يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5286|ئىنكاس: 87

بەرگىيەنىڭ يېڭى رومانى «خىرۇستال قىز» نەشردىن چىقتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ياش يازغۇچى تۇرسۇنئاي سۇلتان (بەرگىيە) نىڭ يېڭى رومانى «خىرۇستال قىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى. تۇرسۇنئاي سۇلتان كۆپ يىللاردىن بۇيان تور ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ھەم بۇ جەھەتتە نەتىنجىسى زور، ئىزدىنىش روھىغا باي ياش قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرسى  بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    ئۇنىڭ تۇنجى رومانىنىڭ رەسمى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋېتى بىلەن ئاپتورغا تېخىمۇ زور مۇۋەپىقىيەتلەر تىلەيمىز!
    بۇ رومان يېڭى يىل مەزگىلىدە كىتاپخانىلارغا سېلىنىدۇ.

IMG_1.JPG

_MG_2.JPG

_MG_3.JPG

_MG_4.JPG

_MG_5.JPG

_MG_6.JPG

   ئاپتور ھەققىدە:
   ياش يازغۇچى تۇرسۇنئاي سۇلتان 1979-يىلى سىنتەبىر ئېيىدا توققۇزتارا  ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2008-2009-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇ تور ئەدىبىياتىنڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن توردا نۇرغۇنلىغان ھىكايە، پوۋىسىت، نەسىرلەرنى يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇنداقلا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ «مىللەتلەر ئەدىبىياتى»،«تەڭرىتاغ»،«تارىم»،«ئىلى دەرياسى»،«تۇرپان ژورنىلى»،«كۈسەن مەدىنىيىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئارقىمۇ ئارقىدىن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 2012-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «تىۋىشسىز كېچىلەر»ناملىق توپلامغا ئىككى پارچە ھىكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ «خىرۇستال قىز» ناملىق تۇنجى رومانى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
   ئۇ ھازىرشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-4 15:23:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش يازغۇچى بەرگىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بارىكاللا!... مۇبارەك بولسۇن!
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-4 15:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاي سۇلتان بەرگىيەنىڭ يېڭى روماننىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىتىگە يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز....

ۋاقتى: 2015-12-4 15:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بەرگىيەم ! تۇنجى رومانىڭىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى چىنن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن !! ھەر بىر بۆلەك ، ھەر بىر باپنىڭ تېمىسىمۇ كىشىنى جەلپ قىلدىكەن ، بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە بەدئىي زوق ئاتا قىلغۇسى، دىل بەرگىلىرىمدىن  تىزىلغان  ئوتقاشتەك قىپ-قىزىل گۈلدەستىنى سىزگە سۇندۇم (ھازىرچە) ،كېيىنكى قەدەملىرىڭىزنىڭ  تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

ۋاقتى: 2015-12-4 15:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تور يۈزىدە تاماملىنىپ، مەتبۇئاتتا رەسمى ئېلان قىلىنغان بۇ رومانى بىلەن بەرگىيەنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن. بۇ ئىسىل روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەزكۇر رومان ۋەقەلىكى ئوقۇرمەننى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇ رومان ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلىنغاندا ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقانىدى.  كىتاب نۇسخىسىنىڭمۇ شۇنداق قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-4 15:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاي سۇلتان بەرگىيەنىڭ يېڭى روماننىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-30 00:21  


ۋاقتى: 2015-12-4 15:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاينىڭ ئىجادىيەت گۈلىستانى يەنىمۇ سەرخىل گۈللەر بىلەن تولۇپ، مەڭگۈ ئۆڭمەس خۇشپۇراقلار چاچقاي!...

ۋاقتى: 2015-12-4 15:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ رومانىڭىزنىڭ دەسلەپتىكى ئورگىنالى، يەنى «ئەلكۈيى» تورىدا ئۇدۇللۇق يېزىلغان «ئىھ، خىرۇستال قىز» نىمۇ تولۇق دېگۈدەك ئوقۇپ چىقىپ ئىنتايىن زوقلانغان ئىدىم. نەشىردىن چىققىنى ئەلۋەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ بەدىئيلىككە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا كىتابخانىلارغا سېلىنىشى بىلەنلا بىر نۇسخا سېتىۋېلىپ دەسلەپتىكى تەسىراتىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

ۋاقتى: 2015-12-4 15:45:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن-ساۋاش!

باھا سۆز

«ساۋاش»نىڭ ئورنىغا،«جىنتەك »ياكى «بۈدرەچاچ»نى ئىشلەتسىڭىزبولمامدۇ داڭگال،  ۋاقتى: 2015-12-9 03:15 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 15:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن بۇ روماننى مۇنداقلا ئۇقۇپ ،تولۇق ئۇقىمىغان ئىدىم ،باشقا كۈنى بىر ئىزدەپ ئۇقۇپ باقاي.بىرەرسىڭلار بۇ روماننىڭ ئادرسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار رەھمەت .

باھا سۆز

ئەمدى كىتاپنى ئوقۇڭ.مۇنبەردىن ئۈچۈرۈپتۇ كىتاپ بولۇپ چىقىدىغىنى ئۈچۈن.  ۋاقتى: 2015-12-4 11:23 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 15:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    نەسىردەك لىرىك يېزىلغاندەك قىلىدۇ. مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-12-4 16:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئجاد ئەمگىكىڭنىڭ خۇشپۇراق بىر دەستە گۈلى بولغان‹‹خىرۇستال قىز››نىڭ نەشىردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلغانلىقىدىن خوش بولدۇم،ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن! ھارمىغايسەن دوستۇم!

ۋاقتى: 2015-12-4 16:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومانىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 16:05  


ۋاقتى: 2015-12-4 16:23:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى رومانىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى بىلەن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.موبارەك بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-12-4 16:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خىرۇستال قىز»غا ئالقىش ياڭرىسۇن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش