بىلەمسەن نىمىشقا خوراز ھەر سەھەرـ
ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟
ئۇ دەيدۇ : «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،
ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزەڭ بىخەۋەر!»
غىياسىدىن ئەبۇل فاتېھ ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ئەل ھەييامى ئەننىشاپورى 1048-يىلى 18-مايدا نىشاپور شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1131-يىلى 4-دېكابىردا 83-يېشىدا نىشاپور شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنى رۇبائىيلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە «ھەييام» ( چېدىرچى) دىگەن تەخەللۇس بىلەن ئاتىغان. ئۇ ئېھتىمالىم ئۇنىڭ ئاسترونوم سۈپتىدە ئالەم «چېدىرى»نى كۈزىتىدىغانلىقى ياكى پەيلاسۇپ سۈپتىدە ئلەم «چېدىرى»نى ئىزاھلايدىغانلىقى ۋە ياكى شائىر سۈپتىدە پەلسەپىۋى رۇبائىيلار ئارقىلىق ئالەم توغرىسىدا «بېيىت» ( «بېيت» سۆزى ئەرەپچە چېدىر دېگەن سۆزلەردىن ئېلىنغان) تۈزىدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن...(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى› 216-217-بەتلەر)
ئۆمەر ھەييام خەلقىمىزگە ئۇزۇندىن بېرى تەبىئى پەن ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاساھەت ۋە بالاغەتتە يۈكسەك پەللە ياراتقان ئېسىل رۇبائىيلىرى بىلەن تۇنۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىغا ئاجايىپ چوڭقۇر پەلسەپە، ھېكمەت يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ھەربىر رۇبائىيىسىنى ئاسماندىكى بىر يۇلتۇزغا، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل بىر ئارالغا ياكى بىر ھېكمەت خەزىنىسىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
مەن توپلىيالىغان ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، 1980-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئات ياكى نەشىرياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
① «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ 91 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).
②«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 300 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.
③«دانالار خەزىنىسىدىن». بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 32 پارچە رۇبائىيىسى ئورۇن ئالغان.
④«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1988-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 158 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).
⑤«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئوسمان نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتابچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 200 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.
⑥«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (شائىر ئوسمانجان ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 446 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.
⑦«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ ـ 2» (بۇ ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئابلەت ئابدۇقادىر بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا شەر*ق كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ رۇبائىيلار توپلىمى بولۇپ، بۇ كىتابقا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 20 پارچە رۇبائىيىسى كىرگۈزۈلگەن)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن 2008 –يىلى نەشىر قىلىنغان.
دىمەك، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقان، كونا ئۇيغۇر يېزىغى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ، ئىسلاھ قىلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىغان 1979-يىلىدىن بۇيانقى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىزدە باشقا ھىچبىر چەتئەل شائىرىنىڭ، ئۆتكۈر ئەپەندى شېئىرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىمۇ بۇنداق قايتا-قايتا، ئوخشىمىغان شەكىلدە نەشىر قىلىنىپ باققان ئەمەس.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى بىزدە قايتا-قايتا نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. گەرچە ئابدۇسالام توختى، نۇرمۇھەممەد ئېركى، مۇھەممەد ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلار زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆز پىكىرلىرىنى قىسقا بايان قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى ئۆمەر ھەييامنىڭ دۇنيا قارشى، تەپەككۇر قاتلىمى بويىچە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بولالمىدى.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەسەۋۇپ تىلى بۇيىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۆمەر ھەييامنىڭ تەپەككۇرىغا ياندىشىپ تۇرۇپ ھەقىقى ئىستېتىك زوق ئالغىلى بولىدۇ. «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىنىڭ ئۇزاق سەتھلىرىدە شۇنچە كۆپ شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈزۈلمەي تەكرار-تەكرار تەسۋىرلەنگەن ‹ئىشىق، يار، مەي، جام، مەيخانا› ئىبارىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ كونا جەمىيەتتىكى ئەزگۈچى ھۆكۈمران سىنىپلارغا ئوقۇلغان نەپرەت بولماستىن، بەلكى سۇفىزىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ئىشقى بىلەن مەست بولۇپ، ئۆزلۈكنى يوقۇتۇپ، ھەق ۋۇجۇدىغا قوشۇلۇپ كېتىشتەك سۇفىستىك ئىدىيىنى ئىزھار قىلىشتا تەسەۋۋۇپ تىلىدىن تاللىۋالغان سىمۇۋۇللۇق ئوبرازلار ئىكەنلىگىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىللەرگە توغرا جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا شۇكى، تەسەۋۋۇپتىكى ئالاھىدە مەنە بېرىلگەن سىمۇۋۇللۇق سۆزلەر تۇراقلىق بىر مەنىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەرەب، پارىس، تۈ*ركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئەينى بىر مەنىدە قوللىنىلغان ۋە چۈشىنىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق شەخسىنىڭ بۇ خاس ئاتالغۇلارنى تەسەۋۋۇپ تىلى قانۇنىيىتى بۇيىچە ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئىرادىسى بۇيىچە خالىغانچە مەنە بېرىش ھوقۇقى يوق. شۇنداقلا ئۆتكەنكى بىر ئەۋلاد مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئىدولوگىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، بۇرمىلاپ شەرھىيلەش ۋەزىپىسىمۇ يوق.
سۇفىستلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر يول ئىشىق بولۇپ، ئىشىق چۈشەنچىسى باشتىن-ئاىىر تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە سىڭىپ كەتكەن. خۇددى سۇفىستلار ئۆزىنى ئاشىق دەپ ئاتىغاندەك ئەھلى تەسەۋۋۇپ بەزىدە ئىشىق ئەھلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى ئاشىق سانىغان سۇفىستلارنىڭ مەشۇغى، يارى تەبئىيكى خۇدا بولىدۇ...» ( نەزىرە مۇھەممەد سالىھ : «شەر*ق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» 232~239 –بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004-يىل نەشىرى).
مەن ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا مەنىۋى ھۇزۇر بېرىش ۋە بىر قىسىم ياشلارنى رۇبائىينىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىى بىلەن تۇنۇشتۇرۇرۇش مەقسىتىدە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان رۇبائىيلارنى مۇنبەرگە يوللىدىم.
دۇنيانىڭ تىلىگى، مىۋىسى ئىنسان،
ئەقىل كۆزىنىڭ قارىسى ـ جەۋھىرى ئىنسان.
دۆگىلەك يەر شارىنى ئزۈك دەپ بىلسەك،
شەكسىز ئۇنىڭ كۆزى ـ گۆھىرى ئىنسان.
يان باسما، بۇ دۇنيا ئەسلىدىن بىدات،
ئۆتكەنلەر غېمىنى قىلما ماڭا ياد.
بەرمە بىر گۈزەلدىن ئۆزگىگە كۆڭۈل،
مەيسىز بولما، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەرباد.
ئۆمرۈڭ قاچانغىچە ئۆزەم دەپ ئۆتەر،
يوقلۇق بارلىق ئارا كەزسەم دەپ ئۆتەر.
مەي ئىچ، غەم ئۆمرۈڭنىڭ پېيىگە چۈشكەچ،
ئۇيقۇ يا مەستلىكتە بىردەمدەك ئۆتەر.
ئۆتكەنكى كۈنۈڭنى ھىچ قىلمىغىن ياد،
ئەرتەڭ كەلمەي تۇرۇپ، قىلما كۆپ پەرياد.
ئۆتكەن، كەلمىگەنگە قايغۇرما ياق قوي،
شات ياشا، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەربات.
سەن، مەندىن بۇرۇنمۇ تۈن كۈن بار ئىدى،
چۆرگۈلىگەن پەلەكمۇ پۈتۈن بار ئىدى.
تۇپراققا ئاۋايلاپ قەدىمىڭنى قوي،
بۇ تۇپراق قارا كۆز بىر نىگار ئىدى.
ھەر سىرنى دىلىدا ساقلىسا دانا،
يۇشۇرۇن بولسۇن ئۇ، مىسالى ئاڭقا.
سەدەپنىڭ ئىچىدە دۇر بولار قەترە،
سىر قىلىپ قەلبىدە يۇشۇرغاچ دەريا.
مەن كەلدىم بۇ دۇنيا كۆردى نە پايدا؟
كەتسەم مەرتىۋىسى ئاشارمۇ؟ قايدا!
ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدىغۇ:
كېلىشىم، كېتىشىم سەۋەبى قايدا.
بار بۇ يەر يۈزىدە ھەرخىل چاڭ-تۇزاڭ،
بولغان ئۇ ئاي يۈزلۈك دىلدار بىر زامان.
نازىنىن يۈزىدىكى چاڭنى ئاستا سۈرت،
بىر چاغلار ئىدى ئۇ گۈزەل بىر جانان.
ھۇشياربولسام، مەندىن خوشاللىق يىراق،
مەس بولسام ئەقلىمدىن ئاجرايمەن بىراق.
مەسلىك ۋە ھۇشيارلىق ئارىلىغى بار،
ھايات شۇ، ئاڭا قۇل بولسام ياخشىراق.
ئەي پەلەك، ناكەسلەرنى قىلدىڭ پاراۋان،
بەردىڭ ھاممام، يەر، سۇ، تۇگەن، ئۆي-ماكان.
توغرا كىشى زاردۇر بىر بوردا نانغا،
جىرتەككە ئەرزىمەس بۇنىڭدەك دەۋران.
خوشاللىق كىتاۋىنى ئوقۇماق كېرەك،
دىلىڭدا غەم-قايغۇ بولمىسۇن قىلدەك.
مەي ئىچىپ ئارزۇيۇڭنى ئاشۇر ئەمەلگە،
مەلۇمكى، تېز كېلەر ئۆلۈمدىن دېرەك.
ئالىملار بار ئىدى كۈندەك خۇش چىراي،
ھەر بىرى غەزىنە ـ ئىلىم ـ پەنگە باي.
بىرەر ئەپسانە دەپ ئۆتتى ئالەمدىن،
بۇ زۇلمەت كېچىدىن يول تېپىشالماي.
ياش ـ قېرى ھاياتقا ھەركىمكى يېتەر،
ھەممىسى ئىزمۇ ـ ئىز، بىرمۇ ـ بىر ئۆتەر.
بۇ دۇنيا ھېچكىمگە ئەمەستۇر باقى،
كېتىشتى، كېتىمىز، كېلىشەر، كېتەر.
يۈرىگىم قېنىدىن يۈزلەپ ئۆي ۋەيران،
بولار بەك قورقۇنچلۇق، چەكسەم ئاھ ـ پىغان.
ھەر بىر كىرپىگىمدە قان دەرياسى بار،
كىرپىكلەر يۇمۇلسا باشلىنار توپان.
ئەپسۇسكى يىگىتلىك مەۋسۈمى ئۆتتى،
كۆكلەم ئۇزاپ كەتتى، قىش پەسلى يەتتى.
ياشلىق دەپ ئاتالغان ئۇ شادلىق قۇشى،
بىلمىدىم، قاچاندۇ كەلدى ۋە كەتتى.
غادايغان باشنى مەي ئېگىدۇ ھەردەم،
مەيدىن يېشىلمىگەن بىرەر تۈگۈن كەم.
بىر يۇتۇم مەي ئىچكەن بولسىدى شەيتان،
مىڭ سەجدە قىلاتتى ئادەمگە ئۇ ھەم.
يوقلۇقتىن پاك كېلىپ، ناپاك بولدۇق بىز،
شوخ ۋە خوشال كېلىپ، غەمناك بولدۇق بىز.
كۆزىمىز تولغان ياش-يۈرەكتە يالقۇن،
ئۆمۈر بىكار كەتتى ھەم خاك بولدۇق بىز.
مەي – بالقىغان ياقۇت، كوزىسى كاندۇر،
قەدەھى بەدەندۇر، شارابى جاندۇر.
ياقۇتتەك بۇ قەدەھ مەيدىن خەنداندۇر،
كۆز ياشتۇر، دىل قېنى ئۇندا پىنھاندۇر.
بىلەمسەن نىمىشقا خوراز ھەر سەھەرـ
ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟
ئۇ دەيدۇ : «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،
ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزەڭ بىخەۋەر!»
مەي ئىچسەڭ، ئاقىل ھەم دانا بىلەن ئىچ،
ياكى بىر گۈل يۈزلۈك رەنا بىلەن ئىچ.
ئاز-ئاز ئىچ، گاھ-گاھ ئىچ، ھەم يۇشۇرۇن ئىچ،
ئېزىلمە، رەسۋا بولما، ھايا بىلەن ئىچ.
بىر كۈنى چۈشۈمدە قېرى بىلىمدان،
دىدى : ئۇيقۇ بىلەن بەخىت كەلمەس، نادان.
ئەتىلىككە ئەجەلگە قوش دوست بولارمىز،
ئىچىۋال، قەبرەڭدە ئۇخلارسەن ئوبدان.
بىز بىر تەييار تاپمىز، قازادۇر دىخان،
غەم چېكىش بىھۇدە پايدىسىز پىغان.
قەدەھنى توشقۇزۇپ، تېزرەك قولغا ئال،
بولغۇلۇق بولۇپتۇ، ئىچەي بى ئارمان.
تىرىكلىكتىن نىمە غېمىڭ بار ئەي يار،
بىھۇدە پىكىردىن دىل جاندا ئازار.
شات ئۆتكۈز ئۆمرۈڭنى ياشىغىن خوشال،
تەقدىر قولۇڭدا ئەمەس، نىمە چارەڭ بار؟!
ئالەم قىلتىغىدىن ئازات ئەمەسمىز،
بىر نەپەس ئالماقتىن ھەم شاد ئەمەسمىز.
ھاياتقا كۆپ شاگىرت بولدۇق، ھازىرمۇ،
دۇنيانىڭ ئىشىغا ئۇستات ئەمەسمىز.
شاراپسىز يوق ماڭا ھاياتلىق بىردەم،
مەيسىز كۆتىرەلمەيمەن تەن يۈكىنى ھەم.
ساقى مەي ئۇزاتسا، ئالالماي قالسام،
شۇ دەمنىڭ سەدىقىسى بولاي ھەمىشەم.
دوستلىرىم بىر-بىرلەپ كەتتى – يول سالدى،
ئەجەلدىن تۇپراققا كىرىپ جاي ئالدى.
ئۆمۈر مەجلىسىدە ئىچىشتۇق بىر قۇر،
ئاۋالراق مەست بولۇپ، بەرى يوقالدى.
بۇ زاماندا ئەقىلدىن پايدا يوق زىنھار،
ئەقىلسىز كىشىگە جاھان ئۈنۈمدار.
ئەقىلنى ئالغۇچى نەرسىنى كەلتۈر،
زامان شۇ چاغ ئاھ – زار ماڭا بولغاي يار.
كوزىنىڭ لېۋىگە لەۋ قويۇپ بىردەم،
ئۇزۇنراق ياشاشنى تەلەپ قىپ كۆرسەم.
لېۋىنى لېۋىمگە توغرىلاپ دىدى :
مەنمۇ سەندەك ئىدىم، بىر دەم بول ھەمدەم.
ئويلىما، پۇلسىز ۋە ناچار ئىچمەيمەن،
رەسۋالىقتىن قىلىپ يا ئار ئىچمەيمەن.
دىلخۇشلۇق يولىدا ئىچەتتىم مەينى،
بۇ كۈنچۇ قەلبىمدە سەن بار، ئىچمەيمەن.
بىز كېلىپ كەتكۈچى شار كەبى جاھان،
نە بېشى مەلۇم، نە ئاخىرى ئايان.
ھىچكىشى راستىنى ئېيتىپ بېرەلمەس،
بىز نەدىن كەلدۇق ۋە بارارمىز قايان؟
سىرلار پەردىسىگە يول يوق ھىچقانداق،
بۇ – ھىچكىم تاپالمىغان چىگىش تېپىشماق.
بىزلەرگە بىردىن-بىر مەنزىلدۇر تۇپراق،
مەي ئىچ، بۇ چۆچەكلەر ئۇزاقتىن – ئۇزاق.
(داۋامى يەنە يوللىنىدۇ)