يازغۇچىلار جەمئىيتى جەنوبى تاغدىكى «ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى» دە ماگىسترئاسپىرانتلار سۆھبەت ۋە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
# [3 d) w9 ^# d+ Q8 W5 I
; w4 B" w6 w; Y7 R, b8 C; P ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلارنىڭ يىقىندىن قوللىشى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتىدىكى ئىقبال تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى قاتارلىق پروفىسسۇرلارنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىلتىماس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىدىكى ئۈچ قارار بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان 50 كە يىقىن ماگىسترئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ۋە ماگىسترئاسپىرانت يىتەكچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى تاغدىكى يازغۇچىلار جەمئىيتى «ئىجادىيەت-ماتىريال مەركىزى» دە بىر كۈنلۈك زىيارەت، ئىلمىي سۆھبەت ۋە تاغ سەيلىسىدە بولىدۇ.
! }7 u: t2 X5 n6 Y( p
بۇ قېتىمقى پائالىيەت يازغۇچىلار جەمئىيتى «ئىجادىيەت ماتىريال مەركىزى» قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئادەم سانى ئەڭ كۆپ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە رايۇنىمىز ئەدەبىياتىنى ياش بۇغۇنلارغا يۈزلەندۈرىشى بولۇپ، بۇ پائالىيەت مىللىي ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، يازغۇچىلار بىلەن تەتقىقاتچىلارنى ئارىسىنى يىقىنلاشتۇرۇپ، ئىجادىيەت بىلەن تەتقىقات، ئەدەبىي تەنقىد مەسىلىلىرىنى ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇشتا تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
- H i/ v r% A* `8 J# A7 P
بۇ پائالىيەت يەنە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات، فۇلىكلور، ھازىرقى زامان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە كۈچلۈك بىر بازىسىنى ياراتقانلىغىنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەركىزى مىللەتلەرئۇنىۋىرستېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋىرستېتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى، ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيسى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەخسۇس ئەدەبىيات، تارىخ ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىدە ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزگە يىقىن ماگىسىتر، دوكتۇر ئاسپىرانتلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىۋاتقانلىغى، بۇياش كۈچلەرنىڭ پات يىقىندا رايونىمىز ئەدەبىيات ئىشلىرىغا ئېشتىراك قىلىپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز كۈچلىرىنى قاتسا، يەنە بىر جەھەتتىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرىدىغانلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ. يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى، بۇ ياش كۈچلەر مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمى تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىپلا قالماسىتىن، ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش ئىلىپ بارالمايۋاتقان، بىلىم قۇرۇلما ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارى تىيز، ئۇنۋىرسال ساپاسى ئاجىز بىرقىسىم ئىجادىيەت قوشۇنى ئەزالىرىغا بېسىم ئىلىپ كەلگۈسى ھەم ئومۇمى ئەدەبىيات يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغۇسى!...
$ O4 d8 ^/ J) t& a
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-9 13:39
! [$ ^7 }3 |0 \4 J p# F1 X; T
: l9 W2 ~6 E3 j* |9 Z0 v. A