تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 234|ئىنكاس: 13

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 23:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام روبائىيلىرىدىن
بىلەمسەن نىمىشقا خوراز ھەر سەھەرـماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟ئۇ دەيدۇ : «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزەڭ بىخەۋەر!»
غىياسىدىن ئەبۇل فاتېھ ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ئەل ھەييامى ئەننىشاپورى 1048-يىلى 18-مايدا نىشاپور شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1131-يىلى 4-دېكابىردا 83-يېشىدا نىشاپور شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنى رۇبائىيلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە «ھەييام» ( چېدىرچى) دىگەن تەخەللۇس بىلەن ئاتىغان. ئۇ ئېھتىمالىم ئۇنىڭ ئاسترونوم سۈپتىدە ئالەم «چېدىرى»نى كۈزىتىدىغانلىقى ياكى پەيلاسۇپ سۈپتىدە ئلەم «چېدىرى»نى ئىزاھلايدىغانلىقى ۋە ياكى شائىر سۈپتىدە پەلسەپىۋى رۇبائىيلار ئارقىلىق ئالەم توغرىسىدا «بېيىت» ( «بېيت» سۆزى ئەرەپچە چېدىر دېگەن سۆزلەردىن ئېلىنغان) تۈزىدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن...(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى› 216-217-بەتلەر)ئۆمەر ھەييام خەلقىمىزگە ئۇزۇندىن بېرى تەبىئى پەن ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاساھەت ۋە بالاغەتتە يۈكسەك پەللە ياراتقان ئېسىل رۇبائىيلىرى بىلەن تۇنۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىغا ئاجايىپ چوڭقۇر پەلسەپە، ھېكمەت يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ھەربىر رۇبائىيىسىنى ئاسماندىكى بىر يۇلتۇزغا، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل بىر ئارالغا ياكى بىر ھېكمەت خەزىنىسىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.مەن توپلىيالىغان ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، 1980-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئات ياكى نەشىرياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:① «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ  91 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).②«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 300 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.③«دانالار خەزىنىسىدىن». بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 32 پارچە رۇبائىيىسى ئورۇن ئالغان.④«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1988-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى  158 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).⑤«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئوسمان نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتابچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 200 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.⑥«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (شائىر ئوسمانجان ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 446 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.⑦«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ ـ 2» (بۇ ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئابلەت ئابدۇقادىر بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرق كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ رۇبائىيلار توپلىمى بولۇپ، بۇ كىتابقا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 20 پارچە رۇبائىيىسى كىرگۈزۈلگەن)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن 2008 –يىلى نەشىر قىلىنغان.دىمەك، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقان، كونا ئۇيغۇر يېزىغى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ، ئىسلاھ قىلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىغان 1979-يىلىدىن بۇيانقى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىزدە باشقا ھىچبىر چەتئەل شائىرىنىڭ، ئۆتكۈر ئەپەندى شېئىرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىمۇ بۇنداق قايتا-قايتا، ئوخشىمىغان شەكىلدە نەشىر قىلىنىپ باققان ئەمەس.ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى بىزدە قايتا-قايتا نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. گەرچە ئابدۇسالام توختى، نۇرمۇھەممەد ئېركى، مۇھەممەد ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلار زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆز پىكىرلىرىنى قىسقا بايان قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى ئۆمەر ھەييامنىڭ دۇنيا قارشى، تەپەككۇر قاتلىمى بويىچە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بولالمىدى.ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەسەۋۇپ تىلى بۇيىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۆمەر ھەييامنىڭ تەپەككۇرىغا ياندىشىپ تۇرۇپ ھەقىقى ئىستېتىك زوق ئالغىلى بولىدۇ. «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىنىڭ ئۇزاق سەتھلىرىدە شۇنچە كۆپ شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈزۈلمەي تەكرار-تەكرار تەسۋىرلەنگەن ‹ئىشىق، يار، مەي، جام، مەيخانا› ئىبارىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ كونا جەمىيەتتىكى ئەزگۈچى ھۆكۈمران سىنىپلارغا ئوقۇلغان نەپرەت بولماستىن، بەلكى سۇفىزىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ئىشقى بىلەن مەست بولۇپ، ئۆزلۈكنى يوقۇتۇپ، ھەق ۋۇجۇدىغا قوشۇلۇپ كېتىشتەك سۇفىستىك ئىدىيىنى ئىزھار قىلىشتا تەسەۋۋۇپ تىلىدىن تاللىۋالغان سىمۇۋۇللۇق ئوبرازلار ئىكەنلىگىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىللەرگە توغرا جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا شۇكى، تەسەۋۋۇپتىكى ئالاھىدە مەنە بېرىلگەن سىمۇۋۇللۇق سۆزلەر تۇراقلىق بىر مەنىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەرەب، پارىس، تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئەينى بىر  مەنىدە قوللىنىلغان ۋە چۈشىنىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق شەخسىنىڭ بۇ خاس ئاتالغۇلارنى تەسەۋۋۇپ تىلى قانۇنىيىتى بۇيىچە ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئىرادىسى بۇيىچە خالىغانچە مەنە بېرىش ھوقۇقى يوق. شۇنداقلا ئۆتكەنكى بىر ئەۋلاد مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئىدولوگىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، بۇرمىلاپ شەرھىيلەش ۋەزىپىسىمۇ يوق.سۇفىستلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر يول ئىشىق بولۇپ، ئىشىق چۈشەنچىسى باشتىن-ئاىىر تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە سىڭىپ كەتكەن. خۇددى سۇفىستلار ئۆزىنى ئاشىق دەپ ئاتىغاندەك ئەھلى تەسەۋۋۇپ بەزىدە ئىشىق ئەھلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى ئاشىق سانىغان سۇفىستلارنىڭ مەشۇغى، يارى تەبئىيكى خۇدا بولىدۇ...» ( نەزىرە مۇھەممەد سالىھ : «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» 232~239 –بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004-يىل نەشىرى).مەن ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا مەنىۋى  ھۇزۇر بېرىش ۋە بىر قىسىم ياشلارنى رۇبائىينىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىى بىلەن تۇنۇشتۇرۇرۇش مەقسىتىدە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان رۇبائىيلارنى مۇنبەرگە يوللىدىم.[ بۇ يازمىنى ARKZAT تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2012-4-11 00:11 ]

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 23:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى يوللىنىدۇ
بۇ تېما مۇھىم دەپ قارىغىنىم ئۇچۇن ھەم داۋامىنى تېخى يوللاپ بولالمىغىنىم ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە كۇچۇرۇپ يوللىماقچى بولدۇم. ئەپۇ قىلغايسىزلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-1 23:39  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  


ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت، يەنە يوللاپ تۇرارسىز....

قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى ئۆز ئۆتمۈشىگە ھەرگىز رەخمەت ئېيتمايدۇ.
                          تاگور

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام ھەزرەتلىرىنىڭ ھەربىر رۇبائىيسى بىزگە ئالەمشۇمۇل ھېكمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.
مۆلجەرىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:48:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىلار شىئېر شەكلىدە يوللانسا بوپتىكەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 14:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆمەر ھەييام روبائىيلىرىدىن


بىلەمسەن نىمىشقا خوراز ھەر سەھەرـ

ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟

ئۇ دەيدۇ : «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،

ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزەڭ بىخەۋەر!»


غىياسىدىن ئەبۇل فاتېھ ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ئەل ھەييامى ئەننىشاپورى 1048-يىلى 18-مايدا نىشاپور شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1131-يىلى 4-دېكابىردا 83-يېشىدا نىشاپور شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنى رۇبائىيلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە «ھەييام» ( چېدىرچى) دىگەن تەخەللۇس بىلەن ئاتىغان. ئۇ ئېھتىمالىم ئۇنىڭ ئاسترونوم سۈپتىدە ئالەم «چېدىرى»نى كۈزىتىدىغانلىقى ياكى پەيلاسۇپ سۈپتىدە ئلەم «چېدىرى»نى ئىزاھلايدىغانلىقى ۋە ياكى شائىر سۈپتىدە پەلسەپىۋى رۇبائىيلار ئارقىلىق ئالەم توغرىسىدا «بېيىت» ( «بېيت» سۆزى ئەرەپچە چېدىر دېگەن سۆزلەردىن ئېلىنغان) تۈزىدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن...(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى› 216-217-بەتلەر)

ئۆمەر ھەييام خەلقىمىزگە ئۇزۇندىن بېرى تەبىئى پەن ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاساھەت ۋە بالاغەتتە يۈكسەك پەللە ياراتقان ئېسىل رۇبائىيلىرى بىلەن تۇنۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىغا ئاجايىپ چوڭقۇر پەلسەپە، ھېكمەت يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ھەربىر رۇبائىيىسىنى ئاسماندىكى بىر يۇلتۇزغا، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل بىر ئارالغا ياكى بىر ھېكمەت خەزىنىسىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.

مەن توپلىيالىغان ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، 1980-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئات ياكى نەشىرياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

① «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ  91 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).

②«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 300 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.

③«دانالار خەزىنىسىدىن». بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 32 پارچە رۇبائىيىسى ئورۇن ئالغان.

④«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1988-يىل 1-سان، ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى  158 پارچە رۇبائىيىسى ئېلان قىلىنغان ( شائىر ئابدۇسالام توختى نەشىرگە تەييارلىغان).

⑤«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئوسمان نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتابچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 200 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.

⑥«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (شائىر ئوسمانجان ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 446 پارچە رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن.

⑦«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ ـ 2» (بۇ ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئابلەت ئابدۇقادىر بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرق كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ رۇبائىيلار توپلىمى بولۇپ، بۇ كىتابقا ئۆمەر ھەييامنىڭ جەمئى 20 پارچە رۇبائىيىسى كىرگۈزۈلگەن)، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن 2008 –يىلى نەشىر قىلىنغان.

دىمەك، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقان، كونا ئۇيغۇر يېزىغى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ، ئىسلاھ قىلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىغان 1979-يىلىدىن بۇيانقى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىزدە باشقا ھىچبىر چەتئەل شائىرىنىڭ، ئۆتكۈر ئەپەندى شېئىرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىمۇ بۇنداق قايتا-قايتا، ئوخشىمىغان شەكىلدە نەشىر قىلىنىپ باققان ئەمەس.

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى بىزدە قايتا-قايتا نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. گەرچە ئابدۇسالام توختى، نۇرمۇھەممەد ئېركى، مۇھەممەد ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلار زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆز پىكىرلىرىنى قىسقا بايان قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى ئۆمەر ھەييامنىڭ دۇنيا قارشى، تەپەككۇر قاتلىمى بويىچە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بولالمىدى.

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەسەۋۇپ تىلى بۇيىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۆمەر ھەييامنىڭ تەپەككۇرىغا ياندىشىپ تۇرۇپ ھەقىقى ئىستېتىك زوق ئالغىلى بولىدۇ. «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىنىڭ ئۇزاق سەتھلىرىدە شۇنچە كۆپ شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈزۈلمەي تەكرار-تەكرار تەسۋىرلەنگەن ‹ئىشىق، يار، مەي، جام، مەيخانا› ئىبارىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ كونا جەمىيەتتىكى ئەزگۈچى ھۆكۈمران سىنىپلارغا ئوقۇلغان نەپرەت بولماستىن، بەلكى سۇفىزىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ئىشقى بىلەن مەست بولۇپ، ئۆزلۈكنى يوقۇتۇپ، ھەق ۋۇجۇدىغا قوشۇلۇپ كېتىشتەك سۇفىستىك ئىدىيىنى ئىزھار قىلىشتا تەسەۋۋۇپ تىلىدىن تاللىۋالغان سىمۇۋۇللۇق ئوبرازلار ئىكەنلىگىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىللەرگە توغرا جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا شۇكى، تەسەۋۋۇپتىكى ئالاھىدە مەنە بېرىلگەن سىمۇۋۇللۇق سۆزلەر تۇراقلىق بىر مەنىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەرەب، پارىس، تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئەينى بىر  مەنىدە قوللىنىلغان ۋە چۈشىنىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق شەخسىنىڭ بۇ خاس ئاتالغۇلارنى تەسەۋۋۇپ تىلى قانۇنىيىتى بۇيىچە ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئىرادىسى بۇيىچە خالىغانچە مەنە بېرىش ھوقۇقى يوق. شۇنداقلا ئۆتكەنكى بىر ئەۋلاد مۇتەپەككۇر شائىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئىدولوگىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، بۇرمىلاپ شەرھىيلەش ۋەزىپىسىمۇ يوق.

سۇفىستلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر يول ئىشىق بولۇپ، ئىشىق چۈشەنچىسى باشتىن-ئاىىر تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە سىڭىپ كەتكەن. خۇددى سۇفىستلار ئۆزىنى ئاشىق دەپ ئاتىغاندەك ئەھلى تەسەۋۋۇپ بەزىدە ئىشىق ئەھلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى ئاشىق سانىغان سۇفىستلارنىڭ مەشۇغى، يارى تەبئىيكى خۇدا بولىدۇ...» ( نەزىرە مۇھەممەد سالىھ : «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» 232~239 –بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004-يىل نەشىرى).

مەن ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا مەنىۋى  ھۇزۇر بېرىش ۋە بىر قىسىم ياشلارنى رۇبائىينىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىى بىلەن تۇنۇشتۇرۇرۇش مەقسىتىدە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان رۇبائىيلارنى مۇنبەرگە يوللىدىم.

دۇنيانىڭ تىلىگى، مىۋىسى ئىنسان،

ئەقىل كۆزىنىڭ قارىسى ـ جەۋھىرى ئىنسان.

دۆگىلەك يەر شارىنى ئزۈك دەپ بىلسەك،

شەكسىز ئۇنىڭ كۆزى ـ گۆھىرى ئىنسان.

يان باسما، بۇ دۇنيا ئەسلىدىن بىدات،

ئۆتكەنلەر غېمىنى قىلما ماڭا ياد.

بەرمە بىر گۈزەلدىن ئۆزگىگە كۆڭۈل،

مەيسىز بولما، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەرباد.

ئۆمرۈڭ قاچانغىچە ئۆزەم دەپ ئۆتەر،

يوقلۇق بارلىق ئارا كەزسەم دەپ ئۆتەر.

مەي ئىچ، غەم ئۆمرۈڭنىڭ پېيىگە چۈشكەچ،

ئۇيقۇ يا مەستلىكتە بىردەمدەك ئۆتەر.

ئۆتكەنكى كۈنۈڭنى ھىچ قىلمىغىن ياد،

ئەرتەڭ كەلمەي تۇرۇپ، قىلما كۆپ پەرياد.

ئۆتكەن، كەلمىگەنگە قايغۇرما ياق قوي،

شات ياشا، ئۆمرۈڭنى ئەيلىمە بەربات.

سەن، مەندىن بۇرۇنمۇ تۈن كۈن بار ئىدى،

چۆرگۈلىگەن پەلەكمۇ پۈتۈن بار ئىدى.

تۇپراققا ئاۋايلاپ قەدىمىڭنى قوي،

بۇ تۇپراق قارا كۆز بىر نىگار ئىدى.

ھەر سىرنى دىلىدا ساقلىسا دانا،

يۇشۇرۇن بولسۇن ئۇ، مىسالى ئاڭقا.

سەدەپنىڭ ئىچىدە دۇر بولار قەترە،

سىر قىلىپ قەلبىدە يۇشۇرغاچ دەريا.

مەن كەلدىم بۇ دۇنيا كۆردى نە پايدا؟

كەتسەم مەرتىۋىسى ئاشارمۇ؟ قايدا!

ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدىغۇ:

كېلىشىم، كېتىشىم سەۋەبى قايدا.

بار بۇ يەر يۈزىدە ھەرخىل چاڭ-تۇزاڭ،

بولغان ئۇ ئاي يۈزلۈك دىلدار بىر زامان.

نازىنىن يۈزىدىكى چاڭنى ئاستا سۈرت،

بىر چاغلار ئىدى ئۇ گۈزەل بىر جانان.

ھۇشياربولسام، مەندىن خوشاللىق يىراق،

مەس بولسام ئەقلىمدىن ئاجرايمەن بىراق.

مەسلىك ۋە ھۇشيارلىق ئارىلىغى بار،

ھايات شۇ، ئاڭا قۇل بولسام ياخشىراق.

ئەي پەلەك، ناكەسلەرنى قىلدىڭ پاراۋان،

بەردىڭ ھاممام، يەر، سۇ، تۇگەن، ئۆي-ماكان.

توغرا كىشى زاردۇر بىر بوردا نانغا،

جىرتەككە ئەرزىمەس بۇنىڭدەك دەۋران.

خوشاللىق كىتاۋىنى ئوقۇماق كېرەك،

دىلىڭدا غەم-قايغۇ بولمىسۇن قىلدەك.

مەي ئىچىپ ئارزۇيۇڭنى ئاشۇر ئەمەلگە،

مەلۇمكى، تېز كېلەر ئۆلۈمدىن دېرەك.

ئالىملار بار ئىدى كۈندەك خۇش چىراي،

ھەر بىرى غەزىنە ـ ئىلىم ـ پەنگە باي.

بىرەر ئەپسانە دەپ ئۆتتى ئالەمدىن،

بۇ زۇلمەت كېچىدىن يول تېپىشالماي.

ياش ـ قېرى ھاياتقا ھەركىمكى يېتەر،

ھەممىسى ئىزمۇ ـ ئىز، بىرمۇ ـ بىر ئۆتەر.

بۇ دۇنيا ھېچكىمگە ئەمەستۇر باقى،

كېتىشتى، كېتىمىز، كېلىشەر، كېتەر.

يۈرىگىم قېنىدىن يۈزلەپ ئۆي ۋەيران،

بولار بەك قورقۇنچلۇق، چەكسەم ئاھ ـ پىغان.

ھەر بىر كىرپىگىمدە قان دەرياسى بار،

كىرپىكلەر يۇمۇلسا باشلىنار توپان.

ئەپسۇسكى يىگىتلىك مەۋسۈمى ئۆتتى،

كۆكلەم ئۇزاپ كەتتى، قىش پەسلى يەتتى.

ياشلىق دەپ ئاتالغان ئۇ شادلىق قۇشى،

بىلمىدىم، قاچاندۇ كەلدى ۋە كەتتى.

غادايغان باشنى مەي ئېگىدۇ ھەردەم،

مەيدىن يېشىلمىگەن بىرەر تۈگۈن كەم.

بىر يۇتۇم مەي ئىچكەن بولسىدى شەيتان،

مىڭ سەجدە قىلاتتى ئادەمگە ئۇ ھەم.

يوقلۇقتىن پاك كېلىپ، ناپاك بولدۇق بىز،

شوخ ۋە خوشال كېلىپ، غەمناك بولدۇق بىز.

