كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 0

رىسالەت مەردان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1491
تۆھپە : 75
توردا: 327
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 00:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رىسالەت مەرداننىڭ تەرجىمھالى



men.jpg



رىسالەت مەردان، ئايال، ئۇيغۇر، 1977-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى قومۇل شەھىرىگە قاراشلىق شارلار تېغى تاراتى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى قومۇل دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزۈپ ئۆز يۇرتىغا مۇئەللىملىككە تەقسىم قىلىنغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئەدەبىيات كەسپىدە مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن. 2001-يىلى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش بويىچە ئەدەبىيات تولۇق كۇرس دېپلۇمىنى ئالغان. 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستۇتىدا ھازىرقى-بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرگەن. 2011-يىلى 8-ئايدا قومۇل شەھىرى مائارىپ ئىدارىسىدىن بايىنغۇلىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، چەرچەن ناھىيە ئارال يېزا باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ، شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
رىسالەت مەرداننىڭ ئىجادىي ھاياتى 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ‹‹قومۇل گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ھەيران قالدىم›› ناملىق مىكرۇ ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بۇيان ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹تارىم ›› ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹كروران››، ‹‹يېڭى قاشتىشى ›› قاتارلىق ژورناللاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، ‹‹ قومۇل ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلىرى››، ‹‹ ئېلى دەرياسى››، ‹‹كروران››، ‹‹كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش›› قاتارلىق ژورناللاردا 20 پارچە ئىلمىي ماقالە، تەتقىقات ماقالىسى، ‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ›› ‹‹ تارىم ›› قاتارلىق ژورناللاردا 5 پارچە ھېكايىسى، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› قاتارلىق ژورناللاردا 15 پارچە تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ‹‹مەڭگۈلۈك ئارىلىق ›› ناملىق ھېكايە-پوۋسىتلار توپلىمى، ‹‹ ئۆگەي ئانا ›› ناملىق رومانى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقماقچى. ئۇ يەنە ‹‹سىم-سىم يامغۇر ›› ناملىق روماننى شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرىياتىغا تاپشۇردى. ئۇ يەنە 2008-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك يازغۇچى دى. كىلەزىئۇنىڭ ‹‹ئورانىيا ›› ناملىق رومانىنى، كانادالىق داڭلىق ئايال يازغۇچى مارگارىت ئاتۋۇدنىڭ ‹‹يىگىلى بولىدىغان ئايال ›› ناملىق رومانىنى ‹‹غەرپ ئەدەبىياتى ھېكايىلىرى ›› ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا تاپشۇردى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدىكى ئارزىگۈل تۇراپ، گۈلشەن بەسىر قاتارلىقلار بىلەن ‹‹ بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئايال قەلەمكەشلىرى ›› ناملىق تەتقىقات كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشىرىياتقا تاپشۇردى.
ئۇ يەنە ئېنگىلىزچىدىن ئاگاسا كىرىستىنىڭ ‹‹ئۇلار باغدادقا كەلدى›› ناملىق رومانىنى، ئېلزابىت گىربىتنىڭ ‹‹تاماق، ئىبادەت، مۇھەببەت›› ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلدى.
رىسالەت مەردان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيئىتى، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمىيئىتىنىڭ ئەزاسى. لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنىڭ 16-قارار ئالىي تەرجىمانلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش