كۆرۈش: 11698|ئىنكاس: 194

ھەققانىي: ئەكرەمجان مەترۇسۇلغا خەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەكرەمجان مەترۇسۇلغا بىر پارچە خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئەپەندى،ئوبدان تۇرىۋاتامسىز؟مەن كەلپىن ناھيىسىدىن ئابدۇۋەلى راخمان بولىمەن. 2015-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە ئۈندىداردىن يېڭى ئۇچۇر،  خەۋەرلەرنى ئىزدەپ كۆرىۋېتىپ توساتتىن «تۇران» ئۈندىدار سالۇنى تارقاتقان،مەنبە: «قانۇنچىلىق گېزىتى» دەپ ئەسكەرتىلگەن، ئاتالمىش ئەكرەمجان مەترۇسۇل «ئاپتۇر»لۇقىدىكى«كىتاپسىز كىشىنىڭ كەلگۈسى كۈلپەتلىك»دىگەن تىمىدىكى«ك»ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.بۇ يازما ماڭا تونۇش چىراي كۆرۈنگەچكە مەزمۇنىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.چۈنكى بۇ2011-يىلى4-ئايدا يازغان مىنىڭ ئەسىرىم –قان تەرىم ئىدى.مەن شۇ چاغدا ئوپىرادىكى ئوغلۇمغا ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىككى ئاي ئەتراپىدا تۇرغان چاغلىرىم ئىدى.بىر كۈنى ئاقسۇ رادىئو سىتاسىسىدىن بىر قىزچاق ماڭا تېلىپۇن قىلىپ پات يېقىندا رادىئو پىرىگىراممىسى ئارقىلىق «كىتاپ مەشرىپى»ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى،شوڭا مىنىڭ كىتاپ ھەققىدە بېرەر پارچە سۆز ئويۇنى يېزىپ بىرىشمنى،گەرچە مەن ئۈرۈمچىدە بولساممۇ تېلىپۇن زىيارىتى ئارقىلىق مەن بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى،ئەنە شۇ چاغدا يازغان كىتاپ ھەققىدىكى سۆز ئويۇنىنى ئوقۇپ بىرىشمنى ئۆتۈندى.مەن ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلۇپ بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە«كىتاپ كۆرۈڭ»ناملىق مەزكور ئەسەرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ دىگىنى بۇيىچە بەجا كەلتۈرۈپ رادىئو زىيارىتىنى تاماملىدۇق.شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ ئەسەرنى «مىسرانىم»،2014-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى«يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىۋەتتىم.(بۇ مۇنبەرلەردە ھازىرمۇ ساقلاغلىق)2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئاقسۇ گېزىتىگىمۇ بېسىلدى.دىمەك بۇ ئەسەرنىڭ ھەق ئېگىسى مەن تۇرۇپ بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ نامىڭىزدا 2015-يىل 20-نۇيابىردىكى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرىدا ئەگىپ يۈرىشى مىنى ھەقىقەتەن ھەيرانلىقتا قويدى.مەن سىزنىڭ ھەر تۈرلۈك خەۋەر-ماقالىلىرىڭىزنى،يازمىلىرىڭىزنى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا پات-پات كۆرۈپ ئۆز كۆڭلۈمدە خېلى تىرىشچان ئادەمكەن دەپ باھا بىرىپ يۈرگەنتىم.مىنىڭ ئەسىرىمنى ئۆز مەيلىڭىزچە كانتىلاپ، قېتىش-قۇرۇش قىلىپ تەپ تارتماي ئۆزىڭىزنىڭ نامىغا يۆتكىۋالغانلىقىڭىز مىنىڭ سىزگە بەرگەن باھايىمنى،سەمىمىيىتڭىزگە بولغان ئىشەنچ، كۆز قارىشىمنى قىسمەن ئۆزگەرتىپ قويدى.ئىجادىيەتنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىز،ئاڭلىسام بىر مەكتەپتە تەربىيىچى ئىكەنسىز،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىرسىنىڭ ئەمگىكىنى قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشقا ۋىژدانىڭىز،يۈزىڭىز قانداق چىدىدى؟ياماش-چەملەشكە خېلى ئۇستا ئىكەنسىز. «كىتاپ كۆرۈڭ»ناملىق تىمىنى بۇ ئەسىرىم ئىچىدىكى«كىتاپسىز كىشىنىڭ كەلگۈسى كۈلپەتلىك»كە ئۆزگەرتىپ،  ئوزىڭىزچە مەزمۇنلىرىغا خېلى ئۇسىتكارلىق ئىشلىتىپ جىق ئاۋارە بوپسىز. ھىچكىم بىلەلمەيدۇ دەپ قالغانسىزمۇ؟مەن سىزنىڭ ھەم پۈتۈن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى،باھا بىرىشى، ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن مەن يازغان ئەسلى نۇسقىنى،سىز قىسمەن يەرلەرگە پەۋەن كىرگۈزۈپ ئۆز نامىڭىزدا ئېلان قىلدۇرىۋالغان كۆچۈرمە نۇسقىنى يوللاپ قويدۇم.لىكىن يەنىلا سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزگە قاراپ ئىش تۇتىمەن.مەن بىلەن جىددى ئالاقىلىشىپ بۇ جەھەتتە چۈشەنچە بەرمىسىڭىز ئاپتۇرلۇق ھوقۇقۇمنى قانۇن بۇيىچە قوغداشقا مەجبۇر بولىمەن.جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.  تۆۋەندە يوللايدىغىنىم مەن يازغان ئەسلى نۇسقا:
كىتاپ كۆرۈڭ
( « ك» ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كەڭرىپ، كېچىدە كۈن كۆرگەندەك، كېلىچىكىڭىز كىتاپتىن كىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، كەلگۈسىنى كېرىلىپ كۈتىۋالالايسىز. كىتاپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرىنىدۇ. كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاۋىنى كونا، كۆرۈمسىز، كەپىدە كۆرسىمۇ، كەڭ كائىناتتىكى كانادا، كۇرىيە، كۇبا، كولۇمبىيە، كەشمىر، كورلا، كېرىيە، كەلپىنلەرنى كۆرگەندەك، كۈلۈمسىرەپ كۆڭلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۇچى كەمتەرلەرنى، كاسىپلارنى، كادىرلارنى، كەمىنىلەرنى، كامالەتكە كەلتۈرۈپ، كۆكنى كەزدۈرەلەيدۇ. كىتاپ كۆرمىگەن كىشى كامادىكى كېلەدەك، كارىزدىكى كېسەكتەك، كۆككە كۆتۈرۈلەلمىگەن كۆكىنەكتەك، كەپىدىكى كۇنجۇرىدەك كۆكۈرۈپ، كۆپچۈلۈككە كونا كېسەلدەك كۆرۈنىدۇ. كەمكۈتىسىز كۆكەمە، كۈنلەمچى، كوت-كوت، كىبىرلىك كېلىدۇ. كىتاپسىز كىشىنىڭ كۈزى كور، كەلگۈسى كۈلپەتلىك، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ-كاڭشىپ، كوڭكىدا كىتىۋېتىپمۇ كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ، كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنى كۆڭلىدە كېپەنلىۋېتەلەيدۇ. كىمدە-كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن، كوچىسىغا، كۇلبىسىگە، كەلكۈن كەلسىمۇ كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ. كۆكتاتلىرىغا كالا كەلسىمۇ كالتەكلەپ كەتكۈزىۋەتمەيدۇ. كىيىم-كېچەك، كۆرپە-كىرلىك، كاستىيوم-كۆينەكلىرى كىرلىشىپ، كاللىسى كېپەكلىشىپ، كەپكىسى كىچىكلەپ كەتسىمۇ، كېسەللىنىشنى كۆزلىمەي كىيىۋېرىدۇ. كۈزۈتۈپ كۆرۈش كېرەككى: كىتاپ كۆرمەيدىغانلار كەم. كۆرۈدىغانلار كۆپ. كۈندۈزى كۆرمىگەنلەر كېچىسى كۆرىدۇ. كۈتۈپخانىلارمۇ كەڭ كىتاپخانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كونكېرت كۈزۈتۈپ، كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان كاتالوگ، كېلاسسىك، كىنايىلىك كىتاپلارنى كۆپ كىرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە كۆرسۈتۈش كېرەك. كىتاپ كۆرمەي كىتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە كۆز تىككىنىڭىزدە، كاكىراۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز كۆڭۈل-كۆكسىڭىزگە كىرىۋېلىپ، كۆڭلىڭىزنى كاۋابداندا كۆمۈر كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرۈپ كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرىدۇ. كۆرەي دىسىڭىز كەنت كۈتۈپخانىسىدىمۇ كېرەكلىك كىتاپلار كۆپ. كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي، كىتاپخانىغا، كۈتۈپخانىغا كۈندە كىلىپ كىتاپ كۆرۈڭ!
ئەمدى تۆۋەندە سىزنىڭ نامىڭىزدا ئېلان قىلىنغان «ك»ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:  
كىتاپسىز كىشىنىڭ كەلگۈسى كۈلپەتلىك
(«ك»ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
ئەكرەمجان مەترۇسۇل
كىتاپ-كائىناتنىڭ كۆزنىكى،كۆز كۆزنىكىنىڭ كۆركى، كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كېڭىيىپ،كامال كۆكىگە كۆتۈرۈلۈپ، كېلىچىكىڭىز كىتاپتىن كىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ،كەلگۈسىنى كېرىلىپ كۈتىۋالالايسىز. كىتاپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرىنىدۇ. كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاۋىنى كونا، كۆرۈمسىز، كەپىدە كۆرسىمۇ، كەڭ كائىناتتىكى كۆركەم كەشپىياتلارنى،  كانادا، كۇرىيە، كۇبا، كولۇمبىيە، كەشمىر،كابۇل، كاتماندۇ، كۇچا، كونا شەھەر، كېرىيە،   كورلا،  كەلپىن، كاچۇنى كۈندە كۆرگەندەك، كۈلۈمسىرەپ كۆڭۈل كۈزىگە كەلتۈرەلەيدۇ. كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۇچى كەمىنىلەرنى كامالەتكە كەلتۈرۈپ، كائىناتنى كەزدۈرەلەيدۇ.   
،كىتاپسىز كىشىنىڭ كۈزى كور، كەلگۈسى كۈلپەتلىك،كۆڭۈل كۈزى كۈل، كۆرۈمسىز،  كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ،كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى كاللىسىغا كەلتۈرۈپ، كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنى كۆڭلىدىن كەتكۈزىۋېتەلەيدۇ. كېپەنلىۋېتەلەيدۇ، كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن، كوچىسىغا، كۇلبىسىگە، كەلكۈن كەلسىمۇ كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ.كۆڭۈل كۈزى كىتاپسىز كاپالەتلەنمەيدۇ.كائىنات كىتاپسىز كېڭەيمەيدۇ،كىتاپ كۆرمەي كىتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە كۆز تىككىنىڭىزدە، كاكىراۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز كۆڭۈل-كۆكسىڭىزگە كىرىۋېلىپ، كۆڭلىڭىزنى كاۋابداندا  كۆيدۈرۈپ كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرىۋېتىدۇ. كىتاپ كۆرۈشنى كۆزلىسىڭىز كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي، كىتاپخانىغا، كۈتۈپخانىلارغا كۈندە كىلىپ كىتاپ كۆرۈڭ.     
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
ئارف + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 16:27:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurala يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 03:00 PM
ئادەم دېگەننىڭ يائۇنداق، يا مۇنداق خاتالىقتىن خالىي ب ...

ناچارنى باسىمەن دەپ ، ئىسىل بېسىلىپ كەتتى .

ۋاقتى: 2016-3-6 13:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       مېنىڭمۇ  بىر  پارچە  ئوچۇق  خېتىم
    ھۆرمەتلىك   تورداشلار  :
    ئۇزاقتىن بۇيان ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ تۇردۇم، ئەمما سۈكۈت قىلىپ كەلدىم، سەۋەبى – مىنىڭ ھەرگىزمۇ ئېغىز تۇتۇقلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى ، بىرىنچىدىن : مەندە ھېلىقى سۆز ئويۇنىنى نامىمدا ئېلان قىلىپ سالغانلىقىم ئۈچۈن ، گەرچە ئاپتوردىن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىغان  بولساممۇ، ئەمما بۇ بولمىغۇر ئىش بولغاچقا،مەن شەخسەن ئۆزۈم ھەم شۇنداقلا دوستلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ،  تورداشلار « بىر قەپەس تىللىۋالسا ھەقلىق،ماڭا ئاچچىق ساۋاق بولۇپ قالار ، شۇڭا ئاڭلا ، ئەمما گەپ قىلما » دەپ قارىغانىدىم . ئىككنىچىدىن ، ئانام كېسەل بولۇپ قىلىپ قەشقەر ، ئۈرۈمچىلەردە بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالمىدىم . ئۈچىنچىدىن ، « بىر يۇرتلۇقلارمۇ پېتىشمايدىكەن » دېگەن خاتا چۈشەنچىدىن خالى بولۇش ئۈچۈن ئىدى، ئەمما ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ، مىنى ھەم كۈلكە قىستىدى ھەم ئېچىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى . سەۋەبى – كۈلكە قىستىغىنى ئاران تۇرغان بەزى « ھەممىنى بىلەرمەنلەر جاناپلار » بۇ خەتنى خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇشۇپ، ئەسەرلىرىمگە قايتىدىن تەپسىلىي ، تولىمۇ ئىنچىكە دېققىتىنى ئاغدۇرۇشۇپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ، ھەتتا ئەسەرلىرىمنى قاتار قايتىدىن تېزىپ ، تېزىملىكنى خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك  بەس - بەستە  ئېلان  قىلىشىپ ، شالاقلاپ چاچراپ يۈرۈشتى ، بۇ تورنى كۆرمىگەنلەرگىمۇ بەس – بەستە خەۋەر قىلىشىپ ئالچاڭلاپ كېتىشتى . ئېچىنغىنىم – بىر قىسىم تورداشلارمۇ ئەسەرلىرىمنى كۆرمەي ، سېلىشتۇرۇپ باقمايلا ، ئەشۇنداق «بىلەرمەنلەر جاناپلار» غا قارغۇلارچە ئەگىشىشى بولدى . قارىغاندا « سۈكۈت ھەممدىن ئەلا » دېگەن سۆزمۇ مۇتلاق توغرا ئەمەس ئوخشايدۇ . ئەسلى مەن يەنىلا گەپ قىلماي دېگەنىدىم، لېكىن بەزىلەرنىڭ شۆلگەيلىرى بەكمۇ ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ .  شۇڭا مەن بۇ يەردە يەنە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشىم زۆرۈر ئوخشايدۇ :
1 . يېزىقچىلىق بىر جاپالىق ، مۇرەككەپ جەريان، بۇنى مەن تولىمۇ ئوبدان بىلىمەن . شۇڭا ، كومپىيۇتېرنى يېڭى ئۈگەنگەن 2000 – يىللاردا بىلىپ – بىلمەي مەشىق ھېسابىدا كۆچۈرۈپ سالغان ھېلىقى سۆز ئويۇنى ۋە بىر پارچە ماقالە ھەققىدە باشتا تولۇق ئىزاھات بەردىم ، ئاپتوردىن كەچۈرۈم سورىدىم ، يەنە قانداق جازا بولسا مەن رازى ، لېكىن شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى – شۇندىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىم جاپالىق ئەمگىكىم ، تىرىشچانلىقىم ، مۇستەقىل ئىجاد قىلىشىم ئاساسىدا بارلىققا كىلىۋاتىدۇ . بىر قىسىملار بولسا « ئوچۇق خەت» نى خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ياخشى پۇرسەت بىلىشىپ ،  تۇخۇمدىن قەستەن تۈك ئۈندۈرۈپ، تىرناق ئاستىدىن كېر ئىزدەپ ، ماقالەم بىلەن ئۆزلىرى ئاتالمىش گۇمان قىلىشقان مەنبە بىلەن سىلۇشتۇرۇپ كۆرمەيلا، ئايرىم سۆز – جۈملىلەرنىڭ ئوخشاپ قىلىشىنى تۇتقا قىلىپ كۆرەڭلەپ كېتىشىپتۇ ، مېنىڭ بۇ يەردە شۇنى سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ : كۆچۈرۈش دېگەن نېمە ؟ كۆچۈرۈش- ماقالىنى ئەينەن ،  تەييارغا ھەييار  ھالدا قۇرمۇ  – قۇر كۆچۈرۈش ، ئۆزى  ئىزدەنمەسلىكتۇر ، ئىجادىي ئەمگەك بولسا – ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ، تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئەتراپلىق ماتېرىيال توپلاش ، ئىجادىي يېزىش ، باشقىلارنىڭ تىلغا ئالغان پاكىت ، جەريانلاردىن ئىجادىي پايدىلىنىش ، پايدىلانغان مەنبەلەرنى چوقۇم  ئىنىق ئەسكەرتىش  دېمەكتۇر ، بۇ  ھەقتە  ئەسلا  كۆپ  سۆزلىگىم يوقتى ،  بىراق  بەزىلەرنىڭ  كۆزىنى  يۇمۇپلا  « پالانى سۆز مەن دېگەنگە ئوخشايدىكەن ، پالانى ئاتالغۇنى مەن دېگەن » دەپلا ، ماقالە بىلەن ئەسلى مەنبەنى ئەستايىدىل سىلىشتۇرۇپ باقمايلا قارغۇلارچە جۆيلۈشى « بۆھتان چاپلاش جىنايىتى بولماي نېمە ؟ » ئەجىبا ، ئۇيغۇر تىلىنى ، ئۇيغۇر تىلىدىكى گەپ – سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇ كىشى ئىجاد قىلىپتىكەنمۇ؟ ئەجىبا ، ھەممىسى مېنىڭ دېيىشكە شۇ كىشى مىلادىدىن بۇرۇن ، شۇ ۋەقەلىك بولغان چاغدا تۇغۇلۇپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، بىرمۇ- بىر خاتىرىلەپ مېڭىپ ، مەخسۇس پاتىنىت ھوقۇقى ئاپتىكەنمۇ ؟ شۇ كىشىمۇ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ياكى ماتېرىياللاردىن كۆچۈرۈپ يازمىغانمۇ ؟ ياكى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ھەممىنى بىلىپ بولۇپ تۇغۇلغانمىدۇ ؟ بىرسى تەكلىپ قىلمىسىمۇ ئۆزىنى ئەدەبىياتنىڭ قازىسى ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى دەپ ئاتىۋالغان بۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇبادا خالىسا ئالدى بىلەن ئەسەرنى تولۇق سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، قانچە پىرسەن ئىجادىي ئەمگەك ، قانچە پىرسەن پايدىلاندى ، دېگەنلەرگە ھۆكۈم قىلىپ ئاندىن گەپ قىلىشى زۆرۈر ئىدى ، ئەجىبا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئىجادىن ئەمگەكلەردىن باشقا ئاپتورلارنىڭ ئىجاد قىلىپ ئېلان قىلىۋاتقان دوپپا، ئەتلەسچىلىك، پىچاقچىلىق، كۆنچىلىك، موزدۇزچىلىق، جۇۋازچىلىق، تۆمۈرچىلىك ، قۇيمىچىلىق ، باغۋەنچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ماقالىلارنىمۇ ئالايىتەن بۇ يەرگە كىلىپ مەزكۇرنىڭ پاتىنىتلىق كىتابىدىن كۆچۈرگەن بولامدۇ ؟ بۇ بىر قاراپ تۇرۇپ جۆيلۈگەنلىك ئەمەسمۇ ؟
2. يەنە بەزىلەر خىزمىتىمگىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپتۇ ئۆزىچە ، شۇنى بىلىپ قىلىڭ : سىز تەمتىرەپ يۈرگەن چاغلاردىلا مەن يېزىقچىلىق كوچىسىغا ئاللابۇرۇن كىرىپ بولغان  . توغرا ، مەن بىر تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى ، يەنە كىلىپ دەرسمۇ ئۆتىمەن ، دەرسىم يوق ، ئارام ئالغان ۋاقىتلاردا ئاساسى قاتلامغا چۆكۈمەن ، خەۋەر – ماقالە دېگەننى شۇ ئورۇندىن ئەھۋال ئىگىلەپ ، شۇ ئورۇننىڭ تامغۇسىنى باستۇرۇپ تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىدىغان گەپ ، مۇشۇ ئەقەللىي تەلەپنىمۇ بىلمىگەن ئادەم نىمە قىلىدۇ ، بىلەرمەنلىك قىلىپ . توغرا ، تىرىشچانلىقىم ئاساسىدا يېقىندىن بۇيان ماقالىلىرىم كۆپرەك ئېلان قىلىنىپ قالدى، بەزىلەر بۇنىڭغا زادىلا چىدىماي ، ئولتۇرالماي قالدى، ئۆزىنى چوڭ ئۇستاز چاغلاپ ، خۇددى ھەممىنى ئۆزىلا يازسا بولىدىغان ، باشقىلار يازسا بولمايدىغاندەك . بىزدە مۇشۇنداق چاچراپ – شالاقلاپ يۈرۈيدىغان ، ھەممىلا يەردە بىلەرمەنلىك قىلىپ يۈرۈيدىغان ، قولىدىن چوڭ ئىش كەلمەيدىغان ، كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپلا يۈرۈيدىغان ئادەملەر قاچانمۇ تۈگەر ؟  ئاخىرىدا مەن شۇنى دەپ قوياي : قولۇڭدىن كەلسە « ماۋۇ ماقالەمنى سەن قۇرمۇ- قۇر كۆچۈرۈپسەن » دەپ ئالدىمغا كەل ، قىنى بىرمۇ – بىر سىلۇشتۇرۇپ كۆرەيلى ، ماقالە- ئەسەر دېگەننى ئاسمانغا قاراپ قارىسىغا يازمايدۇ، كىتاپ – ژورناللاردىن ئىجادىي پايدىلىنىش ، مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىش بۇ نورمال ئىش، بۇ گەپنى پالانى دەپ بوپتۇ، دەپ قايتا ئىزدەنمەسلىك ، كەم جايلىرىنى تولۇقلىماسلىق ، چوڭقۇرلىماسلىققا بولمايدۇ . قەلەم ھەر كىمنىڭ ئۆز قولىدا ، مەن بىر قىسىملارنىڭ قەلىمىنى تارتىۋالمىدىم، بۇنداق ئىچى قوتۇرلۇق قىلغىچە ، سىلەرمۇ ئىزدىنىپ ، تىرىشىپ يازساڭلار بولمامدۇ ؟ ئېسىت ، كىر كولاپ بىكارغا سەرىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭلارغا ! بۇنداق ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ، چىدىماسلىق تىل ئۇرۇشى  قىلىپ يۈرۈشنى مەن ئەسلا خالىمايمەن ، ۋاقىت مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىس ، بەزىلەر تېخى گېزىت – ژورناللارغا خەۋەر قىلىشىپ ، ماقالەمنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقىدىن خوش بولۇشۇپ يۈرۈشۈپتۇ ، بۇنىڭمۇ كارائىتى چاغلىق ، مەن نوقۇل ئېلان قىلىش ئۈچۈنلا ئەسەر يازمايمەن ، كىيىنچە كىتاپ چىقىرىپ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشقا تولۇق يېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېزىت- ژورناللارنىڭ تەھرىرلىرىمۇ ھەرگىزمۇ دۆت ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياخشى – يامان ماقالىلەرنى تولۇق بىلگۈچىلىكى بار ئەلۋەتتە ! مەن يازغان ۋە ھازىر يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىمگە تولۇق يۈز كىلەلەيمەن ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ يېزىقچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، بىرەر – ئىككى سۆز – جۈملىنىڭ ئوخشاپ قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ پاتىنىنتى ئەمەس ،  مەن مۇستەقىل ھالدا يېڭى – يېڭى ئەسەرلەرنى يېزىشقا داۋاملىق تىرىشىمەن ، بۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىدىغان ئىشتىن ھەرگىزمۇ قورقۇپ قالمايمەن ، شۇلار ئالدىمغا كەلسە ، كىم – كىمدىن كۆچۈردى ، شۇ چاغدا كۆرسىتىپ قويىمەن .
3 . ئاخىرىدا يەنە بىر ئىشنى ئەسكەرتىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم : بەزىلەر « ئەلتۇغ » دېگەن ئىسىمغىمۇ جۆيلۈپتۇ : ئەنۋەرجان بۇ تەخەللۇسنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا  قوللانغان  بولۇپ ، شۇ  چاغلاردا  مۇشۇ  تەخەللۇس  بىلەن « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى » ، « تارىم غۇنچىلىرى » ، « پەرۋاز » ژورناللىرىدا  نۇرغۇن  ئەسەرلەرنى  ئېلان  قىلغان ،  ئەجىبا  ،  بۇ   تەخەللۇسنىمۇ   كۆچۈرگەن   بولسا ،   شۇ    كىشى  بۇ   تەخەللۇسنى   زادى  نەچچە  پۇلغا سېتىۋاپتىكەن ؟  ...
         بۇ يازمىنى يوللىماي دېسەم  زادى بولمىدى ، تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ  قويدۇم ، ئەپۇ  قىلارسىلەر .
                                 خەيىر – خوش !
                                                                2016 – يىلى 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى

ۋاقتى: 2016-3-9 15:00:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم دېگەننىڭ يائۇنداق، يا مۇنداق خاتالىقتىن خالىي بولمىقى تەستۇر، شۇڭا قۇرسىقىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، ئەپۇ كۆزىمىزدە قارايلى-دوستلار .

ۋاقتى: 2015-12-4 15:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك ئابدۇۋەلى راخمان ئەپەندى ، ياخشى تۇرۇۋاتاملا ؟

    مەن سىلىنىڭ ماڭا يازغان  قىممەتلىك يازمىلىرىنى كۆرۈپ ، ھەم  قاتتىىق  چۆچۈدىم ھەم تولىمۇ خىجىل بولدۇم ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالدۇراڭغۇلۇق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مانا  بۇ سەۋەنلىكىم مىنى تولىمۇ خىقىلچىلىقتا قويدى . ئەسلى ئىش مۇنداق : بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئىچىش كىچىلىكىدە ھەر قايسى زۇلارغا نومۇر ئورۇنداش ۋەزىپىسى چۈشكەن بولۇپ، مەن قاتارلىق بىر نەچچەيلەن كۈلدۈرگە ئورۇنلىماقچى بولدۇق ، ۋاقىت قىستاپ قالغاچقا بىر نەرسە يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي تۇرغاندا ، بىر خىزمەتدىشىم كونا ۋە يىرتىق گېزىتتىن ( گېزىتنىڭ باش - ئايىغى يوق ) بو سۆز ئويۇنىنى كۆچۈرۈپ كەپتۇ . بىز بۇ سۆز ئويۇنىنى يادقا ئېلىپ نومۇر ئورۇندىغان بولدۇق . كېيىن بۇ سۆز ئويۇنى ماڭا يادقا بولۇپ كەتكەچكە ، ئەسلىمىلەر خاتىرىسىگە ئىسىمدە قالغىنى بويىچە يېزىپ قويدۇم . كۈنلەر ئۆتۈپ كېيىنچە خاتىرەمگە كۆزۈم چۈشۈپ ، خاتىرىدىكى بۇ سۆز ئويۇنىنى قايتا يېزىپ چىقىپ  مەتبۇئاتقا ئەۋەتتىم . ..

   بۇ سۆز ئويۇنىنىڭ سىلىنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن ۋە ياكى توردىنمۇ كۆرمىدىم ، ھازىر ئاندىن بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەندىم . مەندە ئەسەرلىرىنى قەستەن كۆچۈرۈۋىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ يېزىقچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ بولۇپ ،  بۇ ئىشتىن تولىمۇ خىجالەتچىلىك ھېس قىلدىم . خىلى - خىلى ئەسەرلەرنى مۇستەقىل يېزىپ چىققان ، ھەم ئىزدەنسەم ، تىرىشسام مۇستەقىل يازالايدىغان تۇرۇغلۇق ، ئەمدى كىلىپ كۆچۈرمىكەش دېگەن ئاتاققا قالغانلىقىم ، مىنى تولىمۇ خىجالەتچىلىككە سىلىپ قويدى ، ئۆزۈمدىن تولىمۇ نەپرەتلەندىم .
جىق گەپ قىلىپ ئۆزۈمنى ئاقلاش نىيىتىدىمۇ ئەمەسمەن ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئېڭىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن مانا مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويدۇم ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆپ ئۈزرۈلۈكمەن .

   ئاخىرىدا   ھۆرمەتلىك ئابدۇۋەلى راخمان  ھەققانى ئەپەندىمدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن ، مىنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى كەچۈرۈۋېىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن  ، كەڭ تورداشلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن ، مەن بۇندىن كېيىن ئۆزەمگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، مۇستەقىل ئىجاد قىلىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يەنىمۇ تىرىشىپ، ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ، يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئاساس سالىمەن .

باھا سۆز

ئۇييۇ ! ئالامەت ‹‹دەبدەبىلىك ، ئىسىل ››سۆزلەر ! مىنى رام قىلۋالدى!  ۋاقتى: 2015-12-21 10:33 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 13:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ،  «يارا»ئاخىرى ئېغىز ئاپتۇ-دە!

قېنى، بۇ ئۈمىدى63 ئەپەندىم، بۇ تېمىغا كىرىپ بىر نېمە دەڭ؟

ۋاقتى: 2015-12-4 13:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گېزىتنى مەن 22-نويابىر مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغانتىم. كۆرۈپ باققايلا. بۇ تېمىدىمۇ، مۇشۇ ھەقتە ئازراق تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتكەن.
forum.php?mod=viewthread&tid=34013
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 13:25  


ۋاقتى: 2015-12-4 14:55:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستا بۇ نىمە بولغىنى ئەمدى؟

باھا سۆز

بۇ نېمە سەتچىلىك، دېگىنە، ئاداش...  ۋاقتى: 2015-12-4 05:06 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 14:59:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانى مىنىڭ ياخشى  دوستۇم ،ئىدى، بىز يەكەندە ھەداستىخان بولغان ،كۆپ پىكىر ئالماشتۇرغان، سىرداشقان ئىدۇق ،قانداق بوپ بۇ خىزمەتدىشىم ئەكرەكجان ئۇنداق قىلغاندۇ ؟

باھا سۆز

ئەھمىدى، بولدى قىل ئەمدى...چاپانمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى...  ۋاقتى: 2016-3-10 09:28 AM
ۋاقتى: 2015-12-4 15:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ  دىگەندەك ئەكرەمجان ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى سەمىمىيەت بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سوراپتۇ. ھەققانى ئەپەندىمۇ خالىس نىيىتى بىلەن كەچۈرۋاتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تورداشلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى ئەمدى قايتا سۆرەپ چىقماسلىقىنى، سەمىمى كەچۈرۈم سورىغۇچىنىڭ  كىيىنكى قەدەملىرىگە  ئۇتۇق تىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

باھا سۆز

ئۈمىت-ئۈمىد...  ۋاقتى: 2016-3-10 09:29 AM
ۋاقتى: 2015-12-4 16:15:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ھەققانى، ماۋۇ تېلىفۇن نومۇرى چىرا ناھىيەسىدىكى تەتقىقاتچى، شائىر مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەننىڭ13899463614)، سىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز، شۇنداق كۆچۈرمىكەشلىك ( ئۇنىڭ يازمىلىرىنى دەل شۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى « ئۇقۇشماي » ناملىق ھېكايىنى توقۇپ چىققان دوستىمىز كۆچۈرگەن) تۈپەيلىدىن ئىچىنىڭ قانداق ئاچچىققا تولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ئۇ كىشى ماڭا بىرمۇنچە ئىسپات ئەۋەتىپتۇ. بەكلا ھەيران قالدىم...بۇنداق ئىشلار بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەلبەتتە، مەن چوقۇم كۆرۈشۈڭ، دېمىدىم. پەقەت بىلىپ قالسۇن دەپ ئويلىدىم...لېكىن مەن ئەكرەمجانغا يەنىلا ئىنساپ تىلەيمەن، مۇھەممەد ئەھمىدى، دوستۇم، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيلى. « كىتابسىز كىشىنىڭ كەلگۈسى كۈلپەتلىك » دېگەن سۆز ئويۇنى ئەكرەمجاننىڭ نامىدا « كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. مەن « ئاقسۇ گېزىتى»( بۇ تەرەپلەرگە كەلمىگەچكە)نى كۆرەلمىگەنلىكىم(ئەسلىدە كۇتۇپخانىلاردا بار ئىدى) ئۈچۈن، مۇشۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە  دەسلەپكى « شارائىت» يارىتىلىپ قالدى. شۇڭا مۇنبەرداشلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن ھەم بارلىق نەشر ئەفكارلىرىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ  بۇ ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دوستلار، « ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»، « قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنەر»، « جۇۋالدۇرۇز قاپتا ياتمايدۇ»...ھەقىقەت ھامان ئايان ۋە بايان بولىدۇ. ئەجىبا، بۇ قۇلاقنى ھەق-ناھەقنى ئاڭلاشقا، كۆزنى ئاق-قارىنى كۆرۈشكە ياراتقان تۇرسا، ھەممىمىز ئىچىمىزگە تىنىپ، قاراپ تۇرساق بولماس... ۋاقىپ بولغايسىلەر، دوستلار... ھېچ بولمىسا مۇشۇ يەردە بولسىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ بېقىڭلارچۇ، ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 17:52  


باھا سۆز

رەھمەت، ھاياجاندا ئۆزۈمنى باسالماي، شۇنداق يېزىپ ساپتىمەن...  ۋاقتى: 2015-12-4 05:00 PM
ئابلاجان ئەپەندىم:تېلېفۇن نومۇرىنى ئوڭشاپ قويدۇم:13899463614  ۋاقتى: 2015-12-4 04:58 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 18:20:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكلا سەت ئىش بولۇپتۇ....مەن نىمە دىيىشنى بىلمىدىم....

ۋاقتى: 2015-12-4 18:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمىدى ئەپەندى بۇ ئەسەرنى «دولان مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىغىمۇ ئەۋەتىپتىكەن. تېلېفون بېرىپ باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان قىلىنمىغانلىقىنى سورىساق، بىر گېزىتتە ئازراق بىر قىسمىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كېيىن تولۇقلاپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ژۇرنالغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئەسەرنىڭ «كاشىغەر مەدەنىيىتى»گىمۇ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق. كېيىن 2015-يىلى 20-نويابىردىكى قانۇنچىلىق گېزىتىدىمۇ ئېلان قىپتۇ.ئەمدىلىكتە بۇ ئەسەر ھەققانىي ئەپەندىنىڭ بولۇپ چىقتى. ئۆزىمۇ ئىنكاس يېزىپ خىجىللىقىنى ئىپادىلەپتۇ. بۇندىن كېيىن دوستلارنىڭ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن خالىغانچە پايدىلانماسلىقىنى، بىر پارچە ئەسەرنى بىر مەتبۇئاتقىلا ئەۋەتىپ باشقىلارغا يوللاشقا توغرا كەلسە، ئاۋالقى ئەۋەتكەن مەتبۇئاتتىكىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشىنى ياكى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، ئەۋەتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-4 19:43:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ە

بۇ ئىش نىمانداق مۇرەككەپ بوپ كەتتى .مەن بۇ ئەسەرنى ئەكرەمجاننىڭ نامىدا‹‹ كاشغەر مەدەنىتى ››ژۇرنىلىدا كۆزۈپ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان ھەم كۆڭلۈمدە خىلى قايىل بولغان ئىدىم،ئەپسۇس ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 19:44  


ۋاقتى: 2015-12-4 20:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurtekin يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 18:55
ئۇمىدى ئەپەندى بۇ ئەسەرنى «دولان مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىغ ...

  ھەر قانداق ئادەم ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ۋىجدان بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ،
                          ‹‹ ئالىم بولۇشتىن ئاۋال - ئادەم بول ! ›› - دېگەن دەل مۇشۇ.

ۋاقتى: 2015-12-4 21:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


نەچچە يىل بۇرۇن   «ئاتىللا» ئىسىملىك توردىشىمنىڭ QQبوشلىقىدىن بىر ساتىرانى مەلۇم بىر مۇنبەرگە ئاتىللا نامى بىلەن كۆچۈرۈپ (ئۇ چاغدا ھەققانىنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلمەپتىكەن)
كىيىن بۇ ساتىرانى ھەققانى ئەپەندىنىڭ يازغانلىقىنى بىلىپ شۇ مۇنبەردە مەن ھەققانى  ئەپەندىدىن كەچۈرۈم سورىغانتىم.  بۈگۈن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم

ۋاقتى: 2015-12-4 22:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار:مەن يۇقارقى ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، بۇ سەۋەنلىكلەر دوستۇم ئەكرەمجاندىن ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن  مەن ئەپو سورايمەن.ئۇمۇ خىجىللىقىنى بىلدۈرۈپ ۋاقتىدا ھەققانى ئەپەندىگە جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ، مەن ھاققانىغىمۇ تېلىفۇن قىلىپ كۆڭۈل قويىمەن .
قەدىرلىك دوستلار :كۆپرەك كىتاپ ئوقۇيلى، ھوزۇرلىنايلى، شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىجادىيەت، ھازىرقى زاماندا يالتىراق شان-شۆھرەتنىڭ ،قۇرۇق نام-ئاتاقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالساق ياراشمايدۇ.
ھەر ئككى دوستۇمغا ۋە تورداشلارغا بىر پىيالە چاي تۇتاي. ئەينى ۋاقىتتا ھەققانى دوستۇم ماڭا ئۆزىنىڭ ‹‹ھەسەتخورلار››نامىلىق  شېئىرلار توپلامىنى ئمزا قويۇپ تەقدىم قىلغان ئىدى .

باھا سۆز

شۇ ماقالىمۇ مەندە پەيدا قىلىپ قويدى، كۆرۈپ بېقىڭلار، دوستلار...  ۋاقتى: 2015-12-30 12:45 PM
« شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 20015-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە...ھەي!  ۋاقتى: 2015-12-30 12:45 PM
ۋاقتى: 2015-12-5 00:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە سالا (ھېسداشلىق)قىلىۋاتامسىلەر؟!
شۇڭا تۆگىمەيدۇ بۇ خىل ئىش...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-5 00:33  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش