بىز شەھەردىن ئىبارەت بۇ قاينام-تاشقىنلىققا توشقان قايناق دۇنيادا« مەن شەھەرلىك»-دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ يۇرىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىمىزنىڭ نىمىلەردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى دەماللىق ھېس قىلالمىساق كېرەك.بىزنىڭ ئۇماق بالىلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەھەر ھەممىگە قادىر،ئۇلارنىڭ قىشتا ئىسسىق، يازدا ھەر ۋاقىت ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇردىغان بىنا ئۆيلىرى بار،ھەر خىل ئويۇنچىقلىرى بار،يەنە كېلىپ تېلىۋوزۇرمۇ مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن تۈگىمەس كارتۇنلارنى تىزىپ قويغان،مانا ئەمدى كومپىيۇتېردىكى ئويۇنلار ئۆز رەڭدارلىقى بىلەن بالىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئۆزىگە بەنىت قىلىپ ئۆي ئىچىگە ئىختىيارسىز سولىماقتا.ئۇلار ئۆزلىرىگە نىسبەتەن زامانىمىزدىكى ئەڭ بەختلىك بالىلاردۇر.شۇنداق بىزمۇ بالىلىرىمىزغا دائىم؛« قارا،بالام بۇ ئۆيدە نىمە كام،سېنىڭ توققۇزىڭ تەل شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشىڭ كېرەك!»-دەپ تەربىيە بېرىمىز.يېزىلارغا بارغاندا بولسا بالىلىرمىزنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋېتىشدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئارقىسدىن يۇرىمىز.
-بالام سۇغا كىرمە چۆكۈپ كېتىسەن!بالام توپا ئوينىما ئاغرىپ قالىسەن،ۋاي ،بالام ئاۋۇ لايغا يېقىن يولىما كىيمىڭىنى لاي قىلىسەن..-بىچارە بالىلىرمىز سەھراغا بارىدىيۇ ئەمما شۇ يەرنىڭ بالىلىرىدەك قېنىپ ئويىنىيالماي قايىتىپ كېلىشىدۇ.بارا-بارا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسدىن توپىدىن قېچىش ،سەھرانى كەمسىتىش تۇيغىسى پەيدا بولىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.مەنمۇ شۇنى ھېس قىلماقتىمەن.