جەم قىلدى ئەدىبلەرنى بىر ئوغلان،% I; A% s' Y: x6 y
سېلىپ چىن دىلىدىن داستىخان،4 r( x: c2 J; f; j# r& i; p6 P* p
ئىزگۈ نىيەت، ئىزگۈ ھېسقا ئورالدۇق،' f+ F) {* Z; P" E: y
سەمىمىي تىلەكلەرنى ئېيتقاندا ئىرپان.
, R3 S4 H% ^& p% uبۆگۈن، ئىيۇننىڭ 7 - كۈنى كەچ دىيارى ئۇدۇن شەپەق نۇرلىرىغا چۆمۈلگەن بىر مەھەلدە تەبرىزىم يولىغا يېڭىدىن ئېچىلغان ئاسانات تائاملار سارىيىنىڭ چوڭ بىر بۆلمىسى ئاجايىپ قىزىپ كەتكەن ئىدى.
6 F [8 c6 ~2 L( O- bتۆردە سورۇنىمىزنىڭ يارىشىقى مويسىپىتلار سالاپەت بىلەن ئولتۇراتتى. ئەنە، پەخرىمىز نۇرمۇھەممەد توختى ئاكا شىلەپىسىنى ئىلىپ قويۇپ، چىرايلىق، بۇدرۇققىنا يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ توردە ئولتۇرىدۇ. يېنىدا تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر تۇرسۇن، يازغۇچى مەتقاسىم ئابدۇراخمان، يازغۇچى ، دىراماتورگ مەمتىمىن قۇربان، تەتقىقاتچىمىز مەمتىمىن تۇردى، شائىر ئابلەت قادىرى قاتارلىق يول ئاچقۇچىلىرىمىز خۇشخۇيلۇق بىلەن ئولتۇرىدۇ. يېنىدا ئىز باسارلاردىن، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىمىز تۇرسۇنجان مۇھەممەد، مۇھەممەد سېلىم مۇھەممەد قاسىم، شائىر مۇختار سۈپۈرگى، ئابدۇرېھىم زۇنۇن، ئەركىن داۋۇت ئوغۇز، ئەدەبىي تەرجىمان، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمان داۋۇت ئادىل، يازغۇچى ئايمۇھەممەد ساھىبى قاتارلىقلار جۇشقۇن قىياپەتتە مويسىپىتلەرگە بېقىپ، سۆزلىرىگە قولاق قېقىپ، ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر ئۈستەلدە بىز ئۈچىنچى ئەۋلاد ياشلارمىز، دېگەندەك، جاسارەت جاپپار، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*رك، مەتتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن، ئابدۇلھەمىد ياسىن، ياسىن ئابدۇقادىر، مەتتۇرسۇن سىدىق... قاتارلىقلار يالقۇنلۇق ھېسسىياتلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى سالماق تۇتۇشقا تېرىشىپ ئولتۇرۇشماقتا. يەنە نەچچىلىگەن تونۇش چىراي مېھمانلار، قاراقاشنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن دىلكەش دوستلار، رەھبەرلەر، مويسىپىتلار بار ئۈستەلگە بويۇن سوزۇپ ئەدەب بىلەن ئولتۇرىدۇ. ساھىبخانلىق ئورۇندا ئىرپان شىركىتىنىڭ يولباشچىسى، مەرىپەتسۆيەر، ئەدىبسۆيەر كارخانىچى ئابدۇللا ئىرپان، ئىرپان شىركىتىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن تەبەسسۇملار بىلەن ساھىبخانلىق قىلماقتا ئىدى. مانا ئابدۇللا ئىرپان سۆزگە ئۆتۈپ، بۆگۈنكى يېغىلىشنىڭ رەسمىي مەخسەت، مۇددىئالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
) U3 ^; A: |% ~ـ دىيارىمىز خوتەن بولسا ئاجايىپ نۇرغۇن پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا تولۇپ تۇرۇپتۇ. قىيىنچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇ يەرگە يېغىلىشىمىز مۇنداق ئۈچ مەقسەتنى نىشان قىلغان، 1- مەن ھۆرمەت ساھىبى، قەلەم ئاشنالىرى بولغان ھەرقايسىڭىزلارنى بۇرۇن بىر نۆۋەت يىغقان، ئارىدىن ئىككى ئۈچ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يىغىپ چاي بېرىشكە، شىركەت نامىدىن ھەرقايسىلىرىدىن ھال سوراشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى، مانا بۆگۈن بۇ پۇرسەتلەر ئۈستىدە تۇرۇپتىمىز، ھەممىڭلارنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىدىكى ئارامىڭلارغا كۆڭۈللۈك بىر ئەنجۈمەننى ئويۇشتۇرۇش، ئىشلىرىڭلارغا تۈرتكە بولسا دېگەن ئۈمىدتە بۇ داستىخاننى سالدۇق. ئىككىنچىدىن، يېقىندىن بويان دىيارىمىزدا كىشىنى شادلاندۇرغىدەك نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، بىزنى ھاياجانلارغا چۆمدۈرمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە جاسارەت جاپپارنىڭ «بۆرە قىز» ناملىق رومانى بىلەن بۇرادىرىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق پوۋېسىت - ھېكايىلەر توپلىمى مۇشۇ يېقىندا نەشىردىن چىقىپتۇ. بىز مۇشۇ ئىككى ئاغىنىمىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش مەقسىدىدە بۇ يەرگە سورۇن ئۇيۇشتۇق. : i( i" u* X2 x6 V1 N
ئابدۇللا ئىرپاننىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىرپان خىزمەتچىلىرى ئىرپان لوغىتى سېلىنغان سومكىلارنى كۆتۈرۈپ كەلدى. جاسارەت جاپپار بىلەن ئابدۇلھەمىد ياسىن ئابدۇللا ئىرپاننىڭ يېنىغا چىقتى. ئابدۇللا ئىرپان بۇ ئىككى ئەزىمىتىمىزگە بىردىن ئىرپان لوغىتىنى سوۋغا قىلدى ۋە:, X, n- \ y8 u l
بۇ قېتىم قايتىشقا ئالدىراۋاتقان بولغاچقا ئاددىيلا مۇشۇ سوۋغاتنى تەييارلىدۇق، كېيىنكى قېتىم، ئەسەرلىرىڭلار ئېلان قىلىنغان ھامان، چوقۇم ياخشى ياخشى سوۋغىلار بىلەن راۋرۇس تەبرىكلەيمەن.. j. c! X% Z: e0 B" _' R
ئابدۇللا ئىرپاننىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە جاسارەت جاپپار ئۆزىنىڭ «بۆرە قىز» ناملىق رومانىدىن ئىككىنى ئېلىپ، بىرنى ئابدۇللا ئىرپانغا، بىرنى ھۆرمەت ساھىبىمىز نۇرمۇھەممەد توختى ئاكىمىزغا سوۋغا قىلدى. ئاندىن ئابدۇللا ئىرپان سۆز باشلىدى:
. X9 z6 Y. O( E( j1 ]ئۈچىنچى مەقسەت، ھەممىڭلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسنى، رىقابەتنى چېنىقىش پۇرسىتى دەپ بىلىپ، كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلسىكەن ، ناھايىتى يوقىرى ساپالىق ئەسەرلەر مەيدانغا چىقسىكەن، مۇشۇ ئىزگۈ تىلەكلىرىمىزنى ئەدىبلىرىمىزگە بىلدۈرسەككەن دەپ بۇ داستىخاننى سالدۇق...
( f x/ k- z1 Q) aئابدۇللا ئىرپاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرى ۋە يۇقىرى ناتىقلىق سەنئىتى نامايەن قىلىنغان يوقارقى سۆزى تۆگىگەندە سورۇننى گۈلدۇراس ئالقىشلار قاپلىدى., M" J) W$ n, B# ]. N
ئارقىدىن مۇشۇ يەردىكى ھۆرمەت تەختىمىزنىڭ سۇلتانى نۇرمۇھەممەد توختى ئاكا سۆز ئېلىپ، ئابدۇللا ئىرپاننىڭ شەخسىيەتسىز ھالدىكى ئىزگۈ تىلەكلىرىگە ئاپرىن ئېيتتى. ئاندىن سۆز قىلىپ، «ھەزرىتى ئائىشە» ناملىق كىتابتا ئەدەبىيات دېگەن ئۇقۇمغا چىرايلىق سۆزلەش دەپ تەبىر بىرىپتۇ. ماۋۇ ئابدۇرېھىم، مۇختار سۈپۈرگىلەر بالىلارغا سۆزلىسە سۆزلىسە ئەدەبىيات دېگەننى تىل سەنئىتى دەپ سۆزلەيدۇ، ھەقىقەتەنمۇ تىلنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىش، پىشقان، قايماقتەك ياغلىشىپ كەتكەن يۇقىرى بالاغەتتىكى تىلنى ئىشلىتىپ ئەسەر يېزىش بەك مۇھىم، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار مۇشۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرسە. ئىزچىللىق، تىرىشچانلىق ئۈزۈلۈپ قالمىسا...
7 s G& _8 R" t8 N/ ]دېگەندەك ئىزگۈ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، سورۇن قاتناشچىلىرىنىڭ ئىچىنى ئىسسىققىنا قىلىپ قويدى.
( t9 \9 `( R% u3 a. {$ X, Aئاندىن يەپ – ئىچىش جېڭى باشلىنىپ «جەڭ» سەل پەسكويغا چۈشكەندە، پىشقەدەملەر ۋە ياشلار سۆز ئېلىپ، جاسارەت جاپپار بىلەن ئابدۇلھەمىد ياسىننى تەبرىكلەپ، مۇبارەكلەشتى. كەينىدىن ئابدۇلھەمىد ياسىن سۆز ئېلىپ:7 G' h. w% s2 W
ـ مەن شۇ تاپتا ئۆز تەجرىبىلىرىمدىن شۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتىم، ماۋۇ نۇرمۇھەممەد توختى ئاكىمىز، تۇرسۇنجان مۇھەممەد ئاكىمىز، مەتسېلىم ئاكىلىرىمىزنى شۇنچە كىتابلارنى نەشىردىن چىقىرىشتا چەككەن ئازابلىرى ھەقىقەتەن ئاز بولماپتۇ. چۈنكى «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق بۇ كىتابنى نەشىرگە تاپشۇرغىلى ئۈچ يىل بولاي دېدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلار بېشىمدىن ئۆتتى، كىتاب چىقىرىشنىڭ جاپاسى باشقا ئىشلارنىڭ جاپاسىدىن ئېغىر ئىش ئىكەن. شۇنداقلا بۇ يالغۇز بىر ئادەمنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەجرى، قوللاشلىرى نەتىجىسىدە يورۇقلۇققا چىقىدىكەن. مەن ياخشى تىلەكلىرىڭلاردىن ھاردۇقۇم چىقىپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە نۇرمۇھەممەد ئاكام، ئابدۇللا ئىرپان باشلىق ھەممەيلەنگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن...+ B8 u1 U: ?* `- W) B4 O3 \8 S) L
سۆز ئاخىرلاشقاندا يەنە ئالقىشلار ياڭرىدى.
/ H7 q; F B0 b, Cئاخىرىدا ئىزگۈ تىلەكلەر، كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەر بىلەن بىر – بىرىمىزگە خەيرلىك تېلىشىپ سورۇندىن ئايرىلدۇق. سورۇن داۋامىدا مۇشۇ سورۇنغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كېلەلمىگەن خوجىمۇھەممەد توختىماي تېلفۇن قىلىپ تۇردى. پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان ياسىنجان سادىق چوغلان ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى., `) I) ^5 s/ P! s
( E" a8 S8 E) g, }! {( }
تۆۋەندىكىسى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
9 v+ a; G% b5 V' m8 l, b: r7 B" n