كۆزىمىز تولغان ياش-يۈرەكتە يالقۇن،

ئۆمۈر بىكار كەتتى ھەم خاك بولدۇق بىز.

مەي – بالقىغان ياقۇت، كوزىسى كاندۇر،

قەدەھى بەدەندۇر، شارابى جاندۇر.

ياقۇتتەك بۇ قەدەھ مەيدىن خەنداندۇر،

كۆز ياشتۇر، دىل قېنى ئۇندا پىنھاندۇر.

بىلەمسەن نىمىشقا خوراز ھەر سەھەرـ

ماتەملىك قىچقىرىپ، ئاھ-نالە چېكەر؟

ئۇ دەيدۇ : «ئەي ئىنسان، تاڭ ئەينىكىدە،

ئۆمرۈڭدىن تۈن ئۆتتى، ئۆزەڭ بىخەۋەر!»

مەي ئىچسەڭ، ئاقىل ھەم دانا بىلەن ئىچ،

ياكى بىر گۈل يۈزلۈك رەنا بىلەن ئىچ.

ئاز-ئاز ئىچ، گاھ-گاھ ئىچ، ھەم يۇشۇرۇن ئىچ،

ئېزىلمە، رەسۋا بولما، ھايا بىلەن ئىچ.

بىر كۈنى چۈشۈمدە قېرى بىلىمدان،

دىدى : ئۇيقۇ بىلەن بەخىت كەلمەس، نادان.

ئەتىلىككە ئەجەلگە قوش دوست بولارمىز،

ئىچىۋال، قەبرەڭدە ئۇخلارسەن ئوبدان.

بىز بىر تەييار تاپمىز، قازادۇر دىخان،

غەم چېكىش بىھۇدە پايدىسىز پىغان.

قەدەھنى توشقۇزۇپ، تېزرەك قولغا ئال،

بولغۇلۇق بولۇپتۇ، ئىچەي بى ئارمان.

تىرىكلىكتىن نىمە غېمىڭ بار ئەي يار،

بىھۇدە پىكىردىن دىل جاندا ئازار.

شات ئۆتكۈز ئۆمرۈڭنى ياشىغىن خوشال،

تەقدىر قولۇڭدا ئەمەس، نىمە چارەڭ بار؟!

ئالەم قىلتىغىدىن ئازات ئەمەسمىز،

بىر نەپەس ئالماقتىن ھەم شاد ئەمەسمىز.

ھاياتقا كۆپ شاگىرت بولدۇق، ھازىرمۇ،

دۇنيانىڭ ئىشىغا ئۇستات ئەمەسمىز.

شاراپسىز يوق ماڭا ھاياتلىق بىردەم،

مەيسىز كۆتىرەلمەيمەن تەن يۈكىنى ھەم.

ساقى مەي ئۇزاتسا، ئالالماي قالسام،

شۇ دەمنىڭ سەدىقىسى بولاي ھەمىشەم.

دوستلىرىم بىر-بىرلەپ كەتتى – يول سالدى،

ئەجەلدىن تۇپراققا كىرىپ جاي ئالدى.

ئۆمۈر مەجلىسىدە ئىچىشتۇق بىر قۇر،

ئاۋالراق مەست بولۇپ، بەرى يوقالدى.

بۇ زاماندا ئەقىلدىن پايدا يوق زىنھار،

ئەقىلسىز كىشىگە جاھان ئۈنۈمدار.

ئەقىلنى ئالغۇچى نەرسىنى كەلتۈر،

زامان شۇ چاغ ئاھ – زار ماڭا بولغاي يار.

كوزىنىڭ لېۋىگە لەۋ قويۇپ بىردەم،

ئۇزۇنراق ياشاشنى تەلەپ قىپ كۆرسەم.

لېۋىنى لېۋىمگە توغرىلاپ دىدى :

مەنمۇ سەندەك ئىدىم، بىر دەم بول ھەمدەم.

ئويلىما، پۇلسىز ۋە ناچار ئىچمەيمەن،

رەسۋالىقتىن قىلىپ يا ئار ئىچمەيمەن.

دىلخۇشلۇق يولىدا ئىچەتتىم مەينى،

بۇ كۈنچۇ قەلبىمدە سەن بار، ئىچمەيمەن.

بىز كېلىپ كەتكۈچى شار كەبى جاھان،

نە بېشى مەلۇم، نە ئاخىرى ئايان.

ھىچكىشى راستىنى ئېيتىپ بېرەلمەس،

بىز نەدىن كەلدۇق ۋە بارارمىز قايان؟

سىرلار پەردىسىگە يول يوق ھىچقانداق،

بۇ – ھىچكىم تاپالمىغان چىگىش تېپىشماق.

بىزلەرگە بىردىن-بىر مەنزىلدۇر تۇپراق،

مەي ئىچ، بۇ چۆچەكلەر ئۇزاقتىن – ئۇزاق.

(داۋامى يەنە يوللىنىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 19:04  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 15:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغان قوللىرىڭىزدا بەرىكەتلەر يۆگىشىپ تۇرسۇن .

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،

يەرگە چاڭ قوندى-دە، كۆمۈلۈپ كەتتى.

دۇنياغا كېلىشىڭ، كېتىشىڭ نىمە؟

بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.


ئۆمرۈڭدىن بىر نەپەس ئۆتسە ئەي ئىنسان،

قولۇڭدىن چىقارما، بولمىغىن شادمان.

قانداق ئۆتكۈزسەڭ، شۇنداق ئۆتىدۇ ئۆمۈر،

ھۇشيار بول، مۇشۇنداق ئەسلىدە جاھان.


پەلەكنىڭ ئۈستىدىن كىم تاپتى زەپەر،

يەر قاچان ئادەم يەپ تويغان، كىم بىلەر.

يىمىدى مېنى، دەپ غادىيىپ كەتمە،

ئالدىرما، كۆپ ئۆتمەي نۆۋىتىڭ كېلەر.


مەڭگۈ ياشار ئىچكەن مەينى-شەربەتنى،

تېتىيدۇ ئالەمدىكى بارچە لەززەتنى.

مەي ئابى ھاياتتەك جۇش ئۇرۇپ تاشار،

مەي ئۆرتەر يالقۇندەك قايغۇ-ھەسرەتنى.

مېنىڭ قايغۇلىرىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق،

سېنىڭ خوشاللىغىڭ چەكسىزدۇر، بىراق.

ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا يۆلەنمە، چۈنكى،

بۇ پەلەك ھەممىنى قىلار ئۇيۇنچاق.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 19:03  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھ


جاپانى كىم چەكسە، ئادەم ھور بولار،

سەدەپمۇ قامىلىپ، قەترە دۇر بولار.

مال كەتسە، باش قالار ئۇنىڭ ئورنىغا،

قەدەھ بوشىتىلسا، قايتىدىن تولار.

  

بىر-ئىككى كۈنلۈك ئۆمۈر ئۆتىدۇ دەرھال،

ئۇ خۇددى دەريا سۈيى، يا چۆلدە شامال.

ئۆتكەن ۋە كەلمىگەن ھەر ئىككى كۈننىڭ،

غېمىنى ئەسلىتىپ، كۆپ قىلما مالال.

  

  

توغرىلىق بولسىدى پەلەكنىڭ ئىشى،

ياقتۇرغان بولاتتى ئۇنى ھەر كىشى.

دۇنيانىڭ ئىشىدا بولسا ئادالەت،

بولماستى دانالار كۆڭۈل ئاغرىشى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 08:42  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم رەھمەت سىزگە

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  

   

  

گۈل ئۆزرە كۆكلەمنىڭ شەبنىمى ياخشى،

چىمەندە يۈز ئاچقان ھەمدىمى ياخشى.

ياخشى ئەمەس ئۆتكەنكى كۈندىن سۆز ئاچماق،

شات بولغىن، بۇ كۈننىڭ ھەر دېمى ياخشى.  
  

ئاغرىقمەن ئىسسىتما ئىمتىھان قىلار،

ئىچمىسەم، مەي ماڭا قەستى جان قىلار.

بۇ قىزىق ئىشنى كۆر، تاۋىم يوقتا،

مەيدىن باشقا نەرسە كۆپ زىيان قىلار.  

  

خوشاللىق يولىنى تۇتۇپ، غەم سۈرمەي،

قىرغاقتا يار بىلەن ئىچسەڭ تازا مەي.

بار بولدۇم، باردۇرمەن، تا بار بولىمەن،

مەي ئىچتىم، ئىچىۋاتىمەن، دائىما ئىچەي.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 08:32  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 08:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  

مەس ئىدىم، تاشقا ئۇردۇم كوزامنى بىر كۈن،

ئۇ كۆڭۈل تىلىدىن چىقاردى بىر ئۈن:

مەنمۇ سەندەك ئىدىم، سەنمۇ ئاخىرى،

بولارسەن مېنىڭدەك، رەنجىتىش نەچۈن!


  

يۈز شەبنەمىن تۆكمە، تەك گۇيا كېلىن،

ئىپلاسلار قېنىنى تۆككىن، قورقمىغىن.

تۆكسەڭمۇ ئىككى مىڭ كالۋا قېنىنى،

تۇپراققا بىر يۇتۇم مەينى تۆكمىگىن.

  

باشقىلار بېشىدىن نىچۈك ئايلىناي،

يا يېڭى سۆيگۈنى مەن قانداق باشلاي؟

كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن يېشىم توختىماي،

ئۆزگە يار ھۆسنىگە قانداق باغلىناي؟





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 09:02  

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ جاھان سىرىنى دىلدا تۇت ھەرۋاق،

ئاچساڭ باشقا بالا كېلىدۇ بىراق.

دىلدىكى ھەر سۆزنى ئېيتقىلى بولماس،

سەن بۇ نادانلاردىن تۇرغىن نېرىراق.

  

كاشكى تېچ جاي تېپىپ، كېتىپ بولسىدى،

يا بۇ ئۇزاق يولنى كېزىپ بولسىدى.

يۈزمىڭ يىلدىن كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،

تۇپراقتىن مايسىدەك ئۈنىپ كۈلسىدى.



  

ئەي كۈن-تۈن دۇنياغا كۆز تىككەن كىشى،

ئەقلىڭنى يۇمىسۇن دۇنيا تەشۋىشى.

ئاخىر ئېسىڭنى يىغ، ھۇشيارراق بىر باق،

نىمىدۇر ئۆزگىگە ئۇنىڭ قىلمىشى.



ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەپسۇسكى بىكاردىن-بىكار سولدۇق بىز،

پەلەكنىڭ دەستىدىن كۇكۇم بولدۇق بىز.

كۆز ئېچىپ يۇمغىچە كۆرگەن دەرت بىلەن،

تىلەككە يېتەلمەي ئاخىر ئۆلدۇق بىز.

  

خۇشۋاق بول، ھەسرەتنىڭ چېكى يوق ھامان،

بۇ چەرخ يۇلتۇزلارغا سالىدۇ قىران.

سېنىڭ تۇپرىغىڭدىن ياسالغان كېسەك،

بۇلار ئۆزگىلەرگە مەنزىل ۋە ماكان.



  

ئەمەس ئۆز ئەركىڭدە، ئاخىر ئەتە كۈن،

ئەتەڭنى كۆپ ئويلاپ بولما جىىگر خۇن.

بۇ دەمنى بىكارغا ئۆتكۈزمە ئەسلا،

بىلىپ قوي، دۇنياغا بولمايسەن ئۈستۈن.


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:28 , Processed in 0.335920 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش