۈزلۈكسىز بېيىغان.
       بىز ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا روبائىي ژانىرىغا ئاساس سالغان پارچىلارنى 11-ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئەدەبى يادىكارى . ئۇلۇغ ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ "تۈ*ركى تىللاردىۋانى"داكۆپ ئۇچرىتىمىز.
      روبائىينىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرىنى  يەنە بىز بۈيۈك مۇتەپەككۈر ، ئۇلۇغ پەيلاسوپ ، شائىر ، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە قامۇس ئەسىرى "قۇتادغۇبىلىك "تىنمۇ   كۆرەلەيمىز.
       مۇكەممەل رۇبائى ئۈلگىسىنى مەۋلانە لۇتفى ياراتتى.
       ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر شائىر ھەم مۇتەپەككۈر ئەلشىر نەۋائى رۇبائى ژانىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ كامالەتكە ئىگە قىلدى. پارس شائىرى ، مۇتەپەككۈر ئۆمەر ھەيياممۇ رۇبايچىلىقىتا دۇنيادا چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەن يۈكسەك ھۆرمەت ئىگىلىرىنىڭ بىرى.
        روبائىي ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئرىيىتىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى شېئىرى شەكىللەرنىڭ بىرى .ئۇ تۆت مىسرادىن تۈزۈلىدىغان، ئۆزئالدىغا  مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەپ كىتاپخاننى ئويلاندۇردىغان ،يىڭى، تىرەن پەلسەپىۋى پىكىرنى بايان قىلىدۇ.
         قاپىيە تۈزۈلۈش جەھەتتىن روبائىيلاردا كۆپرەك 1-،2-،4-مىسرالار ئۆزئالدىغا بىرخىل قاپىيە بۇلۇپ ،3-مىسراسى ئۇچۇق(قاپىيسىز) قالدۇرۇلىدۇ.
          روبائىي ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىدا تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ، پەلسەپىۋى قاراشلارنى ، دىدادىتىكا ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلارنى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاپادارلىق،سۆيگۈ-مۇھەببەت،چىن ئىنسانىيلىك،ۋىسال،گۈزەل-ئەخلاقى پەزىيلەت، ئار-نۇمۇس، ۋىجدان، ئەقىدە قاتارلىق نۇقتىلارنى بەدىئى ئوبرازلاردا روشەن خاراكتىرلەندۈرۈپ كىشلىك ھايات ھەقىقەتلىرىنى دەلىللەپ كەلدى.
           مائارىپچى ،شائىر رېشىت مەخسۇتمۇ دەل مۇشۇنداق ئەدەبىياتنىڭ قۇراللىق ھەم سەنئەتلىك تەرىپىگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىپ رۇبائىي ئىجادىيىتىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ ،خەلق ئىچىدە ياخشى تەسىر قوزغاپ ئوتلۇق قەلىپلەر تۆرىدە ئۆلمەس سىماسى بىلەن، ياخشى تىلەكلەر بابىدا يادلىنىپ تەرىپلەندى.
           رېشىت مەخسۇت مائارىپچىغا خاس يۈكسەك مەسئۇلىيەت، ئىنچىكلىك، گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت ، شائىرغا تالىق ھەققانىيەت ، غورۇر، ئەقىدە تۇيغۇسىدا تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ دەۋىرنى ھەقىيقى ماھىيىتى بىلەن كۆزىتىپ ھاسىلاتلارنى روبائىي ئىجادىيىتى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ  يېڭى دەۋىر شېئىرىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى تىخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە قىلدى.
            يېڭى زامان ئۇيغۇر روبائىيچىلىقىدا بىر قەدەر كەڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ، ئومۇملىششى يۇقىرى تېما ۋەتەنپەرۋەرلىك . كىتاپخانلىرىمىزغا ئەقەللى ساۋاتكى ھەربىر ۋەتەنپەرۋەر شائىرنىڭ نەزىرىدە ۋەتەن سۆيگۈسى ،يۇرت ئىشقى، ۋەتەننىڭ بۈيۈك سىماسى ، ۋەتەننىڭ قەدىر-قىممىتى ھەرۋاقىت ھەممىدىن ئەزىز ۋە مۇقەددەستۇر.

شائىر رېشىت مەخسۇت:

ۋەتەننىڭ ،مىللەتنىڭ ئابرويى ئەلا،
ھەممىدىن ئۇلارنىڭ ئارزويى ئەلا.
ئورنىنى باسالماس ھەرخىل خۇشپۇراق،
ئەل-يۇرتنىڭ ھۇزۇر بەخىش ھىد-بۇيى ئەلا.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

يۇرتۇمنىڭ تۇپرىقى ماڭا زەر _كۈمۈش،
ئىپاردەك پۇرار ھەر گىياھ،ھەر قۇمۇش.
دۇنياغا كۆزئاچقان مەن مۇشۇ يۇرتتا،
ئارزويۇم يەنە شۇ بۇ يۇرتتا كۆز يۇمۇش.

       دېگەن رۇبائىيلىرىدا ئاجايىب گۈزەل ،نەپىس تىل،دەل جايىغا چۈشكەن بەدىئى ۋاستىلەر ئارقىلىق ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش،ئىپتىخارلىنىش،ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش كۈچلۈك جاسارەت ،چەكسىز كۈيۈم ئىچىدە ۋاپادارلىقنىڭ موڭىنى سىڭدۈرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ جاراڭلىق ،ئۆلمەس مىلودىيىسىنى ياڭرىتىپ  بەرگەن .
       ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسى  خەلقپەرۋەرلىكتۇر.خەلقچىللىقنىڭ ئىپادىسى خەلقنى سۆيۈش،خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش،خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئېقىش قىسقىسى جۈملىدىن خەلق بىلەن ھەمنەپەس بۇلۇشتىن ئىبارەت بولۇپ پىشقەدەم مائارىپچى ،شائىر رىشىت مەخسۈت خەلقچىللىقنىمۇ سەنئەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

گەر ئالتۇن بولىمەن دىسەڭ ئېغىر بول،
خەلقنى يۈرەك دەپ،ئۆزەڭ بىغىر بول.
خەلقنىڭ يۈكىنى كۈتەر تۆگىدەك ،
زارلانما ،مەيلى سەن چارچا يىغىر بول.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

ئەل ئۇسساپ چاڭقىسا ياغ بۇلۇپ يامغۇر،
ئىسسىقتا قىزىسا شامال بول غۇر-غۇر.
جاپادا ئالدىدا ،نەپتە كېيىن تۇر ،
ئەل كۈلسە بىللە كۈل ،قايغۇرسا قايغۇر.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

      يۇقىردىكى رۇبائىينىڭ ھەر بىر مىسراسىدا خەلقچىللىقنىڭ ئەزىم نۇرلىرى يالتىراپ كۆزنى قاماشتۇرۇپ ئۇقۇرمەننى تەبىئى ھالدا ئۆزىگە قارىتىپ قەلبىنى ئالەمچە لەرزىگە سىلىپ ئىزگۈلىككە باشلايدۇ.
       شائىر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە  ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بىيپايان يايلىقىدا چاققا ئوتتەك پۇراقسىزلىقى ،زەھەرلىكلىكى بىلەن گۈزەل مۇھىتنى بۇزدىغان ئىناقسىزلىققا قارىشى تۇرۇپ خەلىقنى ئىناق ،ئىجىل ،ئىتىپاقلىققا تەرغىپ قىلىش خائىشچانلىقى كۈچلۈك روبائىيلىرىنى سۇنغان.


بىلگىنكى ھاياتتا ئەلدىن ئايرىلىش،
گوياكى شەمشەرنىڭ بىسى قايرىلىش.
سەن بىر قۇش ئەل سېنىڭ ئىككى قانىتىڭ،
مۇمكىنمۇ قاناتسىز قۇش پەرۋاز قىلىش.

رېشىت مەخسۇت  دەۋىرگە ماسلىشىپ ،تۇرمۇشقا ئىچكىرلەپ چۆكۈپ دەۋىرنىڭ ماھىيىتىنى ،تەلىپىنى ،ياشاش ھايات يوللىرىنى رېىئازىملىق ئوسلۇپتا يۇرۇتقانلىقىغا تۆۋەندىكى روبائىيسى بىلەن تولۇق قانائەتلىنىمىز.

بىر مىللەتتە گەر بولسا بۆلۈنۈش،
مۇمكىن ئەمەس تەرەققىيات ،گۈللىنىش.
كارۋان يىتەر مەنزىلىگە  ئاداشماي،
بىرلىكى چىڭ،توغرا بولسا يۆنىلىش.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

يىپىشىپ چىرىگەن ئەنئەنىلەرگە،
قالمايلى مەسخىرە ھەم تەنىلەرگە.
ئەنئەنە ئىسلاھات بىلەن بىرلەشسە،
چۆمىمىز خۇشاللىق تەنتەنىلەرگە.

      بەدىئىيلىك نۇقتىسىدىكى مۇۋەپىقىيىتىدىن ئېيتقاندا رىشىت مەخسۇت رۇبائىيلىرى تىلى ئاددى،چۈشنىشلىك،ئىخچام،ئامىيباب خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا ،تىلىغا يىقىنلىقى ئوبرازچانلىقى  بىلەن گەۋدىلىندۇ.

مەن ئالتۇن دەپ يۈرمە ئەسلى بولساڭ مىس،
مىس بولساڭ مەن مىس دەپ قۇيرىقىڭنى قىس.
بىرنى بىر ،ئىككىنى ئىككى دەيدۇ ئەل،
رەنجىمە ئوتنى ئوت ،ئىسنى دېسە ئىس.

       رېشىت مەخسۇت پىشقەدەم مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر چۈكۈپ ، ئۇقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ ۋەتەننىڭ ئۈمۈدى،كىلەچىكى ياش-ئۈسمۈرلەرنىڭ ئۆزلۈك تەربىيىسىگە زور ئەھمىيەت بەرگەن بولغاچقا ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئالىي مىزانى بولغان ئەخلاق كاتوگىرىيىسىدىكى كەڭ قۇرساقلىق،مەردلىك ،سەمىمىيەت،ياخشىلىق،كەمتەرلىك مەزمۇنلىرىنى پەلسەپىۋى مەزمۇن،شېئىرى پىكىر، شېئىرى ھېسيات،رۇبائىي شەكلىدە ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى بۇ بايانلىرىدىن بىلەلەيمىز.

ھەسەت گەر ئازدۇرسا،ئاڭا بېرىلىپ،
يۈرمە كىم گۈل قىسسا ئىچىڭ سېرىلىپ.
باشقىلار بەختىنى ئۆز بەختىڭ بىلىپ،
كەڭ قۇرساق، مەردانە  ياشا كېرىلىپ.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

كەڭ قۇرساق كىشىنىڭ كۆڭلى گويا باغ،
بۇلبۇللار ناۋاسى ياڭرايدۇ ھەر چاغ.
ھەر دىلنى سېھىردەك مەپتۇن قىلار ئۇ،
دىللاردا ئوبرازى بۇلۇپ بۈيۈك تاغ.

      ئۇنىڭ يەنە نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ،ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى رۇبايلىرىنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ  ئەخلاقى تەربىيەنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئەخلاقسىزلىقنى قامچىلاپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىشقا كىتاپخانلارنى يىتەكلەپ توغرا يول كۆرسەتكەنلىكىنى   كۆرىۋالالايمىز،

كىم بولسا ئەخلاقلىق ،ئەقىل تەدبىرلىك،
ئەلۋەتتە شۇ بولسۇن ئېزىز –قەدىرلىك.
پەرزەنتىم ،تۇغقىنىم ياكى دەپ"لىق-لىك"
خەلقنىڭ رايىغا قىلما مۇنكىرلىك،

*****  *****  ******  ******  ******  *****

نۇمۇستۇر زىت قىلمىش گۈزەل ئەخلاققا ،
نۇمۇستۇر بېرىلىش نەپ،نام –ئاتاققا .
ئەپسۇسكى بەزىلەر ئەخلاقنى ئۇنتۇپ،
ئۇنۇڭدىن يىراقلاپ كەتتى يىراققا .

          شائىر ئىنسانى خوسوسيەتنى بەرپا قىلغۇچى بىلىم  –مەرىپەت ئۆگۈنۈشنى ،بىلىمنىڭ قىممىتىنى ،قۇدرىتىنى ،مۇنداق ئىزھار قىلىدۇ.

بىلىمنى لەيلى دەپ سەن مەجنون سىياق،
بىلىمگە باغلىغىن چىندىن ئىشتىياق.
ساداقەت دەشتىدىن چەكسە رىيازەت،
ۋاپادار لەيلى شاد ئاچار كەڭ قۇچاق.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

بىلىمدىن ئەركىنلىك چوڭلايدۇ، دوستۇم،
ئۇ قىيىن ئىشىڭنى ئوڭلايدۇ،دوستۇم.
ناداننىڭ پۇت قۇلى ھەتتا تۇمۇزدا،
ئىللىماي ئەكسىچە توڭلايدۇ ،دوستۇم.

      بىلىمسىزلىكنىڭ ئادەمنى خار-زارلىقتا ۋەيران قىلمىش يامان تەرەپلىرىنى ئەقلى ئويغاق ،كۆڭلى تۇيغۇنلىقتامۇنداق  يەكۈنلەيدۇ.

بىلىمىسىز تىلەيدۇ ئابروي ئۆزىگە ،
ئىمتىياز كۆزلەيدۇ قانماي نەپسىگە.
قورسىقى تويسىمۇ ،كۆزى تويمايدۇ،
ئۇخلىسا كىرىدۇ تېرىق چۈشىگە.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلمەس نادانلار،
بىلىمسىز جاھىل دەپ بەدنام ئالغانلار.
ئۇلارنى ئوخشاتسام دەريا بويىدا ،
ئولتۇرۇپ كالپۇكى قۇرۇپ قالغانلار.

         مەرىپەتپەرۋەرلىكنىڭ ھالاللىقىنى ،خاسيىتىنى كۈيلىگىنىدە مەرىپەت يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئسىدىن چىقارماي بايان قىلىدۇ.

خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىش كېرەك،
ئۇلارغا ئىلىم –پەن ئۆگۈتۈش كېرەك.
نامراتلىق يىلتىزى قۇرۇسۇن دىسەڭ،
نادانلىق ھالەتنى تۈگۈتۈش كېرەك.

        دېيىش ئارقىلىق مەرىپەتۋەرلىك بىلەن جاھالەتكە،نادانلىققا ئوت ئىچىشقا ئۈندەيدۇ.
        رېشىت مەخسۇت  ئۆزئىجادىيىتىدە يەنەنەپسانىيەتچىلىك،مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك،چىقىمچىلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق پاش قىلىپ ،ئۇنى جەمىيەتنىڭ تەرتىۋىنى،خەلقنىڭ ئىدولوگىيىسىنى بۇزدىغان سەلبى ئاپەتلەرنىڭ ئاساسى مەنبەسى دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا نەپسىانىيەتچى كىشىلەر ئادىمىيلىكىنى يۇقاتقان شەكلەن ئادەملەر ،ئۇلار ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھايۋاندۇر دىگەن بەدىئى خۇلاسىنى ئۇتتۇرغا قۇيىدۇ:

ھايۋاندەك يەپ ئىچىپ ياشاپ ئۇزۇن يىل،
مەن ئادەم دېگىلى  بولمامسەن خجىل؟!
بولمىسا مىللەتكە ئاز تولا تۆھپەڭ ،
شەكىلدە ئادەمسەن ھايۋانغا ئىجىل.

       شائىر يەنە ھاياتلىقتىكى ياشاش ئەقىدىلىرىنى رۇبائىيچىلىقتىكى  ئەنئەنىۋى تېما ئەخلاقتىكى ياخشىلىق، پاكلىقنىڭ مەنبەسى ھالال ياشاشتىن،مېھنەتتىن باشلىندۇ دەپ قاراپ،بۇ ھەقتە:

ھەركىمنى سىنايدۇ ھالال ۋە ھارام،
قىلار مەرد كىشىنى ھارام بىئارام.
ئوخشايدۇ ھارام بىر سېسىق ئالمىغا،
بىر سىۋەت ئالمىنى چىرىتار تامام،  

        دېگەن مىسرالاردا تىرەن يورۇتۇپ بىرىش بىلەن بىر گە تۆۋەندىكى مىسرالىرى ئارقىلىق پاكلىقنى ئۇلۇغلىغان.

ئىنسانغا ساغلاملىق ،ساقلىق ياخشىراق،
جىسمانى مەنىۋى پاكلىق  ياخشىراق.
تېنى ئاق يا قارا سېرىق بولسۇن،
مۇھىمى كۆڭلى پاك ،ئاقلىق ياخشىراق.

       مەنمەنچىلىك بىلەن سەمىيمىيەتنى سەۋەپ –نەتىجە مۇناسىتىدە باغلاپ تۆۋەندىكى مىسرالىرىدا بايان قىلغان.

مەنمەنلىك ئەزەلدىن شەيتاننىڭ ئىشى،
مەنمەنلىك قىلمايدۇ سەمىمى كىشى.
مەنمەنلىك بولغاچقا شەيتان قىلمىشى،
ياغدۇرار ھەمىشە ئەل نەپرەت تېشى.

       ئالەم بىنا بۇلۇپ ئىنسان ئاپىرىدە بولغان ئەلمىساقتىن بۇيان مۇھەببەت ئىنساننىڭ چىن ئىنسانلىق قىممىتىنى تۇنۇتىدىغان ،ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن تارازىلىقى بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدىبىياتىنىڭ ئەبەدىيلىك تىېمىسى. ئىجدىمائى تۇرمۇشنى سۈيۈش،ئادەمنى ئۇلۇغلاش،سۈزۈك ئىمان،يىمىرىلمەس ئىتقاد ،سۇنماس ئىرادە،يۈكسەك مەسئوليەت بىلەن قولىغا قەلەم ئالغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ قانچە يازسىمۇ زىرىكمەيدىغان،كۈيلەپ ھارمايدىغان ئەقىدىسىنىڭ مەزمونى بولدى.رىشىت مەخسوتتەك بىزنىڭ ھارماس باغۋىنىمىزھەم شائىرىمىزمۇ چىكى،باھاسى يۇق .ئىنسانغا قانچىلىك مەنىۋى كۈچ قۇشۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان دۇنيانى ئۇنۇڭغا باغلىماي تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان سىرلىق ھەم بەكمۇ ئادەتتىكىچە ،ئۇلۇغۋار ھەم ئاددى،تاتلىق ھەم ئاچچىق،ئازاپلىق ھەم شېرىن يىقىملىق ھەم نەپرەتكە نەپىس،زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن مۇھەببەتنى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىككە كۆترىپ ،ئۇنى ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىستىكى،ئىتقادى،ئىستىتىك ئېڭى،بۇرچى،ساداقىتى،پىداكارلىق روھى،ئەجىر –مېھنىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراپ،مۇھەببەتنىڭ چەكسىز ئۇلۇغۋارلىقىنى،مۇقەددەسلىكىنى،لىرىكلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

سۆيگۈنۈم ئادىدا سادىق بىر ئەرمەن،
قەلبىمنى يۇشۇرماي ئۇنۇڭغا دەرمەن.
ئۇمۇھەم ماڭا ئەڭ  سادىق بىر دىلبەر ،
ئۇ ماڭا بىر ئالتۇن،ئاڭا گۆھەرمەن.

      مۇھەببەتنىڭ شېرىن مېۋىسى ۋىسالغا يىتىشنىڭ نەقەدەر قىيىن،ئاشىقنى سىنايدىغان مۈشكەل ئۆتكەللىكىنى شېئرىي تۇيغۇ،كونكىرىت رۇبائى مەزمون ھەم شەكلىدە بايان ئىتىپ مۇھەببەتكە ئىنتىلدىغان قەلىبلەرگە ئىلھام بەردى.
مىسالى بۇ قۇرلاردا ئېيتقىنىدەك:

ئاشىقتا بىر شېرىن ئارمان بولىدۇ،
قەلبىدە ئۇ سۆيگەن جانان بولىدۇ.
ۋىسالنىڭ يولىدا بەكمۇ خەتەرلىك،
قانچە دەشت،تاغ،دەريا،داۋان بولىدۇ.

        شائىر رېشىت مەخسۇت  ئۆز دەۋىرنىڭ ھەقىيقى ئىسمى ،جىسمىغا لايىق مائارىپچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانى دىئالىكتىكىلىق بىرلىكنىڭ  مەۋجوتلىغىدن ئوبرازلىق تەپەككۈر قىلىپ كىشىلەرگە ھايات ،تەبىئەت ،شەيئىيلەرقانونيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ،باغلانما تەسەۋۋۇر ئىدىيىسىدىن دەلىللەپ ئىچكى باغلىنىشنى ،ماھىيەتنى،مەۋجوتلىقنى شەرھىيلىگەن.

شەئىيلەر ئۆزگىرەر ئىسسىق-سۇغۇقتىن،
ئىش چىقار ھەمىشە ئاچتىن يا توقتىن.
ھازىر ئىش چىقماقتا ئاچلاردىن كۆرە،
توقلۇقتىن جاھانغا پاتمىغان  شوقتىن.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

كۈنلەرنى مەنىسىز ئۈتكۈزەر ئىنسان،
گوياكى ئۇنۇڭغا مەڭگۈلۈكتەك جان.
بوش ئۆتكەن كۈنلەرنى تولدۇرۇپ بولماس،
دۇنياغا بىر كىلىپ ،بىر كىتەر ئىنسان.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

بىرەلمەس ئاي يورۇق قۇياش بولمىسا،
پۇت قولدىن نە ھاسىل گەر باش بولمىسا.
دەل-دەرەخ ئۆسەلمەس ،مېۋە بېرەلمەس،
يىلتىزى زېمىنغا تۇتاش بولمىسا.

      روبائىي ئۆزىگە خاس شېئىرىي خوسوسيەتكە ،مۇكەممەل بەدىئى شەكىلگە ئىگە.ئۇنۇڭدا ھەم نازۇك ھىس- تۇيغۇ ،چوڭقۇر تەسەۋۋۇر،پەلسەپىۋى پىكىر،گۈزەل تىل،ئوبرازلىق تەپەككۈر ،يارقىن بەدىئى ۋاستىلەر بۇلىدۇ.رىشىت مەخسۇتمۇ كۆپ  رۇبائىيلىرىدا ئوخشىتىش،سىلىشتۇرۇش،سۈپۈتلەش،جاللاندۇرۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇلۇپ ھەربىرىنىڭ ئورنى ھەم رولىنى تۆۋەندىكى مىسرالاردىن كۆرىۋالىمىز.

ھەر ئىشنىڭ سانىدىن سۈپىتى ئەلا،
ئىنساننىڭ سۆزىدىن ھەركىتى ئەلا .
سامادا ئەڭ ئېگىز ئۇچقان سارلاردىن،
پەس ئۇچقان مەردانە بۈركۈتى ئەلا.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

كۆڭلۈمنىڭ ئاسمىنى قاتتىق گۈلدۈرلەپ،
كۆزۈمدىن يامغۇرلار ياغدى مۆلدۈرلەپ.
ئىشەنگەن دوستلارنىڭ باغرى تاشمىكىن؟!
نە ھالىڭ دىمەستىن قاچتى بىر –بىرلەپ.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

قورقۇنچاق ئادەملەر توشقانغا ئوخشاش،
گوياكى قوش كېزەك تۇغقانغا ئوخشاش.
قورقىدۇ يۇلتۇزلار شىلدىرلىسىمۇ،
توشقانلار ئۆلگىدەك قورققانغا ئوخشاش.

      تىل  پىكىر قىلىشنىڭ ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇنىڭمۇھىم قۇرالى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشنىڭ ئامىلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا ئاڭ فورماتسىيىدىن پەرىقلىندىغان ئالاھىدە تەرىپى.ماكسىم گوركى"<ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئامىلى تىل ،تىل_ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق قۇرالى،ئۇ ھەرخىل پاكىت ،تۇرمۇش ھادىسلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ئەدەبىياتنىڭ ماتىريالىنى تەشكىل قىلىدۇ>،<ئەدەبىيات تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ ،تىپ ۋە خاراكتىر يارىتىدۇ.تىل ئارقىلىق رىئال ۋەقەلەر ،تەبىئەت مەنزىرلىرى ۋە تەپەككۈر قىلىش جەرياننى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ>دەپ كۆرسىتىدۇ.
رىشىت مەخسۇت رۇبائىينىڭ تىلىنى  جانلىق،ئوبرازلىق دەرىجىسىگە كۆترۈشتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل بايلىقلىرىدىن ،ماقال- تەمسىل،ئىدىيوم،ھىكمەتلىك سۆزدىن ئىبارەت تۇراقلىق تەركىبلەردىن ئەپچىل،ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ رۇبائىينى دىداتىك لىرىك تىل بىلەن بىرلەشتۈرگەن.

چۈشىدۇ شاگىرتلار ئۇستازنى بېسىپ،
بۇ شەرەپ ھەممىگە بولمايدۇ نېسىپ.
تىرىشقان كېيىنكى مۈڭگۈزگە ئوخشاش،
بۇرۇنقى قۇلاقتىن كېتىدۇ ئېشىپ.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

  دوست ۋاپا ئەيلىسە جېنىدىن كېچىپ،
قازاننى چاقمىغىن ئېشىنى ئىچىپ.
ئىنساننىڭ قىممىتى ۋاپادارلىقتا،
ۋاراقلاپ كۆر تارىخ بىتىنى ئىچىپ.

ئەل ئۇنداق قازانغا  مۇنداق چۈمۈچ دەر ،
بۇ ئادىل ئەقىلگە ئۇيغۇن قىلمىش دەر.
ئاللا:كىم ئەپونى دوست تۇتسا مەندەك،
شۇ پازىل بەندە مېنىڭ نىجايى بىھىش دەر.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

نەئەجەپ قاغا گەر مەن ئاپپاق دېسە،
گۇپاڭچى دوستلىرى ھە شۇنداق دېسە.
تاللىغان يولۇڭنى ئاتاڭغا بەرمە،
باشقىلار يا ئۇنداق يا مۇنداق دېسە.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

ياماندىن قاچ ئۇتۇن ئوتتىن قورققاندەك،
مايسىنى بوران يا جۇدۇن سوققاندەك.
ساڭا بىر بالاسى تەگمەي قالمايدۇ،
قازانغا يۇلۇقساڭ قارا يۇققاندەك.

      لۇغەت تەركىبى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ھىساپلىندۇ ،ھەرقانداق تىلدىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى نەھەيىتى كەڭ بۇلىدۇ.جۈملىدن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن.ئۇيغۇرتىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قوللىنىش دائىرىسىگە قاراپ ئاساسى لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىندۇ.
رىشىت مەخسۈتمۇ ئادەتتىكى  لوغەت تەركىبىگە كىردىغان سۆزلەرنى ئاز بىر قىسىم رۇبائىيلىرىدا ئىشلەتكەن.

ئەقلىم بار دېسە ھەر كىشى ئۆزىدە ،
قارىسۇن لەيلىگە مەجنون كۆزىدە.
نادان شۇ ،ئەخمەق شۇ ھەممىلا ئىشنى ،
ئۆلچەيمەن دېسە ئۇ شەخسى گېزىدە.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

بار ئىكەن ھەر ئىشنىڭ قانونيىتى،
بىلگنلەر ئىش قىلار شۇ قانون پېتى.
ئاددىيسى قۇلۇپنى كىم ئاچالايدۇ؟
قولىدا بولمىسا ئۇنۇڭ كىلىتى.

*****  *****  ******  ******  ******  *****

كەلسە گەر ناگىھان تارىخى پۇرسەت،
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ باتۇرلۇق كۆرسەت.
بۇ ئەمەس ھەرگىزمۇ پۇرسەتپەرەسلىك،
بۇ سەندە بارلىقى ئەقىل پاراسەت.

      يۇقىردىكى روبائىيلىرىدا ئىشلەتكەن ناگىھان، كىلىتى، گېزىدەقاتارلىق ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگەتەۋە سۆزلەر رۇبائىينىڭ تىل ئىشلىتىش بەدىئىيلىكىگە نىسپەتەن  تەسىر كۆرسەتسىمۇ شەخسەن مەن رىشىت مەخسۇت رۇبائىيلىرىنىڭ  ئىدىيۋىلىكى نۇقتىسىدىن مەزمۇن ئىپادىسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە  سىلىشتۇرغاندا يەنىلا كىچىك مەسلە دەپ قارايمەن.
     ئومۇملاشتۇرغاندا پىشقەدەم مائارىپچى،شائىر رىشىت مەخسۇت رۇبائىيچىلىقنىڭ يىڭى زامان ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئەنئەنىۋىي تېمىلارغا  ئىجابى ۋارىسلىق قىلىپ روبائىينىڭ ئىخچاملىقى ،سۆزتاللاش سەنئىتى ،پىكىرنى دەل جايىدا ئىپادىلەلەيدىغان خاسلىقلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى تەپەككۈر،لىرىك تەسەۋۋۇر ،گۈزەل بەدىئى ۋاستىلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ ئۇيغۇر روبائىيچىلىقمىزغا تۆھپە قۇشقان،ئىجادىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ قىزىشىمىزغا ئەرزىيدىغان،ئەجر-مېھنىتىدىن تۇرپان خەلقى پەخرلىندىغان شائىردۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر :

مۇھەممەت نىياز نەشىرگە تەييارلىغان رېشىت مەخسۇت روبائىرلىرى.

ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپلەرنىڭ ئەدىبىيات دەرسلىك 1-كىتاب.

ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيە ئاساسلىرى1-كىتاپ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 12:07  


mukam.cn

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 716
تۆھپە : 1
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 12:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخسەن مېۋىلىك ھەم سايىلىك بول،
ئادەمسەن ئەخلاقلىق ھەم غايىلىك بول.
مەرىپەت بازىرى قىزىدى قايناپ،
قۇرۇق قول يۈرمىگىن دەسمايىلىك بول.

بۇ رۇبائىي مەرھۇم رېشىت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان رۇبائىيلىرىنىڭ بىرى.
مەلىكە ھەدەمنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت! ھەدە، تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ!

ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش